كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-09

    غۇلجا خاتىرىلىرى (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    9 – ئاۋغۇست
    كالىنوۋىسكى ( 1856 – يىلى غۇلجىدىكى رۇس كونسۇلىنىڭ كاتىپى بولغان كىشى ) « ئاقسۇغا بارغىنىمدا بىر خەنزۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم » دېگەندى . ئۇنىڭ خاتىرىسىدە « يۈەن سۇلالىسى تارىخلىرىدا موڭغۇللار قىپچاقلارنىڭ يۇرتلىرىنى بويسۇندۇرغان ، دېيلگەن ، ئۇنداقتا يۈەن سۇلالىسىنىڭ بويسۇندۇرغان يۇرتلىرىنىڭ بىرى جەنۇبتىكى يەتتە شەھەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق » دەپ يېزىلغان . بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمىزدا بېلىق يىدۇق . ئىلى دەرياسىنىڭ بىز تەرەپتىكى بۆلىكىدە بۇ خىل بېلىق ئۇچرىمايتتى . بېلىقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا بۇنداق بېلىقلارنى تاپقىلى بولىدىكەن .
    ئەمدى يېمەك – ئىچمەك ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى : بۇ يەردە گۆش ئەرزان بولۇپ ، كالا گۆشىنىڭ بىر قادىقى تۆت تىيىن كۈمۈش ، قوي گۆشىنىڭ بىر قادىقى بەش تىيىن كۈمۈش پۇلغا سېتىلىدۇ . بىز تەرەپلەردە گوللاندىيە توخۇسى دېيىلىدىغان توخۇلارنى بۇ يەردە خەنزۇ توخۇسى دەيدىكەن . بۇ توخۇ ئادەتتە 10 قاداق كېلىدىكەن . تۇمشۇقىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر كىچىك قىزىل قاڭشىرى بار بېيجىڭ غازلىرىنىڭ گۆشى تەمسىز ھەم قاتتىق كېلىدۇ . ئۆردەكلىرى بىزنىڭ ئۆردەكلىرىمىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ . مىۋە – چېۋىلەردىن بۇ يەردە شاپتۇلنىڭ ئۈچ خىل سورتى بار . بىر خىلى ئالمىدەك چوڭ بولىدىغان تۈكلۈك شاپتۇل ، ئىككىنچى خىلى قىزغۇچ پارقىراق ھەم كىچىك كېلىدۇ . ئۈچىنچى خىلى ياپىلاق شاپتۇل بولۇپ ، بەكمۇ يىيشلىك . بۇنداق تاتلىق شاپتۇل ھەتتا بېيجىڭدىمۇ ئۆسمەيدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە يوغان تۈكلۈك شاپتۇل دېگىنىمىز باشقا شاپتۇللارنى ئۇلاش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن سورت بولۇپ ، تەمى كېيىنكى ئىككى خىلدەك تاتلىق ئەمەس . نەشپۈتلىرى ناھايىتى ياخشى . بەرگە ئامۇت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئامۇت تۈرى بولۇپ ، ئۇنىڭ تەمى بىزنىڭ نەشپۈتلىرىمىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ . غۇلجىدا ئالما كۆپ بولسىمۇ ، بىراق تەمىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . نەشپۈتلىرى بەك تەملىك بولۇپ ، فىرانسىيەنىڭ نەشپۈتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ . ئانار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئالۇچىلار باغلاردا ياكى دالىلاردا ئىيۇل ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن پىشىپ بولىدۇ . ئۈزۈمنىڭ سورتلىرى بەك كۆپ . ئاق سايۋا ، مۇناقى ئۈزۈم ، ئاچچىق – چۈچۈك پىشىدىغان قارا ئۈزۈم يەنە ھەر خىل ئۈزۈملەر بار ئۇششاق بولىدىغان قارا ئۈزۈملەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ يەردە يەنە سېرىق قوغۇن بىلەن قەشقەرنىڭ پۇراقلىق قوغۇنلىرىمۇ بار . يەنە كۆك قوغۇن ، قىشلىق ئاق قوغۇن دېگەن سورتلىرىمۇ بار . قىشلىق قوغۇنلارنى كېلەر يىلنىڭ مارت ئايلىرىغىچە ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ ھەم بۇنداق قوغۇنلارنى باشقا جايلارغا يۆتكىسىمۇ ھېچنەرسە بولمايدۇ . تاۋۇزلىرى سەل ساغۇچ رەڭدە بولۇپ ئانچە تەمى يوق . ئەسلىدە قىپقىزىل چىقىدىغان تاۋۇزلارغا بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى خىل كەلمىگەچكە ، سارغىيىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . تەرخەمەكلىرى ئۇزۇن – ئۇزۇن بولۇپ چۈشىدۇ . بىراق ئۇنى تۇزلاپ خام سەي قىلغاندا ، رەڭگى ساغۇچ كۆرۈنىدۇ . يوگىمەچ ئوتتەك يامىشىپ ئۆسىدىغان كارتوپنىڭ تۈپى يوغان بولىدۇ . بادانا تەمى كارتوپقا ئوخشىغىنى بىلەن خېلى تەملىك .
    10– ئاۋغۇست
    بۈگۈن رۇس سودىگەرلىرى بىلەن سادا ئالاقىسى بار بىر خەنزۇ بىزنى ئىزدەپ كەلدى . ئۇ رۇسچىنى ئاز - تولا بىلسىمۇ خەنزۇلاردەك ئاھاڭىنى دىماقتىن چىقىرىپ سۆزلەيتتى ھەم بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى خاتىرىلەپ ماڭاتتى . بۇ خەنزۇغا بىزنىڭ ئېچىپ ياپقىلى بولىدىغان كىچىكى بىر ئەينىكىمىز يېڭىلىق تۇيۇلدى بولغاي ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئالدى – كەينىگە سىنچىلاپ قاراپ ماختىدى . مەن ئۇنىڭغا ئەگەر بۇ ئەينەكنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساڭ ئېلىپ كەت ، دېگەندىم ، ئۇ تەكەللۇپ قىلغاندەك قىلىپ ماڭا ، كۆڭلىڭىز تۈز ئادەمكەنسىز ، دېگەندەك ياغلىما سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن ئادەت بويىچە كۆكسى – قارنىڭىز كەڭ ، چىقىشقاق ئادەمكەنسىز دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم .
    11 – ئاۋغۇست
    بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى رەسمى باشلىنىدىغان كۈن . مانجۇلار بىز ئۇچۈن خىلمۇ خىل تائاملارنى تەييارلىدى . ئاشپەزلەر تاماقنى كۆز ئالدىمىزدىلا تەييارلاپ بىزگە ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆز – كۆز قىلىشتى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خوجايىنلىرىدىن ئىنئام ئالاتتى . بۇ تائاملارغا نىمىلەرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىر خۇدانىڭ ئۆزى بىلەتتى . ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىسىل تامىقى بولغان چوشقا گۆشى ، كاراكاتسىيا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دېڭىز مەھسۇلاتى ۋە ئۆمۈچۈككە ئوخشاپ قالىدىغان قۇرۇتلار قورۇلغاندى . يەنە سامسا ، ئۆردەك گۆشى دېگەنلەرمۇ تۇراتتى . بۇ تائاملارغا پىياز بىلەن لازىنىڭ ئارىلاشمىسىنى قۇيغان بولغاچقا ، پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . مېنىڭ مىجەزىم تازا ياخشى بولمىغاچقا بۇ تائاملارنى ئاغزىمغا بىر تالمۇ سالمىدىم .
    15 – ئاۋغۇست
    مۇشۇ كۈنلەردە چىشىم ئاغرىپ قاتتىق قىينىلىپ كەتتىم . ئاخىرى ئامال بولۇپ قالار دەپ خەنزۇ تىۋىپلارغا كۆرۈنۈپ باقتىم . ئۇلار ماڭا دورا دۇكىنىدىن ئاق پاراشوكقا ئوخشايدىغان دورا بىلەن بىر خىل پۇراقلىق ئوت چۆپنىڭ يوپۇرماق – يىلتىزلىرىنى ئەكىلىپ بېرىشتى . بىراق بۇ دورىلار چىشىمنىڭ ئاغرىقىنى توختىتالمىدى . ماڭا دۇنيادا چىش ئاغرىقىدىنمۇ يامان ئاغرىق يوقتەك بىلىنىپ كەتتى دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن . تۈنۈگۈن بىز غۇلجا شەھىرىگە ئات بىلەن كىرىپ چىقتۇق . ئالدىمىزدا بىرەيلەن يول باشلاپ ماڭدى . ساربۇلاق جىلغىسىدىن چىقىشىىزغىلا ئوڭ تەرىپىمىزدە ھەيۋەتلىك ماۋتىنشا ئىمارىتى ، سول تەرىپىمىزدە قەبرىستانلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۆلگەنلەر ئۈچۈن قەبرە قاتۇرۇشقا جاي تاللاشتا دۇنيادا خەنزۇلاردەك ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان خەلق بولمىسا كېرەك . پاكار – پاكار خەنزۇ قەبرىلىرى بىزنىڭ سودا بازىرىمىز ئەتراپىدىمۇ ، يوللاردىمۇ ئۇچراپ تۇراتتى ، مۇسۇلمانلارمۇ ئايرىم قەبرىستانلىق بىنا قىلىپ ، ئەتراپىنى تام بىلەن قورشاپ ، ئىككى يەردىن دەرۋازا قويۇپتۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسىمۇ ئۆزگىچە : قەبرىگە قۇرئاندىن ئېلىنغان ئايەتلەر يېزىلغان قەبرە بېشىغا ئاي سۈرەتلىك بەلگىلەر قادالغان بولۇپ ، بەكمۇ ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ . قەبرىستانلىق قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بولغاچقا ، بىر باغچىغا ئوخشاپ قالىدۇ . شۇڭا شەرق ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ زىيارەت قىلىدىغان جايى قەبرىستانلىق بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ .
    بۇ يەرنىڭ بازىرى بىزنىڭ بازارلاردەك بىر كەڭ مەيدانغا بىنا قىلىنغان ئەمەس . بازارلار كوچىغا ئوخشايدۇ ، كوچا بويىدىكى ئائىلىلەرنىڭ كەينىدە ھويلا – ئارم بار ، ئالدى كوچىغا قارايدۇ ، بۇ ھالەت بىز تەرەپتىكى ئائىلىلەرنىڭ تەتۈرىسى دېسەكمۇ بولىدۇ . بازاردا ھەرخىل ئادەملەر ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇزۇن يەكتەك كىيىۋالغان دۆلەتمەن سودىگەرلەر ، قاپقارا ساقاللىق
      سەللە يۆگىۋالغان ئەنجانلىقلار ( ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ) ، قارا كۆز ، ئىلمەك بۇرۇن ، ئاق كۆينەكلىك قەشقەرلىقلەر ھەممىسى بار . بۇ بازاردا ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بىر تارانچى ( جەنۇبتىن يەر تېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار ) سېتىۋالغان پىچىپ تاۋۇزىنى ھوزۇرلۇنۇپ يېمەكتە . ئۇنىڭ چىرايى نېگىرنىڭ چىرايىدەك قاپقارا ، چىشلىرى مەرۋايىتتەك ئاپئاق ئىدى . قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان گازىر كۆز مانجۇلار ، كۆزلىرى قىسماق ، لىغىلداپ تۇرىدىغان نېپىز ئاق كۆينەك كىيىۋالغان خەنزۇلار ، بېلىنى چىڭ باغلىۋالغان ، تېرىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيگەن ، پۇتىغا تېرە يۆگىۋالغان موڭغۇللار دېگەندەك ھەر خىل ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ . قارىسىڭىز ھەممە ئادەم ئالدىرشتەك  بىرەر ئىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈرگەندەك قىلىدۇ . يىپقا ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرۈپ يۈرگەن يارماق پۇللارنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . يوللاردا كىشىلەر غاڭزىلاردا بىر نىمىلەرنى چېكىشىپ ، كۈلۈشۈپ بىر – بىرىدىن ئەھۋال سوراشقاندەكمۇ قىلىشىدۇ .... بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىز بازارچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى . تەرەپ – تەرەپتىن « ئولۇس ، ئولۇس » دەپ توۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . بەزىلەر تېخى يېنىمىزغا كېلىپ ، ئۈستى باشلىرىمىزنى سىلاپ بېقىشتى . تېخى مەن ، بىر كۆچمەننىڭ كىيىملىرىمىزدىكى ئىزناك – بەلگىلىرىمىزنى كۆرۈپ ھەمرايىغا : قارپ باقە ، ئورۇس لويىنىڭ كىيىملىرىدىكى ياماقلار نېمە دېگەن كۆپ ، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم . بىز كوچىلاردا خانىم – قىزلار ئولتۇرغان مەپىلەرگە ئۇچرىدۇق . مەپىدىكى يۈزلىرىگە ئاپئاق ئۇپا سۈرۈپ ، لەۋلىرىنى قىزارتىۋالغان نازىنىن خېنىملار بىزگە تىكىلىپ قاراپ ، يۈزلىرىنى يەلپۈگۈچ بىلەن مەنىلىك يەلپۈپ قوياتتى . بەزىلىرى تۇيۇقسىز كاككۇكتەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى ھەتتا چېچىغا قىسىۋالغان گۈللەرنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالاتتى . بۇلار خانلىقتىكى « شەھەرنىڭ ئاپەتلىرى » دەپ نامى چىققان سەتەڭلەرنىڭ بىر خىلى بولۇشى مۇمكىن . بىز بىر دۇكانغا كىردۇق . دۇكاندار بىزنى ئوبدان قارشى ئېلىپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى . دۇكان ئىچى خېلى پاكىز ئىدى . تامغا بىر قانچە ئەينەك ۋە ئۇزۇن ساقاللىق بىر ئامبالنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ . يەنە بىر تامدا ئەتراپى زىننەتلەنگەن ، ھۆسنىخەت چۈشۈرۈلگەن مانجۇ يېزىقىدىكى لەۋھە ئېسىپ قويۇلۇپتۇ . يەنە بىر تەرەپكە قالپاق ، چىلىم ، ھېسابات دەپتىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇپتۇ . دۇكاندار بىزنى ناھايىتى چوڭ ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى . كەينى – كەينىدىن تاماققا زورلاپ تۇردى ، ھەتتا ھېلىقى « شەھەرنىڭ ئاپەتلىرى » دەپ نام چىقارغان سەتەڭ خېنىملارنىمۇ چاقىرىپ كەلمەكچى بولدى . خەنزۇلار ئارىسىدا مۇنداق سەتەڭلەرسىز مېھماندارچىلىق بولمايدىكەن . بۇنداق سەتەڭلەر ئۈچ تارىلىق غىجەكلىرىنى چېلىپ ، سىزگە ناخشا ئېيتپ بېرىدۇ . بۇ ئارقىلىق روھىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ ، سىزنى ئۆزىگە رام قىلماقچى بولىدۇ . سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولۇپ ئاپئاق قوللىرىنى بوينىڭىزغا گىرەلەشتۈرۈپ سىزگە يالۋۇرىدۇ . بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا قاراپ سىز ھەرگىز ياق دېيەلمەيسىز . ئۇلار تېخى تاماق ئۈستىدە ئويۇن چىقىرىدۇ ، ئويۇندا ئۇتۇلۇپ قالغانلار ھاراق ئىچىدۇ . بۇنداق ئويۇنلار بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولسىمۇ ، بىراق بىز ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدۇق . چۈنكى بىزنىڭ بازار ئايلىنىپ قىلىدىغان ئىشىمىز تېخى تۈگىمىگەندى . بىز تۇرالغۇمىزغا قايتىش يولىدا ئاشپۇزۇللارنىمۇ ئايلىنىپ چىقتۇق . كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھاياتى خۇددى قەدىمقى رىمدىكى سەرگەردان پۇقرالارغا ئوخشاش دالىدا ۋە يوللاردا ئۆتىدىكەن . ئۇلار كۈن بويى بازارلاردا لاغايلاپ يۇرىدىكەن . بىر يارماققا ئىگە بولسا ، قورسىقىنى بېقىپ ، نەدە كەچ بولسا شۇ يەردە تۈنەيدىكەن . ئەگەردە بۇنداق ئەرزانچىلىق بولمىغاندا ، بۇ ئەلدىكى نامرات - يىتىملەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىگەن بولاتتى  . ئادەممۇ شۇنچە كۆپ ، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىشلەمچى ، ئەپسۇس ، بۇنداق كۆپ ئادەمگە نەدە ئىش . شۇنچە ئىشلەمچى بىكار يۈرگەن ، بۇ يەردە ئەمگەكنىڭ ھېچ قىممىتى يوق . بىز تەرەپلەردە 300 سومغا سالدۇرغىلى بولىدىغان ئۆيلەرنى بۇ يەردە 100 سومغا سالدۇرغىلى بولىدۇ . بىز تەرەپلەردە سىزنىڭ بىر قاچىڭىز سۇنۇپ كەتسە تاشلىۋېتىسىز ، ئەممە بۇ يەردىكى كىشىلىەر ئۇنى قايتا قادىتىپ ئىشلىتىدۇ . مەن ئۈستى – ئۈستىلەپ قاداق سالدۇرۇپ چاپلاپ ئىشلەتكەن بىر قاچىنى كۆردۈم . بۇنى قاداپ چىقىش ئۈچۈنمۇ بىر قانچە كۈن ۋاقىت ئىسراپ بولاتتى . بىزلەر بۇنداق ئىدىشنى بىكارغا بەرسىمۇ ئالمايمىز ھەم چاپلاتقىلىمۇ ئاپىرىپ بەرمەيمىز ، چۈنكى بۇنداق قاچىنىڭ باھاسىمۇ 20 تىيىندىن ئاشمايدۇ . ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن كۆچمەن خەنزۇلار تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ . ئۇلار يالاڭ ئاياغ ، يالاڭ باش بولۇۋېلىپ ئىشلەپ ، خالىغان يەردە يېتىپ – قوپۇپ يۈرىدۇ . بىراق قىش پەسلى ئۇلار ئۈچۈن بىر دوزاق . چۈنكى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىچكى جوڭگونىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، قىشتا قار ، سوغۇق ، شىۋىرغان ھۆكۈم سۈرىدۇ . قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا نۇرغۇن كۆچمەنلەر توڭلاپ قار ئاستىدا قالىدۇ . ئەتىياز كېلىشى بىلەن نۇرغۇن جەسەتلەر ئىلى دەرياسىغا تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى چېرىكلەر تەرىپىدىن تېپىلغان جايىغا كۆمۈۋېتىلىدۇ . خەنزۇ قەبرىلىرىنىڭ مۇقىم بىر يەردە بولماي ، ئۇ يەر بۇ يەرلەردە كۆزگە چېلىقىشىدىكى سەۋەب مانا مۇشۇ .
    18 – ئاۋغۇست
    يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . جوڭگولۇقلار ئات قويۇشقا ناھايىتى ئۇستا خەلق . « ماندارىن » دېگەن سۆز بىزگە پورتۇگالىيەلىكلەر ئارقىلىق كىرگەن . ئەمما بۇ سۆزنىڭ خەنزۇلارنىڭ قايسى سۆزىدىن ئېلىنغانلىقى نامالۇم . مانجۇ خاندانلىقىدا ئاھالىلەر مىن ، چېن دېگەن ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلغان ، « مىن » دېگەن ئاددى پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ ، « چېن » دېگەن پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى دېگەندەك بىر مەنىگە ئىگە .
    ئىلى شەھىرى يەنى مۇسۇلمانلار غۇلجا دەپ ئاتايدىغان بۇ شەھەر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ . پۈتۈن شىنجاڭ يەنى ئىلى ، تارباغاتاي ۋە يەتتە شەھەرلەرمۇ غۇلجىغا قارايدۇ . ئۆلكىدىكى باش گوبېرناتور ۋە بارلىق قىسىملارنىڭ باش قوماندانى جاڭجۈن دېيىلىدۇ . ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇئاۋىنى ۋە مەسلىھەتچىسى مەسلىھەتچى ئامبال دېيىلىدۇ . تارباغاتيدىمۇ بىر گوبېرناتور ( ئوكۇرداي ) قويۇلغان . ئىلىدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە يەرلىك ھاكىمبەگلەرمۇ بار . كونا غۇلجا دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلار شەھىرىنى ھاكىمبەگلەر باشقۇرىدۇ . ئالتە شەھەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆز ھاكىمبەگلىرى بار . ئۇلارنىڭ بىرسىگە ۋاڭلىق نامى بېرىلگەن . ئۇ ھاكىمبەگ ئەينى چاغدا مانجۇلارنىڭ جاھانگىر خوجىنى يوقىتىشىغا تۆھپە قوشقان ئىسھاق دېگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن . تۇرغاۋۇت موڭغۇللىرىنى مانجۇ ئەمەلدارلىرى باشقۇرىدۇ ، ئەممە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ۋاڭ ئوتۇغاتىنى ئالغان قەبىلە باشلىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئەل سوراش ھوقۇقىغا ئىگە قەبىلە باشلىقىلىرىمۇ بار ئىلى ئاھالىسىدىن ئەسلى بىر بولغان يەرلىك مۇسۇلمانلار ، قەشقەرلىكلەر ، تارانچىلار ، خەنزۇلار ۋە مانجۇ ئەمەلدارلىرى شەھەرلەردە تۇرىدۇ . شىبەلەر بىلەن سولۇنلار ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ . چاخار موڭغۇللىرىدىن ئايرىلىپ چىققان قالماقلار سايرام كۆلى ئەتراپىدا ، ئويراتلاردىن چىققان قەبىلىلىەر بولسا تېكەس ئەتراپىدا ياشايدۇ . غۇلجىغا مۇسۇلمانلار ( ئۇيغۇرلار ) ئاشۇ جوڭغارلار دەۋرىدە ئاشلىق تېرىتقۇزۇش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئەڭ دەسلەپ كونا غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . شىبە ۋە سولۇنلار مانجۇرىيەدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولۇپ ، سولۇنلار
     
    داغۇرلار بىلەن مانجۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان بىر خەلق . شىبەلەر بولسا مانجۇلار بىلەن سولۇنلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان خەلق . بۇ خەلقلەر مانجۇ خانلىقى بۇ يۇرتلارنى ئەل قىلغان چاغلاردا كۆچۈپ چىققان .
    تارانچىلار ئالتە شەھەر تەرەپتىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن دېھقانلار ، ئۇلار يەر تېرىپ ئەسكەرلەرنى ئاشلىق بىلەن بېقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ساپان ، بوقۇسا ، ئۆكۈز قاتارلىق دېھقانچىلىق لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھالى تولىمۇ خاراب . قالماقلار ھەربىيلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار بولۇپ ، چېگرىدا قاراۋۇلخانىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاتلىرىنى باقىدۇ ، ئىلىدىكى خەنزۇلارنىڭ بىر قىسمى سودا – سېتىق ئۈچۈن كەلگەن تىجارەتچىلەر ، بىر قسىمى ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ھۈنەرۋەنلەر ، يەنە بىر قىسمى بىراقلا كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر ھېسابلىنىدۇ . بىراقلا كۆچۈپ كەلگەنلەر چەنپەنلەر دېيىلىدۇ ، ئۇلار كەنتلەردە ئولتۇراقلىشىپ ، كانلاردا ئىشلەيدۇ ياكى ھەر خىل ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەردە ياشايدۇ . ئۇلار جاندىن تويغان بىر توپ سەرگەردانلار بولۇپ ، دائىم جىدەل – ماجىرا چىقىرىپ تۇرىدۇ . ئۆتكەن يىلى قىشتا غۇلجىدا چەنپەنلەر توپلىشىپ ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغاندا ، مانجۇلار بىلىپ قېلىپ ، ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ ، مىڭدىن ئوشۇق چەنپەننى قىرىپ تاشلاپتۇ . بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۇلارنىڭ يېرىمى دارغا ئېسىلىپتۇ ، بىر قىسمىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈپتۇ ، يەنە بىر قسىمى جەنۇبقا قاراپ قېچىپ قازاق دالىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قالقان تېغىغا قېچىپ بېرىۋاپتۇ . ئۇلار ھازىرمۇ شۇ يەردە مۆكۈپ يۈرگىدەكمىش . بۇ ئەلدە يەنە خۇي – خۇي دەيدىغان بىر مۇسۇلمان خەلق بار ، ئۇلار بۇنىڭدىن 300 يىل بۇرۇن خەنزۇ ئېلىگە كىرگەن تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ، ئۇلار ھازىر ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقان بولۇپ ، خەزۇچە كىيىنىپ خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ ، بىراق ئۆز ئالدىغا مەسچىت سېلىپ ، ناماز ئوقۇپ ، دىنىي ئەھكاملار بويىچە ئىش قىلىدۇ ، مەسچىتلىرىنى بۇتخانە شەكلىدە سالىدۇ ھەم مەسچىتنىڭ ۋىۋىسكىسىنى خەنزۇچە يېزىقتا يازىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاخۇن دەپ ئاتىلىدىغان ئۆز موللىلىرى بار ، ئۇلار خۇدانى ئاللاھ دېمەي فويا دەپ ئاتايدۇ ، مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنى مەيمەيتى دەپ ئاتايدۇ . جوڭگو تارىخىدا خۇيخۇ ، خۇيخۇر ، خۇي خۇي دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ ، كېيىن ئالتە شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ شەكىللەنگەن بىر خەلق بار ، شەرق مەنبەلىرىدە بۇ خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ ، ھازىرقى ئالتەشەھەر خەلقىنى مانجۇلار چەنتۇ دەپ ئاتايدۇ ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بېشىغا سەللە يۆگىۋالغانلار دېگەنلىك بولىدۇ . ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر دېئالېكتىدا ( كىلاپروت دېگەن كىشى ئۇيغۇر دېئالېكتى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ) سۆزلىشىدۇ . بۇ تىل تۈركىي تىلنى ئاساس قىلىغىنى بىلەن يەنە مەلۇم جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا موڭغۇلچە سۆزلەر كۆپ ، تىبەتچە سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس ، بۇ تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرى ۋە گەپ قىلغاندا مەلۇم بولىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىمۇ نۇرغۇن ئالاتاۋ قىرغىزلىرىنىڭ تىلى مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ياشىغان دەۋرلەردىلا ئسلام دىنىغا كىرىپ بولغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن مىللەت . ئۇلار مەدەنىيەتلىك مىللەت بولغاچقا ، موڭغۇللار ئۇلارنى كاتىپلىق ۋە باشقا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ پايدىلانغان . مەن بۇ يەردە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان قەدىمقى موڭغۇل يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى قانچە ئىزدەپ باققان بولساممۇ تاپالمىدىم . مانجۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىماي « مۇسۇلمان » دەپلا ئاتايدۇ ، ئەمما باشقا بىر قىسىم مىللەتلەرنى ئۆز مىللىي نامىدا ئاتايدۇ . مانجۇلار ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەنجانلىقلار دەپ ئاتايدۇ . ئوسمان تۈركلىرىنى خۇنكار ، رۇسلارنى ئۇلۇس ، موڭغۇللارنى تويزى ، قازاقلارنى خاساق ، ئالاتاۋ قىرغىزلىرىنى بۇرۇت دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ ۋە قىرغىزلارنى بەدەۋىيلەر دەپ قاراپ ھېچقانداق ئېتىبار بەرمەيدۇ .
    20 – ئاۋغۇست
    بىر ئىشتىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق . بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمىزغا قارا توخۇنىڭ گۆشىنى ئەكەلگەنكەن ، قارىساق توخۇنىڭ گۆشىمۇ ، شورپىسىمۇ ، ھەتتا سۆڭەكلىرىمۇ قارا چىقىپتۇ . ئىۋان ئىلئىچ ( كونسۇل ) بىزگە قارا توخۇنىڭ گۆشىنىڭ قارا ، قاتتىق ھەم تەمسىز بولىدىغانلىقىنى دېدى . خەنزۇلاردا ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، يۇڭداپ بولغاندىن كېيىن ساتىدىغان ئادەت بار .
    21 – ئاۋغۇست
    خەنزۇلار ئېلىنى شەرقتە چىن دەپ ئاتايدۇ . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 221 – يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 221 – يىلغىچە بۇ ئەلدە چىن سۇلالىسى دېگەن بىر فېئوداللىق پادىشاھلىق قۇرۇلغان . بۇ سۇلالىنىڭ قۇرغۇچىسى چىن شىخۇاڭ دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭ ئوغلى تەختكە چىققاندا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ ، چىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان . خەنزۇلار ئۆز ئېلىدىكى باشقان مىللەت خەلقلىرىنى قەبىلە ۋە خاقانلارنىڭ ناملىرى بىلەن ، ئۆزلىرىنىڭ نامىنىمۇ سۇلالە ناملىرى بىلەن ئاتىۋالىدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنى مانجۇلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن « خەنزۇ » دەپ ئاتايدۇ . خەن دېگەن نام مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 206 – يىلىدىن مىلادىيە 25 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگە ئىككىنچى قېتىملىق سۇلالە – خەن سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . بۇ سۇلالىنى خەنگاۋزۇ دەپ ئاتالغان ليۇ باڭ دېگەن كىشى قۇرغانكەن . خەن – ساما يولى دېگەن سۆز . مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ جوڭگو دېگەن يەنە بىر نامى بار . بۇرۇنقى چىن سۇلالىسى يۇرت سوراشتا تەدبىرسىزلىك قىلغاچقا ، تېزلا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ ، تارىختا يامان ئاتاققا قالغان . بىراق چن شىخۇاڭ پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغاچقا ، ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە . ئادەتتە خەنزۇلار مانجۇلاردىن پەرقلەندۈرۈلۈپ مىن ( پۇقرا ) دەپ ئاتىلىدۇ . مانجۇلار تۇغ دەپ ئاتىلىدۇ . مانجۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقانچە تۇغلارغا بۆلۈنگەن .
    قەدىمقى زامانلاردا يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا خەنزۇلارغا تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن بۇ يۇرتنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىرى بولغان ، بىر قانچە شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان . بۇ خەلقلەرنىڭ كىم بولىدىغانلىقى ھەم قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى نامەلۇم ، كېيىنكى زامانلاردا بۇ يەردىكى خەلقلەر تۈركىستاننى مەركەز قىلغان سوغدىيانە دۆلىتىگە تەۋە بولغان . خەنزۇلار بۇ يەردىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى بېشى بالى دەپ ئاتىشىدۇ . بۇ ئىسىمدىكى « بالى » دېگىنى « بەل ، داۋان » دېگەنلىك بولىدۇ . شۇڭا « بېشى بالى » دېگەنلىك « بەش بەل ، بەش داۋان » دېگەنلىك بولىدۇ ، دېگەن قاراشلارمۇ بار . ئالتەشەھەر دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا خەنزۇ مەنبەلىرىدىن بىر نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ . خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى تۇجۆ ( تۈرك ) ، جوجان ، ياۋچى دېگەنلەر زادى قانداق خەلقلەر ؟ بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قارا خىتايلار كىدانلارنىڭ ئەۋلادى ، ئالتۇن خانلار ( چىن سۇلالىسى كىشىلىرى . بۇرفېلار ) بولسا يۆجىلەرنىڭ ئەۋلادى دېيىلىدۇ . ئىۋان ئىلئىچ بۇلارنى گېتلار ، ماساگېتلار دەپ قارايدۇ . ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدە بىر خىل قەۋىملەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ قەۋىملەر نوغايلارغا ئىشلەپ بېرىدىغانلار ئىدى ، دېيىلگەن . بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىياكىنىف بىچۈرىن ئەپەندىنىڭ « قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار » ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر