كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-03

    قەشقەر تارىخىنىڭ باش-ئاخىرى (3) - [ئۇيغۇر تارىخى]

     

    دېمەك، ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ 47-، 109-، 145-، 187-، 188-، 191- ۋە 236- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلگەن. يەنە شۇ ئەسەرنىڭ 149-، 184-، 185- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلىپ، 149- بەتتىكى ئىستاتىدا «1985- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» دېگەن تەپسىلىي ئىزاھ بېرىلگەن بولسا، 184-، 185- بەتلەردە پەقەت «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېيىلگەن. ھەممىدىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكىدە ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان.
    يۇقىرىقى مەنبەلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي ئاتلىق بىر كىشى «قەشقەر تارىخى» ۋە «چىڭگىزنامە» دىن ئىبارەت ئىككى تارىخى ئەسەر يازمىغان بولغىيمىدى دېگەن قاراشقىمۇ كېلىپ قالىدۇ. ئەمما ئەسلى قوليازمىنى كۆرگەن كىشىلەرلا بۇنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان «مەنبە كۆپەيتىش» ئويۇنى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەجەبا ھاجى نۇر ھاجى ئەپەندى «تارىخى كاشغەر» بىلەن «چىڭگىزنامە» نى بىر خىل نامدا ئاتاشنى خالىمىغانمۇ؟
    ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە بىر قوليازمىنى ئىككى خىل نامدا قوللىنىشى ۋە 1986- يىلى «تارىخى كاشغەر» نى نەشىرگە تەييارلىغاندا كىتاب نامىنى «چىڭگىزنامە» دەپ ئىشلىتىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر خۇددى تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن سىرلارغا ئوخشاش مەرھۇم بىلەن بىللە باقىي ئالەمگە كەتتى،
    يەنە بىرى، ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەسىلىسى: «تارىخى كاشغەر» نىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىق مەسىلىسى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ، بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلار ھازىرغىچە تۈگىمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر مەزكۇر ئەسەرنى «شاھ مەھمۇد چوراس يازغان بۇلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بۇ ئىككى كىتاب ۋەقەلىك ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ» [10] دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «شاھ مەھمۇد چوراسنىڭ ‹تارىخ›ى بىلەن ‹تارىخى كاشغەر» بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك ۋە مەزمۇنلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە مۇھىم مەنتىقىلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇلار بىر ئاپتورنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن كۆپ يىراق»[11] دەپ قارايدۇ.
    ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلاپ كىرىش سۆز يازغان ھەمدە 1902- يىلىدىن بۇ يان رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سانكىت- پېتىربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئۈچ پارچە قوليازمىدا ئاپتورنىڭ نامىدىن سىرت، ھەتتا كۆچۈرگۈچىلەرنىڭمۇ نامى يېزىلمىغان. شۇڭا بۇ قوليازما كېيىن «نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان ‹تارىخى كاشغەر› » دېگەن نام بىلەن ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان. ئەمدى ھاجى نۇر ھاجى تەرىپىدىن 1985- يىلى نەشىرگە تەييارلىنىپ، 1986- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» («تارىخى كاشغەر») نىڭ ئاخىرقى بېتىدە «بۇ كىتابەت روز سەھشەنبە كۈنى تامام بولدى. رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەر» [12] دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ. بۇ قۇرلار مەزكور ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ كىملىكى مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . «رەقەم» سۆزى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا «سان»، «بەلگە»، «يېزىش»، «مەكتۇب»، «نامە»، «تەقدىر» [13] دېگەندەك مەنىلەردە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ ، شۇ بويىچە بولغاندا «رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دېگەن سۆز مەزكور ئەسەرنىڭ موللا مىرسالىھ كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر موللا مىرسالىھ كاشغەرىينى «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئاپتورى دېسەك ، ئۇ ھالدا سانكىت- پېتربورگدا ساقلىنىۋاتقان ئۈچ پارچە قوليازمىدا كۈچۈرگۈچىلەر ئاپتورنىڭ ئىسمىنى چۈشۈرۈپ قويغان بولىدۇ . ئالدىنقى ئۈچ پارچە قوليازمىنىڭ بىرىدىمۇ ئاپتورنىڭ نامىنىڭ بولماسلىقى مەزكور ئەسەرنى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ھەر ئۈچۈلىسى ئوخشاش خاتالىققا يول قويغانمۇ دېگەن سوئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە «رەقەم موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دېگەن سۆزنى «يازغۇچى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» ئەمەس، «كۆچۈرگۈچى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي» دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ .

    خاتىمە
             
    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، «قەشقەر تارىخى» دېگەن ئومۇمىي نامدا يۇرتىمىز تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىم گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش ھەم ئۇلارنى توغرا تەتبىقلاش ۋە توغرا پايدىلىنىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. ئىلىم ساھەسىدە «تارىخى كاشغەر» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى خەلقئارا ئىلىم ساھەسى بىلەن بىر ئوربىتىغا چۈشۈرۈپ ئورتاق بىر نامدا ئاتاش زور ئەھمىيەتلىك ئىش. بۇ قەدىمكىنى ھازىرقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەنزۇ كلاسسىكلىرىنىڭ «قويدىن نەچچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، قوتاننى تۈزىسەكمۇ كېچىكمەيمىز» دېگەن ھېكمىتى ناھايىتى ئوبرازلىق ۋە جايىدا ئېيتىلغان. گەرچە ئاكادېمىك بارتولدنىڭ نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخى مىراسىمىزغا «تارىخى كاشغەر» دەپ نام بەرگىنىگە ھازىر توپتوغرا 106 يىل بولغان بولسىمۇ، «قوتاننى ئەمدى تۈزىسەك» مۇ يەنىلا كېچىكمەيمىز، ئەلۋەتتە.
    ئاخىرىدا ياپونىيىدىكى ئالدىراش ئوقۇشىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، «تارىخى كاشغەر» نىڭ سانكىت- پېتىربورگ نۇسخىسىنى تېپىپ بەرگەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالى مۇھەررىرى زۇلپىيە تۇرسۇنغا، «تارىخى كاشغەر» بىلەن ئاتالمىش «چىڭگىزنامە» نى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ چىقىشىمغا ياردەملەشكەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۈسەن مىڭئۆيى تەتقىقات ئىنىستىتىتۇتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەنلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
    ئىزاھات:

    [1]. مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىلى، 1- توم 168- بەت
    [2]. ۋېي ليڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986- يىلى ، خەنزۇچە 1- بەت. قاراڭ: خۇتاۋ: «8- 10- ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى، خەنزۇچە 217- بەت
    [3]. ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تارىخى كاشغەر»، كىرىش سۆز، رۇسچە 2- بەت، 2001- يىلى سانكىت – پېتىربورگ.
    [4]. ئاكىمۇشكىن نەشىرگە تەييارلىغان: «تارىخى كاشغەر»، كىرىش سۆز، رۇسچە 6- بەت، 2001- يىلى، سانكىت – پېتىربورگ.
    [5]. ليۇجېڭيىن، ۋېي لياڭتاۋ: «غەربىي يۇرت خوجىلار جەمەتى تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1988- يىلى، خەنزۇچە، 8-، 9- بەتلەر؛ ۋېي لياڭتاۋ: : «يەكەن خانلىقى تارىخى»، 1988- يىلى، خەنزۇچە، 12- بەت.
    [6]. مۇھەممەد ئاتىف: «قەشقەر تارىخى»، 1998- يىلى، تۈركچە، 3-5- بەتلەر.
    [7]. «شىنجاڭ تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى»، 1- توم، شاپىگراف نۇسخىسى.
    [8]. موللا مىر سالىھ كاشغەرىي: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986- يىلى، كىرىش سۆز قىسمى، 1- بەت، (بۇ قوليازما ئاكادېمىيىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قايتىپ كەلمىگەن).
    [9]. جاۋ جياڭمىن: :چاغاتايچە ھۆججەت ‹چىڭگىزنامە› دىكى موڭغۇل كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى »، 2005- يىللىق 5- سان، خەنزۇچە، 77- بەت. قاراڭ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دوكتور ئوقۇغۇچىلار دىسسىرتاتسىيىلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن جاۋ جياڭمىننىڭ «چاغاتايچە ھۆججەت ‹چىڭگىزنامە› تەتقىقاتى» ناملىق دوكتورلۇق دىسسىرتاتسىيىسى، 2005- يىلى.
    [10]. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى، 2007- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى.
    [11]. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەنبەشۇناسلىق دوكتورى گۈلچېھرە سۇلتانىۋا بىلەن مەزكور تېما ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى، 2007- يىلى 9- ئاي، تاشكەنت.
    [12]. موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986- يىلى، 182- بەت. (بۇ يەردە ئەسلى مەنبەگە سادىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە يەنىلا «چىڭگىزنامە» دەپ ئېلىندى).
    [13]. مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن قاتارلىقلار تۈزگەن: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىلى، 303-، 304- بەتلەر.

                            مەنبە: «بۇلاق» ژۇرنىلى2008-يىلى 6-سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر