كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-07

    غۇلجا خاتىرىلىرى (1) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    (رەسىمدە ئەڭ ئاخىرقى ئېلى جياڭجۈنى جى رۈي)

    ( 1856 – يىلىدىكى غۇلجىغا قىلغان سەپىرىمدىن خاتىرە )
    چوقان ۋەلىخانوف ( روسىيە )

    1856 – يىلى 1 – ئاۋغۇست
    جوڭگونىڭ بوروخوجىر چېگرا قاراۋۇلخانىسى –
    مەلۇم ئىش تۈپەيلىدىن جوڭگو تەرەپكە ئۆتۈشكە توغرا كەلدى . قاپال شەھىرىدىن يولغا چىقىپ تاتارىنوفنىڭ ئۆيىدە ھەمراھلىرىمنى كۈتۈۋاتقىنىمغا بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى . پۈتۈن ئالاتاۋا ۋادىسىدىكى داۋانلار ئىچىدە سانتاس داۋىنىدىن قالسىلا بىز ئۆتىدىغان مۇشۇ ئۇيگېنتاس ( تاش دۆۋىسى دېگەنلىك ) داۋىنى ئۆتۈش بىر ئاز قولايراق داۋان ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ نامى سان – ساناقسىز قازاق قەبرىلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىر كىچىك قورغاننىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان . بۇ يەرلەردە ئۇنداق قورغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشسىمۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيگېنتاس ئەڭ داڭلىق بولغاچقا ، پۈتۈن بىر ۋادا بىلەن قوشۇلۇپ ، بۇ داۋاننىڭ نامى ئاشۇ قورغاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان . رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇ قورغاننى جوڭغار خانلىقىنىڭ قۇنتەيجىلىرىدىن بىرى بولغان سىرە باتۇر بىنا قىلدۇرغانمىش .
    1852 – يىلى پولكوۋنىك كوۋالېۋىسكىي باشچىلىقىدىكى زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان بىر توپ كازاك ئەسكىرى مۇشۇ ئۇيگېنتاس داۋىنىدىن ئۆتكەن . بىز قوسمۇرىن قەلئەسىدىن ئۆتۈپ بىر ئېدىرلىققا چىقىپ قالدۇق . بۇ ئالاتاۋ تاغلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئېدىرلىقلىرى بولۇپ ، ئەمدى ماڭساق ئىلى تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتەتتۇق . ئېدىرلىق تۈگىشى بىلەنلا كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ قالدۇق . ئالدى تەرىپىمىزدە بىر تۈپ دەرەخ
      دەرەخ ئەتراپىدا ئوتلاپ يۈرگەن ئاتلارنى كۆردۇق . بىز كۆرگەن ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە جوڭگو تەرەپنىڭ قاراۋۇلخانىسى ئورۇنلاشقاندى . بىز قاراۋۇلخانىغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئەتراپتىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان بىر ئەسكەر « ئادەم كەلدى » دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى . قاراۋۇلخانا تاملىرىدىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ تاقىر باشلىرى غىل – پال كۆرۈنۈپ يەنە يوقاپ كەتتى . بۇنداق ياۋايىلىق ئەسلىدە ۋارۋارلارغا ئادەت بولۇپ مەدەنىيەتلىك دەپ سانىلىدىغان جوڭگولۇقلار ئۇنداق قىلىقلارنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى . بىز جوڭگولۇقلارغا بىھۆرمەتلىك قىلمايلى دەپ ئالدى بىلەن ئالاقىچى ئەۋەتتۇق ۋە قاراۋۇلخانا ئۇدۇلىدىن ئورۇن تاللاپ قونالغۇ راسلىدۇق . بىز ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ كىگىز ئۆيلىرىمىزگە كىرىشىمىزگىلا قاراۋۇلخانا تەرەپتىن مانجۇلار چىقىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرسى ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ ، ئاتنى يەڭگىل ماڭدۇرۇپ گىدىيىپ كېلىۋاتاتتى . بىز ئۇنى مەرتىۋىلىك لويى ( باشلىق ) بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتۇق . ئۇ بىزنىڭ چېدىرغا ئېڭىشىپ كىرىپ خۇددى كۆندۈرۈلگەن قارا قۇشقاچتەك ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ سۆزلەپ سالام – سائەتنى باشلىدى . ئۇ ئالدى بىلەن بىزگە « چى فەنلىما ؟ ( تاماق يىدىڭلارمۇ ) » دېدى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ جاڭجۈن ۋە مەسلىھەتچى ئامبالغا ۋاكالىتەن بىزدىن قىسقىچە ئەھۋال سورىدى .....
    ھېلىقى ئەمەلدار بىردەم ھاردۇقىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىكەنلىكىنى ھەم ئىلى جاڭجۈنى تەرىپىدىن بىزنى كۈتىۋېلىپ ، غۇلجىغا بىللە ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ئۇ تاتارچىنى ئاز – تولا بىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇ بىز بىلەن ئالاقە قىلغاندا خەنزۇ تىلىغا تۈركىي تىل ئارىلاشقان بىر خىل قىزىقارلىق تىلدا سۆزلىدى .
    2 – ئاۋغۇست
    بوروخوجىر قاراۋۇلخانىسىدىن ئۆتتۇق . بوروخوجىر قاراۋۇلخانىسىدىن تاكى ئۆسەك دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتا خاس قاقاس دالىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ بىر ئۇچى غۇلجىغا تۇتىشىدۇ . بۇ دالىدا پاكار شىۋاق ، قارا شىۋاق ، ئوغرى تىكەن دېگەندەك چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئۇچرىمايدۇ .... بىز تازا چارچاپ ، كالپۇكلىرىمىز گەز باغلاپ كەتكەندە ئۆسەك دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدۇق . چۈشلۈك تامىقىمىز پىشىپ بولغىچە سۇغا چۈشۈپ راھەتلىنىۋالاي ، دەپ دەريا سۈيىگە چۈشتۈم . نەدىكى راھەت ، قانلىرىم قىزىپ بولالمىدىم ، ئاخىرى ئاپتاپتا ئىسسىپ قالغان قېمىزنى ئىچىپ باقتىم ، سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ باقتىم ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇسسۇزلۇقۇمنى باسالمىدىم .. ئۆسەك دەرياسىدىن ئۆتۈشىمىزگىلا ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىلىندى . بىز كەڭ كەتكەن بىر توقايلىققا قەدەم تاشلىدۇق . ئوڭ تەرىپىمىزدە ئىلى دەرياسى ، ئۇدۇلىمىزدا كەڭ كەتكەن بىر مۇنبەت تۇپراق بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى .... بۇ جايدىكى ئېرىق ئۆستڭلەرنىڭ بويلىرىدا ھەر خىل ئۆسۈملۈك ، زىرائەتلەر قويۇق ئۆسكەندى . ئەسلىدە ئاچچىق شىۋاق بىلەن ئوغرى تىكەندىن باشقا نەرسە ئۇنمەيدىغان تۇپرىقى ناچار ، شور ئۆرلەپ تۇرىدىغان بۇنداق تاشلاندۇق زېمىننى ئېرىنمەي ئۆزگەرتىپ ، ھاياتلىق ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ ، خىلمۇ – خىل زىرائەتلەرنى تېرىپ جان بېقىۋاتقان جوڭگو دېھقانلىرىنىڭ غەيرىتىگە قاراپ ھەيران بولماي تۇرالمايسەن . بۇنداق ئەللەردە تەر تۆكۈپ بىرەر نېسىۋىگە ئېرىشىمەن دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن دۇنياغا جوڭگولۇق بولۇپ يارىلىشى كېرەكتەك قىلىدۇ . ئۇلار جاپا چەككەندەك قىلغىنى بىلەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەن . ئېرىشكەندىمۇ ناھايىتى ئېرىشكەندەك قىلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان يەرلەرنى تاللىيالايدۇ ھەم ئۇ يەرلەرگە خالىغان چاغدا سۇ باشلىيالايدۇ . ئەسلىدە بۇ كۆچمەنلەر ئىچكى جوڭگودا تەستە ئىگە بولىدىغان يامغۇر سۈيىگىلا تايىنىپ يەر تېرىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئاھالىلەر ئىدى . دەل مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى ئۈنۈمسىز دەپ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايۋاتقان ئاستىراخان ، ئورىنبۇرىگ گوبىرناتورلۇقىنىڭ باشقۇرىشىدىكى دېھقانلىرىمىز بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرىدىن ئۆگەنسە بولغۇدەك ، دېگۈمىز كېلىدۇ ........
    3 – ئاۋغۇست
    بىز يول بويى كىچىك – كىچىك توقايلىقلار ، چۆنەك تارتىلغان ئېتىزلىقلاردىن كېسىپ ئۆتتۇق . ئاغدۇرۇلۇپ قويۇلغان يەرلەر ، ئالدىراش دېھقانلار ئۇچراپ تۇراتتى . بىز شىبە زەڭگى ( ھەربىي ئەمەل نامى ) تۇرۇشلۇق ياركەنت ، تىشقان شەھەرلىرىنى ئوڭ تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ، ئاقكەنتكەن قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .... 15 چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن ئالدىمىزدا بىر بوستانلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بۇ ئەسلىدە ئەتراپى سېپىللار بىلەن قورشالغان بىر كىچىك شەھەر بولۇپ ، يىراقتىن قارىغاندا بۇ شەھەر بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى . بىز سېپىل سىرتىدىكى خەندەك ئۈستىگە ئورنىتىلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ، شەھەرگە كىردۇق . شەھەر ئىچى جىمجىت بولۇپ ، ئىگىسىز قالغان شەھەردەك بىلىنەتتى . ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا دەرەخلەر بولۇپ ، قويۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى . بىز شەھەرنىڭ بىر دوقمۇشىدا ئىككى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ بارغان بىر ئايالنى كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ شەھەردىمۇ ئادەمنىڭ
     
    بارلىقىغا ئىشەندۇق . مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ھالىتى بىز ئۇچراتقان بۇ تۇنجى شەھەردىلا نامايەن بولۇشقا باشلىدى ....... بىز شەھەردىن چىقىپ ئۈچ چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن توختاپ كەچلىك قونالغۇ راسلىدۇق . كېچىچە پاشا چېقىپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق .
    4 – ئاۋغۇست
    تاڭ سەھەردە قاتتىق ئۇرۇلغان دۇمباق ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتۇق . ئىلى دەرياسى بويىغا يېتىپ بارغىچە يەنە نۇرغۇن ئىگىز – پەس تۆپىلىكلەردىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى ، شۇڭا ئەتىگەندىكى سالقىندا يولنى ئۋۇتىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى ...
    قورغاس دەرياسىدىن ئۆتۈشىمىزگىلا ئاسماننى تۇمان باسقاندەك بولدى . بىر قارىساق بىر توپ پاشا بىزنى قورشىۋالغاندى . مۇشۇنداق ئىسسىقتا ئۆلگىدەك ھالغا كېلىپ قالغىنىمىزدا پاشا ئۇچرىغىچە بىرەر سالقىن جاي ئۇچرىسىچۇ كاشكى ! راست گەپنى قىلساق بىز قورغاس ئەتراپىدا ئاشۇ قان شورىغۇچ ھاشارەتنىڭ قولىدا جان بەرگىلى تاس قالدۇق . ئەسلىدە بۇ پاشىلار سازلىقتىكى قۇملۇقلار ۋە ئەتراپتىكى زىرائەتلەر ئارىسىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ چىققانكەن . مانجۇ ئېلىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى ئادەم ئولتۇراقلاشقان يۇرت – كەنتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . بۇ كەنتلەرنى قېلىن دەرەخلەر ئوراپ تۇرغاچقا بىز شەھەر كۆرمەي دەرەخ كۆردۇق دېسەكمۇ بولىدۇ . ئەگەر بۇ يۇرتلاردا دەرەخزارلىق بولماي پەقەت سوقما تاملىق ئۆيلەرلا بولغان بولسا بىزدەك ھاردۇق يەتكەن يولۇچىلارغا خۇددى سەھرايى كەبىرنى بېسىپ ئۆتكەندەك ئېغىر تۇيۇلاتتى . بىز ئەنە شۇنداق گۈزەل يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان قورغاس شەھىرىدىن ئۆتتۈق . ئوڭ تەرىپىمىزدىن ئىككى چاقىرىمچە نېرىدا چىلپەنزە كەنتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنگەن تاغنىڭ باغرىدا يەنە ئاشۇنداق بوستانلىق يۇرتلار بولۇپ ، ئۇلار سولۇن كەنتلىرى ۋە شىبەلەرنىڭ يۇقۇرى ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كۆپچان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان كەنتلىرى ئىدى . قورغاس مۇشۇ ئىقلىمدىكى يۇرتلارنىڭ كاتتىسى . ئىلى جاڭجۈنى يېنىدىكى بېرىگادىغا بىۋاستە قارايدىغان شىبە ئامبال ( جۇجۇرتاي ) مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ . قورغاس شەھىرى بىر – بىرىدىن ئۈچ چاقىرىمچە ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۈچ پارچە بوستانلىقتىن تەركىپ تاپقان . چىلپەڭزە باغ – ۋارانلىرى كۆپ بىر بوستانلىق شەھەر ........
    بىز يولدىن ئۆتۈپ بارغانلار ئارىسىدىن بىر لويىنىڭ تەختى راۋانلىق مەپىسىگە خېلى ئوبدان سەپ سالدۇق . بۇ بىزنىڭ بۇنداق مەپىنى 2 – قېتىم كۆرۈشىمىز ئىدى ...... مەپىگە ئورنىتىلغان تەختىراۋان ناھايىتى ياسىداق بولۇپ ، ئۈستىگە يېپىلغان ئېسىل رەختلەر ئالدىغا ئېشىپ ، مەپە شوتىسىنىڭ ئۈستىگە سايە تاشلايتتى . مەپىنىڭ چاقلىرىمۇ كۆك رەڭدە سىرلانغاندى . مەپىنى ئىككى قېچىر سۆرەيتتى . مەپىنىڭ ئالدىدا بىر چاپارمەن ، ئەتراپىدا ۋە كەينىدە مۇلازىملار ھۆرمەت بىلەن مېڭىشاتتى . بىز بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ بىر ئاز تەئەججۈپلەنگەن بولساق ، ئەمدى تېخىمۇ يېڭى ئشلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدىغان ، بارماقلىرىمىزنى چىشلەپ ، بارلىق ئىشلارنى بىر ئاللاھقا تاپشۇرىدىغان بولدۇق . بىز بۈگۈنكى قونالغۇمىزدا پاشىنىڭ دەردىنى تارتمىدۇق . ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرساق ، بەدەنلىرىمىز ئېغىرلىشىپ ، يۈز – كۆزلىرىمىز ساڭگىلاپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . مەن تاڭ ئاتقىچە مىلتىقىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپنى كېزىپ چىقتىم ، بىراق ئىزدىگىنىمنىڭ پايدىسى بولمىدى . كېچىچە سايراپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلغان بۆدۈنە دېگەن بۇ بىر نېمىلەر قېشىمدىلا تۇرسا بىكاردىنلا ئىزدەپ ئاۋارە بوپتىمەن .
    5 – ئاۋغۇست
    بىز قومۇش باسقان ، يىلانلار ئۇزۈپ يۇرىدىغان بىر دەريادىن ئۆتۈپ ، شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئوردا خوزا دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنتكە كېىلىپ توختىدۇق ۋە بىزدىن نېرىراقتا
     
    بىر دەرەخنىڭ تۇۋىدە مۇسۇلمان ( ئۇيغۇر ) دېھقانلار قاتتىق – قۇرۇق نانلىرىنى غاجىشىپ ئولتۇاتتى . تومۇزنىڭ ئاپتاپلىرىدا كۆيگەنمۇ ياكى ئەسلى رەڭگى شۇنداقمۇ ئالتىشەھەر تۈركلىرى ( ئۇيغۇرلار ) نىڭ چىرايى قارامتۇل بولۇپ ، ئافغان ئىرقىدىكىلەرگە ئوخشايتتى . ئۇلار باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قارىغاندا ۋىجىكرەك كېلىدۇ ، بۇرۇنلىرى تۈركلەرنىڭ ئىسپاھان قىلىچلىرىدەك ئىلمەك ، كۆزلىرى چوڭقۇرراق ، كالپۇكلىرى نېپىزرەك كېلىدۇ . خەنزۇلارنىڭ تەسىرى بۇ خەلقنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە قانداق يۇققان بولسا ، چىرايىغىمۇ شۇنداق يۇققاندەك كۆرۈنەتتى . شەرق ئىسلام ئالىمىدە جاھانكەزدى ، تەقۋادار ، « ھەق دىننىڭ ئۆچمەس چىرىقى » دېگەندەك ھەيۋەتلىك نامى بار ئەممە ، ۋاقتى كەلگەندە دىننىڭ ئەڭ كىچىك ئەمەللىرى توغرىسىدا نۇرغۇن يىل دەتالاش قىلىپ ئاغزى بېسىقمايدىغان ئۆلىمالارنى ئۆز مەدرىسلىرىدە تەربىيەلەپ چىققان مەنسۈروۋتەك ( خوجا مۇھەممەد شېرىف – 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغان يالغان ئەۋلىيا ) نائەھلىلەر ۋە بىر تالاي قازى ، موللا دېگەندەكلەرنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تېرىۋەتكەن ، نەپسانىيەتچى سوپى – ئىشانلارنىڭ پاسق ھەرەمخانىسى ، پۈتكۈل گۇناھلارنى مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان بۇخارادەك بىر يەرنى ئۆزلىرىگە مەركەز قىلىۋالغان . غەربىي تۇركىستانلىقلارغا قارىغاندا ، ئالتە شەھەرلىكلەر قانداقتۇر بىر تەقۋادارمۇ ئەمەس ئىدى ھەم دىنىي ئەمەللەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى .
    قەشقەرلىقلەرنىڭ ياخشى ئادەتلىرىنىڭ بىر ئاياللارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلگەنلىكتۇر . ئاياللار ھەرقانداق يىغىلىشلارغا بىمالال قاتنىشالايدۇ ، ھەتتا ئاياللارسىز يىغىلىش بولمايدۇ دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇ يەردىكى تارانچىلار
     
    (ئىلى ئۇيغۇرلىرى ) مۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ، ئۇلار تاماق يىگەندە چوكا ئىشلىتىدۇ ، بىر پۆپۈكلۈك مانجۇچە مالخاي كىيىدۇ ، خالاس . ئوردا خوزا بۇ يۇرتتىكى مۇھىم بىر بازار . بۇ يەردە چىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى گەۋدىلەنگەن دېيىشكە بولاتتى . بۇ بازاردا ئاشپۇزۇللارمۇ ئاز ئەمەس ، ھەر خىل ، ھەر ياڭزا كىيىنگەن چەنپەنلەر ( ئىچكىرىدىن يۆتكەپ چىقىلغان سۈرگۈنلەر ) قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . يوللاردا ھارۋىلارنىڭ مېڭىشىدىن پەيدا بولغان توپا – چاڭلار بېسىقمايدۇ . چېكەرمەنلەر ۋە بازارچىلار ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشىدۇ ياكى غولپىياز ، مۇچ دېگەندەكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى يىيىشەتتى .
    6 – ئاۋغۇست
    بىز كەچ سائەت 7 دە غۇلجىغا يېتىپ كەلدۇق . غۇلجىدەك بۇنداق زىمىنغا ئادەم يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ، بىزنىڭ روسلىرىمىزنىڭ خىيالىغا ھەرگىز كىرىپ چىقمايتتى . ئەمما مانجۇلار جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي ، بۇنداق مۈشكۈل ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندى . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ ، بۇلار ئىلى تەۋەسىدە سەككىز شەھەر ۋە بىر قانچە ئون كەنت بىنا قىلغاندى .
    غەربىي يۇرتتىكى چېگرا قوغدىغۇچى قىسىملارنىڭ ھەممىسىدە شىبە ۋە سولۇن ئەسكەرلەر بار . سولۇنلار مانجۇ خانلىقى جوڭغارىيەنى بېقىندۇرغان ئاشۇ يىللاردا شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن . شىبەلەر بولسا كېيىنرەك يەنى قەشقەر تەرەپلەردىكى قوزغىلاڭلاردىن كېيىن ياردەمچى كۈچ سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنگەن . شىبە ۋە سولۇن قىسىملىرى غۇلجىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ ئىلى دەرياسىنى بويلىتىپ تاكى چېگرا پونكىتلىرىغىچە جايلاغتۇرۇلغان . ئۇلارنى ئىلىدىكى بىر بىرىگادا گېنېرالى باشقۇرىدۇ . خۇجۇرتاي دېگىنىمىز شىبەلەردىن قويۇلىدىغان پولك كوماندىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلنىڭ نامى . شىبەلەر بىلەن سولۇنلار سەككىز پولكقا بۆلۈنىدۇ . ھەر بىر پولكنى كۆك قۇببە مۇنچاقلىق قالپاق كىيىدىغان زەڭگىلەر باشقۇرىدۇ . سولۇنلار غۇلجىغا يېقىن جايدا تۇرىدۇ ، شىبەلەر بولسا تاغ باغرىلىرىغا ماكانلاشقان . بۇ خەلق مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەتىۋارلىق جەڭچىلىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ھەربىي ۋەزىپىسى بار ....... ئۇلارنىڭ قازاق ۋە موڭغۇللار بىەلن ئالاقىسى قويۇق بولغاچقا ، روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ ۋە جۇشقۇن .......
    بىزنى غۇلجىغا كونسۇل ئۆزى باشلاپ كەلدى . بىز سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى تاغلاردا موڭغۇللارنىڭ قالماق ، چاخار ۋە تۇرغاۋۇت قەبىلىلىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۇق .... بىز بۇ بىر كۈندە 50 چاقىرىمچە يول ماڭغاندىن كېيىن يېرىم كېچىدە غۇلجىدىكى سودا بازىرىغا يېتىپ كەلدۇق . چېگرا سودىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1852 – يىلى رۇسلار غۇلجا بىلەن چۆچەكتە سودا بازارلىرىنى قۇرغاندى . شۇ چاغدا مانجۇلار بازار قىلىدىغان يەرنى ساربۇلاقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاشلاندۇق يەردىن كۆرسىتىپ بەرگەندى .
    7 – ئاۋغۇست
    بىز ئىلگىرى جاڭجۈننىڭ دۇ لويى ئىسىملىك ھەربىي ئەمەلدارى ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغا – سالاملىرىنى قوبۇل قىلغاندۇق . بۇ قېتىم بىزنىڭمۇ ئۇلارغا جاۋابەن سوۋغا – سالام بېرىشىمىزگە توغرا كەلدى . بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان مانجۇ ئەمەلدار سوۋغا – سالاملىرىمىزنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي توختاپ قالدى ۋە جاڭجۈندىن قايتا ئىجازەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاندىن بىزگە جاڭجۈن بىلەن مەسلىھەتچى ئامبالنىڭ سوۋغا – سالاملارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ، رۇسلار بىلەن مانجۇ خانلىقىنىڭ دوست ئەللەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى . دۇ لويى بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ئىككى قولىنى پىشانىسىگە ئاپىرىپ جۇپلەپ بىزگە تازىم بىجا كەلتۈردى . شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆڭلىدىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندەك قىلدى .
    8 – ئاۋغۇست
    بىز تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ قىلىدىغان بىرەر ئىشىمىز بولمىغاچقا تازا زېرىقتۇق . بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتا كونسۇل بىزنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇپ بىلىم ئالغان كىشىلىرىمىز توغرىسىدا گەپ ئېچىپ قالدى . بېيجىڭدىكى رۇس ئەلچىلىرى بىلەن 18 يىل بىللە بولغان كامىنىسكىي دېگەن كىشى چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولغانكەن . كامىنىسكىي بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان كۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ماڭىدىكەن ، ئۇ يازغان خاتىرىلىرىنى كىچىك بىر قاپقا سېلىپ ساقلايدىكەن .... ئۇ يەنە بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ خەنزۇلارنىڭ يىن – ياڭ ( مۇسبەت ۋە مەنفى ) دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تۇنجى بولۇپ يارالغان ئەر – ئايال ھەققىدىكى تۇنجى دىنىي دىرامىسى ھەققىدە ئىزدەنگەنكەن . ئۇ دىرامىدىكى « يىن ناخشا ئېيتسا ، ياڭ ئۇسسۇلغا چۈشەر ، يىن – ياڭلار خوشال بولۇپ چەكسىز ھوزۇر ھالاۋەت سۈرەر » دېگەن نەزمىلىرىنى تەرجىمە قىلغانكەن . يەنە بىر ئالىم ئىياكىنىف ئەپەندى بولسا ئامىروسىيەنىڭ نىكاھسىز ئايالىدىن تۇغۇلغان بالىسى . ئىياكىنىف 26 يېشىدا ئارخىماندىرت بولغان . ئۇ تۇرمۇشتا شاللاقراق بولغاچقا ، دادىسى ئامىروسىيە ئۇنى چەتئەلدە تۇرسا تۈزۈلۈپ قالار ، دەپ ئويلاپ ، بېيجىڭغا ئەۋەتىپتۇ . ئۇ شۇنىڭ بىلەن نام – مەرتىۋىدىن ئايرىلىپ ، بېيجىڭدىكى ۋولوكولامىسكى مۇناستىرىدا 5 يىل تۇرغاندىن كېيىن ، بارون شىللىڭنىڭ ياردىمىدە مۇناستىردىن بوشاپ ، كىياختاغا قايتىپ كېلىپ ، دىنىي تونىنى تاشلىۋېتىپ ، ئاددى پۇقراغا ئايلىنىپتۇ . ئىياكىنىف بېيجىڭدا خەنزۇچىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە ئەسەرلىرىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سۆھبەتلىرىدىن ئېلىنغان .....


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:0][dAva:0]داۋامى بارمۇ ؟
    ھونزادە 回复مىسۋاك说:
    داۋامى بار قېرىندىشىم ئەتە چۇقۇم يوللايمەن.
    2011-01-09 00:13:21

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر