كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-02

    «قەشقەر تارىخى» نىڭ باش- ئاخىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئەلى غوپۇر 

      مۇقەددىمە

    قەشقەر يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن بۇيان يىراق يېقىندىكى ئەللەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تۇپراقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە بۇ زېمىننىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىرىغا مەستانە بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ يۇرتقا بېغىشلانغان نۇرغۇن قىسسە، داستان، شېئىر – قوشاق ۋە تارىخىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقۇلۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىلىم سۆيەر، ۋىجدانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ساقلىنىپ ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، بۇ ئەزىزانە يۇرتنىڭ ئۆتمىشىدىن دېرەك بېرىپ كەلدى.قەشقەر بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «كاشغەر – ئۇردۇكەند دېيىلىدۇ ، بۇ خانلىقلار تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىدە»[1] دېگەن بايانلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىن تارتىپ، ھەرقايسى دەۋر قەلەمكەشلىرىنىڭ خاتىرلىرىدە «قەشقەر شەھىرى»، «قەشقەر رايونى »، ھەتتا پۈتكۈل تارىم ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسەتكەن.
      2007- يىلى 3- ئايدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى مۇتخەسىسلەر ھەيئىتى مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە تەرجىمە قىلىنىپ، مۇناسىپ شەرھ يېزىلىدىغان، شۇ ئاساستا ئاساسىي مەۋقەنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىياللىق خىزمىتىنى ئارتتۇرىدىغان تارماق تەتقىقات تېمىلىرى قاتارىدا مەن يوللىغان «قەشقەر تارىخىنىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھى» دېگەن تېمىنى تەستىقلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن «قەشقەر تارىخى» دېگەن نامدا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئوسمانىلىي تۈركچىسىدە يېزىلغان ھەم بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە قوليازمىلارنى ئۈزۈم بۇرۇن تاپقان قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرۇش، كەملىرىنى ئىزدەش ئىشىنى باشلىۋەتتىم. ئەمما بۇ خىزمەت رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ھەسسە قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەگەر «قەشقەر تارىخى» نى قولۇمدىكى قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرى ئاساسىدا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىغا شەرھى يازغان بولساممۇ، بۇ مەزكۇر تېما ئۈچۈن تۈزۈلگەن توختامنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى. ئەمما مەزكۇر تېمىدىكى ئەسەرلەرنى سىستېمىلىق ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلار بولغاندىن سىرت، بەزى ئەسەرلەر نامىنىڭمۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن غەرەزلىك ياكى بىپەرۋالىق تۈپەيلىدىن خاتا قوللىنىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر خىل مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى مېنى بۇ تېمىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى.

                   1. «قەشقەر تارىخى» نىڭ قوليازما ۋە نەشىر نۇسخىلىرى
    ھازىرغا قەدەر «قەشقەر تارىخى» نامىدا بەش پارچە تارىخى ئەسەر پۈتۈلگەن بولۇپ ، تۇنجىسى 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناس، شەيخ، ئىستېداتلىق ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن پەزلىينىڭ ئوغلى كامىل ئىمام ئەبۇل پۇتۇخ ئابدۇلغاپپار كاشغەرىينىڭ «تارىخى كاشغەر» دېگەن ئەسىرى بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى قوليازمىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانلار خانلىقى ۋە موڭغۇللارغا دائىر بىر قىسىم مەزمۇنلىرى 13- ئەسىردە ئۆتكەن ئالمالىقلىق مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشىينىڭ قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان «سۇراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما » دېگەن ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان [2]. مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئىككىنچىسى، نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يەكەندە يېزىلغان [3] دەپ پەرەز قىلىنغان «تارىخى كاشغەر» (بۇ ئەسەر 1986- يىلى ھاجى نۇر ھاجىنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «چىڭگىزنامە» دېگەن نام بىلەن نەشردىن چىققان. بۇ ھەقتە كېيىنكى مەزمۇنلاردا ئايرىم توختىلىمىز).
      «تارىخى كاشغەر» نى رۇسىيىلىك شەرقشۇناس بارتولد 1902- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا تاشكەنتتىن تاپقان ھەمدە ئۇنىڭ ئايرىم جايلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، «تۈركىستان كاماندروپكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دوكلات» قا كىرگۈزۈپ، تۇنجى بولۇپ ئىلىم ساھەسىگە تونۇتقان. ئاكادېمىك بارتولد بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى باشقا بەش كىتاب ۋە تەزكىرىلەردە خاتىرلەنگەن 16-، 17- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان ھەمدە مەزكۇر ئەسەردىكى ئەينى ۋاقىت ئالاھىدە شارائىتىدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەزمۇنلارغا شەرھ يازغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىغان. بارتولدنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق تۈركولوگ خارتمان ئۆز كىتابىنىڭ ئاخىرىغا ئۇنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسىنى قوشقان.
      مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى بىر مەھەل داغ-دۇغا پەيدا قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەب ، مەزكۇر ئەسەر تۇنجى بولۇپ ھىجرىيە 920 (مىلادىيە 1514) – يىلىدىن ھىجرىيە 1107(مىلادىيە 1696) – يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا چاغاتايلارنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا خانلىق قۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇ ماتېرىياللار بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ۋە ۋاقىت جەھەتتىن دەۋرىيلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىدۇر. دەل مۇشۇ خىل سەۋەبلەرگە كۆرە، بارتولد بۇ ئەسەرگە «تارىخى كاشغەر» دەپ نام بەرگەن ھەمدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىز ھازىر قەشقەر خانلىقى ۋە خانلىقنىڭ ئاخىر زاۋالغا يۈز تۇتقانلىقىغا ئائىت ناھايىتى تەپسىلىي تارىخىي ماتېرىيالغا ئىگە بولدۇق» [4].
    مەزكۇر ئەسەرگە بېغىشلانغان تەتقىقات نەتىجىلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەخمەت زەكى ۋەلى توغان، ل.ئى.دۇمان، ك.ئا.ئوسمانوف، ئا.م. مۇگىنوف، ك.س.ئىبراھىموف، ك.ئى. پېتروف، ئى.يا.زىلاتكىن، ۋ.پ.يودىن، ل.ئا.پوكروۋىسكايا قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.
    «تارىخى كاشغەر» نىڭ خېلى كۆپ كۆچۈرمە نۇسخىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىگەن . رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پېتىربورگ شۆبىسىدە ئۇنىڭ
    C576, C577, C2472 دەپ نومۇر قويۇلغان ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى ساقلانماقتا. ئۇنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «15—17- ئەسىرلەردىكى قازاق خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » غا كىرگۈزۈلگەن [5].
    2001- يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى سانكىت- پېتىربورگ شۆبىسى مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان «تارىخى كاشغەر» نىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئاكىمۇشكىن كىرىش سۆز يېزىپ، ئىندېكىسىنى ئىشلىگەن ئەسلى قوليازمىسىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى «سانكىت- پېتىربورگ ئىلىم مەجمۇئەسى» نىڭ 8- قىسمى سۈپىتىدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى پېتروسيان، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئاكىمۇشكىن بىلەن ئالىموف ئۈستىگە ئالغان. گورىكىلياد، كىچانوف، مىنشىكوف، تېمكىن ۋە خالىدوفلار مەسئۇل مۇھەررىر ۋە مۇھەررىر بولغان.
    «تارىخى كاشغەر» ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، بىرىنچى قىسمى (ئەسلى قوليازما 1- بەتتىن 58- بەتكىچە) دا ئىنتايىن ئاددىي تىل ۋە بايان قىلىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق نوھ، توپان بالاسى، نوھنىڭ ئوغۇللىرى، يافەس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى موغۇل، تاتار خانلىرىغىچە؛ قاراخاننىڭ نەسەبى، موغۇل خانلىرىنىڭ ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنىڭ بايانى؛ موغۇل خانىنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشى ؛ ئاتىسى بىلەن بولغان ئۇرۇش، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر، قاڭقىل، قارلۇق، خالاج – قىپچاق قاتارلىق بەش تۈركۈم قوۋم؛ ئوغۇزخاندىن ئالانقۇۋا (چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادى) غىچە بولغان ۋەقەلەر؛ چىڭگىزخاننىڭ نەسەبنامىسى ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، غەربكە يۈرۈش قىلىشى، ئىراندىكى ئىلخانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مۇبارەكخان، تۇۋاخان، ئېسەن بۇغاخان، تۇغلۇق تېمۇرخاندىن تارتىپ 1514- يىلى قەشقەردە مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇپ قىلىنىپ يەكەن خانلىقى قۇرۇلغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.
    ئىككىنچى قىسمىدا سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ سۇلتان مۆمىنخانغىچە بولغان ۋەقەلەر، يەنى 1514- يىلدىن 1695- يىلىغىچە بولغان يەكەن خانلىقىنىڭ ھەرقايسى خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە شۇ دەۋرلەردە يۈز بەرگەن تارىخى ھادىسىلەر يىلنامە تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان.
    ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مۇئەللىپ باشقا تارىخشۇناسلارغا ئوخشىمىغان رەۋىشتە ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار جەمەتلىرىنىڭ يەكەن خانلىقىغا بولغان تەسىرى، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرەشلىرىنى لايىقىدا بايان قىلىش بىلەن بىللە ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىنمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
    مۇئەللىپ يەنە ئۆز ئەسىرىنى جانلىق تارىخىي پاكىتلار ۋە گۈزەل ئەپسانە- رىۋايەتلەر بىلەن بېيىتىش مەقسىتىدە رەشىدىددىننىڭ «جامىئۇت-تەۋارىخ»، مىر خاۋەندنىڭ «رەۋزەتۇس- سەفا»، جۇۋەينىينىڭ «تارىخىي جاھان گۇشاي»، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدىي»، شەرەفىددىن ئەلى يەزدىينىڭ «زەفەرنامە»، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ «تارىخ» (بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى «سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان) قاتارلىقلاردىن كۆپلەپ پايدىلانغان ۋە ئۈزۈندىلەرنى ئالغان. ئەسەرنىڭ 99- بېتىدىن 105- بېتىگىچە بولغان قىسمى ئاپتورنىڭ ئەسلى ئىجادىيىتى بولۇپ ، ناھايىتى يۇقىرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە.
    ئۈچىنچى، رۇسىيىلىك گېنېرال كورپاتكىن 1879- يىلى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «قەشقەرىيە»؛ 1876- يىلى 10- ئايدا كورپاتكىن (تولۇق ئىسمى: ئالىكسىي نىكولايىۋىچ كورپاتكىن، 1848-1925) چار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ، ھەر خىل ئاخباراتلارنى يىغقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ زېمىنلارنى قوقەندلىك ياقۇپبەگ ئىگىلەپ تۇرغان بولۇپ ، كورپاتكىن چاررۇسىيە نامىدىن ياقۇپبەگكە زېمىن تەلىپى قويغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندىن كىيىن، تۈركىستان گوبىرناتورى كوفمانغا قەشقەرىيىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، ھەربىي كۈچى، سانائەت ۋە سودىسىغا دائىر بىر پارچە دوكلات يېزىپ تاپشۇرغان. مەزكۇر كىتاب شۇ دوكلاتنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە تۈزۈتىلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشىر قىلىنغان. 1982- يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىنگلىزچە نەشرىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان) سودا نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ ئەسەر جامائەتچىلىككە خېلى تونۇش بولغاچقا بۇ ھەقتە كۆپ توختالماسلىقنى لايىق تاپتىم.
    تۆتىنچى، تۈركىيىلىك مۇھەممەد ئاتىف ھىجرىيە 1300- يىلى (مىلادىيە 1882) يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان «قەشقەر تارىخى». مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بىرئاز كەڭ بولۇپ ، مۇقەددىمە، قەشقەر قىتئەسى (بۇ ئاپتورنىڭ ئەسلى سۆزى بولۇپ ، ئۇ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان) نىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخى، ئاھالىسى، ھىجرەتتىن ئاۋۋالقى تارىخى، قاراخانىيلار، چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئەمىر تىمور ۋە تۇغلۇق تىمۇرگە دائىر مەلۇماتلار، يەكەن خانلىقى، جۇڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ياقۇپبەگنىڭ ئىستېلاسى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى قاتارلىق بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەردىن سىرت، مەزكۇر يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى سودا-تىجارەت، ھۈنەر-كەسىپ ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئائىت مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ مۇئەللىپ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرىگە دائىر مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا مەسىلىلەرگە خالىس مەيداندا تۇرۇپ باھا بېرىشكە تىرىشقان. شۇڭا ياقۇپبەگ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەزمۇنلار مەزكۇر ئەسەرنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر