كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-01

    ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    4. ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ؟


      ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ - يوق؟ ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشىدە تېخىمۇ باشقىچەرەك سەۋەبمۇ بارمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ما جۇڭيىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ما جۇڭيىڭ يېڭى ئىش باشلىغاندا ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەمەس، ئۇ دەسلەپتە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ گەنسۇدىكى خۇيزۇ قوشۇنلىرىغا قىلغان بېسىمىغا ۋە يۇرتداشلىرىغا زورلۇق بىلەن ئالۋان - ياساق سېلىپ خەلقنىڭ بايلىقىنى شىلىۋالغانلىقىغا غەزەپلىنىپلا ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇ " زالىم زۇلۇم سالسا خەلقنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى بەرھەق " ، " خۇيزۇلارنى ئۆلتۈرمەيلى، خەنزۇلارنى ئۆلتۈرمەيلى، پەقەت گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسىنىلا ئۆلتۈرەيلى" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنى " قارا يولۋاس فېڭ يۈشياڭنى يۇتقۇچىلار ئارمىيىسى " دەپ ئاتىۋالغانلىقى ئۇنىڭ دەسلەپكى كۈرەش نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بىر خۇيزۇ ئوفىتسېرنىڭ تۇغ كۆتۈرۈپ چىقىپ فېڭ يۈشياڭ باشچىلىقىدىكى كۈچلۈك گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ خېجۇ، نىڭشيالارغا نەچچە قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلغانلىقى، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ داڭلىق گېنىراللىرى دەي جىڭيۈ، لى سۇڭكۈن، جى خۇڭچاڭ، سۈن ليەنچۇڭ، تۇڭ لىنگې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقى ئۇنىڭ قالتىس جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن تۇغ كۆتۈرۈپ چىققاندا ما جۇڭيىڭنىڭ ئېنىق بىر سىياسىي نىشانى يوق ئىدى. خۇددى ياڭ بوچىڭ دېگەندەك: " ئۇنىڭ بارلىق ئەمىر - پەرمانلىرى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر  نەچچە ئاخۇنغا باغلىق ئىدى " .  ما جۇڭيىڭنىڭ ئېنىق بىر سىياسىي نىشانى  بولمىغاچقا، تۇغ كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن خۇاڭيۈەن، مىنچىن قاتارلىق يەرلەردە شەھەر قىرغىنچىلىقى بولۇشتەك پاجىئە يۈز بېرىپ، مىللىي زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈپ ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ما جۇڭيىڭ نىڭشياغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ سۈييۈەنگە چېكىنىۋاتقاندا قول ئاستىدىكىلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغاچقا، ئەسكەرسىز قوماندانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. 1930 - يىلى ما جۇڭيىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن دېگەن يېرىدە ما خۇڭكۇينىڭ قول ئاستىدا كېڭەش ئەزاسى بولۇپ تۇرغان چېغىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن كومپارتىيە ئەزاسى جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچىلار  بىلەن تونۇشقان، ئۇ جاڭ ياشاۋ، ۋۇيىڭچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇكىسى ما جۇڭجې بىلەن كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. بۇ ئىشقا قانداق باھا بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ما جۇڭيىڭ جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچىلارنىڭ تەسىرىدە ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئۇچراشقىلى باشلىغىنىغا گەپ سىغمايدۇ.

    ما جۇڭيىڭ خېشىغا كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 36 - دىۋىزىيىنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەندىن كېيىن،  ھەدەپ ئىقتىدارلىقلارنى توپلاپ، ئەسكەر ئېلىپ كۈچىنى زورايتتى. 36 - دىۋىزىيىنىڭ باش كاتىپى جاڭ ياشاۋ، باش شتاب باشلىقى ۋۇ يىڭچى ۋە كېيىنچە 36 - دىۋىزىيىگە قاتناشقان سەي شۆسۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى ما جۇڭيىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 36- دىۋىزىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئومۇمىي تېلېگىرامما چىقىرىشى، جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنگەندىن كېيىن شنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قەشقەردىكى " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " نى ۋە خوتەندىكى " ئىسلام دۆلىتى " نى يوقىتىشى شۇنىڭدەك كېيىن ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار مۇشۇ كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ما جۇڭيىڭ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشەيمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشەيمۇ، دەپ دىلىغۇل بولۇپ قالغانىدى. ما يەنلياڭ مۇنداق دەيدۇ: " كېيىن ئۇ پايدا - زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۆپچۆرىسىدىكى جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچى، سەي شۆسۈن قاتارلىق ئىلغار زاتلار ( ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ئەزالىرى ) نىڭ تەسىرىدە، ئۆز قوشۇنىنىڭ ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇپ كېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى ".

    ما جۇڭيىڭنىڭ ھەقىقىي توغرا يولغا مېڭىشى  سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ 3 يىلدىن كېيىن بولغان ئىش. سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بۇ ياش خۇيزۇ گېنىرالغا ئوبدان مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيىلىگەن. ئۇ ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەكتەپ، زاۋۇتلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى چۈشەنگەن، كېيىن سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، چەت ئەل تىلى قاتارلىق دەرسلەرنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ھەمدە قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش  ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش پىلانىنىڭ تۈزۈلىشىدە مەسلىھەتچىلىك رول ئوينىغان. 17 يېشىدىن باشلاپ تۇغ كۆتۈرۈپ چىقىپ غەربىي شىمالدىكى بىر نەچچە ئۆلكىدە سەككىز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان ما جۇڭيىڭ ئاخىر توغرا يولغا ماڭغان. بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك 36 - دىۋىزىيىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە باشلاپ بېرىپ، پارلاق، ھەققانىي سىياسىي يولغا قاراپ ماڭماقچى بولغانلىقى ئىدى.

    بىراق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ما جۇڭيىڭ ئاسان چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل كۈچ بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، ياپون كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسىيالايدىغان، ئەنگلىيە كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى توسىيالايدىغان بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى. دېۋىزىيىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ما خۇسەن ما جۇڭيىڭ بىلەن  سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بېكىتكەن شېڭ شىسەينى قوللاش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇش يولىغا مېڭىپ كەتتى. مەخمۇت مۇھىتىنىڭ سىياسىي غايىسى شىنجاڭدا مۇستەقىل بىر ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئىدى، ئۇ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماي ئىش كۆردى، ھەتتا ياپونىيىگە خۇپىيانە ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم تىلىدى. ما خۇسەن ئەنگلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇلاردىن قورال - ياراغ سېتىۋېلىپ كۈچىنى زورايتتى. بۇ ئىككەيلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا زۇلمەتلىك بۆلۈنمە ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنى دەھشەتلىك  ئەزدى⑤. ما جۇڭيىڭ موسكۋادا بولغاچقا، قامچىسى يەتمىدى، 36 - دىۋىزىيىنى يىراقتا تۇرۇپ كونترول قىلالمىدى. 36 - دىۋىزىيە شېڭ شىسەينىڭ ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدە يەر بىلەن يەكسان بولدى. نەتىجىدە ما جۇڭيىڭ ھەربىي كۈچتىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ ما جۇڭيىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى يوققا چىقتى، ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراش ئۆزگەردى، كېيىچە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان دەرىجىگە يەتتى.

    دەل 36 - دىۋىزىيە يىمىرىلىپ ما جۇڭيىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن مەھرۇم قالغان پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېڭەيتىۋېتىلگەن ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش - تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى، بۇ ھەرىكەت ئىككى يىل داۋاملاشتى، نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەم جاھانگىرلارنىڭ ئىشپىيونى، تروتىسكىچى دېگەندەك بەتناملار بىلەن جېنىدىن جۇدا قىلىندى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىدى. كەڭ كۆلەملىك تازىلاش داۋامىدا، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئاتالمىش جاھانگىرلارنىڭ ئىشپىيونلىرىنى، تروتىسكىچىلارنى تۇتقۇن قىلدى، ھەتتا كۈيئوغلى يۈ شيۇسۇڭ ( ۋاڭ شۇچىڭ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ) نىمۇ مۇشۇ دولقۇندا قولغا ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئاتقۇزۇۋەتتى. ئىلگىرى ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن تۈركىيىلىك ئوفىتسېر كامال ۋە ياپون ئىشپىيونى يۈ خۇاتىڭمۇ ما جۇڭيىڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن شېڭ شىسەينىڭ ئىلكىدە بولدى، يۈ خۇاتىڭنى سوراق قىلىشقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋاڭ لىشياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يۈ خۇاتىڭنىڭ ياپونىيە جاسوسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدا يوشۇرۇنۇپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلىقىغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. شېڭ شىسەينىڭ ئىلگىرى شىنجاڭدا ئۆزى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرغان ما جۇڭيىڭنى يوقىتىش ئۈچۈن كامال بىلەن يۈ خۇاتىڭنىڭ ماتېرىيالىنى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىگە دوكلات قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ۋاڭ لىشياڭ 1936 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان، سوراق خاتىرىسى تەبىئىيلا سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن. ما جۇڭيىڭ ئىلگىرى كامال، يۈ خۇاتىڭلارنى ئېلىپ قېلىپ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشلا ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ قانداقتۇر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا ئىسپات بولالمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدا تۈركىيىلىك ئوفىتسېر بىلەن ياپون ئىشپىيونىنىڭ بولغانلىقى ئېنىق پاكىت. ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى چۈشەدۈرمىكى ھەقىقەتەن تەس. شۇ سەۋەپتىن ما جۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى نۇقتىلىق تەربىيلەيدىغان ئوبيېكتتىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالغان ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىغا نەزەربەنت قىلىنىپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان، ئاخىرى ئېتىپ  ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت 1937 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمى بولۇشى كېرەك.

    ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن خۇيزۇ گېنېرال ما جۇڭيىڭ توغرا يولغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن بۇ باتۇر جېنىدىن جۇدا بولدى، خۇيزۇلارنىڭ بىر يۇلتۇزى ئېقىپ چۈشۈپ، دەۋرنىڭ تراگىدىيىسىگە ئايلاندى، بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق  ھەم ئەپسۇسلىنارلىق ئاقىۋەت - ھە!

    مەن ما جۇڭيىڭنىڭ ئۆمرىدىكى ئۇتۇق - كەمچىلىكلەرگە، ھەق - ناھەقلەرگە باھا بەرمەكچى ئەمەس، پەقەت مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا ئاساسەن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرقى تەقدىر - قىسمىتى توغرىسىدا يۈزە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقتىم. شۇنداق دېيىش كېرەككى، ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى خۇددى كوزنىتسوف ئېيتقاندەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپىنى كۆرگەندىن كېيىن بېكىتىشكە بولىدۇ، مەن پەقەت ھازىر بار بولغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا يۈرەكلىك قىياس قىلىپ باقتىم، مەقسىتىم بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەت - ئېتىبار ۋە تەتقىقاتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، خالاس.

    ئىزاھ:
    ① ما يەنلياڭ: " ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلار" "گەنسۇ تارىخ ماتېرىياللىرى مەجمۇئەسى" (ما جۇڭيىڭغا دائىر قىسمى)، 24 - كىتاب، گەنسۇ خەلق نەشرىياتى، 1986 - يىل نەشرى.

    ② ما تۇڭ: " غەربىي شىمالنى زىل - زىلىگە كەلتۈرگەن بالا سەركەردە ما جۇڭيىڭ" ، " گەنسۇ خۇيزۇ ئەربابلىرى" مەجمۇئەسى، لەنجۇ ئۇنىۋرسىتېتى نەشرىياتى 1997 - يىل نەشرى. ما تۇڭ ئەپەندى ماڭا: ما يەنلياڭ بۇ پىلاستىنكىنى ماڭا بەرگەندىن كېيىن مەن ئۇنى ئۆيۈمدە 20 نەچچە يىل ساقلىغان، 1978 - يىلى لىنشيا ئوبلاستلىق تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى يولداشلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم، دېگەنىدى.
    ③ ما رۇلىڭ تەرجىمە قىلغان، مىرزا كابول، فرانسېسكا فرانچ قاتارلىقلار يازغان " چۆل - جەزىرىدىكى توپىلاڭ "  ناملىق ماقالە، " گەنسۇ تارىخ ماتېرىياللىرى " نىڭ 42 - قىسمى.
    ④ سۋېن ھېدىن: " ئاسىيا كىندىكىدىكى سەككىز يىللىق ئېكىسپىدىتسىيە ( 1927 – 1935 ) " 
    شۇ شىجۇ قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل 8 - ئاي نەشرى.
    ⑤ بۇنىڭ تەپسىلاتى سەي جىنشۇڭ تۈزگەن " شېڭ شىسەي شىنجاڭدا " ناملىق كىتابنىڭ 225 − 235- بەتلىرىدە، خېنەن خەلق نەشرىياتى، 1998 - يىل نەشرى.

    بۇ ماقالا 2002 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان " گەنسۇ مىللەتلەر تەتقىقاتى مەجمۇئەسى " ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىز ئۆمەر ھاجى
    مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2003- يىللىق 4- سانى

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر