كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-11

    غۇلجا خاتىرىلىرى (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    15 – سېنتەبىر
    بۇرۇن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار جوڭگونىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ياۋروپا ئەللىرىنى ئۈلگە قىلىپ تەشكىللەنگەن ، ئۇلاردىمۇ تەپتىش ئورۇنلىرى بار ، سوت ئورۇنلىرىمۇ ئاجايىپ ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغاندى . ئەمما بۇ قاراشلارغا قارىغاندا ، سېنكوۋىسكى ئەپەندىنىڭ جوڭگولۇقلارمۇ پارىسلار ۋە تۈركلەرگە ئوخشاشلا ئاسىيالىقلار ، شۇڭا ئۇلاردا تەپتىش ، سوت ئورگانلىرى بار دېيىلگەندىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتاپلىرىدىلا بولۇشى مۇمكىن ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۈت ئەمەس ، دېگەن قارىشى خېلى ئاقىلانە قاراشتەك قىلىدۇ . بىزنىڭ قارىشىمىزچىمۇ جوڭگونىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى باشقا ئاسىيا ئەلللىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ . بۇ يۇرتتىكى جاڭجۈنمۇ بىزنىڭ قەدىمقى زاكۇن تايىقى تۇتقان پادىشاھلىرىمىزدىن قېلىشمايدۇ . جاڭجۈننىڭ كىيىم – كېچەك ، يىمەك – ئىچمەكلىرىنى پۈتۈنلەي خەلق كۆتۈرىدۇ . قاسساپلار ئۇنىڭغا گۆش ئەكىلىپ بېرىدۇ ، تىككۈچىلەر كىيىم تىكىدۇ ، ئۇستىلار ئۆي سېلىپ بېرىدۇ ، باج ، سېلىق ، خىيانەتچىلىك ئەدەپ كەتكەن . پارىخورلۇقتا بۇ ئامباللار ئىران شاھىدىن ئېشىپ چۈشكەن . مەن ئامباللارنىڭ دەۋانى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆرۈپ باقتىم . بىر قېتىم مېنىڭ ئېتىم سۇغارغىلى ئاپارغان يەردىن قېچىپ كېتىپ ، مانجۇلارنىڭ ئاتلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى . كېيىن ئات باشقىلارغا سېتىۋېتىلىپتۇ . ئەرز قىلغاندۇق ، ئامباللار ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇۋېلىشتى ، بۇ ئىشنى بىلىدىغان خەنزۇلار قورقۇپ ئاغزىنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى ، ئامباللار ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى . قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇدە ! مەن كاتتا ئابرويلۇق كىشىلەر مېھمانلارغا خىيانەت قىلمايدۇ ، دەپمۇ باقتىم . مانجۇلارنىڭ يوقالغان نەرسىنى تامبالنىڭ ئىچىگە تىقىۋالساڭمۇ بولىدۇ ، دېگەن ماقالىنى ، موڭغۇللارنىڭ بىر تۆگىنىڭ سۈيدۈكىگە مىڭ تۆگە تېيىلىپ كېتىدۇ ، دېگەندەك ماقالىلىرىنى ئىشلىتىپمۇ باقتىم ، بىراق بۇ گەپلەر كار قىلمىدى .
    ھەرقانداق ئېسىل ئادەمنىڭمۇ ناچار ئىللەتلىرى بولغانغا ئوخشاش ، جوڭگولۇقلاردىمۇ بۇزۇقچىلىق ئىشلىرى قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن . شەھەرلەردە ئادەمنى يولدىن چىقىرىدىغان سەتەڭلەر مىغىلداپ يۈرۈشىدۇ . ئاڭلىشىمىزچە بېيجىڭغا يېقىن بىر كىچىك شەھەرنىڭ بازىرىغا شۇنداق سەتەڭدىن ھەر يىللىق يەرمەنكىدە 700 سەتەڭ يىغىلارمىش . خۇاڭخې دەرياسىنى بويلاپ ماڭغان ئادەمگە مەخسۇس سېلىنغان سەتەڭلەر سارىيىدىن 10 چاقىرىمدا بىرى ئۇچراپ تۇرارمىش .
    29 – سېنتەبىر
    15 – سېنتەبىردىن باشلاپ ھاۋا سوۋۇپ ،غەربىي جەنۇبتىن توختىماي شامال چىقىپ ، كۈز پەسلىنىڭ ئالامەتلىرى رەسمىي كۆرۈلۈشكە باشلىدى . كېچىسى چىققان قاتتىق بوراننىڭ دەھشەتلىك ئاۋازى دەستىدىن تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق . غۇلجا ئەتراپىدىكى تاغلارغا قار چۈشۈپ بارلىق يېشىللىق قار ئاستىدا قالغاندى . مۇشۇ كۈنلەردە غۇلجىغا يېڭى كەلگەن كىشىلەر بەزگەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇۋاتاتتى . مېنىڭمۇ شۇنداق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمغا بىر ھەپتە بولغاندى . بۇ جەرياندا بىز ئىلى ۋە ساربۇلاق دەريالىرىنىڭ بويىغا بىر قېتىمدىن بېرىپ كەلگىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچ يەرگە بارمىدۇق . ئۇ يەرلەردە ياۋا ئۆردەكلەر بىلەن قىرغاۋۇل كۆپ بولسىمۇ ، ئۇ يەردىكى ئوۋ ئوۋلىشىمىزنىڭ تايىنى بولمىدى . ساربۇلاق دەرياسى قۇندۇزلارنىڭ ماكانى ئىكەن . مەن قۇندۇزلارنىڭ خۇددى چوشقا كۈچۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان باشلىرىنى سۇدىن چىقىرىپ يۈرگەنلىرىنى كۆردۈم .
    تۈنۈگۈن غۇلجىغا قىزاي قەبىلىسىدىكى قازاقلار كېلىپ سودا چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكىشتى . بۇ كۈنلەردە ماۋارە ئۇننەھىر ئەللىرىدىن سودا قىلغىلى كەلگەن سودىگەرلەر ئۆز چېدىرلىرىنى تىككەندى . بۇلار سودا چېدىرلىرى دەپ ئاتىلاتتى . بۇ چېدىرلارنىڭ ئىچىدىكى ماللارنىڭ خىلمۇ – خىللىقى ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىپ ، قەدىمقى گىرىتسىيىنىڭ سىرلىق خەزىنىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . بۇ يەردىكى ئالتۇن پۇل ئېلىپ يۈرىدىغان سودىگەرلەر ، مانجۇلار ئۈچۈن پايلاقچىلىق قىلىدىغانلار ھەم شۇ جەرياندا ئېپىنى تاپسا ئات ئوغرىلاپ كېتىدىغان كەسپىي ئوغرىلار ، ئىشقىلىپ ھەر خىل ، ھەر ياڭزا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى . قىزايلار كىگىز دېگەندەك نەرسىلەرنى مۇشۇ بازاردا جوڭگو ماللىرىغا ئالماشتۇراتتى . ئۇلار مانجۇ ھۆكۈمىتىگە ئولپان تاپشۇرىدىغان بولسا كېرەك . مانجۇلار قىزايلار ئەكەلگەن قويلار ئارىسىدىن ياخشىلىرىنى تاللاپ ئېلىۋالاتتى . مانجۇ خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ بۇ بىچارە قەۋملەر ھەر بىر ئۆتەڭدە بىر قوي سوۋغا بېرىپ كەلدۇق دەپ چۇقىرىشىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرىۋاتاتتى .
    8 – ئۆكتەبىر
    بىز ئۇزۇندىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان نەرسە – مەنچىڭ دۆلىتىنىڭ بىزگە تەييار قىلىپ بېرىدىغان ھۆججىتى ئاخىر پۈتۈپ چىقتى . گەرچە بۇ ھۆججەت ( كېلىشىم ) 11 گەز كەلگىدەك قەغەزگە بېسىلىپ 23 يېرىگە تامغا بېسىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بىزنى خوشال قىلغۇدەك مەزمۇنلار يوق ئىدى . جوڭگو قائىدىلىرى ياۋروپانىڭكىگە ئوخشىمىغىنىدەك ، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرىمۇ باشقىچە ئىدى . بۇنداق ئوخشىماسلىقلارنى دەل جايىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندى .
    10 – ئۆكتەبىر
    بۈگۈن مالغا نەرسە – كېرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئالبان قازاقلىرى كەلدى . ئۇلار 15 مالغا بىر مالنى ئايرىپ ھۆكۈمەت تەرەپكە سېلىق ھېسابىدا تاپشۇرغاندىن كېيىن ، قالغان ماللارنى قەشقەر ماتالىرىغا تېگىشتى ، ئاندىن بىز تەرەپكە كېلىپ بىزدىن چاي ئالغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىشتى .
    12 – ئۆكتەبىر
    بۈگۈن ئىشىم ئوڭغا تارتىپ خېلى ئوبدان نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم . بۇلار : يەكەندىن چىققان تاغ قاشتېشى ، خوتەن دەرياسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى ، كېرىيە تەرەپلەردىن تېپىلىدىغان ئالتۇنغا ئوخشايدىغان ئېسىل مەدەن ، يەكەندىكى تادىر تاغلىرىدىن يەنى تىبەت يولىدىن چىققان ساپ گۈڭگۈرت پارچىسى ، يەكەننىڭ جىگدە يىلىمى دېگەندەك ئەتىۋارلىق نەرسىلەر ئىدى . قاشتېشى پەقەت ئالتەشەھەردىنلا تېپىلىدۇ ، يەنە كېلىپ ئالتىشەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تېپىلىۋەرمەيدۇ ھەم بۇ نەرسە جوڭگودا ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ . ھۆكۈمەت يورۇڭقاش دەرياسىدىن شەخسلەرنىڭ قاشتېشى ئىزدىشىنى چەكلەيدۇ . دەريادىن تېپىلغان قاش تاشلىرىنى خەزىنىگە ئېلىۋالىدۇ . يەكەن شەھىرىدىن 230 لى ( 576 كىلومېتىر ) كېلىدىغان مىرجاي تېغىدا خىلمۇ – خىل مەدەن تاشلار چىقىدۇ . ئۇ يەردىكى ئادەملەر بۇ تاشلارنى پۈتۈن پېتى قېزىۋېلىش ئۇسۇلىنى تېخى بىلمەيدۇ . خوتەندە قاشتېشى خوتەن دەرياسىدىن تېپىلىدۇ . كۇچادىن گۈڭگۈرت ، نۆشۈدۇر دېگەنلەر چىقىدۇ . كۇچادا يەنە سېلىتىرامۇ بار . 1786 – يىلىدىكى مانجۇ خانى چىقارغان پەرمان بويىچە ئاقسۇ بىلەن ئۈچتۇرپاندىن تاغ گۈڭگۈرتى يۆتكەلگەن . يەكەن تەرەپتىن ھەر يىلى مانجۇ خان ئوردىسىغا نۇرغۇن مىقداردا قاشتېشى ئەۋەتىلگەندىن سىرت يەنە 10 مىڭ گىنا ( چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ) قاشتېشى ئەۋەتىلىدۇ . يورۇڭقاش ، قاراقاش دەريالىرىدىن ئېلىنىپ ئوردىغا ئەۋەتىلگەن قاشتاشلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن سانىنىمۇ ئالغىلى بولمايدۇ . شەخسلەرنىڭ مەدەن تاشلارنى ئېلىپ – سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ .

    بىر خەنزۇ سەيياھنىڭ « غەربىي يۇرتتا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم » دېگەن بىر كىتابى بولۇپ ، بۇ كىتابنى ن . يا . بىچۇرىن ئەپەندى « جۇڭغارىيە ۋە تۈركىستان » دېگەن نام بىلەن تەرجىمە قىلغان . بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى سۆز ئىشلىتىشكە دېگەندەك ئۇستا بولمىسىمۇ ، بىراق ئالتەشەھەرلىكلەرنىڭ خۇي – پەيلىنى خېلى توغرا يازغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيلگەن : « ئالتەشەھەرلىكلەر ئىلگىرىدىن تارتىپ گۇمانخور خەلق بولۇپ ، ھەممە گەپكە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى ئۆزلىرىمۇ يالغاننى قوشۇپ سۆزلەشكە ئامراق . سەن ئۇلارغا يۇمشاقلىق قىلساڭ ، سېنى بىزدىن قورقتى دەپ قارايدۇ ، قاتتىقلىق قىلساڭ يۇۋاشلاپ تۈگۈشۈپ كېتىدۇ . بۇ خەلقنىڭ دۆلەتمەنلىرى ئۆز ئىشلىرىغا پىششىق بولۇپ ، قول ئاستىدىكى بىچارە قېرىنداشلىرىنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمايدۇ . نامرات ، ئاجىز بىچارىلەرنى بوزەك قىلىدۇ . يۇرت چوڭلىرى بىر- بىرىنى چەتكە قېقىپ ، سېسىتىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇرتنى ئايىغى ئۈزۈلمەس تەپرىقىچىلىككە دۇچار قىلىدۇ » . « ئالتەشەھەرلىكلەرنىڭ دۇنيا قارىشى بەزىدە بۇددىستلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ . بۇددا ئىلمىدىمۇ ئەقىللىق كىشىلەر سېزىپ يېتەلەيدىغان ئەۋزەل قاراشلار بار ئىدى . بىراق ئالتەشەھەردىكى ئاخۇنلار شۇ قەدەر نادان بولۇپ ، ئادەمنى سۆيۈندۇرىدىغان ئىلغار قاراشلىق بىرەر ئۆلىمانى تاپماق تەس . ئۇ يەردىكى ئاخۇنلارنىڭ كۆپچىلىكى خەنزۇلارنىڭ بىر قىسىم نەپسانىيەتچى بۇددىستلىرىدەك بوزەك خەلقنى ئالداپ ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئازغىنە تاپقان – تەرگەنلىرىنى ئېلىۋېلىشنى كۆزلەپلا يۈرۈشىدۇ . بۇ يۇرتلاردا سوپى – ئىشان ، دەرۋىشلەر بىلەن لامالارنىڭ ئىناۋات تېپىپ كېتىشى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ » .
    « ئالتەشەھەرلىكلەر ئويۇن – تاماشىغا ئامراق كېلىدۇ ، ھاراق – شاراب ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلەر گەلىقى تۇتقان پادىشاھلىرىمىزدىن قېلىشمايدۇ . ئاقسۇلۇقلار باغرى يۇمشاق ، مۇلايىم خەلق ، ئەمما ئۇلارمۇ باشقا ئالتەشەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئۆزئارا دەتالاشلارغا ھېرىسمەن كېلىدۇ . يەكەنلىكلەر ئەزەلدىن يۇۋاش – يۇمشاق ۋە مانجۇ ھۆكۈمىتىگە ئىتائەتمەن خەلقتۇر . بىراق توي – تۆكۈن ، ئويۇن – تاماشا دېسە يۇۋاشلىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ جېنىنى بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئايال خەقلىرى ناخشا – ئۇسۇلغا ئۇستا ۋە تەڭداشسىزدۇر . ئۇلارنىڭ دارۋازلىقىنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ھەيران قالىسىز . يەكەنلىكلەر ھاۋايى – ھەۋىسى كۈچلۈك ، بايلىرى نامراتلىرىغا شەپقەت قىلمايدىغان بىر قەۋم . خوتەنلىكلەر چىرايلىق ، ئىنساب – دىيانەتلىك ، ئىشچان ۋە راستچىل خەلق . ئۇلار تېرىقچىلىق ۋە توقۇمۇچىلىق ئىشلىرىغا پىششىق كېلىدۇ . قەشقەردىكى ناخشىچى ، ئۇسسۇلچى ئاياللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ » .
    يۇقۇرىقى كىتابتا يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ، قەدىمدە شىمالدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاپ قالىدىغانلىقى ، شەرقدىن غەرەبكە سوزۇلغان بۇ دالىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈك كېلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن . بۇ تەرجىمە كىتابىدا يەنە قەشقەرلىكلەر ھىيلە – مىكىرغا ئۇستا خەلق . خوتەنلىكلەر ناخشا – ئۇسۇلغا ئامراق ھەم توقۇمۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . خوتەنلىكلەرنىڭ قەدىمدە پىلە قۇرتى بېقىشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەرمۇ بار دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ . بۇ رىۋايەتتە دېيىلىشىچە ، خوتەن پادىشاھى باشقا بىر ئەلنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىپتىمىش ، مەلىكە پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئېلىدىن بىر تال پىلە قۇرتىنى چېچىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ ئالغاچ كەلگەنمىش .
    غەربىي يۇرتنىڭ قىزلىرى ئەزەلدىن ناخشا – ئۇسسۇلدا كامالەتكە يەتكەن بولغاچقا ، ئۇلار قەدىمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىرىغىمۇ ياراپ قالغانكەن . ئۇيغۇرلارنى كېيىنكى زاماندىكى خەنزۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ھەقىقىي چەۋەندازلار دېيشكە بولىدۇ . 757 – يىلى تاڭ سۇلالىسىدا ئەن لۇشەن ئىسىملىك بىر لەشكەر بېشى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىدى . شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ خانى مۇيۇنچۇر تاڭ پادىشاھىغا ياردەملىشىپ ، قوشۇن تارتىپ بارغان . ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوماندانى گوزىيى بىلەن فېڭشياڭ دېگەن جايدا ئۇچراشقاندا ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە تېرىسىدىن ياسالغان بايرىقىغا تازىم قىلىشقا مەجبۇر قىلغان . ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈشكە 4000 كىشىلىك قوشۇن چىقىرىپ ، تاڭ شاھزادىسىگە ئىلتىپات كۆرسەتكەن . شۇ يىلى توپىلاڭچىلار تىنچىتىلغان . بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۆز ئىتتىپاقدىشى بولغان تاڭ ئېلىنى بۇلاپ – تالىغان . تاڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان . تاڭ شاھزادىسى ئۇيغۇرلارنى توسۇۋالالمىغان ، ئاھالىلەر 10 مىڭ توپ شايى يىغىش قىلىپ ، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە تارتۇق قىلغان . 758 –يىلى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلچىسى ئەرەب ئەلچىسى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشقان . ئىككى ئەلچى ئوردىغا كىرىشتىمۇ ئىككى ئىشىكتىن كىرگەن . ئۇيغۇر ئەلچىسى ئۆز ئېلىگە قايتىدىغان چاغدا تاڭ پادىشاھى ئۆز قىزى نىڭگو مەلىكىنى ئۇيغۇر خاقانىغا خوتۇنلۇققا بېرىپ قوشۇپ قويغان . پادىشاھ قىزىنى شيەنيەن دېگەن يەرگىچە ئۇزىتىپ قويغان . ئۇيغۇر خاقانى مەلىكە بىلەن بىللە كەلگەن يۈۋاڭ ( پادىشاھنىڭ تۇغقىنى ) نى بېشىغا قالپاق ، ئۇچىسىغا قىزىل تون كىيگەن ھالدا كىگىز ئۆيدە قوبۇل قىلغان . ئۇيغۇر خاقانى ئاسىيلارنى تازىلاش ئۈچۈن 3000 كىشىلىك قوشۇن چىقارغان . ئەمما بۇ قوشۇن يېڭىلىپ قالغان ، خاقان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار خانىشنىمۇ بىللە تىرىك كۆممەكچى بولغان ، ئەمما خانىش بىز خەنزۇلاردا بۇنداق ئادەت يوق ، دەپ نالە قىلغان . ئۇيغۇر خاقانى ئىدىكەن دەۋرىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسىگە يۈرۈش قىلىپ ، تالان – تاراج قىلغان دېيىلىدۇ . ئىدىكەن خاقان « دۈشمەننى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن » دەپ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باش بولۇپ ، ئۆزى جەڭگە چىققان . ئۇيغۇر خانلىقىدا تۇرۇۋاتقان يۈۋاڭنى قوغلىۋەتكەن . يۈۋاڭنىڭ ئىككى ئادىمىنى 100 كالتەكتىن ئۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن . ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي ئاستانىسىنى بېسىۋېلىپ ، 10 مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن . كىيىم – كېچەكسىز قالغان ئاھالە قەغەزلەرنى يېپىنچاقلىۋالغان . قىرغىزلاردىن جوڭگو تەرەپكە ئۆتكەنلىرى ئۇلارنىڭ كېرەي قەبىلىسى
      ئۇلار ماناس شەھىرىگە يېقىن بولغان قۇبدۇ دېگەن يەرلەرگىچە بېرىپ كۆچمە چارۋىچىلىق قىلىدۇ ھەم ئۇلار تۇرغاۋۇتلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە باشقۇرىلىدۇ . قازاق كېرەيلىرىنىڭ قەبىلە كېڭىشىگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ .
    ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، بۇ سودا چېدىرلىرىغا كەلگەن قەۋىملەر ئۆزلىرى ئەكەلگەن نەرسىلەرنى 14 – ئۆكتەبىرگىچە چايغا ئالماشتۇرۇپ بولۇشتى . ئۇلار 50 سوملۇق چايدىن 95 تاختا چاينى تېگىشىۋالدى . قەشقەرلىكلەر يۇڭ يىپ دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئالدى . غۇلجا ( كىچىك قۇم ) بىلەن قۇم ئارىلىقىدا مانجۇ قوشۇنلىرى ۋە ئىككى تۇڭگان كەنتى جايلاشقان ، داغۇرلار بىلەن سولۇنلارنىڭ تۆت كەنتى بار . شىۋەلەر ئىلى دەرياسىنىڭ سول تەرىپىدىكى تۆت شەھەرگە ئورۇنلاشقان . قۇمنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تۆت شەھەرنىڭ يېرىمىدا شىبە ، سولۇنلار بار . تارانچىلار تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە ماكانلاشقان . ئۇلارنىڭ ئىككى تارمىقى ساربۇلاققا ، ئۈچ تارمىقى ئاقسۇ ، چوڭ – كىچىك قورغاسلار ، چېج ، توشقان ، بارخانسۇ ، يەركەنت دېگەن جايلارغا تارقىلىپ ماكانلاشقان .
    ئۆسەك دەرياسى ئىككى تارماق ئېقىنغا بۆلىنىدۇ . ئۇنىڭ بىرى يەركەنتسۇ ، يەنە بىرى تۈرگەنسۇ . ئۆسەك دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپى قومۇشلۇق ۋە دەل – دەرەخسىز جايلار بولۇپ ، پەقەت چۆل ئۆسۈملۈكلىرىلا ئۆسىدۇ . بۇ يەرلەر قازاقلارنىڭ ئالبان قەبىلىسىنىڭ قىشلاقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

    « چوقان ۋەلىخانوف تاللانما ئەسەرلىرى » نىڭ 1986 – يىلىدىكى قازاقچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىندى . ( تەرجىمە قىلغۇچى مەمتىمىن ئۆمەر )

    مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2002 – يىللىق 1 – سان


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • man mu karataldin koldurma.blogbus.com ni kurup beking
  • ياخشىمۇ سىز سىز قاراتال ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۈمىد مۇئەللىممۇ؟ئۇسلۇبىڭىز ناھايتى كۆركەم ئىكەن،مەزمۇنلارمۇ بەك ياخشى
    koldurma.blogbus.comدىن
    ھونزادە 回复ئاقسۇ说:
    شۇنداق مەن شۇ،ئۇسلۇبنى دوسلىرىم ياساپ بەرگەن،ھە راسىت سىزنى تۇنۇيالمىدىمغۇ دوستۇم؟
    2011-02-07 10:26:07
  • [dAva:1]ئەسسالام، ھونزادە بۇرادەر ياخشىمۇسىز. 29-يانىۋاردىن باشلاپ نۆۋەتچىلىك قىلىمەن. ئۇسلۇبىڭىزنى شۇ ۋاقىتتا قاچىلايلى. سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن.
    ھونزادە 回复مۇئەللىم说:
    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم،سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم.
    2011-01-26 10:04:11

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر