كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-01-10

    غۇلجا خاتىرىلىرى (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    22 –ئاۋغۇست
    بۇ يۇرتتىكى نانلار بىزنىڭ نانلىرىمىزدىن ئاقىراق كېلىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى بۇ يەردىكىلەر بۇغداينى نەمدەپ بولغاندىن كېيىن ئۇن تارتىدۇ . ئەمما بۇنداق ئۇندا يېقىلغان نانلار ئاسان قۇرۇپ قېلىپ قېتىپ كېتىدۇ . بۇ يەردىكى خەنزۇ تۈگمەنلىرىگە ئات ، قېچىرلار قوشۇلىدۇ . بەزىدە سۇ تۈگمەنلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ ، ئەمما بىزلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ . بۇ يەرنىڭ خامانلىرىمۇ باشقىچە ، بۇ يەردىكىلەر خاماندا بۇغداي يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۆكۈز ياكى ئات قوشۇلغان چوڭ تاشلارنى ماڭغۇزىدۇ . ئىچكى ئۆلكىلەردە دېنىنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن ، بۇغداينىڭ باشاقلىرىنى ئايرىم قىرقىۋېلىپ ، سامانلىرىنى كېيىن ئورۇپ يىغىۋېلىپ ، ئۇنى ئۆي سالغاندا ئوگزىگە سالىدىكەن ياكى بورا ، قالپاق دېگەندەك نەرسىلەرنى توقۇيدىكەن .
    جوڭگو ( مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى ) ئۆزىنىڭ مۇقىم بولمىغان جەمئىيەت ئەھۋالى ، مەجۇسىيلىك ئاساسىدىكى پەلسەپىسى ۋە يەككە - يىگانىلىقى جەھەتتىمۇ ، ئاجىزلىقى ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى بوشاڭلىقى جەھەتتىمۇ قەدىمقى زاماندىكى ھالىدىن كېتىپ خاراپ بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان رىم ئىمپىرىيەسىگە بارغانسېرىئوخشاپ قېلىۋاتاتتى . ئەگەر سىز جوڭگو تارىخىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىپ باقسىڭىز ، بۇنداق ئوخشاشلىقنىڭ يەنە بارلىقىغا قاراپ ھەيران قالىسىز . تارىختا بەدەۋىيلەر خەنزۇلارغا كۆپ قېتىم تەھدىت سالغان . خەنزۇلار تاقابىل تۇرالماي ئاجىزلارغا خاس چارە – تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ، ياتلارغا قۇللۇق بىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ئىنساب تىلىگەن ھەم بۇ سوۋغا- سالام تارتۇق قىلىپ ، ئۇلاردىن ئىنساب تىلىگەن ھەم بۇ سوۋغا – سالاملارنى يات قەۋىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياردەملىرىنىڭ ئەجىر ھەققى دەپ قاراپ كەلگەن . خۇددى قەدىمقى رىم پادىشاھلىرى يات قەۋىملەرگە كېنەز نامىنى بەرگىنىدەك ، جوڭگو پادىشاھلىرىمۇ ئەتراپتىكى باشقا خەلقلەرگە ۋاڭ ، گۇڭ ناملىرىنى تارتۇق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئابرايپەرەسلىك ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە . يەنە كېلىپ بۇ پادىشاھلار سوۋغا – سالامغا قارىغاندىمۇ ئېغىرراق بىر خىل بەدەلنى تۆلەيدۇ . خۇددى تۈركىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئۆز قىزلىرىنى ئۆزى يېتىلەپ ئاپىرىپ يات قەۋىملەرگە سوۋغا قىلغىنىغا ئوخشاش ، جوڭگو پادىشاھلىرىمۇ ئۆز مەلىكىلىرىنى ئەتراپتىكى يات مىللەتلەرگە ياتلىق قىلغان . جوڭگودىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇنقەرز بولۇپ كەتمىگەنلىكىگە ھەيران قالماي تۇرالمايمىز . بۇ دۆلەتنى يات ئەللەر كۆپ قېتىم بېسىۋېلىپ ، تالان – تاراج قىلىپ كەلگەن . ئەمما ھەر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقتا پەقەت پادىشاھلا تەخىتتىن چۈشۈپ ، جوڭگودىن ئىباراەت بۇ ئەل بىر دۆلەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىۋەرگەن . بۇ دۆلەتنى بېسىۋالغان يات خەلقلەر خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئاخىرىدا خەنزۇلارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن . ئۇنداقتا شۇنچە مەدەنىيەتلىك دەپ ئاتالغان رىم ئىمپىرىيەسى نىمە ئۈچۈن سىرتتىن بېسىپ كىرگەن ياتلارنى ( ياۋايى خەلقلەرنى ) مەدەنىيەت جەھەتتىن بېقىندۇرالمىغان . رىم ئىمپىرىيەسى قەدىمدە مۇنقەرز بولدى . بۇتپەرەسلىكنى يىلتىزىدىن يوق قىلىۋەتكەن خىرىستىئانلار مۇنقەرز قىلىۋەتتى . رىملىقلار دىنسىزلار ئىدى . ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇلىرى ( پەيغەمبەرلىرى ) مۇ يوق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن قەدىمقى دۇنيادىكى بۇ قۇدرەتلىك ئەلنى يات خەلقلەر ئەمەس بەلكى خىرىستىئان دىنى مۇنقەرز قىلىۋەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ . جوڭگودا دىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندىكى نەرسە ئەمەس. ھەركىم خالىغان دىنغا كىرسە بولىۋېرىدۇ ، شۇڭا سىرىتتىن كىرگەن يات خەلقلەر خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ، خەنزۇلار بىلەن ئارازلىشىشقا سەۋەب تاپالمايدۇ ، يەنە كېلىپ خەنزۇلار ئۈستىدىن شىكايەت يۈرگۈزگەن يات خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ دىنغا ئانچە ئېىبار بېرىپ كەتمەيدىغان خەلقلەر ئىدى . رىم ئىمپىرىيەسىگە بېسىپ كىرگەن گېرمان قەبىلىلىرى بولسا خىرىستىئان دىنىنى يېڭىلا قوبۇل قىلغان بولغاچقا ، دىنىي قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ ، دىنسىز ھەم خۇدانىڭ ئاسىيسى ھېسابلىنىدىغان رىملىقلارغا چىش –تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىكەن . شۇڭا خىرىستىئان ئەقىدىلىرىگە پۈتۈنلەي يات بولغان رىمدىكى مەجۇسىيلىك ۋە باشقا ئەقىدىلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر ئىدى . رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گۈمران بولىشىغا گېرمانلار سەۋەبچى بولغان بولسا ، كيېىن كىرىست باريرىقى ئاستىدا جەم بولۇپ گۈللەنگەن گېرمانلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە يەنە ئۆزلىرى ئاساسلىق رول ئوينىدى . ئەگەر تارىختا خەنزۇلارنى مۇسۇلمانلار ياكى خىرىستىئان دىنىدىكى خەلقلەر بويسۇندۇرغان بولسا ، جوڭگو بەلكى مۇنقەرز بولۇپ كەتكەن بولاتتى ، ئۇ چاغدا جوڭگودا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى پۈتۈنلەي يوقالغان بولاتتى ياكى باشقىچە بىر ئېتىقاد بايرىقى ئاستىدا خەنزۇلا قايتا يېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ تەرەققىي قىلار ئىدى .
    23 – ئاۋغۇست
    بۈگۈن ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبەتنى ئېلىپ باردۇق . چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق .بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كەلگەن بەزى ئامباللار مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى . بىز تەرەپنىڭ كونسۇلىدا بېيجىڭدا سىزىلغان مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ خەرىتىسى بار ئىدى . بۇ ناھايىتى توغرا سىزىلغان بىر خەرىتە بولۇپ ، خەرىتىدىكى چوڭ دەريالار قارا كۆك رەڭدە ، كىچىك دەريالار يېشىل رەڭدە سىزىلغانىدى . تاغلارمۇ ئەگرى – بۈگرى بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەندى .جوڭگودىكى ئىككى مۇھىم دەريا ئاتالغان چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەندى . كونسۇلدا يەنە شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە ، تارباغاتاي ۋە ئالتىشەھەرلەرنىڭ ئاتلىسىمۇ بار ئىدى . خەرىتىدە جوڭگونىڭ غەربىي چېگرىسى بالقاش كۆلى بىلەن ئىسسىق كۆلگىچە ئۇلاشتۇرۇپ سىزىلغان ھەم بالقاش كۆلى تۆمۈرتۇنۇر ، ئىسسىق كۆل تۇز كۆل ، دەپ ئاتالغان . دېيۋىس ئەپەندى جوڭگو خەرىتىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ « جوڭگو خەرىتسى دەل سىزىلغان خەرىتە . ئەنگىلىيە باشقۇرۇشىدىكى ھندىستاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەرىتىلىرى ئارىسىدىن جوڭگو خەرىتىلىرىدەك توغرا سىزىلغان خەرىتە يوق دېيەرلىك » دېگەندى .
    بۇ يۇرتتىكى بۇددا دىنىنىڭ خۇتۇختا ( لاما دىنىدىكى بىر دىنىي ئەمەل دەرىجىسى ) دەرىجىلىك روھانىيسى خامبا دەپ ئاتىلىدۇ ۋە غۇلجىدىن 15 چاقىرىم نېرىدىكى بىر جايدا تۇرىدۇ . موڭغۇلىيە بىلەن تىبەتتە بۇددا دىنىنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ سانىغا قاراپ قويۇلغان 72 دەك خۇتۇختا بار ، ئۇلار دۇنياغا قايتا تۆرەلگەن مۇخلىسلار دەپ قارىلىدۇ . خۇتۇختا – يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن دېگەنلىك بولىدۇ . ئۇلار بۇددانىڭ ھوزۇرىغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر دېيىلىدۇ . خۇتۇختا بولغانلار بوم ئوقۇش ئۈچۈن تىبەتكە بارسا دالاي لاما ئۇلارنى ئالاھىدە كۈتىۋالىدۇ .
    25 – ئاۋغۇست
    تۈنۈگۈن مەن غۇلجا شەھىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەلدىم . بۇ يەردىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسى دىمىق بولغاچقا ئادەمنىڭ نەپسىنى  قىساتتى . شىنجاڭدا ئەڭ دەسلەپ يەنە مىلادىيىدىن ئىلگىرىىكى زامانلاردا زادى
      قانداق مىللەتلەرنىڭ ياشىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . قەدىمقى زامانلاردا ئۈچتۇرپان ، ئاقسۇ ، كۇچا ، ئۈرۈمچى ، پىچان ، خوتەن ، يەكەن ، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا پادىشاھلىرى بار بولغان شەھەر دۆلەتلىرى ئىدى . خەنزۇ مەنبەلىرىدە بايان قىلىنىشىچە ، بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاھالىلىرى بۇددا ئەقىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھەم بۇددا ئەقىدىلىرى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن نۇرغۇنلىغان راھىپلار خوتەنگە كېلىپ بۇددا ئىلمى بىلەن پەلسەپىسىنى ئۆگىنىپ قايتقان . بەزى ئالىملار بۇ شەھەر دۆلەتلىرىنى ھىندى نەسىلىدىكى ئاھالىلەر بەرپا قىلغان ھەم خوتەن دېگەن سۆز سانسىكىرىتچە قوستانا ( يەر كىندىكى ) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان ، دەپ قارايدۇ . بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىغا ئانچە ئىشەنگۈم كەلمىدى ، شۇنداقتىمۇ بۇ پكىرلەرنىڭ خېلى جېنى باردەك قىلىدۇ . ئۆزئارا قوشنا بولغانلىقى ئۈچۈن تىبەتلەرنىڭ تۇران تەرەپلەرگە ئۆتۈپ بۇددا دىنىنى تارقىتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى . ئالتىشەھەرلىكلەرنىڭ چىراي – شەكلى ھىندى ، پارسلارغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق تاجىكلارغا ئوخشايدۇ . تاجىكلار ئۆزلىرىنى ھازىر ياشاپ كېلىۋاتقان جايلاردا قەدىمقى زامانلاردىلا يەنى تۈركلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا ياشاپ كەلگەن ، دەپ قارايدۇ . قارامتۇل ، چوڭقۇر كۆز ، قاڭشارلىق ، ۋىجىكرەك كەلگەن ئالتىشەھەرلىكلەر تۈرك ۋە موڭغۇل ئىرقىدىكىلەرگە ئوخشىمايدۇ . بەزىلەر 11 – ئەسىرلەردە شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلارنى موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە دېيىشىدۇ . ئەينى چاغدا ماۋارە ئۇننەھىرگە كەلگەن موڭغۇللار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ موڭغۇل ئىرقىغا خاس چىراي – شەكىللىرى ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ . ئەگەر ئۇيغۇرلارنى موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە دېسەك ، ئۇ ھالدا ئۇلار ئاسانلا ئۆزگىرىپ ھازىرقىدەك باشقىچە بىر ئىرقتىك مىللەتكە ئۆزگىرىپ قالاتتىمۇ ؟ ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى ، پۈتكۈل ئالتە شەھەر خەلقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدۇ ( تاجىكلاردىن باشقا ) . شۇڭا « بۇ مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە يېتىش ناھايىتى تەس دېگەن گەپ . « گۇچچۇرۇ – داپچۇرۇ » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇددا دىنى قامۇسى بولۇپ ، ئۇ 520 جىلدتىن تۈزۈلگەن . قامۇستىك ئېلىپبەلىك مۇندەرىجىمۇ 20 جىلد كېلىدۇ . بۇنداق كىتابلار ھەرقانداق بىر لاما ئىبادەتخانىسىدا ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئەگەر موڭغۇللار يايلاق ئالمىشىپ كۆچۈشكە توغرا كەلسە ، پەقەت مۇشۇ قامۇسنى يۆتكەش ئۈچۈنمۇ 52 تۆگىگە ئارتىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ قامۇس كىتاب بارلىق دىنى ئەھكاملار ، ئەقىلەر ، پەلسەپە ، تارىخ ، تىل بىلىملىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ، يەنە ئۇنىڭدا سانسىكىرىتچە لۇغەتمۇ بار دېيىلىدۇ . مانجۇ پادىشاھى بۇ قامۇسنىڭ چىرايلىق تۈپلەنگەن بىر نۇسخىسىنى روسىيە ۋەكىللىرىگە سوۋغا قىلغانمىش . قالغان بىر قسمى ھازىر روسىيەگە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن .
    30 – ئاۋغۇست
    تۈنۈگۈن بىز خېلى داغدۇغۇلىق بىر مەرىكە ئۆتكۈزۈپ كوسۇلىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدۇق . بۇ مەرىكىمىز زېرىكىشلىك تۇرمۇشىمىزغا خوشاللىق ئەكىلىپ ھەممەيلەننى شاتلاندۇردى . مەرىكىدە خەنزۇلارنىڭ پوجاڭزىلىرىنى ئاتتۇق ۋە باشقا قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىدۇق .
    3 – سېنتەبىر
    بۈگۈن مانجۇلار ۋە خەزۇلار ئۈچۈنمۇ بىرەر خوشاللىق كۈن بولغاندەك قىلاتتى . سېپىل ئىچىدىن چىققان بۇرغا ئاۋازى بىلەن توپ – زەمبىرەكلەرنىڭ گۈلدەرلەشلىرى كېچىچە ئاڭلىنىپ تۇردى . پوجاڭزىلار ئېتىلىپ قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتتى . فۇشەنلۇن ئىسىملىك بىر سودىگەر ئاغىنەم ماڭا ياخشىلىق بەلگىسى سېلىپ پىشۇرۇلغان ئاي توقاچتىن ئەكىلىپ بەردى . مەن ئۇلارنىڭ ئۆرىپ – ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تەمىنى تېتىپ باقاي دەپ ، بىر تالنى ئاغزىمغا ئېلىۋىدىم ، چوشقا يېغىنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ چىقىپ تۇرغاچقا سەسكىنىپ كەتتىم .
    4 – سېنتەبىر
    بۈگۈن مانجۇلار دەريا بويىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ باردى . قولدايلار ئۆزلىرىنىڭ چېكىملىكلىرىنى چەككەچ چېدىرلاردا كۈزەتمەكتە ، ئەسكەرلەر ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلماقتا . ئۇلارنىڭ ئوقلىرى پەقەت زايا بولماي نىشانغا تەگمەكتە ، ئۇلار ئوقيا ئېتىشقا كارامەت ئۇستا ئىدى . ئەمما توپ ئېتىشقا ناباپراق ئىدى . قولداي دېگىنىمىز شتاب ئوفىتسېرى دېگەنلىك بولىدۇ . بۇ سۆز موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ ، پەقەت تەتقىقاتچىلارلا بىلىدىكەن . بۇ يۈەن سۇلالىسىدا ئىشلىتىلگەن سۆز بولۇپ ، رۇس شەجەرىلىرىدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ . ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرى خىزمەت نامى ياكى نام ئاتىقى بىلەن ئاتىلىدۇ . گېنېرالنى ئامبال ياكى دارېن دەيدۇ ، ئامبال دېگىنى مانجۇچە ، دارېن دېگىنى خەنزۇچە بولۇپ ، ھەر ئىككىسى چوڭ ئادەم دېگەنلىك بولىدۇ . يەنى رۇسلارنىڭ ۋېلمۇژا ( ئۇلۇغ ) دېگەن سۆزى بىلەن مەنىداش . يەنە چوڭراق ئوفىتسېرلار لويى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەر خىل ئەمەلدارلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرىپى ( فامىلىسى ) دىن كېيىن ، بۇ ناملىرىنى قوشۇپ ئاتايدۇ . مەسىلەن : تۇ دارېن ، كا دارېن ، سا قولداي ، كا قولداي ، بۇ قولداي دېگەندەك .
    بۇ ئەلدە رۇسلاردىكى « ئۇرا » دېگەن ئالقىش سۆزىنى خۈەندۇ دەيدۇ ياكى « ۋەنسۈي
     
    ( تۈمەنمىڭ يىل ياشىغايلا ) دەپمۇ ئاتايدۇ . جوڭگودا نۇرغۇن نەرسىلەر كەم بولسىمۇ ، بىراق بىزنىڭ ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار . جوڭگولۇقلار ئەمگەكچان ، ئۆزىنى پەس كۆرمەيدىغان ، راستچىل بولۇشتەك كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان مىجەزگە ئىگە . جوڭگودا بىرەر سۇلالە ئالماشسا ، كېيىنكى سۇلالە كىشىلىرى جەم بولۇپ ئالدىنقى سۇلالىنىڭ تارىخىنى يازىدۇ ، يازغاندىمۇ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ يازىدۇ . سوت ئىشلىرىنى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ . جوڭگودا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ئىقرار قىلمۇغۇچە سوت قىلىش ئاخىرلاشمايدۇ .
    6 – سېنتەبىر
    بۈگۈن باغلارنى سەيلە قىلدۇق . غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىر شەھەر ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم . بىراق بۇ شەھەرنىڭ ساربۇلاق دەرياسىنىڭ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان جايىغا جايلاشقانلىقىنى بىلمەيدىغانلار بولۇشى مۇمكىن . شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا تۆت چاقىرىم كېلىدۇ . شەھەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك زىمىنى قۇم تۇپراق ، قىيالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر ماتىرىيالىدا ، بىر تاتارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ، غۇلجىنىڭ ئۆيلىرى بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان تاملار بىلەن قورشالغان ياغاچ ئۆيلەر دېيىلگەن بولسىمۇ ، بۇ شەھەردە ياغاچ ئۆيلەر يوق ھەم بىر قىسىم بامبۇك كەپىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ياغاچ ئۆيلەر توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق . غۇلجىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى قومۇش ياكى سامانلار بىلەن يېپىلىپ ، ئۈستى لاي بىلەن سۇۋاپ ئىشلىنىدۇ . پەقەت چوڭراق ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۈستىلا كاھىش بىلەن يېپىلىدۇ .
    غۇلجىدا 70 مىڭچە ئادەم بار دېيىلىدۇ . شەھەر سىرتىدىكىلەر بۇنىڭغا كىرمەيدۇ . شۇڭا غۇلجىدىكى قەبرىلەرنىڭ سانى ئۆينىڭ سانىدىن كۆپ بولسا كۆپكى ھەرگىز ئاز ئەمەس . شەھەردە 8000 چە ئەسكەر بار .
    8 – سېنتەبىر
    خەنزۇلار بىزگە نەرسە – كېرەكلەرنى ساتماقچى بولسا كۆپتۈرۈپ ، ھەتتا بۇ پادىشاھىمىز ياقتۇرىدىغان نەرسە ، دەپ ساتىدۇ . ئۇلار بىزنى ھېچ ئىش ئۇقمايدىغان بەدەۋىلەر دەپ قارىغاچقا ، بىزنى پادىشاھقا ئىخلاس قىلمايدىغانلار ، دەپ كەمسىتىدۇ . ئۇلار بىر چىنە ساتماقچى  بولسىمۇ ، بىزگە بۇنى ئاپىرىپ رۇس پادىشاھىغا سوۋغا قىلغايسىلەر دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
    10 – سېنتەبىر
    بىز بۈگۈن كۆڭۈل ئېچى كېلەيلى دەپ شەھەر سىرتىدىكى باغلارنى چۆگىلەپ كەلدۇق . غۇلجا شەھىرىنىڭ پەيزىنى ئىلى دەرياسى بويىدا ئەمەس ، بەلكى ساربۇلاق دەرياسىنىڭ بويىدا سۈرگىلى بولىدۇ .
    12 – سېنتەبىر
    بۈگۈن سودىگەر ئاغىنىمىز فۇچەنلۇن بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى .
    13 – سېنتەبىر

    بۈگۈن سودا بازىرىدىكى ھەممە ئادەملىرىمىزنى بىللە ئېلىپ ئىلى دەرياسى بويىغا باردۇق چۈنكى بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزنى يەرمەنكەن قىلىپ ساتاتتۇق . بىز دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ساپ مۇھىتتىن ياخشى ھاۋالىنىپ كەلدۇق . يەرمەنكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بوران چىقىپ ، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى
      دېمىسىمۇ كۈز پەسلى يېتىپ كەلمەكتە ئىدى . بۇ يەرنىڭ ياز پەسلى ئىسسىق بولغىنى بىلەن قىش پەسلىدە بىز تەرەپتىكىدەك قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ . قاتتىق سوغۇق بولغاندىمۇ نۆلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر