كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-19

    ما جۇڭيىڭ، يولۋاسقا مەجبۇرىي ئەسكەر بولغان چاغلىرىم - [ئۇيغۇر تارىخى]

     ھاجى ئىساق مېرى

    مەن 1915 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى غولئېرىق كەنتىدە تۇغۇلدۇم. ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا يۇرتۇمدا دىنىي تەربىيە ئالدىم.

    ئەجدادىمنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى بولۇپ، قۇمۇلدىكى تۇنجى بوۋام ئىسلام ئاخۇن 1677- يىلى 2 - ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇننى ئېلىپ يەكەندىن قۇمۇلغا كېلىپ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ1697 - يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان ئوردىسىدا ئاخۇنلۇق قىلغان، ئىسلام ئاخۇن بوۋىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇن ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. بىز 7 ئوغۇل، 4 قىز بولۇپ، 11 بالا ئىدۇق. 1931 - يىلى 3 - ئايدا قۇمۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ - كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابى پارتلىدى. بۇ چاغدا مەن مەكتەپتە( موللىدا) ئوقۇۋاتاتتىم. دېھقانلار ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەن خەلق قۇمۇل تاغلىرىغا، ياقا يۇرتلارغا قېچىشقا باشلىدى. بىزمۇ ئاراتامغا قېچىپ چىقتۇق.

    تاغدىن قايتىپ كېلىپ 2 يىلدىن كېيىن(1933 - يىل ياز ئايلىرى) بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئايلىرئاپام ماڭا: سەن بازاردا بىزنىڭكىدە تۇرۇپ، مېۋە- چېۋە ساتساڭ بولمامدۇ؟- دېگەن تەكلىپنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن بازارغا كىرىپ، ئايلىرئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. 1933 - يىل 01 - ئاينىڭ بىر كۈنى بازاردا تىجارەتچىلەر «تۇڭگانلار كەپتۇ!» دېيىشتى. مەن، تۇڭگانلار نەدىن كەلگەندۇ؟ دەپ ئويلىدىم. مەن بازاردا كىشىلەرگە ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ چاھارباغقا چىقسام، دېگەندەك تۇڭگانلار كېلىۋېتىپتۇ، قارىساق تۆگىلەر ۋە ئەسكەرلەر كېلىۋېتىپتۇ، ئۇلار تاراتىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلار ئىكەن. ئۇلار تۆگىلەرگە ئارتقان يۈكلەرگە قوڭغۇراق ئېسىپ قويغاندەك قىلاتتى، يېقىن كەلگەندە قارىساق قوڭغۇراق ئەمەس ئادەمنىڭ بېشى ئىكەن. بىرى سىدىق تۈەنجاڭ« مارجان» يەنە بىرى مۇتىئى ئاخۇننىڭ ئۇكىسى ياسىن ليەنجاڭنىڭ بېشى ئىكەن. تۇڭگانلار باستۇرۇپ چىققاندا قۇربان دورغا ئاران دېگەندە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاتلىق قېچىپ كېتىپتۇ. تۇڭگانلار بازارغا كېلىپ توختى دورغىنىڭ سارىيىغا چۈشتى ۋە سىدىق تۈەنجاڭ بىلەن ياسىن ليەنجاڭنىڭ بېشىنى سۇپىغا تاشلاپ قويدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر دەڭ بار بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ تۇڭگانلار چۈشكەنىدى.

    ئەتىسى بىزنىڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئۇرۇلۇپ، ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن، ئۇلار ئىشىكنى ئاچ، دەۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، بېرىپ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ئۇلار ھويلىغا كىردى. مەن ئايلىرئاپامنى چاقىرىپ چىقتىم، ئۇ، نېمىشقا سىرتقا چىقىسەن؟! دەپ ماڭا ئاچچىقلىدى. تۇڭگانلار يەنە ئۆينىڭ ئىشىكىنىمۇ ئۇرۇپ، ئادەم بارمۇ؟! دەپ ۋاقىراشتى، مەن بۇ ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بەردىم ۋە بۇ ئۆيدە قاسساپلار بار، دېدىم. قاسساپلار، بىز قېرى تۇرساق، بىزنى نېمە قىلىسىلەر؟ دېدى. تۇڭگانلار ئايلىرئاپامنىڭ يولدىشى ئىبراھىم باي ئاكام ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭغا، تۇر ئورنۇڭدىن! تالاغا ماڭ! دەپ ۋارقىراشتى. ئۇ كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. ئۇ تۇڭگانلارغا «مەن كېسەل تۇرسام، مېنى نېمە قىلىسىلەر؟» دېدى. تۇڭگانلار گەپكە ئىشەنمەي، كېسەل بولساڭ ئاغزىڭنى ئاچ! دېدى. تۇڭگانلار ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. بۇ چاغدا ئايلىرئاپام تۇڭگانلارنىڭ ئەسكەرلىككە ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مېنى دەرھال سىرتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقىپ، چوڭ بىر ساندۇقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى ۋە «شەپە چىقارماي جىم يات!» دېدى. مەن ساندۇقنىڭ ئىچىدە يېتىپ، سىرتتىكى «تاراق- تۇرۇق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ساندۇقنىڭ ئاغزىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قارىشىمغا، بىر تۇڭگان ئەسكەر كېلىپ «زۇ!» دەپ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ئايلىرئاپام ماڭا قاراپ، ھەي، ھەي ... كىچىك بالا دېگەننى قارىمامدىغان، مۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ، نېمە دەپ ساندۇقتىن چىقىسەن؟... ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دېگىنىچە ھويلىدا قالدى. كوچا ئادەملەرگە تولۇپ كېتىپتۇ، مېنى شۇ ئادەملەرگە قوشۇپ قويدى. تۇڭگانلار بىزنى ھەيدەپ يۇقىرىقى مەسچىت( ھازىرقى تۆت كوچىنىڭ غەربىي تەرىپى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەسچىت) نىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. مەسچىت ئالدىدا پەقەت كېرەم ئىمام( قۇمۇل شەھىرى ئارائاقيەر مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم مائارىپچى، مەرھۇم نۇرئەخمەتخان مۇئەللىمنىڭ دادىسى) يالغۇز ئىكەن. ئۇ، مەسچىتتە پەقەت مەنلا قالدىم، مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىنى تۇڭگانلار ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتتى، خۇدا ئامانلىق بەرسۇن، دەپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ. تۇڭگانلار بىزنى باۋۇدۇن دېڭىگە ھەيدەپ بېرىپ سولاپ قويدى.

     ئەتىسى ئاپام جاننارى ئاپپاق مېنىڭ خەۋىرىمنى ئاڭلاپ يىغا- زارە قىلىپ بازارغا كىرىپتۇ. تۇڭگانلار بىزنىڭ دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدىن قۇربان دۇئا( قۇربان باي)، زىكىريا ئەشمىيا( زىكياخۇن)، سېيىت ئاداش( سېيىت تۆمۈر)... لەرنىمۇ تۇتۇپ كەپتۇ. ئەتىسى كېچىدە تۇڭگانلار بىزنى داۋانچىڭغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇ چاغدا خاڭگۇڭدىكى داتۇ بايلار يۈزلۈك ئادەملەر ئىدى. 2- ئاكام ئابدۇخالىق ئاخۇنۇم ئىسمائىل داتۇغا ئەھۋالنى ئېيتقانىكەن، ئۇ: بۇ ئىش چاتاق بوپتۇ، ئۇكىلىرى قانچە ياشقا كىرگەن؟ دەپ سوراپتۇ، ئاكام:16 ياشقا كىرگەن، دەپتۇ( ئەمەلىيەتتە مەن 18 ياش ئىدىم، ئاكام مېنى قۇتۇلۇپ قالارمىكىن دەپ، 16 ياش دەپتىكەن)، «تۇڭگانلار نېمە ئالسا مەن بېرەي، ئۇكامنى قويۇپ بەرگەن بولسا» دەپتۇ ئاكام. ئىسمائىل داتۇ ئاكامغا: − ئىككى ئات تەييارلىسىلا، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكام 5 - ئاكام ئابدۇللا ئاخۇننىڭ بايتىلىنى مىنىپ، يەنە بىر ئاتنى يېتىلەپ، بىز بىلەن بىللە مېڭىپ، سۇمقاغىغىچە بېرىپ باقاي، ئۇ يەردە ئۇكامنى قويۇپ بەرسە ئەجەب ئەمەس، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق سومقاغىدا مېنى قويۇپ بەرمىدى. تۇغىچىغا بارغاندا ئىسمائىل داتۇ ئاكامغا، ئۇكىلىرىنى تۇڭگانلار كۆرگىدەك، دەپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ باشلىقى: − ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار! دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ باشلىقنىڭ يېنىغا كىردىم، يېشى كىچىكلەردىن يالغۇز مەنلا بولغان بولسام قويۇپ بېرەر ئىكەن، بىراق بىز ئىككى بولۇپ قالدۇق، چاچتۆمنىياز دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى سۇلايمانمۇ 16 ياش ئىكەن. تۇڭگان باشلىق ئىسمائىل داتۇغا: − يېشى كىچىكلەر بىرلا بولغان بولسا قويۇپ بەرسەك بولاتتى، بىراق ھازىر ئىككى بولۇپ قالدى، بىرىنى قويۇپ بېرىپ، بىرىنى ئېلىپ قالساق بولمايدۇ، شۇڭا بۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ مېنى قويۇپ بەرمىدى. ئاكام يەنە بىزگە ئەگىشىپ جىگدىگىچە باردى، بۇ يەردە دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللىلىك مۇختەر ئاخۇنۇم( دورغا موللاخۇن) بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى تۆمۈر نىياز يولۋاسنىڭ قول ئاستىدا تۈەنجاڭ بولۇپ، يولۋاسنىڭ يېنىدا ئىدى. يولۋاس ئۇ چاغدا تۇرپاننىڭ مۇداپىئە قوماندانى ئىدى. ئاكام مۇختەر ئاخۇنۇمغا: − ئاداش، تۇڭگانلار ئۇكامنى قويۇپ بەرمىدى، تۇرپانغا بارغاندا ئاكىلىرىغا دېسىلە، ئۇكامنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولارمىكىن، دەپ ئامانەت قىلىپ، قولىغا پۇل بەردى. مۇختەر ئاخۇنۇم: − بولىدۇ، تۇرپانغا بارغاندا ئۇكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاكامغا دەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولار ... دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكام مەن بىلەن خوشلىشىپ قايتتى.ئاكام كەتكەندىن كېيىن بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. قىش كۈنلىرى بولغاچقا، ئۇسساپ كەتسەك يول بويىدىكى قارنى يېدۇق. بىز شىڭچىڭزى دېگەن يەردىن ئۆتۈپ يۈەنجۈن دېگەن يەرگە كەلگەندە، مەن ئاغرىپ قالدىم ۋە ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. يېنىمدا قۇربانباي ئاكا بار ئىدى، ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. بولمىغاندا ئەھۋالنى تۇڭگانلار باشلىقىغا ئېيتىۋىدى، مېنى زاغرىنان قاچىلاپ ماڭغان ھارۋىغا سېلىپ قويدى. بىز ۋە تۇڭگان ئەسكەرلەر داۋاملىق يول يۈرۈپ پىچان ئارقىلىق لۈكچۈنگە بېرىپ بىر كېچە قوندۇق. ئارىمىزدا قۇمۇل شەھەرئىچىلىك نىياز ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى، ئۇ كېچىدە ھاجەتكە چىقىپ قاچماقچى بولۇپ، ھاجەتخانىنىڭ تېمىدىن سىرتقا ئارتىلغاندا، پوستا تۇرغان قاراۋۇللار كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى تۇتىۋاپتۇ ۋە ئېتىۋەتمەكچى بولغاندا لۈكچۈنلۈك كىشىلەر تۇڭگان باشلىقىدىن ئۇنى تىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز قۇتۇلۇپ قالدى. ئەتىسى بىز لۈكچۈندىن يولغا چىقىپ تۇرپان ئاستانىغا بېرىپ، مەخمۇت سىجاڭنىڭ قورۇسىغا چۈشتۇق. مەن يەنىلا ماڭالمايتتىم. ئەتىسى بىز ئاستانىدىن تۇرپان بازىرىغا باردۇق. مۇختەر ئاخۇنۇملار بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرپانغا كەتكەنىدى. تۇرپان شەھىرىدە ما جۇڭيىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. بىز تۇرپان شەھىرىدە بىر كېچە قوندۇق، ئەتىسى ما جۇڭيىڭ بىزنى داۋانچىڭغا ئېلىپ ماڭدى. مۇختەر ئاخۇنۇم مېنى تۇڭگانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى. داۋانچىڭغا بارغاندىن كېيىن مەن ھاساتاياق بىلەن ماڭىدىغان بولدۇم. داۋانچىڭدا بىز قۇمۇلدىن چىققانلارغا مىلتىق ۋە ھەربىي فورما تارقىتىپ بەردى. تۇڭگان باشلىق ماڭا قاراپ: ئۇ كېسەل ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا قورال ۋە ھەربىي فورما بېرىلمىدى. ھەربىي فورما بۆز رەخت بولۇپ، قومۇچنىڭ پۆپىكىدە بويالغانىكەن.

    بىز داۋانچىڭدا 7 كۈن تۇردۇق. بىر كۈنى جەڭ قائىدىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بىزنى بىر سايغا باشلاپ باردى. ئاتلىقلار غەربتە، پىيادىلەر شەرقتە تۇردۇق. بىردەمدىن كېيىن كاناي چېلىندى. بىزمۇ، ئاتلىقلارمۇ يۈگۈردۇق، ئۈستىمىزدىن ئوقلار ۋىژىلداپ ئۆتۈۋاتاتتى. بىر ۋاقىتتا ما جۇڭيىڭ كېلىپ: بۇنى مانېۋىر دەيمىز، ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، دېدى. مانىۋېردىن كېيىن تۇرالغۇمىزغا قايتىپ كەلدۇق. كېچە بىر چاغدا، «ئەسكەرلەر يولغا چىقسۇن!» دەپ بۇيرۇق كەلدى. بىز كېچىچە يول يۈرۈپ سايئوپاغا كەلدۇق. بۇ يەردە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش ئورىكى كولاپ ئۇرۇشقا تەييارلاندۇق. مەن يەنىلا ماڭالمايتتىم. بىر چاغدا يىراقتىن زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەمما ئادەم كۆرۈنمەيتتى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە بىز يەنە بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدۇق، مەن داۋانچىڭغا قايتىدىغان ئوخشايمىز، دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇ يەردە نەرسە - كېرەكلىرىمىز قالغانىدى. بىزنى داۋانچىڭغا باشلاپ بارماي، بىر داۋانغا ئېلىپ كەلدى. ئاتلىق ئەسكەرلەر بىزدىن بۇرۇن داۋانغا چىقىپ بولغانىكەن. داۋانغا چىققاندىن كېيىن ئاتلىق ئەسكەرلەر بىزنى توختىتىپ: ئەمدى ماڭمايمىز! مۇشۇ يەردە دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز! دېدى. بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: مەن كېسەل، دېۋىدىم، ئۇلار ماڭا: − ئاغزىڭنى ئاچ! دېدى. ئۇلار ئاغزىمغا قاراپ − راست كېسەل ئىكەن... دەپ مېنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، كەينىمدىن بىر گاچا بالا كېلىپ ئىشارەت قىلدى، تۇڭگانلار ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچتۇرۇپ كۆرۈپ: − بۇ كېسەل ئەمەسكەن، دەپ ئۇنى ئۆتكۈزمىدى. مەن داۋاندىن پەسكە چۈشۈپ قارىسام بىر كەپە بار ئىكەن. كەپىدە بىر قازان، قازاندا شوۋاگۈرۈچ بار ئىكەن. مەندىن بۇرۇن كەپىگە كىرگەنلەر ئۇنىڭدىن ئىچىشىپتۇ، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەچكە مەنمۇ بىر قاچا ئىچتىم ۋە بۇ يەردە تۇرمايلا ئۇرۇش بولغۇچە باشقىلار بىلەن بىللە يولغا چىقتۇق. تۇزكۆلگە يېقىن قالغاندا ئاسماندا ئايروپىلانلار پەيدا بولۇپ بىزگە بومبا تاشلىدى، بىز قېچىپ تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدۇق. ئايروپىلانلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىز يەنە مېڭىپ تۇزكۆلگە كەلدۇق. بىر يەردىن ئىس چىقىۋاتاتتى، مەن بىرەرسى ئۇ يەردە چاي قاينىتىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ شۇ يەرگە بارسام، بايىقى ئايروپىلانلارنىڭ بومبىسى بۇ يەردە پارتلاپ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ مەن تېخىمۇ قورقۇپ تۇرپان تەرەپكە مېڭىشقا پېتىنالماي، كىشىلەرگە ئەگىشىپ توقسۇن تەرەپكە ماڭدىم. بىر چاغدا يېنىمىزدىن ئاتلىقلار ئۆتۈپ كەتتى. يېنىمدا تونۇشلار يوق ئىدى. بىر چاغدا كەينى تەرەپتىن «گار – گار» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ماشىنىمىكىن دەپ كەينىمگە قارىسام تانكا ئىكەن، ئىچىدە ما جۇڭيىڭ بار ئىكەن، ئۇ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىزگە قاراپ قويۇپ توقسۇن تەرەپكە كەتتى. كۆپ يول يۈرۈپ چارچاپ كەتكەچكە، بەزىدە مېڭىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشىمەن، بەزىدە ئۇخلاپ قېلىپ، سوغۇقتىن ئويغىنىپ كېتىپ يەنە يول يۈردۈم. ئەتىسى كۈن چىققاندا توقسۇنغا يېقىنلاشتۇق، بۇ چاغدا تۇڭگانلار يەنە مېنى توسۇۋالدى، مەن ئۇلارغا كېسەللىكىمنى ئېيتسام، ئۇلار يەنە ئاغزىمنى ئاچقۇزۇپ كۆرۈپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. مەن بىر تاياقنى ھاسا قىلىۋالغانىدىم، ھاسىغا تايىنىپ يۈرۈپ توقسۇنغا كەلدىم، بىر مەھەللىنىڭ بېشىدا چوڭ بىر خامان، خامان ئەتراپىدا ئۆيلەر بار ئىكەن، خامان يېنىدا لىق نان قاچىلانغان بىر ھارۋا تۇرۇپتۇ، مەن ھارۋىكەشتىن: − بۇ ئۆيلەردىكى ئادەملەر ئۇيغۇرمۇ، خەنزۇمۇ؟ دەپ سورىسام: − ئۇيغۇر، كىرسىڭىز بولىدۇ، دېدى. مەن بىر ئۆيگە كىرسەم بىر بوۋاي بار ئىكەن. مەن بوۋاي بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ قۇمۇلدىن كەلگەنلىكىمنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمنى بوۋايغا سۆزلەپ بەردىم. بوۋاي مېنى ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، گەرچە ئۇچامدا ھەربىي كىيىم بولمىسىمۇ، تۇڭگانلارنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىپ ئېتىپ تاشلىشىدىن قورقۇپ، بوۋايغا مېنى يوشۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. بوۋاي: − تالادىكى يوغان خاماندا بىر قانچە دۆۋە سامان بار، سىز سامان ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىڭ، دېدى. مەن بوۋاينىڭ دېگىنى بويىچە خامانغا چىقىپ بىر دۆۋە ساماننىڭ ئىچىگە چۈشتە كىرىۋالغان پېتى نامازدىگەرگىچە ياتتىم. خامان يېنىدىكى يولدا گۈلدۈر - گۈلدۈر قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر چاغدا بوۋاينىڭ نەۋرىسى سامانلىققا كېلىپ: − قۇمۇللۇق، ھەي قۇمۇللۇق! دەپ چاقىردى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ: − نېمە بولدى، دېسەم، ئۇ: − بوۋام سىزنى چاقىرىدۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭدىن: − تۇڭگانلار كەتتىمۇ، دەپ سورىسام، ئۇ: − كەتتى! رۇسلار بىلەن خەنزۇ ئەسكەرلەر تۇڭگانلارنى قوغلاپ كەتتى! دېدى. مەن سامانلىقتىن چىقىپ، ئۆيگە كىرسەم، بوۋاي: − قورقماڭ، ھەممىسى كەتتى، دەپ مېنى خاتىرجەم قىلدى. مەن بوۋاينىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقماقچى بولۇپ كوچىغا چىقىپ، قۇمۇللۇق بىرسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. − سەن بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: − مەنمۇ بۇ يەرگە تۇڭگانلار بىلەن بىللە كېلىپ، بىر ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ قۇتۇلۇپ قالدىم، دېدى. بىر ئازدىن كېيىن ئىككىمىزگە قۇمۇل لەڭگەرلىك سالى ئاكا( يولداش ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىر قۇمۇلدا ھايات) ئۇچراپ قالدى، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش قۇتۇلۇپ قاپتۇ. كوچىدا يۈرۈپ قۇمۇل پالۋانتۇرلۇق پەزۇل ئاخۇن قاتارلىق بىرنەچچەيلەن سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، 8 ~ 10دەك ئادەم بولۇپ قالدۇق. بىز توقسۇن بازىرىغا قاراپ مېڭىپ بازارغا ئاز قالغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى. ئامالسىز ئەتراپتىكى بىر ئۆيدە قونۇپ ئەتىسى تۇرپانغا يولغا چىقتۇق. تۇرپان شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا بىزگە 3 ئاتلىق ئادەم ئۇچرىدى. بىز ئۇلاردىن تۇرپان شەھىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىساق، ئۇلار تۇرپان شەھىرىنى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە تۇرپانغا كىرمەسلىكىمىز توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.

    شۇنىڭ بىلەن بىز شەھەر ئىچىگە كىرمەي، تۇرپان ئاستانىغا بېرىپ، قورساقلىرىمىزنى تويغۇزۇۋېلىپ، يولىمىزغا ماڭدۇق. بىز تۇيۇق غوجامغا كەلسەك، ئادەملەر ئۈزۈم ئېچىۋاتقانىكەن. ئۇلار بىزگە: − ئۈزۈم ئېچىشقا ياردەملەشسەڭلار پۇل بېرىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەندىن باشقىلار ئۈزۈم ئاچقىلى كەتتى، سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەن بىر جايدا ئولتۇردۇم. بىر چاغدا بىر ئادەم كېلىپ مەندىن: − ھۈنىرىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: − موزدوزلىقتىن بىر ئاز خەۋىرىم بار، خۇرۇمنى كېسەلمەيمەن، بىراق كېسىپ بەرگەننى تىكەلەيمەن، دېدىم. ئۇ ئادەم ماڭا: − ئۇنداق بولسا بىزگە ياردەملىشىڭ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن موزدوزغا 7 كۈن ئىشلەپ بېرىپ، 7 سوم پۇل تاپتىم. 01 كۈنچە بولغاندا ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن يەنە يولغا چىقتۇق. كىشىلەردىن تۇيۇقتا قۇمۇل ۋاڭنىڭ كارىزى بارلىقىنى ئاڭلاپ «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كارىزى بولغاندىن كېيىن، بىزگە ئىگىدارچىلىق قىلامدىكىن» دېگەن ئۈمىدتە كارىزغا كەلسەك، بۇ يەردىكىلەرنىڭ بىزگە ئىگە بولغۇدەك ھالى يوق ئىكەن. بىز بۇ يەردىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈپ لەمجىنگە باردۇق ۋە مەسلىھەتلىشىپ ھەممىمىز ئۆي - ئۆيلەرگە تارقىلىپ يېمەكلىك تەييارلىدۇق. لەمجىندىن خاندوغا بارغىچە خالتىلىرىمىزنى نانغا توشقۇزدۇق. بىز خاندودا مەھەللىدىكى بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كەلسەك، بىر نەچچە ئايال نان يېقىۋاتقانىكەن، بىز ئۆي ئىگىلىرىگە ئەھۋالىمىزنى ئېيتىپ، قوساقلىرىمىزنى توقلىغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. ئەتىياز بولغاچقا، كېچىسى ھاۋا سوغۇق ئىدى. بىز تونۇرنىڭ ئوتىدا ئىسسىنىپ ئولتۇردۇق، توڭلىساق تونۇرغا چۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئىسسىنىپ تاڭ ئاتقۇزدۇق. تاڭ يورىغاندىن كېيىن پىچانغا قاراپ ماڭدۇق. پىچانغا كېلىپ بىر بوۋاينىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، ئاندىن بازارغا كىردۇق. بازاردا ما جۇڭيىڭنى قوغلاپ پىچاندا تۇرۇپ قالغان شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن كەينىمىزگە قايتىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقتىمغا باردۇق. سالى ئاكا: − ئالدىمىزدا غازى ئاقساقالنىڭ كارىزى بار، شۇ يەردىن قۇمۇلغا كىرىپ كېتىمىز، دېدى ۋە بىزنى كەچكە يېقىن شۇ كارىزغا باشلاپ كەلدى. كارىزدا بىرلا ئائىلە بار ئىكەن، بىز ھويلىغا كىرسەك بۇ يەردە بىزدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن، بىزگە ئوخشاش قۇمۇللۇق بالىلار بار ئىكەن. بىز بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى سالى ئاكىنىڭ يولباشچىلىقىدا قۇمۇلغا قاراپ ماڭدۇق. كەچتە قوشقا يېتىپ كېلىپ، ئارام ئېلىپ، يېرىم كېچە بولغاندا يەنە يولغا چىقتۇق. كۈندۈزى ئوتتۇراگەمە دېگەن يەرگە كېلىپ دەم ئالدۇق. بىز مۇشۇ تەرىقىدە ئۇدا ئۈچ كېچە- كۈندۈز يول ماڭغاندىن كېيىن قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە يېزىسى لاپچۇق كەنتىنىڭ قارىسىنى كۆردۇق. تۇرا دېگەن يەردىن ئۆتۈپ بىر ئازدىن كېيىن ئىككى ئات يېتىلىۋالغان بىر ئادەمنىڭ بىز تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئادەم بىزگە يېقىنلاشتى، قارىسام 6 - ئاكام ئىمىن ئاخۇن ئىكەن، ئۇ بىر ئاتنى مىنىپ 5 - ئاكام ئابدۇللا ئاخۇننىڭ بىر ئېتىنى يېتىلەپ كەلگەنىكەن. ئاكام ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق. ئاپام بىزدىن ئىلگىرى قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەن بالىلاردىن بىزنىڭ يولدا كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىمىزنى ئاڭلاپ، ئىمىن ئاخۇن ئاكامنى ئالدىمغا ئەۋەتكەنىكەن. ئات ئىككى، بىز ئون نەچچە بولغاچقا ھەممىمىز بىللە مېڭىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئىككىمىز يولداشلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، ئاتلىرىمىزنى ئۆي تەرەپكە قارىتىپ بولۇشىغا چاپتۇردۇق. چۈش بولغاندا لاپچۇقتىكى ھەمدۇل موللامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ غىزالاندۇق. ئۇ يەردىن چىقىپ نامازدىگەرگە يېقىن شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق 2 - ئاكام ئابدۇخالىق ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە چاي - پاي ئىچكەندىن كېيىن، ئۇ بىزگە: − تېزدىن دۆربەجىن غولئېرىققا چىقىپ، ئاپام بىلەن كۆرۈشىڭلار، ئاپام يولۇڭلارغا قاراپ، تولا يىغلاپ، كۆزىنىڭ قارىسى ئېقىپ كېتەي دېدى، دەپ بىزنى يولغا سالدى.

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر