
3. ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلىشىدىكى جىنايەت نامى
ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى خېلى ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ، بىراق ئۇ زادى قانداق جىنايەت بىلەن ئېتىۋېتىلگەن؟ مەن كوزنىتسوف بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا يەنە بەزى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. كوزنىتسوف مۇنداق دەيدۇ: ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب ستالىننىڭ ما جۇڭيىڭنى تۈركىيىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەر بىلەن ۋە ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيىدە ئىنقىلاب پارتلىدى، بەزى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كېلىۋالدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى بۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى، 1922 - يىلى يازدا ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى، ئاتامانلىرى ئېتىپ تاشلاندى، قالدۇقلىرى تىرە - پىرەن بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى شىنجاڭ، گەنسۇلارغا قېچىپ كەتتى، كېيىن ما جۇڭيىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ، مۇشۇ ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى.
مەن كوزنىتسوفنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارىسىز ھالدا ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ياڭ بوچىڭ ۋە ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچى مىرزا كابول، شىۋىتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سېۋىن ھىدىنلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى تۈركىيە ئوفىتسېرى ۋە ياپون ئىشپىيونىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىدىم.
ياڭ بوچىڭ 1932 - يىلى ياڭ خۇچېڭنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىغا قاتنىشىپ، 36 - دىۋىزىيىنىڭ سىياسىي تەلىم- تەربىيە مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن ھەمدە ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى تەركىبىدە شىنجاڭغا كەلگەن، ئۇ ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدا يېرىم يىلدەك تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ " ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە قوشۇن بىلەن بىللە يۈرۈپ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم " دېگەن ئەسلىمىسىنىڭ 8 - بۆلىكى " نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم كىشىلەر " دە مۇنداق يازغان:" دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بىر نەچچە كىشى. بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇلار توغرىلىق قىياس قىلىشتى، ئىزدەندى، تەكشۈردى، ھەتتا سوراقمۇ قىلىشتى، لېكىن ئۇلار بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاللىقانداق بىرەر سىياسىي سىر بارمىدۇ دېگەن گۇمان يېشىلمىدى، لېكىن بۇ 36 - دىۋىزىيىنىڭ " بىر كارامىتى " بولۇپ، ئەزەلدىنلا كىشىلەرنىڭ ما جۇڭيىڭغا ئالاقىدار سىياسىي مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى بىلىشنىڭ بىر قىززىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى ...گېنېرال لېيتىنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچى كامال، تۈركىيىلىك، ئەمما ئۇنىڭدا ھىچقانداق گۇۋاھنامە يوق ئىدى، ئەھۋالى ئىلگىرىكى ئاق ئورۇسلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ جاڭيېدا ما جۇڭيىڭ قىسمىغا قاتناشقان، ئەمما قاتنىشىش جەريانى ئېنىق ئەمەس، ئاڭلىشىمچە ئۇ تۈركىيىدە برىگادا باشلىقى بوپتىكەن، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپتىكەن، دېمەك ئۇ بىر ھەربىي مۇتەخەسسىس ئىدى. ئۇنىڭ گېنېرال لېيتىنانتلىق مەرتىۋىگە ئېرىشىشى شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك..... مەن بىرىنچى قېتىم جيۇچۈەنگە بارغىنىمدا ۋۇيىڭچىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئەسرا بولغانىدىم، كېيىن قايتا ئۇچراشمىدىم. ئۇ ۋۇ يىڭچى بىلەن رۇس تىلىدا سۆزلىشەتتى، مەن ئۇلارنىڭ نىمە دېيىشكەنلىكىنى بىلەلمەيتتىم ... كېيىنچە ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ما جۇڭيىڭ قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپتۇ، شېڭ شىسەي دائىرىلىرى ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇ بۇ يەردىكى تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق.يەنە بىر تۈركىيىلىك بار ئىدى، ئىسمى نىمىتىكىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ كامالنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى، ئۇ ما جۇڭيىڭ قىسمىغا كېيىنرەك قاتناشقان ۋە ھەربىي دوختۇر بولغان، لېكىن ئۇ دوختۇرلۇقنى ئۇقمايتتى. ئاڭلىشىمچە، ئۇ دەسلەپتە سۈييۈەندە بىر نەچچە يۇڭ ئەدىيالنى مۈرىسىگە ئارتىۋېلىپ كوچىلاردا ئەدىيال ساتىمەن دەپ يۈرگەنىكەن، كېيىن سەرگەردان بولۇپ گەنسۇ خېشىغا كېلىپ قاپتىكەن. ئۇ ساۋاتسىز بىر نىمە ئىدى، كونا جەمئىيەتتىكى تېجىمەللەرگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دېرىكى بولمىدى ".ياڭ بوچىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيىسىدە يېرىم يىللا تۇرغان بولسىمۇ، ھېلىقى ئىككى كىشىنىڭ 36 - دىۋىزىيىدىكى ئادەتتىكىدەك ئورنى ۋە رولىغا، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە يەنىلا گۇمان بىلەن قارايدىكەن.
ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچى مىرزا كابولنىڭ " چۆل – جەزىرىلەر" دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئىككى تۈركىيىلىكنىڭ ئەھۋالى خېلى چوڭقۇر ۋە كونكرېت بايان قىلىنغان:" بۇ مەزگىلدە ما جۇڭيىڭنىڭ يېقىنلىرى ئارىسىدا ئىككى چەت ئەللىك مېھمان پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ھېچكىم ئۇقمايتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىستانبولدىن كەلدۇق دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بار ئىكەن. 1914 − 1918 - يىلغىچە بولغان ياۋروپا ئۇرۇشىغا باشتىن - ئاخىر قاتناشقان بولۇپ، بەدىنىدە شۇ ئۇرۇشلاردىن قالغان جاراھەت تاتۇقلىرى بار ئىكەن، ياشراقىنىڭ ھەرىكىتى تولىمۇ چاققانىكەن، ئۇنىڭ ھەربىي تەجرىبىسى ئۇنى ناھايىتى تېزلا قىسىم ئىچىدە ھەربىي ھوقۇققا ئېگە قىپتۇ. يېشى چوڭراقى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بىر نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن، ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويمايتتى، جىمغۇر يۈرگىنى بىلەن كۆڭلىدە يوشۇرۇن غەرەز باردەك قىلاتتى، ئۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈن - تۈنسىز كۈتەتتى، بۆرىنى قاپقانغا دەسسىتىدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى " .
مىرزا كابولنىڭ بۇ ئىككى تۈركىيىلىك ئوفېتسىر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى روشەنكى ياڭ بوچىڭنىڭكىدىن خېلىلا چوڭقۇر ئىدى. مىرزا كابول يەنە: " بۇ ئىككى كىشىنىڭ رەئىس جىن شۇرېنغا شەخسىي ئاداۋىتى بار ئىدى " دەيدۇ. ئۇلار جىن شۇرېن تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ما جۇڭيىڭغا قوشۇلغان. مىرزا كابولنىڭ قارىشىچە ما جۇڭيىڭ ئەسلىدە نىڭشياغا قوشۇن تارتماقچى بولغان، " ئەمما بۇ ئىككى مەسلىھەتچى ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ ما جۇڭيىڭنىڭ خۇشەمەتكە خۇشتارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن دۈشمىنى رەئىس جىن شۇرېننىڭ يېرىگە قاراتتى " ③.پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، بىر نەچچە دۆلەت تىلىنى بىلىدىغان بۇ كامالنىڭ تولۇق ئىسمى كامال كايا ئەپەندى ئىدى. ئۇ ما جۇڭيىڭ شىنجاڭغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان جەرياندا 36 - دىۋىزىيىنىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى بولغان. 1934 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سېۋىن ھېدىن تۇرپاندا ئۇنى كۆرگەن، سۋىن ھېدىن مۇنداق يازغان:" ما سىلىڭ ( ما جۇڭيىڭ ) نىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى كامال كايا ئەپەندى بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى، ئەتىسى قوماندانلىق شتابىغا قايتماقچى بولدى. كامال بىز بىلەن فرانسوز تىلىدا راۋان پاراڭلاشتى، يۇرتى تۈركىيىدىكى ئەينى يىللاردىكى ساياھىتىنى سۆزلەپ بەردى " ④.
روشەنكى بۇ ئىككى تۈركىيىلىك، بولۇپمۇ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن كامال ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى، ما جۇڭيىڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيىدىكى ياپون ئىشپىيونىنىڭ ئىسمى دا شىجۇڭ بولۇپ، خەنزۇچە ئىسمى يۈ خۇاتىڭ ئىدى. ياڭ بوچىڭنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە مۇھىم خاتىرە بار:" ياپونىيىلىك بۇ خەلقئارا ئىشپىيون ئۆزىگە يۈ خۇاتىڭ دەپ ئىسىم قويۇپ 36 - دىۋىزىيىدە مايور دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى بولغان ( ۋۇ يىڭچى بىلەن جاڭ ياشاۋ ئىككەيلەن سۆزسىز ئۇنىڭ باشلىقى ئىدى ) ، ئۇنىڭ مەخپىي سىفىرلىق تېلېگىراممىنى ئوغرىلاش ھۈنىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ، ئىنجىقلاپ سۆزلەيتتى، تۇنجى كۆرگەن ئادەمدە بۇ بىر نىمە ياپونىيىلىك ئوخشىمامدۇ، دېگەن تەسىرات بولماي قالمايتتى. جاڭ ياشاۋنىڭ دېيىشىچە، يۈ خۇاتىڭ ئەسلىدە شىنجاڭغا بارماقچى بولۇپ ئەنشى ناھىيىسىدە كېتىۋاتقاندا ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدىكىلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغانىكەن، بۇ چاغدا ما جۇڭيىڭ شىنجاڭدىن گەنسۇغا ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىي كۈچىنى زورايتىشقا ئالدىراۋاتقاچقا، ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئويلىمايلا ئۇنى قوشۇنىغا قوشۇۋالغانىكەن . 1931 - يىلى قىشتا يۈ خۇاتىڭ تېلېگراف ئىدارىسىگە ئەۋەتىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ سىرلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ تېلېگىراممىلارنى تەكشۈرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئىچى تار، گۇمانخور، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئادەم ئىدى، مانا مۇشۇ قىلىقلىرى بىلەن ما جۇڭيىڭغا ياخشى كۆرۈنۈپ قالغاچقا ما جۇڭيىڭ يۈ خۇاتىڭنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايتتى. ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيتتى، جاڭ ياشاۋ شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭدا يۈخۇاتىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تۈرمىگە قامالدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئادەتتىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ مەسلىھەتچىلەر ۋە كاتىباتلار ئىچىدىكى قىسمەن ياشلار بۇ ئەبلەخكە بەك ئۆچ ئىدى، يۈزىدىن يۈزىگە ھەي ياپونىيىلىك دەپ چاقىراتتى، ئۇنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى قىلغانىدى. جيۇ چۈەنگە مېنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن لىڭ بەيچۈەن ( شىئەندىكى ياڭ خۇچېڭ قىسمى باشقۇرۇشىدىكى تېلېگراف ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ) مۇ نۇرغۇن تىرىشىپ باقتى، بىراق يۈخۇاتىڭ بەك قاقۋاش بولغاچقا بىز بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى. 1932 - يىلى يۈ خۇاتىڭ ما جۇڭيىڭ قوشۇنى بىلەن بىللە شىنجاڭغا كىردى، ما جۇڭيىڭ زىنىچۈەن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئۇ گۇچۇڭدا يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، شېڭ شىسەيگە بەيئەت قىلدى. ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى چېكىنىپ بولۇشقا ئاز قالغاندا، شتاب ئوفىتسېرى گا ياڭ بىر تۈركۈم چاپارمەنلەرنى باشلاپ مۇھىم جىنايەتچىنى ئىزدىگەندەك ئەلپازدا يۈ خۇاتىڭنى دۇكان - سارايلاردىن ئىزدىدى. نەتىجىدە پالاكەت جاڭ فامىلىلىك بىر كاتىپنىڭ بېشىغا چۈشتى، ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالالماي ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى، گا ياڭ ئۇنى شۇ يەردىلا جەھەننەمگە ئۇزاتتى. بۇمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، ئۇلار يۈخۇاتىڭنى 36 - دىۋىزىيىدە بىر خىل مەخپىي ۋەزىپىگە مەسئۇل ... دەپ قارايتتى. شېڭ شىسەي ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا مەن يۈ خۇاتىڭنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، بىراق گومىنداڭ بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان شېڭ شىسەي شنجاڭدىكى ئايغاقچى خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ تېلېگىراممىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن، يۈخۇاتىڭنى دەرھال ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتى .... ئۇزاق ئۆتمەي خۇاڭ مۇسۇڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىشقا مەخبۇر بولدى، يۈ خۇاتىڭ ئاندىن قولغا ئېلىندى. 1934 - يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ سىياسىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپلا بۇ دېلونى مۇھىم سىياسىي دېلو دەپ قارىدى. بۇ دېلوغا بۇ ئىدارىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ لىشياڭ ئىگە بولدى. بۇ كىشى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، جاھانگىرلارنىڭ خەلقئارالىق جاسوسلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش جەھەتتە تەجرىبىسى بار ئىدى. ئۇ 1936 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن، كوچا پاراڭلىرىدىن قارىغاندا كېيىن ئۇ لېتۋانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغانمىش. ئۇ يۈخۇاتىڭنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جاسوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەلىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن مەخپىي ھۈججەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ ھەرىكەت قىلغان. چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ما جۇڭيىڭنىڭ يۈ خۇاتىڭ ئارقىلىق ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كونكرېت ماتېرىيال بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ " .
ما جۇڭيىڭنىڭ تۈركىيىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەر ۋە ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن قانداق تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بولمىغان ئەھۋالدا، ما جۇڭيىڭنىڭ خېشىدا تۈركىيىلىك ئوفىتسېر كامال كايا ئەپەندى بىلەن ياپونىيە جاسوسى يۈ خۇاتىڭنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرىنى 36 - دىۋىزىيىنىڭ گېنېرال لېيتىنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، يەنە بىرىنى مايور دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى قىلغانلىقىنى پروفېسسور كوزنىتسوف ئېيتقان ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان كونكرېت پاكىت دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.