
بىز ئاكام بىلەن خوشلىشىپ، نامازدىگەردىن سەل ئۆتكەندە مەھەللىگە كەلدۇق. ئاپام، چوڭ ئاكام موللانۇر( ھاجى ئىمام) ۋە باشقا قېرىنداشلار مەھەللىنىڭ غەربىدىكى باغچە بېشىغا چىقىپ بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. بۇ كۈن روزى ھېيتنىڭ ھارپىسى بولۇپ، جامائەت ھېيت تەييارلىقى قىلىۋاتقانىكەن. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمغا بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن خۇشال - خورام ھېيت ئۆتكۈزدۈم. مۇشۇنداق خۇشال، غەمسىز، تىنچ تۇرمۇش ئاران 3 ئايچە داۋاملاشتى.
ما جۇڭيىڭ شېڭ شىسەي - سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنگەندە، تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇداپىئە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولۋاس يېقىنلىرىنى ۋە تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ، مۇختەر ئاخۇنۇملار بىلەن بىللە، بىز قۇمۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ، قۇمۇل گارنىزونىنىڭ قوماندانى ۋە قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغانىكەن. شۇ چاغدا يولۋاسنىڭ قولىدا بىر تۈەن ئەسكەر بار بولۇپ، تۆمۈر نىياز بۇ تۈەننىڭ تۈەنجاڭى ئىكەن. مۇختەر ئاخۇنۇم يۇرتى دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللىگە قايتىپ ئاخۇنلۇق قىلىۋاتقانىكەن.
يولۋاس قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن قول ئاستىدىكى چوڭ ياشلىق ئەسكەرلەرنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ، ئورنىغا ياش بالىلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشقا باشلىدى. يولۋاس «بىر ئائىلىدە ئىككى ئوغۇل بولسا، بىرى چوقۇم ئەسكەر بولۇشى كېرەك، يالغۇز ئوغۇل بولسا ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ» دېگەن بۇيرۇقنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇلدىكى نۇرغۇن ياشلار ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىندى. يولۋاسنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئەسكەرلەر گازارمىدا ئىككى ئاي تۇرسا، ئائىلىسىدە ئىككى ئاي تۇرۇش بەلگىلەندى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ بىزنىڭ مەھەللىدىن سالى ئاخۇن( ھازىر ھايات)، تالىپ ئاخۇن، مەمەت تاھىر ۋە مېنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ كانىۋىيى قىلىۋالدى. بىزمۇ بەلگىلىمە بويىچە گازارمىدا 2 ئاي، ئائىلىدە 2 ئاي تۇردۇق. مەن ئەسكەرلىكتىن ناھايىتى قاتتىق بىزار بولۇپ كەتكەچكە، 5 - ئاكام ئابدۇللا ئاخۇن مېنىڭ ئورنۇمدا بىر نۆۋەت گازارمىدا 2 ئاي تۇردى. بىز شۇ تەرىقىدە تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ يېنىدا 4 يىل تۇردۇق.
1937- يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ، شېڭ شىسەي بىلەن يولۋاس ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى. 4 - ئاينىڭ بېشىدا يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى باركۆلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «12 – ئاپرېل» بايرىمى( شېڭ شىسەي تەختكە ئولتۇرغان كۈن) غا قاتنىشىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ مەمەت تاھىر بىلەن مېنى بىللە ئېلىپ چىقتى. باركۆلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەمۇرىي ئەمەلدارى( قازاق) بىزنى كۈتۈۋالدى. بىز باركۆلدە بىر ھەپتە تۇرۇپ «12 – ئاپرېل» بايرىمىغا قاتنىشىپ قايتتۇق. ئەسلىدە شېڭ شىسەينىڭ باركۆلدىكى ئادەملىرى بىزنى قولغا ئېلىپ يوقاتماقچى بولغانىكەن، بىراق قولىمىزدا قورال بولغاچقا، قول سېلىشقا پېتىنالمىدى. قايتىشىمىزدا باركۆلنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى نيۇ جېنخەن بىزگە، سىلەرنى داۋانغىچە ئۇزىتىپ قويايلى دەپ، ئىككى ئەسكەرنى قوشۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ پىلانى يولدا بىزگە قول سېلىش ئىكەن. بىراق قوللىرىمىزدا قورال بولغاچقا، نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. بىز قۇمۇلغا كەلسەك قۇمۇلنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. شېڭ شىسەي يولۋاستىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن شۈ يۈگۇاڭنىڭ قوماندانلىقىدا 2000 كىشىلىك قوشۇننى قۇمۇلغا ئەۋەتكەندە، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يولۋاسمۇ توغۇچىغا قوشۇن ئەۋەتىپ، شۈ يۈگۇاڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلارنى قۇمۇلغا كىرگىزمەپتۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە «شەرق تەرەپتىنمۇ قوشۇن كېلىۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭغا «سىز بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىڭ» دەپ ئىسمائىل ليەنجاڭ( زاھىدىن ئىسمائىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوماندانلىقىدا 100 كىشىلىك ئەسكەرنى قوشۇپ بەردى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ، تۈەن ھەربىي لاۋازىمەت مۇدىرى لى شىزەي، مەن ۋە قۇمۇل ج خ ئىدارىسىدىن ۋاڭ كېجاڭ باشلىق 4 ئادەم( بۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى) بولۇپ يەتتەيلەن ماشىنىلىق، ئىسمائىل ليەنجاڭلار ئىككى چوڭ ماشىنا بىلەن يولغا چىقتۇق. بىز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يولۋاس ئۆلكىلىك چېگرا ئىشلىرى باشقارمىسى قۇمۇل ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى دۇ جياتيەن بىلەن قۇمۇل ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ چېڭفانى( شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى) تۇتۇپ قېلىپ، «ئەگەر تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ باشلىق ئادەملىرىم سالامەت قايتىپ كېلەلمىسە، ئىككىڭنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن» دېگەنىكەن.
بىراق بىز كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىككىسى يولۋاسنىڭ ئايالى داناخانغا پارا بېرىپ، ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، داناخان پوسلارغا يولۋاسنىڭ نامىنى سېتىپ بۇ ئىككىسىنى قويغۇزۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈ چىڭفا باركۆلگە، دۇ جياتيەن ئارايۇلتۇزغا قېچىپ كېتىپتۇ. بىز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭغا «قارىمۇقچى، سايبۇلاق بىلەن مېڭىڭلار، ئۇ يەردىكى قورۇللاردا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرايلى، ئەگەر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولسا سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن» دەپ تاپىلاپتۇ. بىراق بىز ساقىغا كەلگەندىن كېيىن، شوپۇر تۈەنجاڭغا: − قارىمۇقچى، سايبۇلاق بىلەن ماڭساق يول قۇم، ماشىنا ماڭالمايدۇ، بىز ئۇدۇللا تۆگە قوتىنى ئارقىلىق يەندۇنغا ئۆتۈپ كەتسەك، دېگەن تەكلىپنى بەردى. تۈەنجاڭنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بىز شۇ بويىچە ماڭدۇق. يەندۇنغا بېرىپ تۈەنجاڭ يولۋاسقا تېلېفون بەردى. تېلېفوندا يولۋاسنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي، تۇرۇپكىنى ۋاڭ كېجاڭغا بەردى، ۋاڭ كېجاڭ تېلېفوندا «سۆزلىشىپ» بولۇپ، تۈەنجاڭغا: − يولۋاس بىزنى داۋاملىق مېڭىڭلار، دەيدۇ، دېدى. ئەمەلىيەتتە يەندۇندىكى تېلېفونىست شېڭ شىسەينىڭ ئادىمى بولۇپ، قەستەن تېلېفوندىن چاتاق چىقىرىپ، تۈەنجاڭنى يولۋاس بىلەن سۆزلەشكىلى قويمىغانىكەن. ۋاڭ كېجاڭ سۆزلەشكەندە يولۋاسنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈەنجاڭغا يولۋاسنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى يەتكۈزگەنىكەن. ئەمەلىيەتتە يولۋاس تېلېفوندا: − كەينىڭلەرگە قايتىڭلار، قۇمۇلنىڭ ئىشى تۈگىدى، بىز قۇمۇلدىن تاغقا قاراپ قاچتۇق، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىڭلار، دېگەنىكەن.
ۋاڭ كېجاڭ تۈەنجاڭغا: − يولۋاس سىلىڭ سىلەرنى ئارايۇلتۇزدىكى ئادەملەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېلىڭلار، ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، ئەسكەرلەر كەينىڭلاردىن بارىدۇ، دېدى، دەپ يالغان سۆزلىسە تۈەنجاڭ بۇنىڭغا ئىشىنىپ قاپتۇ. ئىسمائىل ليەنجاڭنىڭ ماشىنىلىرى قىزىپ كەتكەچكە، بىز ئاۋۋال مېڭىپ تۇرىدىغان، ئۇلار كەينىمىزدىن بارىدىغان بولۇپ يەنە يولغا چىقتۇق. بىز ساچۈەنزىگە كەلگەندە، 6 ~ 7 كىيىك ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇۋالدى. تۈەنجاڭ مېنى كىيىكلەرنى ئېتىشقا بۇيرۇدى، مېنىڭ ئۇلارنى ئېتىشقا رايىم بارماي ئوقنى مىلتىققا قەستەن تەتۈر سالدىم. يېنىمدىكى خەنزۇ: − ئوقنى قورالغا تەتۈر سېلىۋاتىسەنغۇ، دەپ مىلتىقنى قولۇمدىن ئېلىپ، ئوقنى چىقىرىپ ئوڭ سېلىپ قولۇمغا بەردى. ئاڭغىچە كىيىكلەرمۇ يولنى بوشىتىپ كېتىشتى. بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ چۈشكە يېقىن ئارايۇلتۇزغا كەلدۇق، ئەتراپىمغا قارىسام تاغ بېشىدا قارا قاغىدەك نۇرغۇن ئەسكەر بار ئىكەن، بىز بىر ئويمانلىققا بېرىپتىمىز، ئۈستىمىزدىن ئوقلار ۋىژىلداپ ئۇچۇپ ئۆتكىلى تۇردى، ئەسكەرلەر بىزنى قورشاپ ئەسىرگە ئالدى. بىر نەچچە ئەسكەر كېلىپ تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ يان قورالىنى ئېلىۋالدى. ئەسكەرلەر بىزنىمۇ قوراللارنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇدى. تۈەنجاڭ: − بېرىڭلار، بىز قۇمۇلغا چىققاندا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، دېدى. يولۋاس بىزدىن ئەنسىرەپ، كەينىمىزدىن ماشىنىلىق ئادەم ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار ئىسمائىل ليەنجاڭلارغا يېتىشىۋېلىپ بىزنى سوراپتۇ ۋە ئارايۇلتۇزغا بېرىپ بولغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىپ، ئىسمائىل ليەنجاڭلارنى كەينىگە قايتۇرۇپ كېتىپتۇ.
بىزنى ئەسىرگە ئالغان بۇ قوشۇن جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل 4 - ئارمىيىگە قاراشلىق 30- جۈن 88 - شى 268- تۈەن بولۇپ، مۇھاپىزەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەچكە، جەڭگە قاتناشماي غەربىي يول ئارمىيىسى بويىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىن بىر تۈەن ئىكەن.
ئۇلار بىزنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. بىزنى بىردەم - بىردەم ھاجەت قىستايدۇ، بىراق ھاجەتكە چىقساق ھېچنېمە يوق، ئادەم قورقۇپ كەتسە شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، يەنە ھاجەتكە چىقىشنى تەلەپ قىلساق، ئەسكەرلەر رۇخسەت قىلمىدى. مەن مۈگدەپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ قارىسام ئۆيدە تۈەنجاڭ ئىككىمىزلا قاپتۇق، لى شىزەي يوق تۇرىدۇ. مەن قوپۇپ ئۆينىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن تالاغا قارىسام، بىر نەچچە ئەسكەر لى شىزەينى ھەيدەپ تاغ ئارىسىغا ئېلىپ كېتىۋېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن «پاڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئەسكەرلەر لى شىزەينى ئېتىۋەتكەنىدى. مەن يەنە مۈگدەپ قاپتىمەن، ئويغانسام يېنىمدا تۈەنجاڭ يوق، ئۆزۈم يالغۇز قاپتىمەن، بېرىپ دېرىزىدىن قارىسام 7 ~ 8 ئەسكەر تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى ھەيدەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، ساناپ تۇرسام تۈەنجاڭغا 7 پاي ئوق ئاتتى. مەن «بۈگۈن بېشىمغا ئۆلۈم كەپتۇ، مەن ئۆلۈپ كەتسەمغۇ كارى چاغلىق، ئەمما ئاپامغا يامان بولىدىغان بولدى... » دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. بىر ئازدىن كېيىن ئەسكەرلەر كىرىپ مېنى ئىتتىرىپ تالاغا ئېلىپ چىقتى. ئارايۇلتۇزدا بىر ساقچىخانا بار بولۇپ، 10 دەك ساقچى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر( ئاقسۇلۇق) بار ئىكەن، ئۇمۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئىكەن. مەن ئىسمائىلغا: − مېنىڭ دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار، دېدىم. ئىسمائىل گېپىمنى ئەسكەر باشلىقىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئەسكەر باشلىقى ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلىپ قولۇمنى يەشكۈزۈۋەتتى. مەن ھەربىي كىيىمنىڭ تۈگمىسىنى يەشمەستىنلا تارتىپ تۈگمىلىرىنى ئۈزۈپ سېلىپ تاشلىدىم، ئاندىن ئۇلارغا قاراپ: − مەن ھەربىي ئەمەس، پۇقرا، ئىچ كىيىمىمگە قاراڭلار! دېدىم. ئۇچامدا كۆك شەيتان تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆڭلەك بار بولۇپ، ئۇنى ئاپام تويۇمدا تىكىپ بەرگەنىدى. مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئەمدىلا 2 ئاي بولغانىدى. ئۇلار گېپىمگە ئىشەنگەندەك قىلدى، مەن تېرىقچىلىق قىلىۋاتقانىدىم، ئۇلار كېلىپ بىزنى باشلاپ يولغا چىقىرىپ قوي، دەپ مېنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، دەپ ھەربىي ئىشتاننىمۇ سېلىۋەتتىم. بۇ ۋاقىتتا بىز بىلەن بىللە ئارايۇلتۇزغا بارغان خەنزۇلاردىن بىرى: − بۇ بالا راستىنلا ئەسكەر ئەمەسكەن، ئۇ يولدا كەلگۈچە مىلتىققا ئوقنى تەتۈر سېلىۋاتىدۇ، ئەقەللىيسى مىلتىق تۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىكەن، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىي باشلىق مېنىڭ پۇقرالىقىمغا تولۇق ئىشەندى ۋە مېنى باشقا ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئالدىمغا ھورنان ۋە چاي قويدى. مەن بەك قورقۇپ كەتكەچكە موما گېلىمدىن زادىلا ئۆتمىدى. موما ئەكەلگەن خەنزۇ ماڭا تەسەللى بەردى ۋە ئۆزىنىڭمۇ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ماڭا زەخمە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق گېلىمدىن يەنىلا تاماق ئۆتمىدى. كېيىن ئۇلار مېنى ئاشپەزگە ياردەملىشىدىغانغا ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويدى. ئاشپەز چوڭ ياشلىق بىر خەنزۇ ئىكەن، ئۇ تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ خۇرجۇنىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا بەردى، مەن ئالغىلى ئونىمىسام، ئۇ خۇرجۇننى يەنە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئاشپەزگە ياردەملىشىپ ئوت قالاپ، سۇ توشۇدۇم. 2 كۈندىن كېيىن ھاشىم ھاجى كەلدى، ئۇ يولۋاسنى قوغلاش داۋامىدا چېرىكلىرىدىن ئايرىلىپ مەغلۇپ بولۇپ، ساقىغا كېلىپ، ساقىلىق شەرۇل ئاكىنى يول باشلىتىپ ئارايۇلتۇزغا كەلگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە شەرۇل ئاكا ماڭا ھەمراھ بولدى. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتۈپ، ئاسماندا ئايروپىلانلار پەيدا بولۇپ، ھاۋادىن ئوق قاچىلانغان ساندۇقلارنى تاشلىدى، ھەممىمىز يەرگە چۈشكەن ساندۇقلاردىكى ئوقلارنىڭ ساقلىرى بىلەن بۇزۇلغانلىرىنى ئايرىپ چىقتۇق. ئەتىسى يەنە ئايروپىلانلار كېلىپ تاغاردا نان تاشلىدى، ھەممىسى ئۈرۈمچىدە يېقىلغان نانلار ئىدى. ئەتىسى ئايروپىلانلار يەنە كېلىپ يەرگە قوندى، بۇ قېتىم مىلتىق ۋە ھەربىي كىيىم ئېلىپ كەلگەنىدى. 5 ~ 6 - كۈنلىرى ئەسكەرلەر كېلىشكە باشلىدى، بۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، قۇمۇلدا يولۋاسنى قوغلاپ تۇتالماي، بۇ يەرگە كەلگەنىكەن. شۇ كۈنى چۈشتە بارلىق ئەسكەرلەر ماشىنا بىلەن قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىقتى، بىزنىمۇ مەخسۇس بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. ھاشىم ھاجىمۇ بىز بىلەن ماڭدى. بىز يول بويى بىرەر ئادەمنىمۇ ئۇچراتمىدۇق. مەن كۆڭلۈمدە «شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى قۇمۇلنىڭ پۇقرالىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەنمىدۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بىز قىزىل يۇلغۇن مەھەللىسى( قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزىسىغا قاراشلىق، پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئولتۇرۇشلۇق كەنت) دىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر تامنىڭ يوچۇقىدىن ئىككى تونۇش ئادەمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلاردىن بىرى مەن بىلەن ئەسكەر بولغان يۇقىرى مەھەللىلىك سالى ئاخۇن، يەنە بىرى غوجابدۇل قارى ئىدى. بىز نامازدىگەر ۋاقتى بىلەن غوجامبۇلاق( ھازىرقى پالۋانتۇر يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ ئورنى) قا كەلگەندە ماشىنىلار توختاپ ئەسكەرلەر يەرگە چۈشۈپ، مىلتىقلىرىنى ئوقلاپ مۇداپىئەگە تەييارلاندى. بىزنى ماشىنىدىن چۈشكىلى قويمىدى. بىر ماشىنا شەھەردىن چىقىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىدۇ، كېيىن يەنە شەھەرگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ ماشىنا يەنە چىقىدۇ، يەنە كىرىپ كېتىدۇ. بىلسەك بۇ ماشىنىدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىملىرى ئىكەن. بىز يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە بازارغا كىرسەك، ئەسكەرلەر رەت - رەت تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەسكەرلەر پارول سورايدۇ، جاۋاب بېرەلىسە ئۆتكۈزىدۇ، بولمىسا توسۇۋالىدۇ. ئارىمىزدا بىر تۇڭگان بار ئىدى، ئۇ چاقىرتىلىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، كېيىن ئاڭلىسام ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بىز ناھىيىلىك يامۇلدا بىر نەچچە كۈن تۇردۇق. ئۇ يەردىن بىزنى ئېگەر قويىدىغان ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى. ئەتىسى تالاغا ھاجەتكە چىقسام ئىلگىرى يولۋاسقا ئەسكەر بولغان بالىلاردىن ئىككىسى ئۇچراپ قالدى. مەن ئۇلاردىن: − سىلەر بۇ يەردە ئىكەنسىلەرغۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: − بىز خوتۇنتامدا ئىدۇق، يولۋاس ئىچكىرىگە كېتىپ بىز قالدۇق، شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بىزنى «ئاتلارنى قۇمۇلغا ئەكىلىشىپ بېرىڭلار» دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، دېدى. بىر ھەپتە ئۆتۈپ بىر كۈنى ئات ئېغىلىدا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېشىكىگە ئوت - سامان بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، قارىسام بۇ كىشى قۇمۇل لەڭگەرلىك رەمزە ئاتىغا ئىكەن. مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپ( قاراشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى) : − رەمزە ئاكا، مېنى تونىدىلىمۇ؟ مەن ئىساق ئاخۇن، ئاپامغا خەۋەر قىلىپ قويغان بولسىلا، مەن ھازىر قۇمۇلغا چىقىپ قالدىم، دېدىم. ئۇ ئەتىسى دۆربەجىنگە چىقىپ ئاپامغا، شەھەرگە كىرىپ 2 - ئاكامغا خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. ئاكام خۇش بولۇپ كېتىپ مەن تۇرغان قورۇغا كەپتۇ. دەرۋازىدىكى پوسمۇ ئاكامنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، ئاكام مېنى كۆرۈپ: − ئۇكام، جېنىم ئۇكام، بارمۇ سەن؟ ھايات ئىكەنسەن، دەپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ يىغلىدىم. ھويلىدىكى باشلىقلاردىن بىرى: − بۇ يەر پۇقرالار قالايمىقان كىرىدىغان يەر ئەمەس، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلغىن، دېدى. بۇ يەردە قارىمۇقچىنىڭ دورغىسى سېيىت رېھىمنىياز بار ئىدى. ئۇ كىشى باشلىققا: − بۇ ئادەم بىلمەي كىرىپ كېتىپتۇ، ئەمدى دىققەت قىلسۇن، دېدى. ئۇلار قولىمىزغا خەت يېزىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئىككىمىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ كەلگىنىمدىن خەۋەر تېپىپ، بىر كۈنى چوڭ ئوغلى ئاقموللام مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ: − ئۆزلىرى دادام بىلەن بىللە كەتكەن، ھازىر دادام قەيەردە؟ ئۈرۈمچىدىن بىر خەنزۇ كەپتىكەن، ئۇ دادامنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭغا بەش كۈرە بۇغداي بەردىم، دېدى. مەن قورقۇپ راست گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم. چۈنكى مېنى قويۇپ بەرگىچە «كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىڭنى بىركىمگە تىنمايسەن» دەپ تاپىلىغانىدى. موللاخۇن ئاكام( مۇختەر ئاخۇنۇم) ئۇنىڭغا: − سىلەر ئىساق ئاخۇندىن ئىنچىكىلەپ گەپ سورىماڭلار، چۈنكى ئىساق ئاخۇن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن باردى، دېدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئاقموللامغا: − داداڭلارنى ئارايۇلتۇزدا ئېتىۋەتتى، دەپ راست گەپنى قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياشلارنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمىدى.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ھاجى ئىساق مېرى 1999 - يىل 21 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 85 يېشىدا غولئېرىقتا ۋاپات بولدى.1997 - يىل 01 - ئايدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئاساسەن رەتلىگۈچى: ئابلىمىت ئابدۇللا( ھاجى ئىسھاق مېرىنىڭ 5 - ئاكىسىنىڭ ئوغلى)
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2006 - يىل 3 -سان