كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-21

    نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ساياھىتى ھەققىدە - [ئۇيغۇر تارىخى]

                 

    ئوئىشى شىنئىچىرو( ياپونىيە)




    كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئەنگىلىيىلىك فورسىسنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى، روسىيىنىڭ كۇروپاتكىن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى، ياۋروپا- ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەر ھەققىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. يات دىندىكى بۇ كىشىلەر بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەشتە چەكلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان.بۇلاردىن سىرت روسىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىكى تۈرك زىيالىلىرى ئارىسىدىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ قالدۇرغانلار بار. 1850 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەكشۈرۈشكە كەلگەن روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى، شەرقشۇناس قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوف؛ 1914 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ " بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھەيئىتى " قەشقەرگە ئەۋەتكەن ئۇسۇلى جەدىد ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان، رودوس ئارىلىدا تۇغۇلغان ئەخمەت كامال① ھەم ئۇفادا تۇغۇلغان تاتار( ۋولگا تاتارلىرىدىن ) مۇخبىرنوشىرۋان يائۇشېفلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
    بۇ كىشىلەر ئىسلام دۇنياسىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان رايونلاردىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ " قالاق " ئىسلام مۇھىتى ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىنىڭ كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگەدىققەت قىلماي بولمايدۇ. ياخشى يېرى، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلاردىن بولغاچقا، يەرلىك خەلقتىن ئۇچۇر ئىگىلىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلىگەچكە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئىشەنچلىك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال دەپ قاراشقا بولىدۇ.

    يائۇشېف 1910 - يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ تاكى 1917 - يىلى 11 - ئايدا تاشكەنتتە مۇساپىرچىلىقتا ۋاپات بولغانغىچە بولغان نەچچە يىل ئارىلىقتا روسىيە تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغاچ، روسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەرەللىك گېزىت - ژۇرناللىرىغا ماقالە، ساياھەتنامە ئەۋەتىپ، ئەينى چاغدىكى تۈرك - تاتار جەمئىيىتىدە كەڭ تونۇلغان شەخس بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىدە جانلانغان گېزىت - ژۇرناللار روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشېۋىكلار تەرىپىدىن " ئەكسىلئىنقىلابچى " ، " بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى " دېگەن بەتنام بىلەن تەقىپ قىلىنغان، كېيىن كىشىلەر قەلبىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
    بۇ ماقالىدە مەن ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە نوشىرۋاننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ماقالىلەر ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئارقىلىق نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىمەن ھەمدە ئۇنىڭ " ئورتاق تۈرك تىلى " غا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى② تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئالەمگە مەشھۇر ساياھىتى ھەققىدە توختىلىمەن.
    نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ يازغانلىرى مېنىڭ تەتقىقات تېمام بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا، بولۇپمۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردۇر، بۇلار گەرچە يائۇشېفنىڭ سەپەر كەچۈرمىشلىرى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتنى سىلجىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە دەپ قارايمەن.
    1
    . ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر
    يائۇشېف ئۇفا ( ھازىرقى باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ) ۋىلايىتىنىڭ بەرىبەي ناھىيە، بوغادى يېزا، مىنتال كەنتىدىكى ئوتۇن كۆمۈرى ساتىدىغان شىريەزدان ئەخمەت ئوغلى يائۇشېف ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، 1880 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇغۇلغان بولسا كېرەك. مىنتال كەنتى ئاقسۆڭەكلەر رايونى بولسىمۇ، يائۇشېفنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. يائۇشېف سەككىز يېشىدىن 11 يېشىغىچە مىنتال كەنتىدىن ئۈچ، تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇرازايباش كەنتىدىكى ئاتاۋۇللا سادەتۇللا ئوغلى ئاچقان مەكتەپ( قۇرئان كەرىم يادلاشنى ئاساس قىلىدىغان، مەسچىتلەرنىڭ ھوجرىلىرىدا ئېچىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ ) تە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1907 - يىلى شەيخۇللا شەربېكوف ئىسىملىك ئىمامدا ئوقۇغان. بۇ ئىمامنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى يائۇشېف " ئۇچىسىغا كونىچە تىكىلگەن پەشمەت، پۇتىغا پايپاق بىلەن چورۇق كىيگەن كەمبەغەل كىيىمى " بىلەن بولۇپ، " بۇخاراغا بارايمۇ - تۈركىيىگىمۇ؟ ئاللا مەدەت بەرمىسە مېنىڭ خىراجەت قىلغۇدەك ھېچنىمەم يوق " دەپ ئىمامدىن مەسلىھەت سورىغانىكەن. ئىمام ئۇنىڭغا ئورېنبورگدىكى ھۈسەينىيە مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىڭ، دەپ مەسلىھەت بەرگەن، بىراق يائۇشېف ھۈسەينىيە مەدرىسىسىگە بارماستىن ئۇفادا ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئالىيە مەدرىسىىسىگە كىرگەن.
    ئالىيە مەدرىسىسى 1906 - يىلى 10- ئايدا ئۇفا شەھەرلىك 3 - مەسچىتنىڭ ئىمامى زېرىپ ئەپەندى، زىيائىدىن كامالى قاتارلىق بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەكتەپتە ئىستانبۇل، قاھىرەلەردە تەلىم ئالغان مۇدەررىسلەردىنىي ئىلىملەردىنلا ئەمەس، پېداگوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، ئالگېبرا، خىمىيە دەرسلىرىنى ئۆتەتتى، شۇڭا بۇ مەكتەپ ئەينى دەۋردە ھۈسەينىيە، قازاندىكى مۇھەممەدىيە مەدرىسىلىرى بىلەن باراۋەر مېڭىپ، يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان مەكتەپ سانىلاتتى. مەكتەپ ئېچىلغاندا بىر ئالىي كۇرس بىلەن ئىككى تەييارلىق كۇرسى ئېچىلغان بولۇپ، جەمئىي 82 ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. كېيىنكى يىلى10 - ئايدا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن پار، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىق ئەڭ ئىلغار ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن ئۈچ قەۋەتلىك، كاھىشتا سېلىنغان مەكتەپ ياتىقى پۈتۈپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا بېرىلگەن③. ئۇزۇن ئۆتمەي يائۇشېفمۇ بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن.
    يائۇشېف ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاھادەتنامىنى كۆتۈرۈپ، ئاۋۋال ئۇفانىڭ جەنۇبىدىكى بىپايان كەتكەن قازاق يايلىقىغا كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي قازاق پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپىرىنى باشلىغان مەزگىلى ئېنىق بولمىسىمۇ، مۆلچەرلىشىمچە ئۇنىڭ " تۈركىستاننىڭ دېھقانچىلىقى" ناملىق تۇنجى خەۋىرى " ۋاقىت " گېزىتىنىڭ 1912- يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ مۇشۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەم باسقان.ئەينى چاغدا كۆپ سانلىق ئىلغار تاتار زىيالىيلىرى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. 1884 - يىلى قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرى ئىسمائىل غاسپىرالى رۇسلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىلەشتۈرۈش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن يۇرتى باغچا سارايدا دىنىي دەرسلەرگە پەننىي دەرسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەكتەپتە يولغا قويۇلغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ( ئۇسۇلى جەدىد ) نى قوللىغۇچىلار جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى روسىيە تەۋەسىگىلا ئەمەس، ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن. غاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تۈركىي خەلقلەر چۈشىنەلەيدىغان " ئورتاق تۈركىي تىل " غايىسى جەدىتچىلەرنىڭ تۈركلۈك ئېڭىنى ئويغاتقان ④.يائۇشېفمۇ جەدىتچىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلىش ئىرادىسىمۇ تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەس ئىدى.
    " بىز ئۇلۇغلىغان تۈرك يەرلىرىنىڭ مۇكەممەل تارىخى يېزىلغانلىقى ئەزەلدىن مەلۇم ئەمەس، تاتار تارىخى، ئوسمانلى تارىخى، قىرىم، كاۋكاز تارىخى دېگەندەك ئايرىم ئاددىي تارىخلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا ئائىت بىرمۇ كىتاب يوق" دەپ زارلانغان يائۇشېف ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي تارىخى يەنى پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات بۇرچى دەپ ھېسابلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىش مەقسىدىمۇ زۆرۈر بولغان تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش ھەم تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىدى.
    يائۇشېف تۈركىستان گېنېرال گوبىرناتورلۇقى تۇرۇشلۇق تاشكەنت، تۆمۈرىيىلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنت، شەرقتىكى ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى مەركىزى بۇخارا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا سەمەرقەنتتە تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، كۇتۇپخانىلارنى ئارىلىغان، مەدرىسىلەرنىڭ مۇدەررىسلىرى ۋە تالىپلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاچ، ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان تىل
    پارس تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇخبىرلىق پائالىيىتىگىمۇ رەسمىي كىرىشكەن. بۇ دەل روسىيىيىگەقاراشلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلىرىنىڭ نەشرىياتچىلىق پائالىيىتى تازا گۈللىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. سەمەرقەنتتە جەدىتچى ئۆلىما، جەدىىتچىىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ تونۇلغان مەھمۇت ھاجى بەھبۇدى 1913 - يىل 4 - ئايدا " سەمەرقەنت " گېزىتى، يەنە 8 – ئايدا " ئاينە " ژۇرنىلىنى چىقارغان؛ 1914 - يىلى تاشكەنتتە " سادايى تۈركىستان" ژۇرنىلى بىلەن قوقاندا " سادايى پەرغانە " ژۇرنىلىنى نەشر قىلغان. يائۇشېف بۇ گېزىت - ژۇرناللارغا مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىدىكى تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئەۋەتكەن⑤. يائۇشېف يەنە " سەمەرقەنت " گېزىتى نەشر قىلىنىشنىڭ ئالدىدا مەھمۇت ھاجى بەھبۇدى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن. يائۇشېف زىيارەت خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنىنى قازاندا چىقىدىغان " قۇياش " گېزىتىگە ئەۋەتىپ تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن يائۇشېف " قۇياش " گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە 20 پارچىغا يېقىن ماقالە يازغان.1914 - يىلى 4 - ئايدا سەمەرقەنتتە زىيارەتتە بولغان بۇخارالىق بىر مۇدەررىسنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، يائۇشېف تاتار گېزىتلىرىنىڭ ئاۋانگارت مۇخبىرى، پانئىسلامىزمنى تەشۋىق قىلىش بىلەن نام چىقارغان ئابدۇلرەشىد ئىبراھىمنىڭ " دۇنياغا ساياھەت " ⑥ دېگەن كىتابىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچراپ، ئۆزىمۇ ئاشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ساياھەت قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەن. بۇ مۇدەررىس سەمەرقەنتتە يائۇشېفقا دۇنياغا ساياھەت قىلىشنىڭ تەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، " ئىبراھىم زىيارىتى " قىلماي، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بېرىشقا نەسىھەت قىلغان..

    2
    . ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر
    يائۇشېف 1914 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23-
    كۈنى سەھەردە پويىز بىلەن سەمەرقەنتتىن قوقانغا ئاتلانغان. قوقاندىن ئەۋەتىلگەن خەۋەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا " قۇياش " گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئىلى ئارقىلىق جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىپ، روزا ھېيتتا ( 1914 - يىل 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 – كۈنىگىچە ) تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىخۇ بىلەن ماناسنىڭ ئارىلىقىدىكى كەنتلەردىن ئۆتۈپ، قۇربان ھېيتتا ( 1914 - يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ) كۇچاغا يېتىپ كەلگەن. 1915 - يىلدىن باشلاپ ئورىنبورگدا نەشر قىلىنىۋاتقان " ۋاقىت " گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇخبىرلىق پائالىيىتىنى قايتا باشلىغان. " ۋاقىت " گېزىتى ئىدارىسىدىن ئايدا ئىككى سان چىقىدىغان " شۇرا " ژۇرنىلىدىمۇ ھەر ساندا دېگىدەك ماقالە ۋە سەپەر خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. " ۋاقىت " گېزىتى بىلەن " شۇرا " ژۇرنىلى روسىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىك نەشر ئەپكارلىرى ئىدى. بۇنداق كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى يېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن يائۇشېف ئالدىنقى قاتاردىكى مۇخبىر دەپ قارالغان.
    ئەمدى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يائۇشېفنىڭ نەزەرىدە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈلگىنىگە نەزەر سالايلى: ئۇ " تۈركلەرنىڭ يۇرتى " بولمىش ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن بىر خىل زوقلىنىش ھېسسىياتىدا بولغان. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىياغىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار رايونىغىمۇ شۇنداق مېھرى - مۇھەببەت بىلەن قارىغان. ئۇ كۇچاغا يېتىپ كەلگەندە " چىنى تۈركىستان تۈركلىرىگە رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىل، ئۆرپ - ئادىتىگە زوقلىنىدىكەن، دورامچى ئەمەسكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا تۈركىي تىل ۋە تۈرك ئادەتلىرى تولىمۇ ياخشى ساقلىنىۋېتىپتۇ " دەپ بايان قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە قاششاق ئەنئەنىگە جاھىللىق بىلەن ئېسىلىۋېلىش ئەھۋالىنىمۇ كۆرگەن. كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق يەنى جەنۇبتىكى ئالتە شەھەر دەپ ئاتىلىدىغان بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. يائۇشېف جەمئىيەتتىكى قاششاقلىق، نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ، نومۇسىنى سېتىش، قىمار ئويناش، مەيخورلۇق، سوپىلىق، شامانچە ئۆرپ - ئادەت قاتارلىقلارنى سۆككەن. بىراق ئۇ چېقىمچىلىق ۋە تۆھمەت زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى ئاچچىق تەنقىتلىرىنى قايتا داۋاملاشتۇرالماي قالغان.ئۇ دىنىي ئىشلاردا پۈتۈنلەي تەرتىپسىز، قالايمىقانچىلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى " مەھكىمە شەرئى " قۇرۇپ ئىدارە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان. بۇ خەۋەر ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ يۇرتى باغچا سارايدا تەسىس قىلىنغان " تەرجۇمان " گېزىتى ( 1915 - يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانى ) نىڭ بىرىنچى بېتىگە بېسىلغان. بۇنىڭدىن بۇ خەۋەرنىڭ تاتار زىيالىيلىرى ئىچىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان.  


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر