كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-26

    ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ما يەنلياڭ قاتارلىقلار موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن بىللە تۇردى ۋە ئوقۇدى.  1936 - يىل 4 - ئايدا شېڭ شىشەي قەشقەردە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن دىۋىزىيە كوماندىرى مەخمۇت مۇھىتى ( مەخمۇت سىجاڭ ) يۈز ئۆرۈدى. ئۇ چاغلاردا ياپون جاھانگىرلىرى جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى كۈچەيتكەنلىكتىن،  شىمالىي جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قوماندانى ما يەنلياڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ھەمدە ما يەنلياڭ، لا شۇلى، ما شىجيې، ياڭ فۇشىڭلار شىنجاڭغا قايتىپ بېرىپ 36 - دىۋىزىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ مەخمۇت مۇھىتىنى يوقىتىشىغا ياردەملەشسە؛ سوۋېت ئىتتىپاقى 36 - دىۋىزىيىنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ مەخمۇت مۇھىتىنى كۆزدىن يوقاتقاندىن كېيىن 36 - دىۋىزىيە خوتەندە بىر باتالىيون ياكى بىر پولك ئەسكىرىي كۈچ قالدۇرۇپ، قالغان قىسىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانسا، دېگەن تەكلىپنى بەردى. ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ما جۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغان. ما يەنلياڭ قاتارلىقلار موسكۋادىن ئايرىلغاندا ما جۇڭيىڭ ئۇلارنى پويىز ئىستانسىسىغىچە ئۇزىتىپ چىققان ۋە ما شىجيې، ياڭ فۇشىڭلارنىڭ شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ شېڭ شىسەي بىلەن كېڭىشىپ، يەنە موسكۋاغا كېلىپ ئەھۋالنى دوكلات قىلىشنى تاپىلىغان. ما جۇڭيىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارغا: "سىلەر شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن بېكىتىلگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈڭلار، دائىرىدىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ" دېگەن. شەكسىزكى، بۇ پىرىنسىپ شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە 36- دىۋىزىيىنىڭ  شىنجاڭدىن ئايرىلىشىغا قارىتىلغانىدى. بۇ ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيە بىلەن بولغان 4 - قېتىملىق مۇھىم ئالاقىلىشىشى ئىدى.

    لېكىن 1937 - يىل 7 - ئايدا ما يەنلياڭ قاتارلىقلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغانىدى. 36 - دىۋىزىيىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ما خۇسەن ما جۇڭيىڭنىڭ يوليورۇقىغا قارىماي مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ شېڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى، ما جۇڭيىڭ بىر نەچچە قېتىم تېلېگىرامما يوللاپ توسقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. شۇ يىلى 9 - ئايدا شېڭ شىسەي چىقارغان قوشۇن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە توپىلاڭچى قوشۇننى تېرە - پىرەن قىلدى، ما خۇسەن ھىندىستانغا قېچىپ كەتتى. شېڭ شىسەي قىزىل ئارمىيىنىڭ ياردىمىدە 36 - دىۋىزىيىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تازىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي كۈچى تۈگىدى. ما يەنلياڭ قاتارلىقلار يۇرتى خېجۇغا قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈنى ئۆچتى.

    يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ما جۇڭيىڭ 1934 - يىل 7 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن موسكۋادا تۇرغان ۋە ئوقۇغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈپ چىقىشقا قاتناشقان. ئۇ موسكۋادا تۇرغان مەزگىلدە 36 - دىۋىزىيە بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان. بۇندىن باشقا، ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىشىچە 1937 - يىل 4 -، 5 - ئايلار ئارىلىقىدا موسكۋا پويىز ئىستانسىسىدا مايەنلياڭ قاتارلىقلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، يەنە ما خۇسەنگە بىر نەچچە قېتىم تېلېگىرامما يوللاپ، ئۇلارنىڭ توپىلاڭچىلىق ھەرىكىتىنى توسقان، دېمەك ما جۇڭيىڭ 1937 - يىلى يازدا يەنىلا موسكۋادا ئىدى.

     
    2. ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا


      ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:" ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا ھېچكىم توغرا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1) ما جۇڭيىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئايروپىلان ھەيدەشنى مەشق قىلىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان. 2 ) ئىسپانىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قۇربان بولغان. 3 ) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان" .ما يەنلياڭ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن مۇھىم شەخس سۈپىتى بىلەن، يەنە كېلىپ موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن بىللە تۇرغان، بىللە ئوقۇغان، بىللە خىزمەت قىلغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن باشلىقىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە سۆزسىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، ما جۇڭيىڭنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسى بولغان. يۇقىرىقى ئۈچ خىل گەپ ئۇنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە ما جۇڭيىڭنىڭ دېرىكىنى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەلۋەتتە. بىراق ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۈچ خىل گەپنىڭ قايسىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان.

    ما يەنلياڭ يەنە مۇنداق بىر ئەھۋالنى تىلغا ئالىدۇ، يەنى 1938 - يىل 10 - ئايدا ئۇ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئادەم سۈپىتىدە يەنئەنگە بېرىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ماۋجۇشى ئۇنىڭغا: " ما جۇڭيىڭ ھازىرمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا، سىلەر كېيىنچە كۆرۈشەلەيسىلەر" دېگەن. لېكىن ماۋجۇشىنىڭ بۇ گېپىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك پاكىت يوق.

    داڭلىق خۇيزۇ ئالىم ما تۇڭ ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئۇ 1991 - يىل 5 - ئايدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۇڭگان ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور سۇسەننونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان، ئۇ تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا زىيارەتتە بولغاندا باشقىچە بىر گەپنى ئاڭلىغان:" زىيارەت داۋامىدا ئويلىمىغان يەردىن لىنشيالىق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئىسمى ما دېڭيۈن ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن : - سىز لىنشيالىق بولغاندىن كېيىن ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى چوقۇم بىلىسىز، دەپ سورىۋېدىم، ئۇ توغرىدىن - توغرىسىغىلا:- " ئۇ باستۇرۇلدى " دېدى. قانداقسىگە باستۇرۇلىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: - ياشانغان تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، دېدى - دە، يېشى چوڭراق ئىككى كىشىنى چاقىرىپ كەلدى، بۇ ئىش توغرىلىق پاراڭغا چۈشتۇق.

    ئۇلار: 1937 - يىلى بولسا كېرەك، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەي بىلەن يارىشىپ قالغاندىن كېيىن، ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى موسكۋاغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانىدا نەزەربەنت قىلىپ قويغان، كېيىن ئاڭلىساق شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىگە تېلېگرامما يوللاپ ما جۇڭيىڭ بەك ئوسال نىمە ئىكەن دەپتۇمىش ۋە كېيىنكى ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىپتۇ، نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ما جۇڭيىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، دېدى. مەن ئۇلاردىن: سىلەر بۇ ئىشنى قانداق ئۇققان ئىدىڭلار، دەپ سورىسام، ئۇلار: بىر كۈنى تۇڭگان سۇسەننو خىيازى بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەپتۇ، ئۇ چايخانىدا ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى بىرەيلەننىڭ " ما جۇڭيىڭ ئېتىۋېتىلگەن " دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاپتىكەن، دېدى. بۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟ دەپ تۇڭگان پروفېسسور سۇسەننودىن سورىسام، ئۇ ماڭا: " نىمە دېسەك بولاركىن، بىر نىمە دېمەك تەس جۇمۇ " دېدى. مېنىڭچە شۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ۋە ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي، ما جۇڭيىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ناھايىتى زور" .

    ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى گەپنى ما تۇڭ ئەپەندىدىن باشلانغان دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەمما ما تۇڭ ئەپەندى ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇر ئىنتايىن كونكرېت. ما جۇڭيىڭ گەنسۇدىكى خۇيزۇلار ئىچىدىن چىققان داڭلىق شەخس بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان گەنسۇ خۇيزۇلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان تۇڭگانلارنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇشىمۇ شۈبھىسىز. خۇسۇسەن بۇ خەۋەرنى موسكۋانىڭ يېنىدىكى ما جۇڭيىڭ ئۆلتۈرۈلگەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بارغان تۇڭگان سۇسەننو خىيازىنىڭ تارقاتقانلىقىدىن، يەنە كېلىپ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىكىدىن قارىغاندا، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ناھايىتى زور.مەن يېقىندا ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرمۇ ما تۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىنى باشقا بىر تەرەپتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    مەن روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك مىخائىل دىتاليەنكونىڭ تەكلىپى بويىچە 2001- يىل 12 - ئايدىن 2002 - يىل 2 - ئايغىچە روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدۇم. 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىدا مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا خىزمەت قىلىدىغان پروفېسسور كوزنىتسوف بىلەن پاراڭلاشتىم. مەن ئۇنىڭدىن ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ دېرىكىنى قىلىۋىدىم، ئۇ كەسكىن قىلىپ: ما جۇڭيىڭ ئېتىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ھەر قايسى جايلارغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھازىرقىلار ئۇلارنىڭ 2 -، 3 - ئەۋلاتلىرى دېدى. مەن بۇ كىشىدىن بۇ گەپنىڭ مەنبەسىنى سورىسام، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپىدا بارلىقىنى ئېيتتى. مەن يەنە بۇ ئارخىپنى كۆرۈپ باققىلى بولارمۇ؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: ھازىر كۆرۈش تەسلىشىپ كەتتى، دېدى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:1]بولىدۇ قېرىندىشىم، ياقتۇرۇپ ئوقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
  • [dAva:0]<<ئىگەرلىك ئات>> دىگەن كىتابدىن ماجۇڭيىڭ ۋە قۇمۇل دىھقانلار ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئوقۇپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالغان ئىدىم.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    ئابدۇللا تالىپ ئالىمىزنىڭ كىتابىغۇ دەيمەن ھە،شۇ كىتابنى تەتىلدە بىرىپ تۇرالامسىز؟
    2010-12-26 23:39:35

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر