كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-25

    ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

      ۋاڭ شىلۇڭ



      1928 - يىلى ( مىنگونىڭ 18 – يىلى ) شىنىڭدىكى نىڭخەي كورپۇسىنىڭ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن خۇيزۇ ئوفىتسېرى ما جۇڭيىڭ ( 1911 − 1937؟ ) فېڭ يۈشياڭ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ گەنسۇدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ  " پۈتۈن خەلق سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، باندىتلارنى يوقىتايلى " دېگەن شۇئارنى توۋلاپ، يۇرتى خېجۇغا تېزلا 10 مىڭدەك ئەسكەر توپلاپ، خېجۇڭ، تاۋمىن، لوڭنەن، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا يۆتكىلىپ يۈرۇپ ئۇرۇش قىلدى ۋە خېجۇ، يىنچۇەنلەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق زىلزىلە قوزغىدى. فېڭ يۈشياڭ غەربىي شىمالدىكى ھۆكۈمرانلىقى كۈچلۈك تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئالتىدىن ئارتۇق دىۋىزىيىنىڭ ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 1930 - يىلى ما جۇڭيىڭ خېشىغا كىرىپ، گەنسۇدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، جيۇچۈەنگە ماكانلاشتى ۋە ئۆزىگە كۈچ توپلاپ، ئەمەلىي كۈچىنى زورايتتى. 1936 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ما جۇڭيىڭنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 36 - دېۋىزىيىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ قاتارلىق 7 ناھىيىنى ئايرىپ بەردى. ما جۇڭيىڭ شىنجاڭغا ئىككى قېتىم ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي،  ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى چالغىتىۋەتتى. 1933 -  يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭنى مەغلۇپ قىلدى، ما جۇڭيىڭ 36 - دىۋىزىيىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىپ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قەشقەردىكى " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " بىلەن خوتەندىكى " ئىسلام دۆلىتى "نى يوقاتتى. بۇ چاغدا 36 - دىۋىزىيىنىڭ  ئومۇمىي ئەسكىرى 15 مىڭدىن سەل ئاشاتتى. 1934 - يىلى 7 - ئايدا جاڭ  ياشاۋ، ۋۇ يىڭچى قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىدە ما جۇڭيىڭ 36 - دىۋىزىيىدىن ئايرىلىپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلدى، شۇ چاغدا ئۇ 22 ياشقا كىرگەنىدى، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان بۇ ياش گېنېرال شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى توغرىسىدا خىلمۇ - خىل قاراشلار بار، لېكىن ئۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

     بۇ ماقالىدا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ۋە زىيارەت داۋامىدا ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى  ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.


    1. ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە 36 - دىۋىزىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى

     
      ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە 36 - دىۋىزىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن برىگادا باشلىقى ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىمىسى بەك ئىشەنچىلىك. ما يەنلياڭ ( 1904 − 1987 ) خېجولۇق خۇيزۇ بولۇپ، ئۇزاققىچە ما جۇڭيىڭغا ئەگىشىپ  ھەر يەر - ھەر يەردە ئۇرۇشقا قاتناشقان. ما جۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماڭغاندا ئۇ 36 - دىۋىيىدە ئاتلىق ئەسكەر برىگادىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

    ما يەنلياڭ 1935 - يىل 8 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن ئىككى يىلدەك بىللە ئوقۇغان، بىللە تۇرغان. دېمەك ئۇ ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار مۇھىم گۇۋاھچى. ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىمىسى① دە مۇنداق دېيىلگەن: " ما جۇڭيىڭ 1934 - يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 36 - دىۋىزىيە بىلەن خوشلىشىپ سەي شۆسۈن قاتارلىق 280 نەچچە ھەمراھىنى ئېلىپ، ئېركەشتام ئارقىلىق  سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتتى، چېگرىدا  قورالسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئەنجاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ موسكۋاغا ماڭدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىر چېگرا مۇداپىئە قوماندانىنى ( ئىسمى ئېسىمدە يوق ) ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى ۋە پايتەختكە 7 - 8 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر داچىغا ئورۇنلاشتۇردى. ما جۇڭيىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە بۇ جايدىكى سانائەت قۇرۇلۇشى بىلەن مەكتەپلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە، ھاۋا ئارمىيە مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا تەقسىم قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مېسكوفنى ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى قىلىپ ئەۋەتتى، بۇنىڭدىن باشقا 4 ھەربىي تەربىيىچىنى ئۇنىڭغا سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىيەت، چەت ئەل تىلى قاتارلىق دەرسلەردىن تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئۇ چاغدا بۇ يەردىكىلەر ما جۇڭيىڭنى "گېنېرال" دەپ ئاتايتتى ".

    سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ما جۇڭيىڭغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىپ ئىلتىپات كۆرسەتتى ۋە ئۇنى مۇھىم تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلدى، بۇ ئىشلاردا  ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سەي شۆسۈن، جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچىلار كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سەي شۆسۈن قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، 1 - قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابقا قاتناشقان، شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن كوممۇنىستلار ئىكەندۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ  خوتەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي كۈچى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇش - بولماسلىقىدا مۇھىم رول ئوينايتتى، شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ما جۇڭيىڭغا دىققەت ئېتىبارىنى قاراتقانىدى.

    ما جۇڭيىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلغان چاغدا يېزنىسى ما خۇسەننى 36 - دىۋىزىيىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە 36 - دىۋىزىيە بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى. ما خۇسەن 36 - دىۋىزىيىنىڭ  ئوفىتسېرلىرىنى ئۈزلۈكسىز موسكۋاغا ئەۋەتىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ تۇردى. ما جۇڭيىڭمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭغا قايتقان ئوفىتسېرلار ئارقىلىق بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، 36- دىۋىزىيىنىڭ ھەرىكەت مىزانىنى بەلگىلەپ، شېڭ شىسەي بىلەن تېنچلىقتا بىللە تۇرۇشقا تىرىشتى."ما خۇسەن 1934 - يىلى قىشتا ھەربىي لاۋازىمات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ مېڭجيۇ، سۇ جيېمىن، جاۋ فۇچىنلارنى ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە ئەۋەتتى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىن پاسپورت ئېلىپ، تۈركىيىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە 36 - دىۋىزىيىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى".

    بۇ ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيە بىلەن بولغان تۇنجى ئالاقىسى. 2 - قېتىملىق ئالاقىسى 1935 - يىلنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ. ما خۇسەن قول ئاستىدىكى ما شېڭگۇينى قەشقەر ئارقىلىق موسكۋاغا بېرىپ ما جۇڭيىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى. شۇ يىلى يازدا ما شېڭگۇي قاتارلىقلار 36 - دىۋىزىيە تۇرۇشلۇق جاي خوتەنگە قايتىپ كەلدى، ئۇلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتىدىكى 8 — 9 ئادەم بىللە كەلدى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە سىياسىي خادىملار ئىدى. ما شېڭگۇي ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە قىلغان سۆزى ئېلىنغان پىلاستىنكىنى ئالغاچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى فاتىفوندا قويغىلى بولاتتى. بۇ پىلاستىنكا  36 - دىۋىزىيىدىكى جەڭچى - ئوفىتسېرلەرگە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تەسىرىنى كۆرسەتتى. كېيىن بۇ پىلاستىنكىنى ما يەنلياڭ ئۇزاققىچە ساقلىغان. 1950 - يىلى ما تۇڭ ئەپەندى لىنشيادا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ما يەنلياڭنىڭ يېنىدا كۆرگەن، ئۇ چاغدا بۇ پىلاستىنكىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى②. ما جۇڭيىڭ قىلغان سۆزنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇنداق: 1 ) 36 - دىۋىزىيىدىكى يولداشلارنى بەك سېغىندىم؛ 2 ) 36 - دىۋىزىيىنىڭ ئىشلىرى كاپالەتكە ئىگە بولدى،  سىلەرنىڭ شەرەپلىك ئۆتمۈشۈڭلار بولغان، كەلگۈسۈڭلارمۇ پارلاق بولىدۇ؛ 3 ) جۇڭگو ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، شەرقىي شىمال قولدىن كەتكەندىن كېيىن شىمالىي جۇڭگومۇ خەتەرلىك پەيتكە يۈزلەندى، سىلەرنىڭ 1931- يىلى چىقىرىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇمىي تېلېگراممىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ما خۇسەنگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈردۈم، 36 - دىۋىزىيىدىكى جەڭچى - ئوفىتسېرلەرنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن؛ 4 ) سىلەرگە دەپ قوياي، مەن ئۇزاققا قالماي قايتىپ بېرىپ، 36 - دىۋىزىيىنى پارلاق مەنزىلگە يېتەكلەيمەن. ماشىڭگۇي يەنە ما جۇڭيىڭنىڭ ما خۇسەننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا كېلىشكە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى، لېكىن ما خۇسەن ئىجرا قىلمىدى.3 - قېتملىق ئالاقىلىشىش 1935 - يىلى ياز بىلەن كۈز ئارىلىقىدا بولدى. ما شېڭگۇي قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ما جۇڭيىڭ يەنە ۋۇ يىڭچى، گې جىيۈن، لى شياڭيىڭ ئۈچەيلەننى خوتەنگە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا ما خۇسەننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا كېلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى بۇيرۇدى، ما خۇسەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشنى خالىماي  ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرۈپ، ما يەنلياڭ، لا شۇلى قاتارلىق 19  برىگادا باشلىقى ۋە پولكوۋنىكنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. شۇ يىلى 8 - ئايدا ما يەنلياڭ قاتارلىقلار قەشقەردە چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئەنجاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ موسكۋاغا بېرىپ ما جۇڭيىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىللە تۇردى. ئۇ چاغدا ما جۇڭيىڭ موسكۋادا نېمىس، فرانسوز، روس، ياپون تىللىرىنى  ئۆگىنىۋاتاتتى. ما يەنلياڭ قاتارلىقلارنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قوماندانى مۇنداق دېگەن: "بىز سوۋېت ئىتتىپاقى سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئېكىسكۇرسىيەگە كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز..... بىزنىڭ قارىشىمىزچە ما جۇڭيىڭ  بىر ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان ياش، بىر گۈل، شۇڭا بىز بۇ گۈلنى ئىنتايىن ياخشى بىر باغدا پەرۋىش قىلىۋاتىمىز". ما يەنلياڭ قاتارلىقلار زاۋۇت، مەكتەپلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ما جۇڭيىڭ بىلەن بىللە تۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 1935 - يىلى قىشتا قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆلىنىش ئارمىيىسى خېشى كارىدورىغا كىرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئون نەچچە مۇتەخەسسىسنى ئەۋەتىپ ما جۇڭييىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشمە شىتاب قۇرۇپ، مەخسۇس جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنىڭ يەر شەكلى، گومىنداڭنىڭ غەربىي شىمالدىكى ھەربىي كۈچى، قىزىل ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى. بۇ شىتاب 3 ئايدىن ئارتۇق خىزمەت قىلدى. شۇ چاغدا خېشى كارىدورىدا قىزىل ئارمىيىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار ئاساسەن چىڭخەيدىكى ما بۇفاڭ قوشۇنى ئىدى، ما جۇڭيىڭ ما بۇفاڭ بىلەن بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكا ئىدى ھەمدە چىڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىمدا بىللە ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇڭا چىڭخەيدىكى قوشۇننىڭ ئىچكى  ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇن باشلاپ ۋۇۋېي، جاڭيې، جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلغان بولغاچقا، خېشىنىڭ يەر شارائىتىنى پىششىق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىلان تۈزۈشتە مۇقەررەر مۇئەييەن رول ئوينايتتى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر