
ئۇ يەنە بىر جەدىتچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشلانغۇچ مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، كۇچا ئۇيغۇرلىرىغىمۇ يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەپ چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي مىسال تەرىقىسىدە، ئۆزى شەخسەن 40 − 50 بالىنى يىغىپ مەكتەپ ئاچقان، قەلەم - قەغەزلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن. ئوقۇتۇش بىرەر ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنسۇن دېگەن باھانە بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان بولسىمۇ، قېلىپ قالغان بەش- ئالتە ياشلىق بالىلار " تۈركىي تىلى " ئۆگىنىپ تەلەپپۇز ۋە ئىملا قائىدىسى بويىچە خەت يېزىشنى ئۆگەنگەن. بىراق نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئازغىنە ئوقۇغۇچى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگىدەك نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.1915 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كۇچادىن ئاتلىق يولغا چىققان يائۇشېف تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ ئاقسۇ، مارالبېشى، پەيزاۋاتلاردىن ئۆتۈپ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ئەسلى ساياھەتنىڭ مەقسىدى بولمىش تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش، بولۇپمۇ " تارىخىي رەشىدى " نىڭ قوليازمىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل تۇرغان بولسىمۇ، ساقلىنىۋاتقان تارىخىي كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك " خۇراپىيلىق ۋە توقۇلمىلار بىلەن تولغان خوجا - ئىشانلار تەزكىرىلىرى بولغاچقا، يائۇشېف ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتسىز كىتابلار بولۇپ چىققان.قەشقەردە يېڭىچە مائارىپنىڭ ئاۋانگارتى بولمىش ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللا بىلەن مۇڭداشقان پۇرسەتتە " ساپ تۈرك تىلى " دا يېزىلغان " قۇتادغۇبىلىك " قوليازمىسىنىڭ ئىنگلىز سەيياھلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يائوشېف ناھايىتى بىئارام بولغان.قەشقەردىكى ئىسلام ئېتىقادى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ كۇچادىكىگە ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ، كۆڭلى قاتتىق غەش بولغان، بىراق، قەشقەردە ئىسلاھات سىناق قىلىنغان. 1907 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇنجى يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، ئاران ئىككى، ئۈچ يىلچە داۋاملاشقان. 1914 - يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا، مۇسابايېفلارنىڭ ياردىمىدە ئەخمەت كامال " دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد " نى قۇرۇپ، يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلى بويىچە تەلىم - تەربىيىنى باشلىغان. يائۇشېف قەشقەرنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قەشقەردە ئىككى ئورۇندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەردىن مەمنۇن بولۇپ:" بۇلتۇر يېڭىچە مائارىپنى چەكلەپ، جەدىتچىلەرنى < كافىر > دەپ ئاتىغان قەشقەرنىڭ داموللىلىرى بۇ يىل ھەممىسى ئۆزگىرىپتۇ، يېڭىچە مائارىپقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ئۆز ياردەملىرىنى ئاتاپتۇ " ⑦ دەپ يازىدۇ.1915 - يىل 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قەشقەردىن ئاتلانغان يائۇشېف يېڭىسار، قىزىل، ئاقراباتتىن ئۆتۈپ 19 - كۈنى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن، يەكەندە بىر ئايدىن ئارتۇقراق تۇرغان. 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەنە ئاتلىنىپ قاغىلىق، گۇمىلاردىن ئۆتۈپ 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوتەنگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى خىيال قىلىپ كەلگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەن، خوتەن قاراقاشلىق ئەيسا قازى دېگەن كىشىدىن ئارىيەت ئالغان كىتابلار ئىچىدە ئەركەبەگخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شاھ مەھمۇت بىننى مىرزا فازىل جۇراس يازغان بىر تارىخىي ئەسەر بار ئىدى. يائۇشېف بۇ ئەسەرنى تاتارچىغا تەرجىمە قىلىپ " شۇرا " ژۇرنىلىدا " ئالتە شەھەر تارىخىدىن بىر پارچە " دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىدۇ. يەنە ئەينى چاغدا خوتەندىمۇ يېڭىچە مەكتەپلەر تېمىسىدا پاراڭلار بولۇۋاتقانىدى، بىر يىلنىڭ ئالدىدا خوتەندە ئېچىلغان يېڭىچە مەكتەپ مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، قەشقەردىن كەلگەن مۇھەممەد ئىبنى ئىنايىتۇللا 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خوتەندىكى تەسىرى زور كىشىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان.شۇ مەزگىلدىكى " ۋاقىت " گېزىتى بىلەن " شۇرا " ژۇرنىلىدىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يائۇشېفنىڭ نامى ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوتەندىن يولغا چىقىپ 9 - كۈنى كېرىيىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ سەپەردىشى بولغان كېرىيىلىك سودىگەر قاسىم ھاجى قارشى ئالغان، ئۇ قاسىم ھاجىنىڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇنغا 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەكتەپ ئاچقۇزغان، ئۆزى يېڭىچە مەكتەپنىڭ ۋاقىتلىق مۇۋەققەت ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئىككى، ئۈچ ئاي ئون نەچچە ئوقۇغۇچىغا »تۈركىي تىل«دا ئوقۇپ، يېزىشنى ئۆگەتكەن.1916 - يىلى بىر يىلنى خوتەن بىلەن كېرىيىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەسلى كەلگەن يولى بىلەن 1917 - يىلنىڭ بېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن، ھەمدە سەپەر تەييارلىقى پۈتسىلا يەنە تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغىچە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئويىدا بولغان. بىراق، قەشقەرگە تۇيۇقسىز روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەن. ئۇ قەشقەردە كۆرگەن " ۋاقىت " گېزىتىگە ئىنقىلابتىن كېيىنكى روسىيە ۋەزىيىتى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا گېنېرال گوبىرناتورنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان مۇستەبىتلىكى يوقىلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلغان، يېڭىدىن گېزىت - ژۇرناللار نەشر قىلىنغانىدى. 3 - ئايغا كەلگەندە، جەدىتچىلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان " شۇرائى ئىسلام " دېگەن ئاپتونومىيە ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ قۇرۇلغان⑧. يائۇشېف سەپەرنى بىردىن توختى- تىپ، يۇرتى روسىيىدىكى " ئىنقىلاب ۋە ئەركىنلىك " نى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، 4 - ئايدا قەشقەردىن يولغا چىقىپ روسىيە تەۋەسىگە كىرگەن. ئوش، ئەنجان، قوقانلاردىن ئۆتۈپ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ كەلگەن.بىراق، شىنجاڭغا سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلگەن يائۇشېفقا تاشكەنتتىكى تاتارلار سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان. " شۇرائى ئىسلام " مۇ يولباشچىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، مۇتەئەسسىپلەر بىلەن سۈركىلىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغاچقا، پائالىيىتىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. يائۇشېف ئۇلارغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى يوشۇرالمىغان. شۇڭا ئۇ تاشكەنتتىن تېزلا ئايرىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەييارلىقىدا بولغان. ئەپسۇسكى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يائۇشېف تاشكەنتتە بىمەزگىل 30 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق مۇسىبەت خەۋىرى تارقالغاندا " شۇرا " ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى رىزائىددىن ئىبنى پەخىردىن يائۇشېفنىڭ تالانتىغا ئېچىنىپ: ئۇنىڭ خەۋەرلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى " سەپەر خاتىرىسى " شەكلىدە رەتلەپ نەشر قىلىپ تارقىتىش زۆرۈر. ئەگەر ئۇنىڭ ئاغىنە - بۇرادەرلىرى، زامانداشلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنى يىغىپ نەشر قىلسا قالتىس ئىش بولاتتى دەپ چاقىرىق قىلغان، بىراق، ئىنقىلابتىن كېيىنكى ۋەزىيەت شۇنداق قىلىشقا يار بەرمىگەن. خاتىمە ئورنىدا يائۇشېف پائالىيەت ئېلىپ بارغان 1910 - يىللار روسىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، شىنجاڭدىمۇ جەدىتچىلىك ھەرىكىتى تازا جانلانغان مەزگىللەر ئىدى. يائۇشېف كۇچا بىلەن كېرىيىدە ئۆزى يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت قەشقەر، خوتەنلەردە يەرلىك جەدىتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى گېزىت - ژۇرنال يۈزىدە ماختىغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇ جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۆھپە قوشقان. بۇ ماقالىدا ئۇنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئەمەلىي پاكىتلار كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى بىرقانچە ئېھتىماللىقنى ئەسلەتمە قىلىپ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.قەشقەردىكى مۇتەئەسسىپ دىنىي كۈچلەر جەدىتچىلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن، بۇ خىل قارشىلىشىش ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جەدىتچىلەرنى باستۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ قىيىنلىقى ھەمدە جۇڭگودا ئىسلاھات ۋە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن كىشىلەر تازا جانلىنىۋاتقان مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە يۈزلەنگەن. بۇ ھەرىكەت 1933 - يىلى قەشقەردە تىكلەنگەن " شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى " بىلەن نەتىجىلەنگەن.قەشقەردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، 1920 - يىللاردا ئۆزبېكستاندا ۋاپات بولغان ھاجى ئەلى " ۋاقىت " گېزىتىگە ئەۋەتكەن ماقالىسىدا " ئۆتمۈشتە ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان ئانا يۇرتۇم نۇرسىز، يولسىز، سۇسىز قېلىپ خارابلىشىۋاتىدۇ " دەپ يۇرتىدىكى جاھالەتتىن زارلىغان⑨. " ئۇ ۋاقىت " گېزىتىگە ماقالە ئەۋەتكەن⑩ ئىكەن، ئەلۋەتتە يائۇشېفنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ كۆرگەن بولسا كېرەك. يائۇشېفنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن روسىيە تۈركلىرىنىڭ نەشر ئەپكارىدا قوللىنىلغان جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ۋە مىللەت ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈكىنى شەكىللەندۈرۈشكە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك:غەربلىكلەرنىڭ ماقالىلىرىدىكى " ش ت " دېگەن سۆز جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىلغان، بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلارغا سىرتتىن كىرگەن، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىشى " شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى " قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىش⑾. بۇ سۆز يەنە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جايلارنى كۆرسەتكەن، ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى " ئالتە شەھەر " دېگەن ئۇقۇم بەزىدە " يەتتە شەھەر " ، " سەككىز شەھەر" دېگەن ئۇقۇملارغا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر بوستانلىق شەھەرلىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇدەك چوڭ شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئۇچتۇرپان، يېڭىساردەك كىچىك شەھەرلەرنى چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئېلىش - ئالماسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.ئابدۇقادىر داموللا 1915 يىلى " شۇرا " ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن ماقالىسىدا " بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز، شەرقتە ئاقسۇلۇقلار، خىتايلار، شىمالدا قىرغىزلار، جەنۇبتا تىبەتلەر، غەربتە بۇرۇندىن باشلاپ بىزلەرگە ئۇستاز بولۇپ، دىن ۋە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن پەرغانە ۋە بىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەدەنىيەتگاھىمىز بۇخارائى شېرىپدۇر "12 دەپ بايان قىلغان، قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇقادىر داموللا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوخشاشلا " ئالتە شەھەر " نىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ ئاھالىسى " قوشنا " لىقنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەن. بەلكىم ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا " ئالتە شەھەر " ، " ش ت " دېگەن ئاتالغۇلار ئۇلار ياشاۋاتقان بوستانلىقلار دائىرىسىدىن كەڭرەك جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم مەنىسىنى بېرەلمىگەن.بىراق، كېيىنچە ئۇلار " ش ت " دېگەن ئۇقۇمنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلغان. يائۇشېف " ش ت " دېگەن سۆزنى ئانچە ئىشلەتمىگەن. كۆپ ئورۇندا " چىنى تۈركىستان " يەنى جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن، ئۇ يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇغان يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ يات ئاتالغۇنى غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان زېمىننىڭ " چىنى تۈركىستان " ، " ش ت " ، " تۈركىستان " دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك. ئاشۇ جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قوللاپ شۇنداق ئاتىغاندا، ئۇلاردا شۇنىڭغا مۇناسىپ جۇغراپىيىۋى ئۇقۇمنىڭ بولماسلىقى ۋە " ش ت " ئاتالغۇسىنى دۆلەت نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھازىر بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا ئۆزلىشىش جەريانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى چىقىش قىلىپ ئويلاش مۇھىم تېما.
ئىزاھلار:① ساۋادا مىنورونىڭ چوقان ۋەلىخانوفنىڭ تەكشۈرۈش سەپىرىنىڭ جەريانى تونۇشتۇرۇلغان " يەتتە سۇدىن قەشقەرگىچە " دېگەن ماقالىسى ( تاكى زاۋاياما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئىلمىي ژۇرنىلى، ئومۇمىي 41 – سان ) . ئەخمەت كامال ھەبىبزادىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئوئىشىنىڭ " قەشقەردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى − مۇساباي جەمەتى ۋە يېڭىچە مائارىپ " دېگەن ماقالىسىغا قاراڭ.
② سېرگېي زېنكوۋىسكى:" روسىيىدىكى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم " ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1967 - يىلى ئىنگلىزچە نەشرى، 114-، 115 - بەتلەر؛ ئېدۋارد ئالۋورس:" قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشى " .
③ ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەن كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بولۇپ، قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن. يائۇشېف ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلغان چاغدا بىرقانچە شەھەردە تەلىم- تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۈرۈمچىدىكى تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەرتىپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان زىننەتۇللا ئەپەندى جىگىتبايمۇ ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەن.
④ كوماسى ھىروئو: " ئىنقىلابىي ئوتتۇرا ئاسىيا − جەدىتچىنىڭ پورتىرېتى " توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 1996 - يىل نەشرى، 56 − 59 - بەتلەر.
⑤ بۇلار روسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەشر ئەپكارى بولۇپ، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن" ئاينە " دۇر. " ئاينە " دىكى ماقالىلاردا يائۇشېفنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلمىغان، پەقەت y.n دېگەن ئىككىلا ھەرب يېزىلغان، بىراق n ھەرپىنىڭ ئالدىغا سەيياھ سۆزى قوشۇلغانلىقى ھەمدە ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا يائۇشېف ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
⑥ ئىبراھىم 1907 - يىلنىڭ ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1908 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرى قايتا قازاندىن يولغا چىقىپ سىبىرىيە، موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، ياپونىيە، كورىيە، جۇڭگو، سىنگاپور، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە ساياھەت قىلغان. بۇ ھەقتە ئابدۇرېشىت ئىبراھىم يازغان " ياپونىيە − روسىيە تۈركلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ياپونىيىنىڭ مېيجى دەۋرى " دېگەن كىتابقا قاراڭ.
⑦ بۇ كىتابنى ئاكىمۇشكىن پارسچە تېكستى بىلەن رۇسچە تەرجىمىسىنى قوشۇپ ئىزاھ يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ پايدىلانغان ئەسلى كىتابنى ۋ.ۋ.بارتولد 1916 - يىلى تاشكەنتتە باقىجانباي دېگەن كىشى ساقلىغان كىتابلار ئارىسىدىمۇ ئۇچراتقان، ئەجەپلىنەرلىكى ئوخشاش ۋاقىتتا يائۇشېفمۇ يەنە بىر قوليازمىنى تاپقان.⑧ كوماسىنىڭ كىتابى 123 − 125 - بەتلەر.
⑨ ئوئىشىنىڭ ماقالىسى 17 - بەت.
⑩ ھاجى مۇھەممەد نەۋرۇز ھاجى ئوغلى " قەشقەر " − " ۋاقىت " گېزىتى 1914 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى سانى.
⑾ داموللا ئابدۇقادىر: " بايانى ھەقىقەت " − " شۇرا " ژۇرنىلى، ئورىنبۇرگ، 1915 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۇنى نەشرى، 23 - سان.12 ۋاڭ كې: " ش ت جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە تەتقىقات " ، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1995- يىلى ياپونچە نەشرى، 8 - بەتياپونچە " كوبى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخشۇناسلىق يىللىق ژۇرنىلى " نىڭ 1998 - يىلى 5 - ئايدا نەشر قىلىنغان 31 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەرجان نۇرى
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2004 – يىلى 2 – سان