
ئىمپېرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى
شاھ جاھاننىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. چوڭ ئوغلى داراغا پايتەخت دېھلىغا ئەڭ يېقىن بولغان غەربىي شىمال قىسمىدىكى پەنجاپ سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى شۇياغا شەرقىي قىسىمدىكى بېنگال ۋە ئورىسسا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوغلى ئەۋرەڭزېب ئوتتۇرا قىسىمدىكى دېكان ئېگىزلىكىدە، تۆتىنچى ئوغلى موراد غەربىي قىسىمدىكى گۇجرەتتە تۇرىدۇ. بۇ تۆتەيلەن نامدا ۋالىي بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە كىچىك پادىشاھ ئىدى. ئۇلار ھەربىي قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۆزى بىلگىنىچە ئىش قىلاتتى. پادىشاھ شاھ جاھاننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمايتتى، ھەتتا ھەر قايسىسى ئۆز رايونىدا پۇل تارقىتاتتى. ئاخىرى پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ ئۆزئارا قىرغىن قىلىشتەك پاجىئە يۈز بېرىدۇ، بۇ جېدەل تۆت يىل داۋام قىلىدۇ. 1657 – يىلى شاھ جاھان تەختتە ئولتۇرغىنىغا 30 يىل بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئىتتىپاق تۈزۈپ، بىرلىشىپ چوڭ ئاكىسى داراغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئىككىنچى يىلى دارا جەڭدە يېڭىلىدۇ. شاھ جاھان ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئەۋرەڭزېب تەرىپىدىن ئاگرادا نەزەربەنت قىلىنىدۇ. 1659 – يىلى 5- ئايدا، ئەۋرەڭزېب رەسمىي تەختكە چىقىپ ئۆزىنى پادىشاھ جاكارلايدۇ. شاھ جاھان سەككىز يىل قاماقتا يېتىپ، 1666- يىلى 74 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ ۋە ئۇ ھايات چېغىدا ماھال ئۈچۈن ياساتقان قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ.
ۋەلىئەھد دارا مەغلۇب بولغان ھامان ئەۋرەڭزېب ئۆزىنىڭ ئىنىسى مورادنى تۇتۇۋېلىپ باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. دارا قوشۇن تارتىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، راجپۇتتىن سىندقا بارىدۇ. ئۇ يېرىم قۇملۇق رايون سىندتا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، شۇ جايدىكى بەگلەر تەرىپىدىن سېتىۋېتىلىدۇ. ئەۋرەڭزېب ئۇنى قولغا ئېلىپ دېھلىغا ئاپىرىپ، پايتەخت كوچىلىرىدا يىرتىق كىيىملىرى بىلەن سازايى قىلىدۇ، يەنە باشقىلارنىڭ دارانىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشنى ھىمايە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى تۈرمىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئىككىنچى يىلى، يەنى 1660- يىلى ئەۋرەڭزېب ئەسكەر ئەۋەتىپ ئاكىسى شۇياغا قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئۇنى بېرما چېگرىسىدىكى ئالاگان ئورمانلىقىغا قوغلىۋېتىدۇ. شۇيا ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى يەرلىك ئادەملەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. شاھ جاھان ئۆلۈشتىن بەش يىل ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ 3- ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئەۋرەڭزېب ئۆزىنىڭ جىيەن ئوغۇللىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئۆمۈرۋايەت قامىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتاندىن تەختنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ گۇمانلىنىپ، ئۇنىمۇ نەزەربەند قىلىدۇ، ئەۋرەڭزېبنىڭ قىزى كابوننىسا ئاتىسىنىڭ بۇ تەدبىرىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئاكا – سىىڭىل ئىككەيلەن تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئەۋرەڭزېب گۇمانخور، ۋەھشىي بولسىمۇ، تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتقانىدى، زادى ھاراق ئىچمەيتتى. ئۇ ئىسلام دىنىغا چىن كۆڭلىدىن ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنتايىن تەقۋادار ئادەم ئىدى. ئۇ دېھلىدىكى قىزىل قەلئە ئىچىدە كىچىك بىر مەرمەر مەسچىت سالدۇرغان، لاھۇردا قىزىل خىشتىن بىر چوڭ مەسچىت سالدۇرغان. بېنالېستا ھىندى دىنىدىكىلەرنىڭ چوڭ بۇتخانىسىنى بۇزدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەسچىت سالدۇرغانىدى. ئۇ تەختتە 48 يىل ئولتۇرغان بولسىمۇ، باشقا قۇرۇلۇش سالدۇرمىغانىدى. ئۇنى ئىسلام دىنىدىكىلەر ئىچىدىكى كونىلىقنى ياقلىغۇچىلار ھىمايە قىلاتتى. ئۇ ھىندى دىنىغا ئاتىسى شاھ جاھاندىنمۇ بەتتەر قارشى تۇراتتى، شۇڭا ئۇ راجپۇت رايونىدىلا ھىندى دىنىدىكىلەرنىڭ چوڭ – كىچىك ئىبادەتخانىلىرىدىن 186نى بۇيرۇق بىلەن بۇزدۇرۇۋەتكەنىدى. ئۇ، ھىندى دىنىدىكىلەرنىڭ بايراملىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىگەن ھەمدە ئەكبەر ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن جان بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنىدى. 1679- يىل 4- ئاينىڭ 2 – كۈنى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىدىن نەچچە مىڭ كىشى دېھلىدىكى چوڭ مەسچىت ئالدىدا جان بېجى ئېلىشقا ئېتىراز بىلدۈرگەندە، ئەۋرەڭزېب ئاممىنى پىل ۋە جەڭ ئېتى بىلەن تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بۇ ۋەقەدە يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان.
1659- يىلدىن 1681-يىلغىچە بولغان 22 يىل ئىچىدە، غەربىي شىمال ۋە
شەرقىي شىمال چېگرىسىدا ئۇرۇش بولغاندىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەت تىنچ بولىدۇ. ئەمما، شىڭلار، راجپۇتلار، ماراتىلار ۋە دېكان ئېگىزلىكىدىكى مۇسۇلمان ئۆكتىچىلەر كونىلىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ كەمسىتىش ۋە ئېزىش سىياسىتىگە قارشى قوزغالغانلىقى ئۈچۈن، ئەۋرەڭزېب زامانىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، 1681-يىلدىن 1707-يىلغىچە بولغان 16 يىل ئىچىدە، ھەر يىلى ئۇرۇش بولۇپ تۇرىدۇ. ئەۋرەڭزېب 89 يېشىدا ۋاپات بولغاندىمۇ، ماراتىلار قوشۇنى 500 مىڭ كىشىلىك موغۇل قوشۇنى بىلەن ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى جايلاردا يەنىلا ئېلىشىۋاتاتتى. ھەر يىلى ئۇرۇش بولۇپ تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى ھە دەپ ھەربىي تەمىنات يىغقانلىقى ئۈچۈن، ئەمەل-ئۇنۋان سېتىش، ئاشكارا پارىخورلۇق قىلىش، سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىش، باج-سېلىق ئېغىرلىشىش، يېزا ئاھالىلىرى قېچىپ كېتىش، ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. 1669-،1672-،1681- ۋە 1691-يىللىرى دېھقانلار تۆت قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرتىپى ھەممىلا يەردە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەۋرەپ قالىدۇ. 1702-يىلدىن 1704-يىلغىچە گانگ دەرياسى ۋادىسىدا ئۇدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدۇ، تەبىئىي ئاپەتتىن كېيىن يەنە يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەۋرەڭزېب تەمىنات توپلاش ئۈچۈن 1690-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى تاپشۇرغان نەق پۇلنى ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ غەربىي دېڭىز بويىدىكى سۇرات ئەتراپىدا ۋە شەرقىي دېڭىز بويىدىكى گانگ دەرياسى ئېغىزىدا داۋاملىق تۈردە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بومباي ۋە كالكۇتتىدا پۈتكۈل ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بازا قۇرۇۋالىدۇ.
ئەۋرەڭزېب ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بالىلىرى پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ، دائىم ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ تۇرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، دېكان ئېگىزلىكى ۋە بېنگال كەينى-كەينىدىن مۇستەقىل بولىدۇ. 1740-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پارس قوشۇنى دېھلىدا توققۇز كۈن قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، شاھ جاھاننىڭ تەختىمۇ بۇلاپ كېتىلىدۇ. توپىلاڭچى ماراتىلار قوشۇنى ئافغانىستان قوشۇنى تەرىپىدىن 1761-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى پانىپات ئۇرۇشىدا مەغلۇب قىلىنغان بولسىمۇ، توپىلاڭچى راجپۇت قوشۇنى يەنىلا ئاگرا ۋە دېھلى ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ تۇرىدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى شاھ ئالەم 1764-يىلى بوخار ئۇرۇشىدا ئۆزى بېرىپ ئىنگلىزلارغا تەسلىم بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى گانگ دەرياسى ۋادىسىغا توسالغۇسىز بېسىپ كىرىدۇ، موغۇل ئىمپېرىيىسى ئەنگىلىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ماركس 1853-يىلى مۇنداق دەپ يازغانىدى:«ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى قانداق ئورنىتىلغان؟ بۈيۈك موغۇلنىڭ چەكسىز ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ۋالىيلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، ۋالىيلارنىڭ ھاكىمىيىتى ماراتىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، ماراتىلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئافغانلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان؛ برىتانىيىلىكلەر مۇشۇنداق يېغىلىقلاردىن پايدىلىنىپ بۆسۈپ كىرىپ، ھەممە ئادەمنى بويسۇندۇرۇۋالغان.»(1)
موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستان تارىخىدا قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلەر ئىدى. ئەكبەر تەرەققىپەرۋەر مىللىي ۋە دىنىي سىياسەت قوللانغانلىقى ئۈچۈن، راجپۇتلارنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشىپ، پۈتكۈل گانگ دەرياسى ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەنىدى، ئۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ جەنۇبى، يەنى ھازىرقى ئاندرا، مادراس ۋە مىسور قاتارلىق رايونلار، تامامەن ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان چىجاياناگار ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئىدى. موغۇل ئىمپىېرىيىسى دەۋرىدە، دېھلىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي گازارمىلاردا ھىندى تىلى گرامماتىكىسى قۇرۇلما قىلىنغان، پارس ۋە ئەرەب تىللىرى سۆزلۈك قىلىنغان ئوردۇ تىلى كېلىپ چىقتى، بۇ تىل ھازىرقى پاكىستاننىڭ دۆلەت تىل بولۇپ قالدى. موغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئېلىپ كەلگەن پارس مەدەنىيىتىمۇ ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى بىناكارلىق، رەسساملىق ۋە مۇزىكا ئۇسلۇبلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. پارسچە يېزىلغان ھىندىستان تارىخى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھىندىستان پەلسەپىسى مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ راۋاجلاندى. ئەينى ۋاقىتتا دېھلى شەھىرىنىڭ ئاۋاتلىقى بۇخارا، باغداد،قاھىرە، كونستانتىن ۋە بېيجىڭلاردىن قېلىشمايتتى. بۇنىڭدىن موغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ بۈگۈنكى ھىندىستان مەدەنىيىتىگە ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىزاھ:
(1) «ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 9-توم، خەنزۇچە نەشرى، 246-بەت.