• 2009-07-02

    دېھقاننى دوراش - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41784990.html

    دېھقاننى دوراش

    )ھېكايە(
    لى رۇڭخۇا


    ھازىر شەھەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولغاچقا، شەھەرلىكلەر يېمەكلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدىغان بولۇپ كېتىشتى. بېلىق سېتىۋالسا ياۋا بېلىقلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشىدۇ، تۇخۇم سېتىۋالماقچى بولۇشسا سەھرالىق دېھقانلار باققان يەرلىك توخۇنىڭ تۇخۇمىنى سېتىۋالىدىغان بولۇپ كېتىشتى، ئۇنىڭ باھاسى ھەر قانچە قىممەت بولسىمۇ پەرۋا قىلىشمايدۇ. ۋاڭ بوۋاي ئۆيىدە نەچچە ئون توخۇ باققان بولۇپ، نەچچە كۈندە بىر قېتىم شەھەرگە تۇخۇم ئەكىرىپ ساتاتتى. ۋاڭ بوۋاينىڭ تۇخۇمىنىڭ بازىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بازارغا كىرىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشىغىلا كۆزى ئۆتكۈر شەھەرلىكلەر ئۇنىڭ ھەقىقەتەن سەھرادىن كەلگەن دېھقان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ ھەقىقىي يەرلىك تۇخۇم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاتتى-دە، تۇخۇم ساتىمەن، دەپ توۋلاپ يۈرمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىپ كېلەتتى، ھايال قالماي ئۇنىڭ سېۋىتى قۇرۇقدىلىپ تۇخۇملىرى سېتىلىپ بولاتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇ غەلىتە بىر ئىشقا يولۇقتى.
    ياش قورامى ۋاڭ بوۋاي دېمەتلىك، ئەمما بىر قاراشقىلا شەھەرلىك ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. دەسلىپىدە ۋاڭ بوۋاي ئۇنى تۇخۇم سېتىۋالىدىغان كىشى دەپ قالغان ئىدى. ئەمما كىشىنىڭ سۆزى بوۋاينى ھەيران قالدۇردى:
    -
     ئۇچىڭىزدىكى چاپىنىڭىزنى ساتامسىز؟ - دېدى ئۇ ئادەم.
    ۋاڭ بوۋاي ئۇچامدىكى چاپان مۇنداق جۇل-جۇل تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ ساتقىلى بولىدۇ،دەپ ئويلاپ قالدى. ۋاڭ بوۋاي تاماكىنى كۆپ چەككەچكە ئۇنىڭ چاپىنىدا تاماكا كۈلىدە كۆيۈپ كەتكەن تۆشۈكلەر نۇرغۇن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاڭ بوۋاي دائىم سوغۇقنى سوغۇق دېمەي يول يۈرۈپ شەھەرگە كېلىدىغان بولغاچقا بۇرنىدىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچ ئويلانمايلا چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن بۇرنىنى سۈرتەتتى، شۇڭا چاپاننىڭ يېڭى شىلىم سۈركەپ قويغاندەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. دېمەك بۇ چاپاننى يارىشىملىق دېگىلى بولمايتتى، شۇڭا بوۋاي بۇ ئادەم ساتامسىز دەپ سورىغاندا  ئۇنىمىغان ئىدى.ئەمما ئۇ كىشى يەنىلا نىيىتىدىن يانماي يەنە سورىدى:
    -
     ئەگەر سېتىشقا ئۇنىمىسىڭىز، ئۇچامدىكى چاپان بىلەن تېگىشىپ بېرەمسىز؟
    ۋاڭ بوۋاي كۈلۈپ كەتتى، ئۇ ئىچىدە: بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ نېمە؟نېمە مۇنداق ئەخمىقانە سوئاللارنى سوراپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇۋەردى، ئەمما ئۇ كىشى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن چاپىنىنى سېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ ۋاڭ بوۋايغا چاپىنى بېرىپ ۋاڭ بوۋاينىڭ چاپىنى كىيىۋالدىدە، بوۋايغا رەھمەت، دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ۋاڭ بوۋاي ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن مومىيى ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى چاپاننى كۆرۈپلا :
    -
    كۆزىڭىز خېلى مال تونۇيدىكەن، خېلى يارىشىملىق چاپان سېتىۋالالاپسىز، ئۇنى كىيىپ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاپلا قاپسىز، - دېدى.
    بوۋاي ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، موماي ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. ھەر ئىككەيلەن ئويلىنىپ قالدى: بۇ شەھەرلىك نېمە ئۈچۈن  ئۇ ئەسكى چاپاننى ئالماشتۇرىۋالىدىغاندۇ؟
    موماي بوۋىيىغا:
    -
     ھەزەر ئەيلەڭ، كىچىككىنە پايدىنى دەپ چوڭ زىيان تارتمايلى يەنە،- دېدى.
    شۇنىڭدىن تارتىپ بوۋاي شەھەرگە كىرگەندە ھېلىقى ئادەمدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلدى. ئەمما ئۇ كىشى ۋاڭ بوۋاينى كۆرگەندە خۇددى تونۇشلىرىنى كۆرگەندەك قىزغىن سالام قىلدى، ئۇ ۋاڭ بوۋايغا ئوخشاشلا يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى ھەمدە بوۋايغا تاماكا تەڭلىدى، بوۋاي ئۇنىڭ تاماكىسىدا بىرەر چاتاق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تاماكىنى ئالمىدى ۋە يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى. ئۇ ئادەم بوۋايغا يېقىنچىلىق قىلغىلى تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇدۇللا قىلىپ:
    -
     يا تۇخۇم سېتىۋالمىسىڭىز، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ نېمە ئىش قىلماقچى؟گېپىڭىز بولسا ئۇدۇل ئېيتىڭ - دېدى.
    -
     سۆزىڭىز ئاشكارە ئادەم ئىكەنسىز، ئۇنداق بولسا مەنمۇ دەۋېرەي ئەمىسە. ھى ھى، سېۋىتىڭىزنىمۇ ماڭا ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، - ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئېيتتى.
    ئۇنىڭ بۇ سۆزى بوۋاينى يەنە ھەيران قالدۇردى:
    -
    بۇ ئەسكى سېۋەتنى نېمە قىلاتتىڭىز، ۋاقتىم چىققاندا سۆگەت چىۋىقىدا بىرنى توقۇپ بېرەي، ئەمما بۇ سېۋەتنى ھازىر سىزگە بېرەلمەيمەن، چۈنكى تۇخۇملىرىمنى سېتىپ بولالمىدىم، سېۋەتنى سىزگە بەرسەم تۇخۇملىرىمنى نېمىگە سالىمەن،- دېدى بوۋاي.
    -
    بۇ ھېچگەپ ئەمەسكەن، مەندە يېڭى سۇلياۋ چېلەك بار، شۇنىڭ بىلەن ئالماشتۇرايلى.
    ئۇ ئادەم شۇنداق دەپلا ئۇ تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىپ، بىردەمدىلا بىر سۇلياۋ چېلەكنى كۆتۈرۈپ كەلدى، بوۋاي ھەيرانلىق ئىچىدە سېۋىتىنى چېلەككە ئالماشتۇردى.
    شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ بوۋاي، ئۈستۋېشىمنىڭ ھەممىسى يېڭىلىنىپ كەتسۇن، دەپ بىر ئىشتان، بىر ئاياق سېتىۋېلىپ ئۇچىسىدىكىنى ئالماشتۇرىۋالدى. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن موماي ئۇنىڭ ئۈست-ئۈست-باشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. بوۋاي راستلا شەھەرلىككە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئەمما ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، شۇندىن باشلاپ بوۋاينىڭ تىجارىتى ئىلگىرىكىدەك بولماي قالدى. ئىلگىرى تۇخۇملار تالاشتا سېتىلىپ يېتىشمەيتتى، ئەمدىلىكتە بولسا سېتىلىپ بولۇنماي ئېشىپ قالىدىغان بولدى. كۆكتات سېتىۋالغىلى كەلگەن نۇرغۇن شەھەرلىكلەر بىر سۇلياۋ چېلەكتىكى تۇخۇمغا، بىر بوۋاينىڭ ئۈست-باشلىرىغا قارىۋېتىپ باشلىرىنى چايقاپ كېتىپ قېلىشىدىغان بولۇشتى. بوۋاي بۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن بولۇۋاتقانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئىچى سىقىلاتتى.
    يېقىندا بوۋاي شەھەرگە كىرىپ باشقا بىر كۆكتات بازىرىغا بېرىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى.
    بوۋاي كۆكتات بازىرىغا كىرىپلا ھېلىقى شەھەرلىكنىڭ توخۇ ۋە تۇخۇم سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇنىڭ ئالدىدا بوۋاي بۇرۇن ئىشلەتكەن ھېلىقى ئەسكى سېۋەت، ئۇچىسىدا بولسا بوۋاينىڭ بۇرۇنقى ئەسكى چاپىنى، ئۇنىڭ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشلىرىمۇ ۋاڭ بوۋاينىڭ تۇخۇم ساتقاندىكى قىياپىتىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.
    ۋاڭ بوۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا باردىدە، سورىدى:
    -
    سىزمۇ تىجارەتچىمۇ؟
    ئۇ ئادەم ۋاڭ بوۋاينى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
    -
    سىزدىن تەجرىبە ئۆگىنىپ كەلگەندىن بېرى تىجارىتىم بۆلەكچىلا يۈرۈشۈپ كەتتى، سېۋەتتىكى تۇخۇملار يەرلىك تۇخۇم بولمىغان بىلەن، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پەرق ئېتەلىشى ناتايىن، ئۇلار ئۇچامدىكى ئەسكى چاپان ۋە ماۋۇ ئەسكى سېۋەتنى كۆرسىلا چوقۇم ھەقىقىي دېھقاننىڭ يەرلىك تۇخۇمى دەپ ئىشىنىدۇ-دە!


    خەنزۇچە «پاراڭخانا» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: