• 2009-06-26

    جۆيلۈش - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41529328.html

    جۆيلۈش
    )
    ھېكايە(
    يىمڭ

     
    ئەرنىڭ ئەزەلدىن كېچىسى جۆيلىدىغان خۇيى بار ئىدى، يېقىندىن بېرى تېخىمۇ ئەدەپ قالدى. بەزىدە ئەر كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ قاتتىق يىغلاپ ئايالىنى ئويغىتىۋېتەتتى.
    شاۋلىڭ،
    ھە،
    سىزنى سۆيىمەن.
    ھىم.
    ماڭا ماقۇل بولۇڭ ،ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ مەندىن ئايرىلماڭ.
    ھىم.
    مېنى سۆيەمسىز؟
    ھەئە.
    ئەر ئۇخلاۋېتىپ قىلغان سۆزلىرىگە ئايالىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن قانائەت ھېس قىلغاندەك، ئۇ يېنىغا ئۆرۈلۈپلا يەنە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتەتتى.
    بەزى چاغلاردا مېھمانخانا ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈۋېتپ ئەر ئايالىدىن:
    كېچىدە سىزنى ئويغىتىۋەتتىممۇ؟ دەپ سورايتتى، ئايالى:
    ياق، دەپ جاۋاپ بېرەتتى، ئېرى يەنە:
    راستىنلا ئويغىتىۋەتمىدىممۇ؟ دەپ سورايتتى، ئايالى:
    راست ئويغىتىۋەتمىدىڭىز، دەيتتى.
    شۇنىڭ بىلەن ئېرى ئالدىدىكى چاينى بىر ئوتلىۋېىپ يەنە تېلېۋىزورىنى كۆرۈۋېرەتتى. تېلېۋىزوردا مەيلى پۇتبول پروگراممىسى بولسۇن، ياكى ئېلان بولسۇن قانداق نومۇر بولسا ئۇ ئىشتىياق بىلەن كۆرەتتى.
    توي قىلغان 7 يىلدىن بېرى ئەر ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر بىلەن باشقا بىر شەھەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپلا يۈردى. ئىككىلا شەھەردە ئۇنىڭ تىجارىتى بار ئىدى، ئۇ تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆز يولىدا ماڭدۇراتتى.
    بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئەرنىڭ تېنى سەل ساقسىز بولۇپ دېمى سىقىلىپ قالدى. ئايالى ئۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا بىرگە بېرىپ تەكشۈرتتى،TC غا چۈشۈپ بولىشىغا ئەرنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. تېلېفون شىركەتتىن كەلگەن بولۇپ ئۇنى شىركەتكە كېلىشىنى دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تۇتام تەكشۈرۈش قەغەزلىرىنى پۇرلاپلا ئالدىدە ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.
    تاماق يەيدىغان چاغدا ئايال ئېرىنىڭ چىرايىنىڭ غەلىتە تۇرغانلىقنى سېزىپ، دەرھال تەكشۈرۈش قەغەزلىرى ئېسىگە كەلدى. ئۇ قەغەزلەرنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ بارا بارا جىددىلىشىشىكە باشلىدى. ئۇ شۇ ھامان دوختۇر دوستىغا تېلېفون قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭدىن تەكشۈرۈش قەغىزىنى تەھلىل قىلىپ بېرىشنى سورىدى، ئۇ تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى مەزمۇنلارنى دوستىغا ئېيتىپ بولىشىغا دوستى:
    يامان سۈپەتلىك ئۆسمىكەن، دېدى، ئۇ:
    مۈمكىن ئەمەس، دېگىنىچە تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى خەتلەرنى يەنە بىرمۇ بىر ئوقۇدى، دوستى يەنە:
    يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، دېدى. بۇ چاغدا ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان بولۇپ ھەممە گەپنى ئېنىق ئاڭلىغان ئىدى. ئايال تېلېفوننى قويۇپلا كىرىسلوغا يىقىلدى.
    ئەر:
    ئۇخلايلى، دېدى. ئايالى:
    ماقۇل، دېدىدە، ئېرىنى ئەسەبىلەرچە قۇچاقلىۋالدى.
    خاتىرجەم بولۇڭ، چوقۇم ساقايتقىلى بولىدۇ.
    بىلىمەن.
    ئەتىدىن باشلاپ ھەمە ئىشىمىزنى قويۇپ داۋالىتايلى، مەنمۇ سىزگە ھەمراھ بولىمەن.
    ئەر بىرئاز ئويلىنىپ تۇردىدە:
    بولىدۇ، دېدى
    مەيلى قانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم كېسلىڭىزنى ساقايتىمىز، پۈتۈن بىساتىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ، قەرزگە بوغۇلۇپ كەتسەكمۇ داۋالىتىمىز.
    ئەر كۈلۈپ كەتتىدە:
    ئۇنچە ئېغىر ئەمەستۇ؟ دېدى. ئايال ئېرىنى قۇچاقلىغنىچە سورىدى:
    مېنى سۆيەمسىز؟
    ئەلۋەتتە، مۇشۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟
    مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن، مەنلا بولىدىكەنمەن، سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرلا ئىستىپانامە يازاي، ئەتە ئەتىگەندىلا بانكىدىن پۇل ئالىمەن... مەن سىزنى سۆيىمەن.
    ئەر:
    چاتاق چىقمايدۇ، ئۇخلايلى، دېدىدە يۈگرەپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ تۇرۇبىنى شارقىرىتىپ ئېچىۋەتتى.
    ئىككىنچى كۈنى ئۇلار ئالدىراپ_تېنەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ بىكاردىن قورقۇپ كېتىشكەنلىكلىرىنى بىلدى. ئەسلىدە دوختۇر ئالدىراشچىلىقتا ئىسىمنى خاتا يېزىپ قويغان ئىكەن، دوختۇر ئۇلارنى ئىزدىگەندە بولسا بۇلار كېتىپ قالغان. دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەر بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە گەپمۇ قىلمىدى. ئايال ناخشا غىڭشىغاچ ئاشخانىدا تاماق قىلدى. ئەر تۇيۇقسىز:
    سىزنى سۆيىمەن، دېدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھىيىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۆزىگىمۇ ئاران ئاڭلاندى. ئايال ئاشخانىدىن بېشىنى چىقىرىپ:
    گەپ قىلدىڭىزما؟، دەپ سورىدى. ئەر بېشىنى چايقاپ:
    ياق، دەپ قويۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋەردى. كېيىن ئەر ئۆزىنىڭ جاۋغىيىنى يالاپ باقتى، جاۋغىيى تۇزلۇق بىلىندى.
    ئەر تىجارەت ئىشى ئانچە ئالدىراش ئەمەس چاغدا ھېلىقى شەھەرگە باردى. كېچىدە ئۇ ئۆيدە يالغۇز قالغان ئايالىغا تېلېفون بەردى:
    سىزگە نېمە ئالغاچ كېلەي.
    ئايالى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    چاچ قىسقۇچ ئالغاچ كېلىڭ، ئەڭ ياخشىسىدىن، دېدى.ئەر پىخىلداپ كۈلدىدە، بىر نېمە دەپ غودۇرىدى. ئايالى:
    نېمە دېدىڭىز؟ دەپ سورىدى، ئەر مۇنداق دېدى:
    دۇنيادا پەقەت سىزنىلا سۆيىمەن، ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ئايالى ئالدىدىكى تېلېۋىزور قويۇلغان تامغا ئۇزۇنغىچە تىكىلدى.
    ئەر خۇشال_خۇرام ھالدا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئايالىغا ئەڭ چىرايلىق چاچ قىسقۇچ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ چاچ قىسقۇچنى ئۆز قولى بىلەن ئايالىغا تاقاپ قويدى. ئۇ كۈنى ئۇخلىغاندا ئەر يەنىلا جۆيلىدى، ئايالى ئاۋالقىدەكلا ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇردى.
    سىز مېنى سۆيەمسىز؟
    ھەئە،
    بۇرۇن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويۇپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ.
    ھېچقىسى يوق، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار.
    مېنى كەچۈرەرسىزمۇ؟
    كەچۈرىمەن، ئەلۋەتتە.
    ماڭا ماقۇل بولۇڭ، ھەر قانداق چاغدىمۇ مەندىن ئايرىلماڭ.
    ماقۇل.
    ھازىر دۇنيادا پەقەت سىزنىلا سۆيىمەن گۇي فاڭ، ئەر شۇنداق دەپلا ئۇ يېنىغا ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرى.
    ئايال يېنىك ئۆكسۈپ يىغلىدى. بۇ ئېرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى چۈشىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشى ئىدى.

    «
    مىكرو ھىكايىلەردىن تاللانمىلار» 2006_يىللىق 17_سانىدن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: