• 2009-07-02

    مېنى باشلىق دېمەڭلار قاتارلىق - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41785350.html

    يۈز خەتلىك فېليەتونلار

    مېنى باشلىق دېمەڭلار

    چۇ گې

    1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئىلتىماس سۇنىدىغاندا مېنى ئىدارە باشلىقى دېمەي «ئىنژىنېر» دەڭلار.

    چەتكە ئېكىسكۇرسىيىگە چىققاندا مېنى ئىدارە باشلىقى دېمەي «CEO » دەڭلار.

    تەشكىلات تارماقلىرى باھالاشقا كەلگەندە مېنى ئىدارە باشلىقى دېمەي «يولداش» دەڭلار.

    كېچىلىك بەزمىخانىدا كۆڭۈل ئاچقاندا مېنى ئىدارە باشلىقى دېمەي، «خوجايىن» دەڭلەر.

    بۇرادەرلەر بىلەن قىمار ئوينىغاندا مېنى ئىدارە باشلىقى دېمەي «چوڭام» دەڭلار.

     

    بىكارچىلارنىڭ مارىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ

    يى يەنفېي

    تاماقخانا، رېستۇرانلارنىڭ ئاشخانىسى، يېمەكلىك ئىشلەش سېخى، رەھبەر بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئايال خادىم پاراڭلىشىۋاتقان جاي، پروفېسسور قىز ئوقۇغۇچىسىغا دەرس ئۆگىتىۋاتقان ئورۇن، رېژىسسور بىلەن ئايال ئارتىس خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان جاي، جامائەت يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان دېلولارنىڭ سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش مەيدانى، مونوپول كارخانا بىلەن زور پايدا ئالىدىغان ساھەلەرنىڭ تىجارەت تەننەرقى، ۋە ئەمەلدارلار پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمەت، كەسپ ئورۇنلىرى، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكى، كان ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايلارغا بىكارچىلارنىڭ مارىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

     

     

     

    بەختىيار تۇرمۇشتىن ئۈمىد كۈتەيلى

    يىن چاۋ

    مەمۇرلار خەلقنىڭ چاكىرىدۇر. بۇ يىل يۈزمىليوندىن ئرتۇق ئادەم دۆلەت مەمۇرى ئىمتىھانىغا تىزملاتقان، بەزى كەسپلەرگە رىقابەت نىسبىتى ھەتتا 3000:1 غا يەتكەن، دېمەك نەچچە مىڭدىن بىرنى(سەر خىللارنىڭ سەر خىلىنى) قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن گەپ.

    قاراڭلار شۇنچە نۇرغۇن كىشى بىز پۇقرالارنىڭ چاكارلىقىنى تالىشىۋاتىدۇ، بىزگە بەخت ياراتماقچى بولىۋاتىدۇ. دېمەك بىز پۇقرالار بەختىيار تۇرمۇشتىن زور ئۈمىد كۈتسەك بولغىدەك.

     

    شۇ باھانىدا   ... نىمۇ

    نى شى

    يېزا تاش يولىنى ھۆددىگە ئالغان خوجايىن: شۇ باھانىدا بازار باشلىقىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولنىمۇ ياسىۋېتەيلى.

    زاۋۇت بىناسى قۇرۇلىشىنى ھۆددىگە ئالغان دېرىكتور: شۇ باھانىدا ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىنىمۇ بېزىۋېتەيلى.

    ياپونىيىگە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشكە بارىدىغان رەھبەر: شۇ باھانىدا مىسىرنىڭ ئەل ئېھرامىنىمۇ كۆرۈپ كېلەيلى.

    چاغاندا يېزىلارغا ھال سوراشقا چۈشكەن ئۆمەكنىڭ باشلىقى: شۇ باھانىدا نازىرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ پەتە قىلىۋېتەيلى.

     

    پىكىر ساندۇقىنىڭ باشقىچە رولى

    خاڭ شۆيۇۋ

    ۋۇشۈ كەنتىدىكى سىتولبىلارغا، تاملارغا نۇرغۇنلىغان پىكىر ساندۇقى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ دېموكىراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى ئالاھىدە مەنزىرە بولۇپ قالغانىدى.

    بىر كۈنى ئۆلكىلىك گېزىتنىڭ بىر مۇخبىرى كەنتكە زىيارەتكە كەلدى. كەنت مۇدىرى ئۇنى باشلاپ بىر پىكىر ساندۇقىنى ئاچتى، ساندۇقنى ئېچىشىغا ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە سېرىق قۇشقاچ بالىسى چۇرۇقلىشىپ ئېغىزلىرىنى ئېچىشتى. مۇدىر ئوسال بولدى، مۇخبىر بولسا تېزدىن ئاپپاراتىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ سۈرەتلەر گېزىتكە بېسىلدى، ھەمدە ئۆلكە بويىچە ھايۋاناتلارنى ئاسراش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

     

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» 2009-يىللىق 3-(ئالدىنقى) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • باشلىق بولۇشتىمۇ ئاجايىپ سەنئەت بولۇشقا تىگىشلىككەن-دە، «ئەقىللىق »ئادەملەر باشلىق بولسا بولىدىكەن بۇ جاھاندا.