-
2009-06-20
قول ئېلىشىش - [ھېكايە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41246052.html
قول ئېلىشىش
( ھېكايە(
تاڭ جىفۇ
ئۇ يىللاردا ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان، ئادەم ناھىيىتى سەزگۈرلىشىپ تەلۋە، بىنورمال بولۇپ كېتىشكەن ئىدى.
مەكتىۋىمىزگە بىر ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىتى چۈشكەن ئىدى.ئىشچلار تەشۋىقات ئەترىتىنى ھەرگىز بىر سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىمىكىن دەپ قالماڭ، ئۇ يىللاردا تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەكتەپنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ھېساپلىناتتى. ئەترەت باشلىقى لىن قوپال ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ فامىلىسى ئەسلىدە ليۇ بولۇپ ليۇ شاۋچى بىلەن فامىلىداش بولغاچقا، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر دېگەن قالپاقنى كىيىپ قالماسلىق ئۈچۈن لىن غا ئۆزگەرتكەن ئىكەن. لىن بياۋ دېگەن مۇئاۋىن ئالىي قوماندان بولغاندىكەن لىن فامىلىسى ئەلۋەتتە بىخەتەر بولىدۇ_دە. لىن بياۋدىن چاتاق چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ فامىلىسىنى يەنە نېمىگە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن تازا خەۋىرىم يوق. بىزنىڭ مەكتەپكە چۈشكەن چېغىدا ئۇنىڭ فامىلىسى ھەقىقەتەن لىن ئىدى.
لىن ئەترەت باشلىقى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى سۇن فامىلىلىك ھېندىنوزىيىلىك بىر مۇھاجىرنى تارتىپ چىقىرىش بولدى. بۇ كىشىنىڭ ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىغا مۈشۈك باشلىق بىر قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ بۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى. لېكىن بۇنى لىن ئەترەت باشلىقى كۆرۈپ قالدى_دە ئۇنىڭغا:
− بۇ سېنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزغا «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغىنىڭ». يۇڭ (ماۋزېدۇڭدىكى ماۋ)بىلەن مۈشۈك(مۈشۈكتىكى ماۋ) ئاھاڭداش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇلۇپنىڭ تېگى قىزىل، مۈشۈك بېشى قارا رەڭلىككەن، رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىزنىكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن
ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بىلەن بىزمۇ ھەقىقەتەن شۇنداقكەن دېيىشىپ قالدۇق، ھەمدە بۇ ئەترەت باشلىقىنى ھەقىقەتەن قالتىس چاغلاپ كەتتۇق، ئاددى ئادەملەر كۆرەلمىگەننى بىر قاراپلا كۆرۈۋالدى، ھەمدە كەسكىنلىك بىلەن بىزنى قايىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك شۇ جايدىلا رەئىس ماۋزېدۇڭنى جان تىكىپ قوغداش روھى بىلەن بۇ مۇھاجىرنى كۆرەشكە تارتتۇق. ئەمما بۇ مۇھاجىر تەن ئالمايتى،ئۇ:
− بۇ قۇلۇپنى يا مەن ياسىمىسام، نېمىشقا مەن «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان» بولىدىكەنمەن؟− دەپ تۇرۇۋالدى. لىن ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا:
− سەن ياسىمىغان بىلەن ، بۇنى سېتىۋاپسەنغۇ، ئېيتە سەن نېمىشقا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋالىسەن؟− دېدى، كۆرەش قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇھاجىرنى باشقىلارغا يالىتىپ بېرىپ ھاجەتخانا تازىلشقا سالدى.
لىن ئەترەت باشلىقى ئىشچان ئادەم ئىدى، ئۇ كۈندۈزى مەكتەپكە كەلسىلا ئۇ_بۇ ئىشخانىلارنى تازىلايتى، سۈيىنى ئەكىرەتتى، مەشلىرىنى كولاپ كۆمۈرىنى سېلپ قوياتتى،ئەخلىتىنى تۆكەتتى_دە ئوقۇتقۇچىلارنى خىجالەتكە قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ تالىشىپ ئىش قىلىشاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا لىن ئەترەت باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتى:
− ئازراق ئىشلىگەنگە ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ، ئىش قىلىشنى خالىمىغانلار «شيۇجېڭ»غا يېقىنلاپ قالغانلاردۇر، − ھەممىمىزگە ئايانكى ، ئۇ شيۇجېڭجۇيىنى قىسقارتىپلا «شيۇجېڭ» دەيتى،كاپىتالىزىمنى قىسقارتىپ «كاپىتال» دەيتى. كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى، تاڭ ئەمدى سۈزۈلەي دەپ تۇرغاندا مەكتەپ ئىنقىلابىي كومىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنى جىددى يىغىنغا چاقىردى. ھەممەيلەن ئەمدىلا يىغىلىپ بولىشمىزغا لىن ئەترەت باشلىقى بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا شاپاشلاپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. قاتتىق ھاياجاندىن بولسا كېرەك ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، پىشانىسىدە مۇنچاق_مۇنچاق تەرلەر تەپچىپ، جاۋغايلىرى تىترەيتى.ئېگىز كۆتۈرىۋالغان قولىغا سۈزۈك سۇلياۋ خالتا كىيدۈرىۋالغان بولۇپ، ئەمدىلا يارىلانغاندەك قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. بىز تازا ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغىنىمىزدا لىن ئەترەت باشلىقى كۆنۈپ كەتكەن تاڭشەن شېۋىسىدە مۇنداق دېدى
− يولداشلار، رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىز يەنە ئەڭ يېڭى يوليورۇق تارقاتتى، ئۇنى سەل تۇرۇپ يەتكۈزىمەن. ھازىر دېمەكچى بولغىنىم، رەئىس ماۋزېدۇڭ بۇ نۆۋەت ئەڭ يېڭى يوليورۇق تارقاتقاندا بىزنىڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىكى باشلىقنى قوبۇل قىپتۇ، ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىكى بۇ باشلىق قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ باشلىقلىرىنى دەرھال يىغىنغا چاقىرىپ، رەئىس مازېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن قولى بىلەن كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشۈپتۇ؛ ۋىلايەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ شۇ كېچىسىلا ھەر قايسى ناھىيە ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىرىتىنىڭ باشلىقلىرىنى يىغىپ،بىزلەر بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە بىزنىڭ دەرھال قايتىپ بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزنىڭ غەمخورلىقىنى دەرھال ھەممە كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى جېكىلىدى:
پاھ! كۆپچىلىك قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئەترەت باشلىقىنىڭ سۇلياۋ خالتا كىيدۈرۈلگەن قولىنى تالىشىپ قول ئېلىشماقتا ئىدى، ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ سىلكىشمەكتە ئىدى.
ئەنە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن ئۆز قولۇمنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سەزدىم.گەرچە بىۋاستە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتالمىغان بولساممۇ، مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى سەزگەندەك بولدۇم. باشقىلارغا قارىسام ھەممەيلەن ئوخشاشلا ھاياجان ئىلكىدە لىن ئەترەت باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن،بەزىلىرى تېخى بايىلا گۆھەرتېپىۋېلىشقاندەك قول ياغلىق بىلەن قوللىرىنى ئورىۋېلىشقان ئىدى. يىغىن زالىدىكى ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە شاتلىققا چۈمگەن ھالدا بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىشقان بولۇپ، بۇ مەنزىرە بىراز غەلىتە كۆرۈنەتتى. ئەمما مەن بىر خىل ئۇلۇغلۇق ھېس قىلاتتىم، چۈنكى 700مىليون جۇڭگو خەلقى ئىچىدە قانچىسى بىزدەك مۇنداق بەختكە ئېرىشەلەيتى دەيسىز!
چۈشتە ئۆيگە كەلسەم ئايالىم قورۇما قورۇۋاتقانكەن، مەن كىرىپلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ساق بەش مىنىۇتقىچە چىڭ تۇتۇپ سىلكىدىم ، ئۇ بىر ھەيرانلىق بىر قورقۇش ئىلكىدە تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: − بۇ قولۇم ئەتىگەنكى قول ئەمەس، ھازىر بۇ قولغا رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزنىڭ ئامىتى قونغان،− مەن ھاياجانلانغانلىقىمدىن دەمەللىقتا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم، ئايالىم ئاڭلىغانسېرى تېخىمۇ ھاڭۋېقىپ قېلىۋاتاتتى. مەن يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇنىڭ بۇدرۇق قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:
− ئوغلۇم، مېنىڭ بۇ قولۇم رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقان قول، ھازىر مەن سېنىڭ قولۇڭنى تۇتتۇم سېنىڭ قولۇڭمۇ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقات قولغا ئايلاندى، سەن كىچىككىنە تۇرۇپ مانا مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشتىڭ، بىزنىڭ ئائىلىمىز شەرەپلىك ئائىلە، ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، چوڭ بولغاندا چوقۇم رەئىس ماۋزېدۇڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ ئىنقىلاب قىل،− دېدىم. ئوغلۇم مۇنداق دېدى
− يەسلىدىكى مۇئەللىمىمىز بىزگە: رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: « ئىنقىلاب قىلىش مېھماندارچىلىق ئەمەس»، دېگەن历史上的今天:
چىنجۇڭدىن يۈەن ئاتلىق ئۇستازىمغا سالام 2009-06-20كارۋان ئىسلاھتى 2009-06-20ئوغرى 2009-06-20قول ئېلىشىش -داۋامى 2009-06-20
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى: