• 2009-06-20

    قول ئېلىشىش -داۋامى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41246088.html

      توغرا ئېيتىسەن، سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن مېھماندارچىلىق بىلەن بولماي ، چوقۇم ئىنقىلابلا قىلىشىڭ كېرەك.  ئايالىمنىڭ قورۇمىلارنى قورۇپ بولۇپلا قولىنى يۇيغىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ يۈگىرەپ بېرىپ توسۇماقچى بولغان بولساممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم.Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ، سەن ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىشىڭ كېرەك ئىدى، مىڭ بىر مۇشەققەتتە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى ئېلىپ كەلسەم ، ئۇنى يۇيىۋەتتىڭغۇ؟Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      ساراڭ بولدىڭىزمۇ نېمە، قولىڭىزنى يۇمىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي، − دېدى ئايالىم تېرىكىپ. Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      بىر ھەپتە ئۆتتى، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىشقان خىزمەتداشلىرىم ئاخىرى بەردەشلىق بېرىشەلمەي قوللىرىنى چۈشۈرۈشكەن ئىدى، ئەمما لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ قولى يەنىلا ئېگىز كۆتۈرۈكلىك پېتى ئىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر ئاخشىمى ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. قىزىق ئىشلار بولدىكەن ، كىشىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان. لىن ئەترەت باشلىقى بالدۇرلا ئۇخلايتى،كۈندە دېگۈدەك سائەت توقۇز يېرىم بولا_بولمايلا يېتىۋالاتتى. ئۇ كۈنىمۇ ئۇ يېتىپ بولغان ئىدى، يېرىم كېچىدە ئۇ تازا قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا، يۇقۇرىدىن : رەئىس ماۋزېدۇڭدىن ئەڭ يېڭى يوليورۇق چۈشۈپتۇ، ھەممە ئورۇندىكى ئىشچى_خىزمەتچىلەر يىغىپ نامايىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن، دېگەن ئۇقتۇرۇش كەلدى. قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئەترەت باشلىقى ئويغىتىلغاندىن كېيىن تېخى ئۇيقۇسى ئېچىلمىغاچقا: نېمە قىلىق بۇ؟ يوليورۇق دېگەننى كۈندۈزى چۈشەرمەي، يېرىم كېچىدە كىشىنى ئۇخلاتمىغىنى نېمىسى؟ دەپ تاشلىدى. ئەلۋەتتە، رەئىس ماۋزېدۇڭغا قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان  بۇ خىل ئەھۋالنى ھېچكىمنىڭ يوشۇرۇپ قېلىشقا ھەددى ئەمەس ئىدى. نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناھىيىدىن ئادەم كېلىپ ئۇنى چاقىرتىپ كېتىشتى. مانا شۇ چاغدىلا ئۇ ئاندىن ئېسىگە كەلگەن ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ قاتتىق پۇشمان قىلدى. ئەمما ئۇ مۇنداق دېدى:Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      سۆزنى خاتا قىلىپتىمەن، ئەمما رەئىس ماۋزېدۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئۆزگەرگىنى يوققۇ، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇرۇپ سۆڭىكىمنى چېقىۋەتسىمۇ «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش» دېگەندىن ئەسەرمۇ چىقمايدۇ.  ئۇ شۇنداق دېگەچ ئاللا توۋا قىلدى، ياشلىرى تۆكۈلۈپ قاتتىق يىغلىدى، ئىككى قولى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپمۇ ئۈلگۈرمىدى، ئۇ يېشىنى سۈرتكەچ ھېلىقى قولىنى ئېگىز كۆتۈردى_دە:Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      مېنىڭ مۇشۇ قولۇمنى ۋىلايەتتىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى 10 كۈن بولدى تېخى يۇيۇپ باقمىدىم، بۇمۇ مېنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭنى قاتتىق ھۆرمەتلىگىنىمدىن ئەمەسمۇ ؟ − دېدى.Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
      ئۈچ كۈندىن كېيىن ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىن ئادەم كېلىپ لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ يىلتىزى قىزىل،نىيىتى دۇرۇس بولغاچقا، «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان» دەپ بېكىتىلمەي،سېخقا چۈشۈرۈپ ئەمگەك قىلىشقا بۇيرۇپ، كېيىنكى ئىپادىسىگە قارىلىدۇ، دېيىلىپتۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن، مەن ئۇ كىشىنى قايتا كۆرمىدىم،ئۇنىڭ كېيىن قانداق بولغىنىنىمۇ بىلمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، بىر قولىنى كۆتۈرگەن پېتى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەندىكى قىياپىتى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇغانتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى ۋاستىلىق ھالدا رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن قولغا تاينىپ ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىكەن، لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ ئاقىۋىتى مانا بۇنىڭ مىسالى.Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
    Þ[tör$´ ˆwww.okyan.comúˆb2Dz:î
    µ
    «تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» نىڭ 2005_يىل 17_سانىدىن ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: