• 2009-06-19

    -4جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە - [مۇھاكىمە-ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41225578.html

    تۆتىنچى
    گىرۋەك مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئاجىز ئورنىنى ئۆزگەرتىش، يالغۇز ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە بولغان ئاڭلىق قارشىلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى زورايتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇ نۇقتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نۇتقىمىزنىڭ ئورنى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگو بۈگنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدىكى ئاجىز ئورنىنى ۋە گىرۋەكلىشىشتەك رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مىللى مدەنىيەتنى توغرا چۈشەندرۈشنى ئۆز زېممىسىگە ئالغان چاغدا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەندقى نۇتقىنى بەرپا قىلىشى، گۇمانىتارىلىق روھقا ۋە ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى ئىلىم خىسلىتىگە ئىگە بولىشى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي پىرىنسىپىنى قوغلىشىشى كېرەك، بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆزىنىڭ گىرۋەك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت بۇرچىنى ئورۇنداشتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇقەررەر يولدۇر.
    جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇشۇ ئەسەر يارىتىلغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“غا قايتۇرۇپ كۈزىتىش ۋە تەەھلىل قىلىش - خاتا چۈشەنچ ھادىسىسىنى تۈگىتىشتىكى قوللىنىشچان تاكتىكىدۇر. مەدەنىيەت”تىل مۇھىتى“(
    Culture Context) ئەدەبىي ئەسەر يارىتىلىدىغان مەنبەدۇر.
    ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ - زامان ۋە ماكاندىكى بەلگىلىك مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بىلەن مەدەنىيەت ھالىتى تەشكىل قىلغان ”مەدەنىيەت مەيدانى“ (
    The field of Culture) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ كاتېگورىيىنىڭ ئىككى قاتلام مەنىسى بار. بىرى ئەدەبىي ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە مەدەنىيەت مورفولوگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مەۋجۇتلۇق ھالىتى، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكىلىق مورفولوگىيە، ئېتىكىلىق قىممەتتىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ”مەدەنىيەت كەيپىياتى“نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى ئەدەبىي ئەىسەرنىڭ ئاپتورى( ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق يازغۇچىسى، يەككە ياكى ئوپچى ئىجاد قىلغۇچى)نى كۆرسىتىدۇ.
    بۇ ئالاھىدە ”مەدەنىيەت مەيدانى“ دىكى مەۋجۇدلۇق شەكلى، مەۋجۇدلۇق يۈزلىنىشى، بىلىش ئىقتىدارى، بىلىش يولى بىلەن بىلىش پىسخىكىسى ۋە تونۇش ئۇسۇلى، ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق يەتكەن بىلىش دەرىجىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتورلىرىنىڭ ”بىلىش مورفولوگىيىسى“ دۇر. ”ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە“ سىنى تەشكىل قىلىدىغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ”ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىغىندىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى “، ”يات مىللەت مەدەنىيەتى بىلەن روبىرو تۇرۇشى بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ۋە ”ئىنسانىيەت تەپەككۇرى بىلەن بىلىش ئورتاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ. ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسىرى مانا مۇشۇنداق تىل مۇھىتىدا پەيدا بولىدۇ②. ئەدەبىي ئەسەرنى مانا مۇشۇ ئۈچ خىل تىل مۇھىتىغا قايتۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئەدەبىي ئەسەردىكى كونكېرت مەدەنىيەت مورفولوگىيىسى بىلەن مۇشۇ ئەسەر تايندىغان ئانا گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلىيەلەيمىز، مىللى مەدەنىەيەتتىن ئىبارەت ئەينىكى بىلەن كونكېرت ئەسەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى يورۇتۇپ بېرەلەيمىز، يازغۇچىغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز، شۇندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت يولىمىزنى توغرىلىيالايمىز. بۇ نۇقتا ئەمدىلا باش كۆتۈرۈۋاتقان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئالەي، شى شۇچىڭ، شياڭ بېنگۈي، گۈيزى، شا لى قاتارلىق يازغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى، پۈتكۈل ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىمدۇر.
    يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەرشارىلىشىۋاتقان تىل مۇھىتى شارائىتىدا، يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىىدكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا كونكېرت مەدەنىيەت مۇھىتىغا قويۇشىمىز ئەسلا كۇپايە قىلمايدۇ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئكز تەرەققىياتىدا بېكىنمە ھالەتتە بولماسلىقى، بەلكى ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى، ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئامىللارنى قوزغىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، راۋاجلىنىشنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىشى لازىم.
    مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىياتىنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىش يالغۇز يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا تاللىغان قارشىلىشىش تاكتىكىسىلا بولماستىن بەلكى يەنە ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆز مىللىتى مەدەنىيەت ئاجىزلىقىنى، گىرۋەكلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇقەررەر يولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىكى كۈچلۈك، ئاجىزلىق پەرقىگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ گىرۋەكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى خىل مەدەنىيەت(ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت) نىڭ دىئالوگ مۇمكىنلىكى ۋە ”جەم بولغان ئەمما ئوخشىمايدىغان“ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.
    مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتى شارائىتىدا ھەرگىزمۇ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ”ئاز سانلىقلار“ گىرۋەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقىلا قاراشلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىدا سوقۇلىشى ھەرگىزمۇ يەككە يۆنۈلۈشتە بولماستىن، بەلكى قوش يۆنۈلۈشتىكى ئۆز ئارا شەرھى ۋە دىئالوگدۇر. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدىكى دىئالوگ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى سىلجىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى ئاز سانلىق پىكىرلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنى يىغىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، تەنقىدى پىكىرلىرىنى توپلاشقا مەدەنىي ئاساس تەييارلاپ بېرىدۇ.
    بۇ نۇقتىدا ئوخشاش مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئورتاق مەدەنىيەت ئورنى ۋە ئورتاق سىياسىي تىل مۇھىتى(دۆلەتنىڭ مىللى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، مەدەدنىيىتىگە قىلغان يار يۆلىكى) ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە بىربىرىنى تولۇقلىشى ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
    جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئالدى بىلەن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەببىي تەنقىدىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك؛ بىر تۇتاش بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمى ئاستىدىكى بىر تۇتاش تەنقىد پىكرى ۋە تەنقىد قارىشى يېتەكچىلىكىدىكى تەنقىد بولىشى كېرەك؛ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى نەزەرى ئاستىدىكى باشقا-باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرقى ئۆزگىرىشى ۋە قايتا كۈزىتىشىنىڭ ھەمدە ستراتېگىيىلىك تەشكىللىنىشى بولىشى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈدىغان، دائىرە بويىچە ئىش كۆرۈدىغان پارتىزانلارچە بولماسلىقى كېرەك؛ سىرتقى يات مەدەنىيەت بىلەن بىر گەۋدە قىياپىتىدە دىئالوگ قىلىشى، پىكىرلىشىشى كېرەك.
    شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى، گىۋەكلىكتىن چىقىش ۋە ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەمەلىي كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللى مەدەنىيەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداشنى مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئاق كۆڭۈللۈكنى چىقىش قىلغان بېكىمىچىلىك نەتىجىدە تېخىمۇ گىرۋەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا خاتا چۈشىنىش سادالىرى ئىچىدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھايتاىي كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
    جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاشكارىلىقى – ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىيات قرىشىنى ئۆرنەك قىلىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە يەرشارىلىشىش مەدەنىيەت ۋەزىيىتى شارائىتىدا ئۆز ئورنىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېلىپ كىرىش ئىديىسى بىزنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
    ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلۇق تاكتىكىسى بولماستىن، بەلكى يەرشارىلىشىش تىل مۇچىتى شارائىتىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ۋە مۇقەررەر تەلىپىدۇر.
    ئۇندىن باشقا، مۇستەقىل ئىلمىي روھ تۇرغۇزۇش بولسا ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىچكى خىسلىتىدۇر. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆز مىللىتىدىكى يازغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خۇلاسىلەپ، باھالاپ ۋە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىللى مەدەنىيەتنى تارقىتىشبۇرچى، ئۆز تەنقىدىنىڭ پىكرىنى كۈچەيتىشتەك ئاداققى نىشانىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت نەزەر دائىرىسى ۋە ئىلمىي نىشانى ئۆزىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ مۇھىم تەرىپىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھى يەنە ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.
    ھەممىگە ئايانكى، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسى بولىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەت بەلگىلىك مەدەنىيەت گەۋدىسىگە تەۋە بولىدۇ. تارىختا مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى كۆپ ھاللاردا مىللەتنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشدىن ئىبارەت ”قاتتىق دېتال“ بىلەن ئىسپاتلىنىپ كەلدى. مىللى مەدەنىيەت بولسا مىللى كىملىكنىڭ بىر خىل بەلگىسىدۇر. گەرچە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالاھىدە بىر تىل مۇھىتىدا مىللى مەدەنىيەت ھەر خىل تەرەققىيات ھالىتىدە گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلىدۇ. بىر مىللەت ئۆزى تاينىدىغان مەدەنىيەت گەۋدىسىنى تاپقاندا، بىر خىل مىللى مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندە، بۇ سىستېمىنى ئاسراش ۋە ئۇنى قوغداش گويا تۇغما قابىلىيەتكە ئايلىنىدۇ. خۇددى فانۇن مىسال قىلىپ ئېيتقاندەك: ”گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە، يەرلىك سەنئەتكار ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي بىر پارچە مىللەتنىڭ بەدئىي ئەسىرىنى ياراتماقچى بولغاندا، پىنھان جايغا كىرىۋېلىپ كونا قادىئەلەر بويىچە بارلىق ئۇششاق دېتاللارنىمۇ قويماي ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنداق سەنئەتكارلار گەرچە ھازىرقى زامانىۋى ماھارەت(ئۇسلۇب) نى ئۈزۈل كېسىل تەتقىق قىلغان، ھازىرقى زامان رەسساملىق ۋە بىناكارلىق ئېقىملىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، چەتئەل مېدىنىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۆزى قول تىقىپ ھەقىقى مەنىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى ئىزدەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قارىشىدىكى مىللىي سەنئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئەمما بۇ كىشىلەر تەپەككۇر شەكلى ۋە ئۇ تايىنىدىغان ئوزۇقلۇق ماتېرىيالى ھەتتا زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى، تىل، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنىڭ دىئالىكتىكىلىق بىلەن قايتا تەشكىللىنىپ خەلقنىڭ پىسخكىسىغا كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان، مۇستەملىكە دەۋرىدە قوغداش رولىنى ئوينىغان ئاشۇ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار مانا ئەمدىلىكتە غايەت زور ئۆزگىرىشىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە... ھەقىقى بەدئىي ئەسەر ياراتماقچى بولغان سەنئەتكار مۇقەررەر ھالدا شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ رېئاللىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم كەلگۈسى بىلىملىرىنى بايقىغان جايغا يەتكۈچە توختىماي ئالغا بېسىشى كېرەك.“③ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھالەت پەقەت مەدەنىيەتنىڭ بېكىنمىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولسا پايدىسى تەگمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت قارىشىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئىنتايىن قىيىن. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدە بىر جۈملە سۆز بولۇپ ئۇ ئەينەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ: ئاز سانلىقلار ھۆكۈمراننى(زومىگەرنى) ئىنكار قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئاز سانلىقلارنى ئىناكر قىلىشى كېرەك. ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلا مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى قوغدىغۇچىسىدۇر. بۇنداق ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ئاددى مەنىدىكى تاشلىۋېتىش ئەمەس، ”باشقىلار“ نىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسى ياكى ”ئىشىكنىڭ شىشىقى “نى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باشقا بىر مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاسمىلىياتسىيە قىلىش تېخىمۇ ئەمەس. بەلكى پۈتۈن دۇنيا يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پاسسىپ ئامىل ۋە ناچار مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. 20-ئەسىرنىڭ 20-،30- يىللىرىدا لۇشۈننىڭ خەلقنىڭ خاراكتىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى فېئودال ئامىللارنى تەنقىد قىلىشى ۋە ئىنكار قىلىش روھى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىزگە ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.
    مۇبادا ئۆزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئاساسىي يېتەكچى مەدەنىيەتنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشقا قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئوخشاشلا ئۆز ساپاسى ۋە خىسلىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولغان بولىدۇ. بۇ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى خاتا چۈشىنىش تىپىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىگە ئوخشىمايدۇ. مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ”چىرىپ ئۆلگەن قىسمى “نى مەردانىلىق بىلەن ئىنكار قىلىشمۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر.
    ئەلۋەتتە، بىز چوقۇم جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى كۆپ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارقاق ۋە ھەر بىر يەككە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ پەرقلىق بولىشى ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئۆزئارا ئوخشاش ئاجىز ئورنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ماسلاشتۇرۇش (بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىش) تا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تارقاقلىقتىن مەركەزلەشتۈرۈشكە، قىسمەنلىكتىن بىر پۈتۈن گۋدىلىككە يۈزلەندرۈرۈش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسلىدىنلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەنقىد بولسۇن ئۇنىڭ گۈللىنىشى ياكى چېكىنىشى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشاشلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى منۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق.

    ئىزاھات:
    ① كېتۇ كاتلاك: «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى: كېيىنكى مۇستەملىكە ئاياللار ئەسىرىنىڭ نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» ئابدۇل.
    R.جانمۇھەممەد، داۋىد لويىد: «ئاز سانلىق پىكىر نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» 547-بەت، «كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى نەزەرىيىسى» گە كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.
    ② يەنشاۋنىڭ :« ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ بىلەن ”ۋارىئاتسىيە“ ھەمدە ئەدەبىياتنىڭ ئېمبرىئولوگىيىسى» گە قارالسۇن، «كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 1-توپلام، 84-، 85-بەتلەر، يېڭى دۇنيا نەشرىياتى 2001-يىل 4-ئاي نەشرى.
    ③ فرانز فانۇن: « مىللى مەدەنىيەت ھەققىدە»، ① بىلەن ئوخشاش، 284-بەت.


    تەرجىمە قىلغۇچىدىن: لى شاۋفېڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ئەسەر ئەسلى «مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىن «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى تورى» دا ئېلان قىلىنغان ۋە باشقا كۆپلىگەن تور بەتلەر كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان.

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: