• 2009-06-19

    2-جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە - [مۇھاكىمە-ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41225423.html

    ئىككىنچى
    ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز، گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ ئامىللار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپلىگەن سەۋەبلەر بۈگۈنكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئاجىز، گىرۋەك ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ خىل ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپلا قالماي، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن بولغان پىكىرلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
    ھەممىمىزگە ئايانكى، باشقا-باشقا مىللەت، باشقا-باشقا مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ئۆزئارا ئىپادە قىلىش ۋە پىكىرلىشىش قوش يۆنۈلۈشتىكى ئىپادە قىلىش ۋە باراۋەر پىكىرلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىشى كېرەك. ئەمما، ھازىرقى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز كۈچلۈك مەدەنىيەت ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ئاجىز مەدەنىيەت ياكى گىرۋەك(گىرۋەك) مەدەنىيەتكە يۇقىرىدا تۇرۇپ تۆۋەنگە ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەشتە ئوقۇغۇچى ۋە ئىپەدىلەنگۈچى ئوبيېكىت ئەركىن سېزىدىغان مەدەنىيەتمەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چىقىش قىلماستىن، كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت گەۋدىسىنى چىقىش قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ختا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى باشتىن تارتىپلا كۈچلۈك پىكىرنىڭ بېسىمى ئاستىىدكى ئىپادىلەش ۋە خاتا چۈشىنىش ئىچىدە ترۇپ كەلدى.
    ھازىرقى زامان موڭغۇل ئەدەبىياتىنى مىسل قىلىپ سۆزلەيلى. 50-يىللاردا مالاچىنفۇ، ئودىسىر، چوقتۇنارىن، پېنسك، زاراگاخۇ ۋەكىللىكىدىكى يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئخقادىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىچكى موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ ئەسەرلەەر ئەينى چاغدا بۇ رومانلاردا بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتتە شۇ دەۋردىكى خەنزۇ يازغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يېتەرسىزلىك مەۋجۇت ئىدى. ئەمما كىشىلەر بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدئى ئۇسلۇبتىكى بۇ كەمتۇكلارغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، موڭغۇل مەدەنىيىتى ئاساسىي ئېقىمدىكى مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەسلىدىنلا ھېسىداشلىق قىلىنىش، ئەپۇ قىلىشتەك ئاجىز ۋە گىرۋەك ئورۇندا تۇراتتى؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يايلاق مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن رومانلاردا ئىپادىلەنگەن ناتونۇش بولغان يات مەدەنىيەت مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ يات مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىزارلىقىنى قاندۇردى. كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بولىدىغىنى بۇ رومانلادىكى بەدئىي ئۇسلۇب بولماستىن، بەلكى باشقا مەدەنىيەت مەنزىرىسى – يايلاق مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، يايلاقنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلاردۇر.
    يەنە مىسالغا ئالساق، جۇڭگودىكى بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تەلەيلىك ھېسابلىنىدىغان ئۇرېرتۇنىڭ «ئوۋچىنىڭ ئۆتۈنۈشى»، « ئاچىماق مۈڭگۈزلۈك بۇغا»، «كەھرىۋا رەڭلىك گۈلخان» دېگەن ئەسەرلىرى ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بىراق، ئۇنىڭدىكى بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە چىققان دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي فورماتسىيىسىنىڭ مەدەنىيەت مەزنرىسى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېلۇنچۈن ئىپتىدائىي مەدەنىيتىنىڭ ناتونۇشلىقىغا بولغان ئىنتىزار نەزىرىنى قاندۇردى دېگەن تۈزۈك. چۈنكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت فورماتسىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گىرۋەكتە، ئاجىز بولىشى تەبىئىي. ئەمما، مانا مۇشۇنداق بىر مىللەتتىن ئاساسىي ئېقىم سىستېمىسى تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان يازغۇچى مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە ساپ بولغان ئېلۇنچۈن مەدەنىيىتىنىڭ ناتونۇش مەزىرىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
    ئاپتورنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئەسەردىكى مەدەنىيەت مەنزىرىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەسەرنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك لاەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
    دەل مانا مۇشۇنداق بولغاچقىلا كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ كەسكىن ئوبزورچىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت مەۋقەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ۋە «باشقىلار»نىڭ ئوقۇش ئىستىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى بەرىبىر يات مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بۇ مەدەنىيەتلەر گىۋەكتە بولسىمۇ كۆپىنچىلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان تارىخلىرى بار. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىختا كۈچلۈك مەدەنىيەت بولغان، مەسىلەن: موڭغۇل مەدەنىيىتى، قىتان مەدەنىيىتى، تېبەت(زاڭزۇ) مەدەنىيىتى، مانجۇ مەدەىنيىتى، خۇيزۇ مەدەنىيىتى قاتارلىق، بۇ خاتىرىلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ پىسخكىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا بۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە يات مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي فورماتسىيىسىنى كۈچلۈك چۈشىنىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. دەل مۇشۇ يازغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە تولغان ئىجادىيىتى «باشقىلار»نىڭ گىرۋەك، ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشىغا بولغان ئىستىكىنى قاندۇرغان.
    ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىي زوقلىنىش بەلگە ئاستىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمىغا كىرىپ قالغان ھامان، بولۇپمۇ بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت سىستېمىسىنىڭ «ئىشىك يوچۇقى»دىن باشقا بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىنى كۈزەتكەندە، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىن زور ئارقىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خاتا چۈشىنىش ئاساسلىقى مىللەت ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتنى خاتا چۈشىنىشتە ئىپادە بولىدۇ.
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مىىلىي مەدەنىيەتنىڭ تىرىك ئابىدىسى. ھەر قانداق بىر ئۆرپ-ئادەت مۇشۇ مىللەتنىڭ ئىستېتىك پىسخىكىسى بىلەن ھاياتىدىكى ھېسسىيات ۋە ئىرادىسىنىڭ بۇيۇملاشقان فورماتسىيىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىدىن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى دەسلەپكى ھەقىقى قىياپتىنى ئوپ-ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما، ئۆرپ-ئادەت ھەرىكەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسى بولۇپ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىدۇ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا مەدەنىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللەت تارىخى ھەتتا مىللىي روھنىڭ ھامىلە مېڭى سۈپىتىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاتىرىسدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى خاتا چۈشىنىش پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يايلاق مەدەنىيىتىنى مىسال قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يايلاق تىلغا ئېلىنسىلا، بىپايان ئاسمان، چەكسىز دالا، ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر، يار-يار ھارۋىلار نامايەن بولىدۇ؛ موڭغۇللار تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسىلا ئوت-چۆپ ۋە سۇنى قوغلىشىپ ماكانلىشىدىغان، خام گۆش يەيدىغان، يوغان ئاپقۇرلاردا مەي ئىچىدىغان مەنزىرە، مىللىي خاراكتىرى تىلغا ئېلىنسا تەربىيە كۆرمىگەن، مەردانە-جاسارەتلىك ھالەت ناميەن بولىدۇ. ئەسلىدە جانلىق، كۆپ خىل، مۇرەككەپ بولغان مىللىي تۇرمۇش ۋە خاراكتىر، ئابىستىراكىتلاشتۇرۇۋېتىلگەن، قاتماللاشتۇرۇۋېتىلگەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى يايلاق ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدە نۇرغۇنلىغان ئاتاقتىكى ئۆرپ-ئادەت كەنتلىرىدە ئاللىبۇرۇن موڭغۇل كەمزۇرلىرىنى تاشلىۋەتكەن موڭغۇللارغا كەمزۇر كىيدۈرۈلگەن، ئاتنى تاشلاپ موتوسىكىلىت بىلەن مال بېقىۋاتقانلارغا ئات مىندۈرگەن، كىگىز ئۆيدىن خىشلىق ئۆيلەرگە كۆنگەنلەرنى كىگىز ئۆيلەرگە كىرگۈزگەن، تىراكتۇر ئىشلىتىشكە باشلىغان موڭغۇللارنى يار-يار ھارۋىغا چۈشۈرۈپ قويغان، مانا مۇشۇلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ غەلىتە پىسخىكىسىنى قاندۇرىۋاتقان. بۇ ھادىسىلەر ماھىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتكە خىلاپ، تىراگىدىيە تۈسىدىكى مەدەنىيەت نامايەندىسى بولۇپ، بۇنداق نامايەندە قىلىش بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە خوشامىتىنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتىۋېتىپ، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەردىمۇ ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدىكىدەك خاتا چۈشەنچە ھادىسىلىرى مەۋجۇت. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى روياپقا چىققان، زاڭزۇلار تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىغان «گەز باغلىغان تىلىڭنى ياكى بىكارچىلىقىڭنى كۆرسەت» رومانى چەكلەندى، سەۋەبى يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتىگە خىلاپ ئىش كۆرگەن، زاڭزۇلار تۇرمۇشىنى بۇرمىلاپ تەسۋىرلىگەن. ئەمما مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئەسەردە يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي، دىن سىياسەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن باشقا يەنەئەڭ ئاساسلىقى مىللىي مەدەنىيەت(ئۆرپ-ئادەت)نى پارچىلاش شەكلىدە خاتا چۈشىنىۋالغان. كونكېرت مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە سىستېمىسىدىن پارچىلاپ ئېلىپ «باشقىلار» نىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى، مەدنىيەت قىممىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «ئىپادىلەش» ۋە «ئىجاد قىلىش» مىللىي مەدنىيەتكە زور زىيان سالدى.
    ھەممىمىزگە ئايانكى، مىللىي مەدەنىيەت بولسا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇكەممەل ھاياتلىق سىستېمىسى بولۇپ، خۇددى نۇزى ئېيتقاندەك: ”بىر مىللەتنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىقى ئاستىدا شەكىللەنگەن مەلۇم تۇرمۇش سەكلى بولۇپ. بارا-بارا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۇھىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇ – ئۇلارنىڭ سەنئىتى، پەن- تېخنىكىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنى ھەم قائىدە-يوسۇنلىرى نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ......
    (مەدىنىيەتنىڭ) قىممەت قارىشى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، خەلق چۆچەكلىرى، رەسىم، نەققاشلىق، مۇراسىم، تەبرىك پائالىيەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.“① بۇ ئامىللار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرىدىغان مەزمۇن بولالايدۇ.
    بىراق بىز بۇ بەدئىي ئۇسلۇبلارنى مىللىي مەدەنىيەت سسىتېمىسىدىن يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئستېتىك پۇراقنى يۈزەكى قاتلامدىن ھېس قىلساق، ياكى بولمىسا ناتونۇش لەززەت ۋە قىزىقچىلىقنى «ئىشىكنىڭ شىشىقى»دىن ماراپ ئېرىشسەك مىللىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن پارچىلاش شەكلىدىكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل خاتا چۈشەنچە تېخى كىشىلەرنىڭ راۋرۇس دىققىتىنى تارتقىنى يوق. ئەكسىچە، كۆپ ھاللاردا ئاساسىي ئېقىم مەدەنيىتىدىن كەلگەن ئالقىش ۋە مەدھىيىلەرگە مەسخۇش بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزغا سەل قاراپ، خاتا چۈشەنچنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پەرۋا قىلمايۋاتىمىز.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: