• 2009-06-19

    جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە - [مۇھاكىمە-ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41225374.html

    جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە

    (ئىلمىي ماقالە)
    لى شياۋفېڭ


    ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى دەرقەمسىزلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.

    ھالقىلىق سۆزلەر: مىللەتلەر ئەدەبىياتى/ ئەدەبىي تەنقىد/ گىرۋەكلىشىش
    شۈبھىسىزكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ شەكىلىنىشىدىن بىلەن زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى يېرىم ئەسىدىن بېرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى. ئەمما جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىلەتلەر ئەدەبەي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.
    بىرىنچى
    ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت گىرۋەك ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھامان ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. گەرچە بۇ خىل مەدەنىيەت ئۆزدىكى تىل ھوقۇقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلاپ قالىلىغان بىلەن، ئەمما بۇ تىل كۆپ ھاللاردا نەزەردىن ساقىت بوپ قالىدۇ ھەتتا”ئازسانلىقلارنىڭ ئاۋازى“ سۈپىتىدە بېسىلىپ قالىدۇ.
    جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىياتى جەريانىدا زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. مۇڭغۇللاردىن: ن. سەيىنچوقتۇ، ب. بۇرىنبېخ، مالاچىنفۇ، ئودىسىر، زاراگاخۇ، بورجى يۈەنيې، جاڭ خاۋ، بەي شۆلىن، گو شۆبو، دېڭ يىگۇاڭ؛ ئۇيغۇرلاردىن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوۋ، زۇنۇن قادىر، قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر؛ جۇاڭزۇلاردىن ۋېي چىلىن، لۇ دى، خۇا شەن، ۋېي يىفەن، فېڭ يى، گۇي زى؛ زاڭزۇلاردىن: راۋجى باساڭ، يىدەن سەيراڭ، جاڭبيەن جاسو، زاشى داۋا، ئالەي؛ بەيزۇلاردىن: شاۋ شۆ، جىڭ يى؛ مانجۇلاردىن: لاشې، كې يەن، خۇ جاۋ، شۇ يى، يې گۇاڭلىڭ، جاۋ مېي؛ خۇيزۇلاردىن: گا لياڭ، جاۋ چېڭجى، گو فېڭ، خودا، شى شۇچىڭ، ما رۈيفاڭ؛ لىزۇلاردىن: جىدى ماجا، لۇ چىن؛ تۇجازۇلاردىن: سۇن جەنجۇڭ، لڭ چۈەنفېڭ؛ ئېۋېنكېلاردىن: ئۇرېرتۇ؛ داغۇرلاردىن: ئېردۇنجاب، مېڭقۇبويان؛ ناشىزۇلاردىن: ياڭ شىگاڭ، شا لى؛ ياۋزۇلادىن: لەن خۇەيشاڭ؛ مياۋزۇلاردىن: شياڭ بېنگۈي قاتارلىق... بۇ يازغۇچىلار شېئىر، ھېكايىچىلىق(رومان)، نەسىر قاتارلىق ساھەلەردە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى يۇقىرى بىر دەرىجە ۋە قاتلامغا كۆتۈردى. بولۇپمۇ يۇقىرىقى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىللى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى ۋە نەمۇنىسى دەپ قاراپ ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەت مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مىللىي تىل مۇھىتىغا قايتۇرغىنىمىزدا، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت قىممەت سىستېمىسىدا دىققەتكە ئېرىشەلمەيدىغان مەدەنىيەت قىممىتى كۆپلەپ گەۋدىلىنىدۇ( ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر ئۆز مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت تىلى مۇھىتىدىلا ئۆزىنىڭ بەدئىي ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ).
    ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆرىنەرلىك ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، رايون ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان، ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىدە دەۋرىيلىنىدىغان ھالدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ئاستا بولماقتا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا تېخى ھەقىقى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەدەبىيات مەۋقەسى شەكىللەنمىدى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى كۈچىنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان ئەسەر ئىجاد قىلغاندا(مەسلىەن ئالەينىڭ «چاڭ توزان بېسىققاندا»، جاۋ مېينىڭ «بۇ يەردىن ئەبەدىلىككىچە»)، بىز ئۇنى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپ ھېس قىلمىدۇق، ياكى بۇنداق ھېسسىيات ناھايىتى كەم بولغاچ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە يۈكسەكلىدە تۇرۇپ باھا بەرمىدۇق. پەقەت ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپلا قارىدۇق، شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاجىز ئورنى ۋە گىرۋەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى زور رولىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىمايدۇ ۋە تونۇپ يەتمەيدۇ، شۇڭا كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ تەرەپنى تېخىمۇ كۈچەيتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۆز ئەسىرىىدىكى روشەن مىللىي كىملىكىگە سەل قارايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا قەدەم بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسەرلىرىدىكى مىللىيلىق بارا-بارا يوقايدۇ، موڭغۇل يازغۇچى گو شۆبونىڭ «قۇملۇقتىكى بۆرە بالا» دېگەن ئەسىرى ۋەكىللىكىدىكى كېيىنكى ئەسەرلىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر. گەرچە بۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگىنى يەنىلا ئۇ پىششىق بولغان مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بولغىنى بىلەن، گو شۆبو ئەسلىدىكى (مەسىلەن: «قۇملۇق تۈلكىسى»)دەك موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن كۈزەتمەستىن، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەدەنىيەت سىستېمىسىنى يوقاتقان، ياكى بولمىسا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىپادىلىگەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئەسىرى گەرچە «ئېكېلوگىيە ئەدەبىياتى» دېگەن گۈزەل تاجغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي تۇرمۇشى ۋە مىللىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈردىكى يازغۇچىلارغا نىسبەتەن مىللەت پەقەت بىر شەرتلىك بەلگىدىن دېرەك بېرىپ، ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتدىكى رولىنىڭ قانچىلىك زور بولىدىغانلىقى ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.

    ماقالىنىڭ كېلىش مەنبىيى: «ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسى تورى»

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: