• 2009-06-08

    گېرمانىيەنىڭ بىر شەھەر باشلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ نايكوم سېكىرتارىنىڭ سۆھبىتى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40704513.html

    گېرمانىيەنىڭ بىر شەھەر باشلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ نايكوم سېكىرتارىنىڭ سۆھبىتى

    (فېليەتون)

    ۋاڭ جەي

    بۇ ئىش بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا يۈز بەرگەن. جۇڭگونىڭ مەلۇم ناھىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىر شەھىرى بىلەن “قېرىنداش شەھەر” بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان. گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇ تۈرگە ئۈمىد بىلەن قارىغان، ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئىناتىيىن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

    دەسلىپىدە جڭگو تەرەپ گېرمايىلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆزدىن كەچۈرمەي، خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى ئەجەبلەنگەن. ئەمما يۈز تۇرانە سوراشتىن ئۇيالغان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرى ۋاقتىدا ئېچىلدى.

    بارلىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىندا جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن –نىزاملىرىنىۋە بۇ ناھىيىنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئالاھىدە كەسپى قاتارلىقلارنى قارشى تەرەپكە تەپسىلى تونۇشتۇردى، گېرمانىيە تەرەپمۇ سالىدىغان مەبلەغ ۋە مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھەنىڭ خەلقئارادىكى بازار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئەمما گېرماىيە تەرەپ جۇڭگولۇقلارنىڭ دوكلاتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى، جۇڭگو تەرەپمۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقا ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ھەيران بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇرۇق گەپنىڭ جىقلىقىنى، دوكلاتنىڭ ٪75ىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يەر جاھاننى قاپلىدى... دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن ، پەقەت ٪25ىنىڭلا “ئىشەنچلىك ئەمەلىي” مەزمۇن ئىكەنلىكىنى، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تېلېفون ھەققىنى بىھۇدە زايا قىلىش دەپ قارىدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار تىزىملىكىدە شەھەر باشلىقى ۋە زاۋۇتنىڭ رەھبىرىدىن باشقا يەنە بىر نەپەر بولكا پىشۇرۇش ئۇستىسى، بىر نەپەر تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە بىر نەپەر ئائىلە ئايالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى.

    يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ رەھبىرى پاراڭلاشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ نايكوم سېكىرتارى ئاخىر ھەيرانلىقىنى بېسىۋالالماي گېرمانىيە تەرەپنىڭ شەھەر باشلىقىدىن كۆڭلىدىكىنى سورىدى.
    — شەھەر باشلىقى ئەپەندى، سىز نېمە ئۈچۈن ئادەملىرىڭىزنى ئېلىپ نەخ مەيدانغا تەكشۈرۈشكە كەلمەيسىز؟

    —سىزلەر بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بارلىق چىقىمنى ئۈستۈڭلارغا ئالىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلار، ئەمما بىز بارساق ناھىيەڭلارنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ بىھۇدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمىدۇق، ناھىيەڭلاردىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بىزنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىلەر تەرەپكە بارساق خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئادىللىقىغا ۋە بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دېدى شەھەر باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ.
    —خامچوت؟ — نايكوم سېكىرتارى ھەيرانلىق بىلەن سۆزنى داۋاملاشتۇردى،— قارىسام سىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار ئىچىدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ باركەن.
    —ھە؟ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر؟
    — ھەيران قالدى شەھەر باشلىقى.
    —ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىچۇ؟
    —ئۇلار دېگەن شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ نازارەتچىلىرى، ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە شەھەرلىك پالاتانىڭ قوللىشى بولمىسا مەن ھېچ قانداق زور قارارلارنى چىقىرالمايمەن، ئۇلار دېگەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، بۇ تۈردە قارار چىقىرىشتا ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھوقۇقى بار، ئۇلار بۈگۈنكى يىغىندا ناتوغرا ئىشلارنىڭ بار يوقلىقىنى ۋە مېنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمنىمۇ نازارەت قىلىدۇ.

    — .....
    جۇڭگو تەرەپ سۈكۈتكە چۆمدى.

    يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گەېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە گېرمانىيىگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى، بىزنىڭ نايكوم سېكىرتارىمىز شۇ ھامانلا ماقۇل بولدى ۋە گېرمانىيە تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە جۇڭگوغا ئېكىسكۇرسىيىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، گېرمانىيە تەرەپ ماقۇل دېمىدى.
    —ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ بىزنى قىزغىن تەكلىپ قىلغىنىڭىزلارغا رەھمەت، ئەمما بۇ يىل بارالمايمەن، چۈنكى بۇ يىللىق خامچوتقا بۇ چىقىم كىرگۈزۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پالاتا ۋە شەھەر خەلقىدىن خالىغانچە راسخوت تەلەپ قىلسام بولمايدۇ، ئەمما كېلەر يىلى مەن بۇ ئىشنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ پالاتانىڭ تەستىقىغا سۇنىمەن، ياكى مەن شەھەر باشلىقلىقىدىن قالغاندىن كېيىن ئۆز خىراجىتىم بىلەن جۇڭگوغا ساياھەتكە بارساممۇ بولىدۇ.

    جۇڭگو تەرەپتىن سادا چىقمىدى.

    يىغىن ئاخىرلاشتى، خېرىدار چاقىرىش ئىشى ئاساسەن بېكىتىلىپ بولدى. ھەشەمەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش مەرىكىسىدە نايكوم سېكىرتارى ھاكىمغا پىچىرلاپ مۇنداق دېدى:

    —نېمىسلار بەك ئەستايىدىلكەن، قائىدىدە بەك چىڭ تۇرىدىكەن. جانلىق ئىش كۆرۈشنى پەقەت بىلمەيدىكەن، بۇلار بىلەن مۇندىن كېيىن ياخشى ھەمكارلىشالارمىزمۇ؟

    مۇشۇ ۋاقىتتا ئاددىغىنە بىر ئىشخانىدا تېلېفون يىغىنغا قاتناشقا ن گېرمانىيىلىكلەر مۇندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتاتتى.
    —بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم، ئىشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىك تولۇقلىمىسىنى كېلەر ئايدا پاراۋانلىق ھېساۋاتىڭىزلارغا كىرگۈزۈۋېتىمەن— دېدى شەھەر باشلىقى ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىغا.

    — شەھەر باشلىقى ئەپەندى، — دېدى ئائىلە ئايالى شەھەر باشلىقىغا — مەن بۇ تۈرگە قارشى پىكىردە قالىمەن.
    —نېمە ئۈچۈن خانىم؟

    —بۇ جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بەك بەدخەجمۇ قانداق؟ پۇلىمىزنى ئۇلارنىڭكىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا تازا ئىشەنچىم يوق،
    ئۇلار ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلىنى قەدىرلىمەيدىغان تۇرسا بىزنىڭ پۇللىرمىزنى ئاياپ ئولتۇرارمۇ؟

    نېمىسلار سۈكۈتكە چۆمدى.

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىقى باشقۇرۇشتا قاتتىق قائىدىلىك ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، 23 يىلدىن بېرى زور ھادىسە كۆرۈلۈپ باقماپتۇ، بىزلەردە بولسا ھالىقىلىق ( يېمىكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، كان ھادىسىسى، دېمكراتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالاش ئىشلاھاتى قاتارلىق) مەسىلىلەردە كەمدىن كەم ئەستايىدىل بولىمىز، ئۇششاق (چولپانلار توغرىسىدىكى پىتنە-پاساتلار دېگەندەك) ئىشلاردا بولسا زىغىرلاپ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەيمىز.

     

    «فېليەتونلار گېزىتى تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: