• 2009-06-08

    جىگۇڭنىڭ ئەپسۇن ئوقۇش بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40704158.html

    جىگۇڭنىڭ ئەپسۇن ئوقۇش بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى

    (فېليەتون)

    ۋۇجاۋمىن

    50 يىل ئىلگىرى پېقىر يۇرت تېنچ ئامان، پۇقرالار تۇرمۇشى خاتىرجەم بولغاچقا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئۆمۈر چولپىنى لاۋئېر بىلەن چاي ئىچكەچ شاخمات ئويناپ پەيزى قىلاي، دەپ پەرىشتىلەر ماكانىغا جۈنىگەن ئىدىم، ئەمما بىر قول ئويناپ بولمايلا ئۆتمۈشتە قوغلىۋېتىلگەن ئىبلىسلار باشقىچە قىياپەتتە تىرىلىپ، بىردە ئامباللار نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، بىردە چاكارلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ پارا قوبۇل قىلىپ ئەركان ۋە ئەھكامنى بۇزۇپ، ئاجىزلارنى ئانى ئېتىپ، ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى سەزدىم. شۇنىڭ بىلەن پېقىر پانىي دۇنياغا قايتتىمدە،” 10چوڭ ئەپسۇن بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى“ ئېچىپ بارلىق
    جانلىقلار ۋە مەخلۇقلاردىكى تەتۈر قۇيۇننى يوقىتىش قارارىغا كەلدىم.

    ئەر-ئايال، قېرى-ياش، قايسى ئىرقتىن، باي-كەمبەغەل بولىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغان، پۇقرالارغا ياخشىلىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرنىڭ ھەر قاندىغى تىزىمغا ئالدۇرسا بولىۋېرىدۇ. كۇرسىقا قاتناشقانلاردىن
    ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ياتاق-تاماق بىلەن تەمىن ئېتلىدۇ، بېرىپ-كېلىش يول كىراسى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر قارار كۇرسنىڭ مۇددىتى 10 كۈن بولىدۇ.

    ” 10چوڭ ئەپسۇن “ ئىنتايىن ئاسان بولۇپ ئۆگىنش قولاي، سېھرىي كۈچى چەكسىز، ھازىر قىسقىچە تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ پۇرسەتنى غەنمەت بىلىشىنى سورايمىز.

    بىرىنچى، خىيانەتچىنىڭ جاجىسىنى بېرىش ئەپسۇنى. ھاۋا ئوچۇق، ئايدىڭ ئاخشاملىرى چىرىكلىك كوچىسى، خىيانەتچى ئەمەلدارلار رايونىدا ئايلانغان چېغىڭىزدا بۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىز، پارا قوبۇل قىلغانلىكى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ھارام ماللىرى شۇ ھامان زەھەرلىك يىلان، تاشپاقا، چارپاقىلارغا ئايلىنىپ ئۆيىنىڭ ھەممە يېرىنى سېسىق پۇراققا تولدۇرۇۋېتىدۇ، ھەمدە بۇ بەدبۇي پۇراق نەچچە ئايغىچە يىتمەيدۇ؛ خىيانەتچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە يارا چىقىپ، ئەتىدىن كەچكىچە پۈتۈن بەدىنىنى قىچىشتۇرۇپ ئارام بەرمەيدۇ. خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى مۇشۇ بەدبۇي پۇراق ئاساسەن خىيانەتچىنى دەل تۇتالايدۇ.

    نەزمە:

    قارا نىيەتنى باپلايمەن،

    ئەپسۇن بىلەن قارغايمەن. 

    قوتۇر قىلىپ جىسمىنى،

    نىجاسەتكە بۇلغايمەن.

    ئىككىنچى، ساختىلىقنى باپلاش ئەپسۇنى. ھەر خىل چوڭ-كىچىك يىغىن، سۆھبەت ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقىنىڭزدا بۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىز، يىغىنلاردا لاپ ئاتقان، ساختا ، قۇرۇق گەپ،خوشامەت ۋە ۋىجدانسىزلارچە سۆزلىگەنلەرگە شۇ ھامان توختىماي ھېق تۇتۇپ، غارتىلدىتىپ ئوسۇرۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يىغىن قاتناشچىلىرى ئاغزى بۇرنىنى ئېتىشىپ يىغىن مەيدانىدىن قاچىدۇ. ئۇ كىشى شۇندىن ئېتىۋارەن توختىماي ھېق تۇتىدىغان، ئوسۇرىدىغان يىرگىنىچلىك كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆمۈر بويى داۋا تاپمايدۇ.

    نەزمە: 

    چوڭ كىچىك يىغىنلاردا،

    توختىماي دۇرت ئوقۇيمەن،

    ئۆزىنى بىلمەي ئاتسا پور،

    توقۇمىنى دەرھال توقۇيمەن.

    ئۈچىنچى، شەھۋانىلىقنى جازالاش ئەپسۇنى. ناخشا-ئۇسسۇل كۇلۇبى، باش، پۇت يۇيۇش ئورنى، ھەشەمەتلىك داچا رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇ يەرگە تۈكۈرۈشنىڭ، تىللاشنىڭ، تاش ئېتىشنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت مۇشۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىزلا پاھىشە قىلىۋاتقان بايۋەتچە، ئەمەلدارلار، ئاشنا ئويناۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار شۇ ھامان جۈپتى بىلەن چاپلىشىپ قېلىپ قىپ يالىڭاچ پېتى” ئىككى جىنىسلىق غەلىتە مەخلۇق“ قا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەر قانداق قىلىپمۇ ئاجرىيالمايدۇ.

    نەزمە:

    پاھىشە، ئاشنا ئوينايسەن،
    ھارام تاپقان پۇللارغا.

    ئىت كەبى قايچىلىشىپ ،
    سازايىسەن كوچىلاردا.

     

    تۆتىنچى ، ئاچكۆزلەرنى جازالاش ئەپسۇنى. يۇلتۇز دەرىجىلىك رېستۇرانلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىز، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچىۋاتقانلارنىڭ ھەممسىنىڭ قورسىقى شۇ ھامان قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، يەردە دومىلاپ كېتىدۇ، ئالدى-كەينىدىن ئوقتەك قەي كېلىپ، ئۆمۈرلۈك ئىچى كاۋاك مەخلۇققا ئايلىنىپ ئامالسىز كۆتىگە جاك ئېسىۋېلىپ كۈن كەچۈرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

    نەزمە:

    گېمېرويمىكىن دەپتىمەن،

     كۆرۈپ ئەشۇ ھالىڭنى.

    ئەسلى بىلسەم ھارام مال،

    تېشىپتىكەن قارنىڭنى.

    بەشىنچى، گالۋاڭلارنى ئەدەپلەش ئەپسۇنى. ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ دەردىڭىزنى ئاڭلىتالمىغاندا پۇل خەجلەپ ئادەم ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يامۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇشۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىزلا ، سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئەمەلدار شۇ ھامان ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ، تەبەسسۇم ئىلكىدە ناھىيىتى قىزغىنلىق بىلەن دەردىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاتتىق قىزىتىپ، كىيگەن كىيىمىمۇ كۆيۈشكە باشلايدۇ، ياتسا يوتقانمۇ كۆيىدۇ، باشلىقىنىڭ قولىنى تۇتقان ھامان ئوت باشلىقىغا تۇتىشىدۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن پۇقراغا ھەر بىر ياخشى ئىش قىلغاندا بەدەن قىزىتمىسى بىر گرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، بىر كۈن ياخشىلىق قىلمىسا بەدىنى تېخىمۇ قىزىيدۇ.

    نەزمە:

    ھال-دەردىنى سورىماي،

    زۇلۇم سالساڭ خەلققە ،

    كۆيدۈرىمەن تېنىڭنى،

    مەھكۇم قىلىپ ئاتەشكە.

    ئالتىنچى زومىگەرلەرنى ئەدەپلەش ئەپسۇنى. مەيلى ئىشچى، دېھقان، شوپۇر ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن، قالايمىقان ھەق ئالىدىغان، جەرىمانە قويىدىغان، تۇتۇپ قالىدىغانلارغا يولۇقۇپ قالسا مۇشۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىلا شۇ مەلئۇن شۇ ھامان بىر تاشقا ئايلىنىپ يول بويىدىكى يۆفېينىڭ قەۋرىسى ئالدىغا قوپۇرۇلغان مۇناپىق چىن خۇي﹡نىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

    نەزمە:

    خالىغانچە ھەق يىغىپ،

    زۇلۇم قىلدىڭ ئاۋامغا.

    ئەمدى بولدى قىلمىساڭ،

    قىپ قويىسەن بالاڭغا ھەتتا باققان ئاناڭغا.

    (چىن خۇي ئەسلى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولۇپ بۇيرۇققا بىنائەن يۆفېينى ئۆلتۈرگەن، كېيىنكىلەر ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يۆفېينىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئۇنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ھەيكىلىنى ياسىغان، يولدىن ئۆتكەن ۋە يۆفېي قەبرىسىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار چىن خۇينىڭ ھەيكىلىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنى ھاقارەت قىلىشدىكەن. تەرجىماندىن)

    يەتتىنچى، مەلئۇنلارنى ئەدەپلەش ئەپسۇنى. ئۆي ۋارانلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن، سىرتقا چىققاندا قارانىيەتلەرنىڭ زورلۇقىغا ئۇچىرىغان، خوتۇن بالىلىرى ئالداپ كېتىلگەن ، ئەرزىيەتكە بارسا ساقچىلار "مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىش" ....قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا بۇ ئەپسۇننى ئوقۇسا بەدنىيەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ ھامان ئەشەددى بىر يولۋاس پەيدا بولىدۇ-دە، بەدنىيەتلەر قورققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىشىپ بەدەر تىكىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان بەدنىيەتلەر شۇندىن ئېتىۋارەن تەرىتىنى تۇتالماس بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆز نېسىۋىسىنى جايلاپ يېيەلمەي ئۆتىدىغان بولىدۇ.

    نەزمە:

    پۇقرا كۈنى بەك مۈشكۈل،

    ھوقۇق-پۇلى ئەسلا يوق.

    ئانىي تاپساڭ پۇقرانى،

    توختىماس كۆتۈڭدە پوق.

    سەككىزىنچى، سۇدىن ساقلىنىش ئەپسۇنى. سىرتلارغا چىققاندا كېمە- قېيىقلار ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغان، كۆۋرۈك غۇلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا يولۇققاندا بۇ ئەپسۇننى ئوقۇسا، بىگۇنا پۇقرالار خاسىيەتلىك بۇلۇت تەرىپىدىن قىرغاققا ئېچىقىپ قويۇلىدۇ، مەككار ئەمەلدارلار ۋە ناشايان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلار بولسا سۇغا غەرق قىلىنىدۇ.

    نەزمە:

    توپان قايتا بېسىپ كەلسىمۇ،

    توختىماستىن
    ئۇقۇيمەن ئەپسۇن.

    ياخشلار قۇتۇلۇپ
    ئامان،

    يامانلارنى بېلىقلار يۇتسۇن. 

    توققۇزىنچى، ئوتتىن ساقلىنىش ئەپسۇنى. بۇ ئەپسۇننى ئۆگىنىۋالسىڭىز مەيلى قارانىيەت خوجايىنلارنىڭ قولىدا ، قانۇنسىز كانلاردا ئىشلەڭ ياكى كېنىشكىسىز تورخانىلاردا تورغا چىقىڭ، ئەگەر ئوت ئاپىتىگە يولۇقۇپ قېلىپ بىخەتەر ئىشىكلىرى قۇلۇپلانغان، ئۆتۈشمە يوللار راۋان بولمىغان ئەھۋالغا ئۇچرىغان چېغىڭىزدا مانا مۇشۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىز، مەيلى ئوت قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ بىگۇنا كىشىلەرگە قىلچە زەخمەت يەتمەيدۇ، ئاشۇ ئۆي، كانلار بولسا پاك پاكىز كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ.

    نەزمە:

    ئۆلگۈر
    پۇلدار بەد نىيەت،

    پۇل تونۇيدۇ، ئادەم يات.

    شۇ پەيتىدە قاغايمەن،

    ئادەم قالسۇن مېلىڭ دات.

    ئونىنچى، جازادىن ساقلىنىش ئەپسۇنى. ئەگەر سەۋەپسىزلا
    قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەندە مۇشۇ ئەپسۇننى ئوقۇسىڭىز قىيىن قىستاققا ئالغۇچى ئۆزىمۇ سەزمەستىن كالتەك توقماقلىرىنى ئۆز ھەمراھىغا قارىتىپ ياغدۇرۇۋېتىدۇ، ھەمراھى ئاچچىق تولغىنىپ داد-پەريات كۆتۈرىدۇ.

    نەزمە:

    جازا بەرمەك كىم ماڭا،

    ئاڭا يوقتۇر پەرۋايىم.

    شۇنداق ئەپسۇن ئوقۇسام،

    ئىڭراپ ياتار ھەمراھىڭ.

    ئەگەرچەندە بۇ "10 چوڭ ئەپسۇن" ئومۇملىشالىسىلا دۆلەت ئاسايىشلىققا، خەلق بەخت-سائادەكە يەتكەن بولاتتى. ئامى تابا!

    خاڭجۇ لىڭيىن ئىبادەتخانىسى جىديەن بۇددا يىلنامىسى×يىلى×ئاي

    «كىلاسسىك فېليەتونلار»ژۇرنىلى2006-يىلى9-سانىدن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: