نۇرغۇن كىشىلەر ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن سۆڭەكلىرىنىڭ چۈرۈكلىشىپ ئاسان زەخىملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا تېزرەك مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. تەيۋەن «بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېڭىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاشۇرۇش سۆڭەكنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
تەيۋەن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، 35 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى كېمىيىشكە باشلايدىكەن، 40 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى %1 - %2 لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن، ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىن كېيىن ھەر يىلى %3 - %5 لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن، 60 ياشقا بارغاندا %50 - %70 سۆڭەك ماددىسى قالىدىكەن. ئامېرىكا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ مۇۋاپىق مېڭىش سۈرئىتى سائىتىگە 4.8 - 6.3 كىلومېتىر، يەنى مىنۇتىغا 90 - 120 قەدەم بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئەگەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر قېتىمدا ئاز بولغاندا 4.8 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭسا ھەم سائەتلىك سۈرئىتى 6.3 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولسا، 15 ھەپتىدىن كېيىن ئومۇمىي سۆڭەك زىچلىقى %0.4 ئاشىدىكەن، پۇتنىڭ سۆڭەك زىچلىقى %0.8 ئېشىپ، سۆڭەك سۇنۇش ۋە يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
توغرا بولغان مېڭىش ھالىتى كۈچنى تېجەيدۇ ھەم ھەرىكەت جەريانىدا زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ. توغرا بولغان مېڭىش ھالىتى ــ قەددىنى تىك تۇتۇش، بويۇن ۋە مۈرە ئازادە تۇرۇش، ئىككى مۇشت سەل تۈگۈلگەن بولۇش، ئىككى بىلەك تەبىئىي ھالەتتە ئالدى - كەينىگە تاشلىنىپ تۇرۇش، قەدەملەر مۇۋاپىق بولۇشتىن ئىبارەت.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : خانىم قىزلار كۆكسۈم زەئىپلەشمىسۇن دېسىڭىز 8 نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ
- كېيىنكىسى : ئاياللار ئاسراشقا تېگىشلىك جايلار
جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇ
ئەمچەكنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىتالىيەدە ئەمچەكنىڭ 4/1 قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاشنى باشلىغان، بۇنداق ئۇ
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش
بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەت
سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى 3 خىل سەۋەبلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: 1. ئىرسىيەت ئامىلى مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر جەمەتنى داۋالىغانىدىم، ئانىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئەمچىكىدە راك پەيدا بول
