
بەلكىم سىز ھازىر ئادەم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ، تاماكا تاشلىساممۇ ئۆپكەم ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلاشنىڭ بەدىنىڭىزدە قانچىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز يەنىلا شۇنداق ئويلامسىز؟
1. تاماكا تاشلاپ 30 مىنۇتتىن كېيىن سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز ۋە تومۇر سوقۇشىڭىز نورماللىشىدۇ.
2. تاماكا تاشلاپ 8 سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئوكسىگېن مىقدارى كۆپىيىدۇ، قېنىڭىزنىڭ تەركىبى نورمال ھالەتكە قايتىشقا باشلايدۇ.
3. تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلى بولۇش نىسبىتىڭىز تۆۋەنلەيدۇ.
4. تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن تەم سەزگۈڭىز، پۇراش سېزىمىڭىز ۋە نېرۋىلىرىڭىز نورمال ھالەتتىكى ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسىگە قايتىدۇ.
5. تاماكا تاشلاپ 2 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۆپكە ئىقتىدارىڭىزنىڭ %30 تى ئەسلىگە كېلىدۇ.
6. تاماكا تاشلاپ 1 ئايدىن 9 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا سىزدىكى يۆتەل ۋە نەپەس قىسىلىش ئەھۋالىنىڭ ئازىيىپ، جىسمانىي كۈچىڭىزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.
7. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن %50 تۆۋەنلەيدۇ.
8. تاماكا تاشلاپ 5 يىلدىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچ راكى، كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن %50 تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ.
9. تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، بۆرەك ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش نىسبىتىڭىز ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلەيدۇ.
10. تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ.
بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تاماكا تاشلاشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
ئەگەر ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلىسىڭىز سىزنى يەنىلا قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ نورمال ھالەتكە قايتالىشىڭىزدىنمۇ ئۈمىد بار.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەرلەرنى تۇيۇقسىز ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغان ئۇسۇللار
- كېيىنكىسى : ئەرلەرنىڭ ئۇخلاش ھالىتى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن
ئەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارى چېكىنىش مەنبە: نۇرتورى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردىكى جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ كېيىن چېكىنىش كېسىلى LOH نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ 1.بەدەن قۇۋۋى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەرنىڭ سەككىز چوڭ ئورتاقلىقى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردە كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر مۇنچە ئورتاقلىقلار بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئ
ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق بىرلا خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەرزەنتلىك بولۇش مەسلىسىنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى يوقكەن، ھەرخىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پ
ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشمۇ قايىم بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئۇزۇن مۇددەت چارچاش قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىباردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە دەم ئېلىشقا ئانچە دىققەت قىلالماسلىقتىن ق
