ۋولقانى : ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتمىدى
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 668 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتمىدى
نۇرمۇھەممەد خېلىل ۋولقانى
قالمىدى ياشاشقا ھىچقانداق سەۋەپ،
مۇھەببەت قەلبىمدە ئۆلۈپ تۈگىدى.
قەلبىمدە پىلىلداپ تۇرغان بىر تال چوغ،
تاڭلارغا ئۇلاشماي كۆيۈپ تۈگىدى.
كېچىنىڭ قاراڭغۇ ئاۋازى بىلەن،
چۈشلىرىم يۇلتۇزدەك ھەسرەتتە قالدى.
ئاخىرقى ئىستەكتە يانغان يۈرىكىم،
ئەلەمدە جۇدالىق كۈيىنى چالدى.
سېنىڭدە توزىدى بەخىت گۈللىرىم،
ھاياتىم قاراڭغۇ، تاڭلار ئاتمىدى.
تاپشۇرغان ئىدىمغۇ ساڭا بارىمنى،
ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتمىدى.
Tags: