ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
يېقندا دىدارلاشمىغىلى ئۇزاق بولغان بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ غىزالىنىش ئۈچۈن تاماقخانىغا كېتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز «دادا» دېگىنىچە دوستۇمغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئەپسۇسكى ھاياجانلانغان ئاتا مېھىرلىك ئىككى قولى بىلەن پەرزەنتىنى باغرىغا ئەمدىلا باساي دېيىشىگە بىر ئايال ئېتىلىپ كەلدىدە بىچارە بالىنى خۇددى بۈركۈت قوزىنى قاماللاپ ھاۋاغا كۆتۈرۈپ كەتكەندەك، سىلكىشلىگىنىچە ئىلىپ كەتتى. بىر -بىرىگە تەلپۈنگەن ئاتا -بالا ئىككىيلەننىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى شۇ ھامان نەملىشىپ، تارتىشقان قوللار ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى. مەن شۇندىلا بايامقى ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ دوستۇمنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇن - بالىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.
دوستۇم بالىنى سۆرەشتۈرۈپ بوراندەك كېتىۋاتقان ئايالغا بىر نىملەرنى دېگىنىچە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىىي بەردىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كۆز ئالدىمدىلا مەھەللىمىزدىكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاجراشقان ۋە كېيىن بىر قىزى بار ئەرگە ياتلىق بولغان ئايال بىلەن بۈگۈن كۆرگەن ئايال گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، چۈنكى مەن بىلىدىغان ئۇ ئايال ھازىرقى ئېرىنىڭ قىزى بىلەن بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئانىلىق مېھىرنى ئوخشاشلا بېرەتتى. ئۆيىدىكى قىزىغا ئازراقمۇ ئۆگەيلىك قىلماي ئۇنى ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى. ئوغلىنىمۇ پات- پات چاقىرىپ ئەكىلىپ يېنىدا نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭمۇ ھازىرقى ئاپىسىنى ھۆرمەتلەش ، دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش تۇغرىسىدا نەسھەت قىلىپ يولغا سالاتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى قايسىبىر شىركەتكە ئىشقا چۈشتى، ئەپسۇسكى بۈگۈن مەن كۆرگەن ئايال مېنى باشقىچىلا ئويغا سالدى.
ھازىر تۈرلۈك ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارىمىزدا ئاجرىشىش، قايتا نىكاھلىنىش ياكى جۆرىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ئەر ياكى ئايال ، ھەتتا چوڭلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىىغان ئەھۋاللار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. تۇرمۇش، بولۇپمۇ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك جەمىيەت تولىمۇ مۇرەككەپ، كىشىلەرنىڭ پىسخىك خارەكتىرى، نىكاھ، ئائىلە قارىشى ۋە تەلەپلىرى ھەر خىل بولغاچقا ،ئاجراشقان ئەر -خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلار يەنىلا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. لېكىن چوڭلار : «ئائىلە بۇزۇلۇش ھەرگىزمۇ قىيامەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ» دەپ قاراپ ئۆز تۇرمۇشىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈنىنى ئېلىپ ياشاۋەرگىنى بىلەن، يۆلەنچۈكسىز ، ئىگە چاقىسىز قالغان، ئاتا -ئانىسىنىڭ ئورتاق مېھىرى ۋە تەربىيەلىشىگە نائىل بولالمىغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار بولماي قالمايدۇ. يەنى بەزى بالىلار ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا -ئانلىلىرىنىڭ كەڭ قورساق ، ئەپۇچان بولالماي ئۇزاققىچە بىر - بىرگە ئۆچەكىشىپ ئۇزاققىچە بىر بىرىگە ئاداۋەت ساقلىشى، بالىلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، باشپاناھ بولماسلىقى ياكى بالىلارنى سېنىڭ ،مېنىڭ دەپ ئايرىشى، شەخسىيەتچىلىك قىلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چوڭلارنىڭ كۆيۈنىشى ، غەمخۇرلۇق قىلىشى، باشپاناھ بولۇپ مۇھەببەت ئاتا قىلىشىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە دىلى سۇنۇق، روھى چۈشكۈن، كەم سۆز، ياكى بەڭباش، ئۇرۇشقاق، جىدەلخور بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلاردا جىمغۇرلۇق، تەنھالىق كېسىلىگە گىرپتار بولۇپ، ئېزىپ كېتىش، يولدىن چىقىش ، ھەتتا جىنايەت پاتقىقىغا چۆكۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ سادىر بولۇۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى شەكىللەنگىچە بېقىلىش، تەربىيەلىنىش، قوغدىنىش ھوقۇقى ھوقۇقى بار، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئەقەللىي ئىنسانىي تەلىپى . دېمەك، مەيلى سىز كىم ياكى كىملەر بىلەن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزدىن ، ئائىلىڭىزدە ئۆز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ بالىسىنى بېقىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماي، بالىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. چۈنكى چوڭلار گۇناھكار بولغىنى بىلەن بالىلار گۇناھسىز، سىزدە ئىنسان ۋە ئاتا ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنساني خسىلەت، پەزىلەت، پەرزەنتكە بولغان ئوتلۇق مېھىر ، سەمىمىي قەلب، مەجبۇرىيەت ئېڭى بولسۇن. يەنە سىزدە ئۇلارنىڭ مۇھەبەت ھەققىنى ئايىماي بەرسەم ئۇلارمۇ قىلغىنىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بولسۇن.ئەڭ مۇھىمى، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ئوڭۇشسىزلىق پەرزەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە قايتا تەكرارلانمىسۇن.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
- پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسى
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپا
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇل
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم
- پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچىلىك قى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق يېت
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟