ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ

ۋاقىت : 2014-04-20 12:54 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
 
  ئۆي -ئوچاقلىق بولغان پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىنى يوقلاپ بارغاندا نۇرغۇن ياخشى سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ۋاپادارلىق شەكلىنىڭ بىزدە ئومۇملاشقىنىغا ئۇزاق بولدى. بىراق، ئاتا - ئانىلارنى يوقلاشتا بىر نۇقتا ناھايىتى مۇھىم، ئۇ بولسىمۇ  يوقلاش ماددىي نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىكى نازۇك تەرەپلەر تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەك.
   
  چەت ئەلدە بىر نەچچە يىل تىجارەت قىلىپ خېلى ھاللانغان بىر ساۋاقدىشىم قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ئاۋۋال ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە ساۋاقداش ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولدۇق. بىز ئۇنى چوڭ ئۆيىدە خېلى ساقلىغان بولساقمۇ ئۇ كەلمىدى، بالىسىنى سېغىنغان ئاتا- ئانا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرى تالدى. ئىنى- سىڭىللىرى نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۈمىدسىز قايتىپ كىردى. ھەممەيلەن ئۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا پىكاپنىڭ سىگنالى ئاڭلاندى. ئۇنى كەلگەن چېغى، دەپ تاشقىرىغا يۈگۈرۈپ چىقتۇق. پىكاپ ھەيدەپ كەلگىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولۇپ، ئۇ ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ چوڭ ئۆيىگە تەييارلىغان سوۋغا- سالاملىرىنى ئالدىن ئالغاچ كەپتۇ. ئۇنىڭدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ بېجىرىدىغان ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن، بۈگۈن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ سوۋغىلارنى ئۆزىدىن بۇرۇنراق ئاتا- ئانا، قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپتۇدەك. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا- ئانا لاسسىدە بولۇپ قالدى. بىزمۇ ئارتۇقچە گەپ - سۆز قىلماي قايتتۇق. بەزى كىشىلەر نەزىرىدە سوۋغا- سالام ئاتا- ئانىغا كۆرسىتىلگەن كاتتا ھىممەت بولسا كېرەك. ئەمما، چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ماددىي بۇيۇم تەقدىم قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئەمەس.
   
چوڭلارغا كۆرسىتىلگەن ھەقىقىي ۋاپادارلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىش، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىدۇر. ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتلىقىدىكى ھەر بىر ئىشىغا مىننەتسىز جان كۆيدۈرىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، نەتىجىسى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا قىزىقىدۇ، مەسلىھەت بېرىپ ھەل قىلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ. دېمەك، ئۇلار مەڭگۈ پەرزەنت ئىشقىدا باش قاتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەر ماددىي سوۋغا بىرىشنىلا ئويلاپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭۈل تىۋىشلىرىنى، كۈتۈشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىسە ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۇلارغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئىزدەشتىن، ئۇلار بىلەن سىردىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر پەرزەنت ئاتا- ئانىلار بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ بىز ئاتا- ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ دېگەننى ئەستايىدىل ئويلىشىمىز لازىم.
  ئاتا- ئانىلار ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنىڭ قولىغا، سوغا- سالاملىرىغا قارىمايدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ پات- پات يوقلاپ تۇرۇشىنى، مۇڭدىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قۇرۇق قول بولسىمۇ، پات- پات ئاتا- ئانىمىزنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قېرىلىقتىكى يالغۇزلۇقىغا ھال- مۇڭ، خۇشاللىق ئاتا قىلالىساق، مانا بۇ چوڭلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا ھەم شۇ ئائىلىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ