ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئايالىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئادەتتە خىزمىتى بەكمۇ ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىدىن ئۆي ئىشلىرىغا چولتا بولغاچقا، توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم. ماڭا ئوخشاش ئىچى تار، مۇكەممەللىكنى زىيادە قوغلىشىدىغان ئادەم ئۈچۈن ھەر بىر نەرسە ھەر قاچان ئۆزىنىڭ جايىدا تۇرۇشى، ئۆي ئىچى رەتلىك بولۇشى، تۇرمۇش چوقۇم مەلۇم تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۆي تۇتقاننىڭ نېمە پايدىسى، ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگىنى ياخشى. بىرنەچچە يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، قۇرداشلار قاتارىدا بىزمۇ ئىككى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇپ قاپتۇق. بۇلتۇر 9-ئايدا قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى. بالىلار چوڭ بولغانسېرى ئۆيدىكى «باش ئاغرىقى» كۆپىيىشكە باشلىدى، بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، كىتاب- ماتېرىياللىرى، ئويۇنچۇق-لازىمەتلىكلىرى. بىر يۈز نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە كىرسىڭىز، خاتىرجەم پۇت قويغۇدەك جاي يوق. مەلۇم نەرسىنى ئىزدىسىڭىز كۆپىنچە ۋاقىتتا تاپالمايسىز ياكى بىر ھازا ئىزدەپ، خىيالىڭىزغا كەلتۈرمىگەن بىر يەردىن ئۇچرىتىسىز، تېخى تېلېۋىزورنىڭ تىزگىنىكى، يانفون باتارىيەسىنى زەرەتلىگۈچ قاتارلىق نەرسىلەر تۈپتىن يوقاپ كەتتى. ئەتىگىنى ئىشقا ئالدىرىغاندا يانفوننى تاپالماي، يانفونغا تېلېفون ئۇرۇۋاتقان، يانفون تىترەش ھالىتىدە بولسا، ئۇيان-بۇيان ئىزدەۋاتقان، ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قېلىپ، ئىشىكنى ئېتىۋېتىۋاتقان، ئالدىرىغاندا بىر-بىرىمىزگە تاپا قىلىشىۋاتقان......يامان يېرى بالىلىرىممۇ ئانىسىغا ئوخشاش رەتسىز، بىغەم چوڭ بولغىلى تۇرۇپتۇ. قىزىم بىرنەچچە قېتىم ئاخشىمى ئىشلەپ قويغان تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئەتىگىنى تاپالمىدى، ئوغلۇم بوينىدىن ئايرىمايدىغان مەكتەپ كارتىسىنى نەدە قويدىكىن تاڭ، تاپالمىدى. غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان سەيياھتەك چۆچۈپ، سىلكىنىپ كەتتىم: مەنغۇ ئانىسى بىلەن تىركىشىپ، تالىشىپ مۇشۇ كۈنلەرگە كەپتىمىز، بالىلىرىممۇ مۇشۇنداق رەتسىز، تەرتىپسىز چوڭ بولسا، مۇشۇ سەۋەبتىنلا كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن. بولۇپمۇ، قىزىم، ئۇ دېگەن كەلگۈسىدە ئۆي تۇتىدۇ، ئانا بولىدۇ، ئۇ مۇنداق ئادەتلىنىپ قالسا، شۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە بەختسىز بولۇپ قالسا، ئانىسى ئىككىمىز جىنايەتكار بولۇپ قالىمىز. بۇنداق كېتىۋەرسە قەتئىي بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر نەچچە ماددىلىق ئائىلە قائىدىسى تۈزۈپ چىقتىم ھەم دەسلىپىدە ھەپتىدە بىر قېتىم، كېيىنچە ئەھۋالغا قاراپ 10- 15 كۈندە بىر قېتىم ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ئائىلە قائىدىسىنى ئۆگەندۇق ھەم مۇزاكىرە قىلدۇق. ئائىلە قائىدىسىگە كىم، قاچان خىلاپلىق قىلدى؟ كىم قائىدە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نەچچە ئون مىنۇت ئائىلە يىغىنى ئېچىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۇق. بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپتۇ، ئائىلىمىزنىڭ ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، چوڭلار كىچىكلەرگە تاپا-تەنە قىلىدىغان، كىچىكلەر چوڭلارغا قېيدايدىغان ئىشلار ئاساسەن تۈگەپتۇ، ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى بىر كەيپىيات پەيدىنپەي شەكىللىنىشكە باشلاپتۇ. ئۆزۈمدىن، تەدبىرىمدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم، شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ھەدېسىلا تېرىكىپ، ئاچچىقلىنىپ، باتناپ، ئۆزۈمنىمۇ، ئايالىمنىمۇ خاپا قىلىپ، ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي يۈرگىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم.
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلە ئىناق بولسا، مۇقەررەر ھالدا جەمئىيەتمۇ ئىناق بولىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ نۇرغۇن جەبرى-جاپالار، ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن ئائىلە قۇرغان ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىناق-ئىجىل، بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە. شۇڭا، زامانداشلار بىلەن بۇ مەسىلىدە ئورتاقلاشماقچى بولدۇم ھەم ئائىلىمىزدە قوللانغان مۇنۇ قائىدىلەرنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم: ئۆيدە ھەممە نەرسىنىڭ مۇقىم ئورنى بولسۇن. يانفون، ئاچقۇچ، سومكا، ھەميان، باش كىيىم، ئاياغدىن تارتىپ ئامبۇر-كولۇچ، يىپ-يىڭنە، دورا- دەرمەك، سۇ، توك، گاز كارتىلىرىغىچە، نوپۇس دەپتىرى، كىملىك ۋە باشقا گۇۋاھنامىلەردىن تارتىپ، گىرىم بۇيۇملىرى، ساقال ئالغۇچ، قولياغلىق، پايپاقلارغىچە ھەممىسى مۇقىم بىر يەردە تۇرسۇن. مەلۇم نەرسىنى ھەر كۈنى بىر ياكى بىر قانچە قېتىم ئىشلىتەيلى ۋە ياكى ئايدا، يىلدا بىرەر قېتىم ئىشلىتەيلى، ئىشلىتىپ بولغان ھامانلا چوقۇم ئۆز جايىدا قويايلى.
تېجەشلىك بولايلى، ئىسراپچىلىق قىلمايلى. توك، سۇ، گاز قاتارلىقلار تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇلار ھامان چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار. شۇڭا، بۇ بايلىقلارنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە تېجىگىنىمىز ياخشى، ھەر قاچان ئېسىمىزدە بولسۇنكى، توك، سۇ، گازنى ئىسراپ قىلمىساق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى قىممەت پۇلغا سېتىۋالغان نەرسىلەر بولسۇن ياكى باشقىلار سوۋغا قىلغان، ئاتا-ئانىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەدىيە قىلغان نەرسىلەر بولسۇن تېجەپ ئىشلىتەيلى، ھەرگىز ئىسراپ قىلمايلى.
ئەمگەكنى سۆيەيلى ھەم باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيلى. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىز قىلايلى، بىر-بىرىمىزدىن ياردىمىمىزنى ئايىمايلى. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىز قىلايلى، بىرەرسىمىز ساقسىز بولۇپ قالغان ياكى كەيپىياتىمىز ياخشى بولالمىغان چاغلاردا باشقىلار ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەيلى. ئەمگەكچان ئادەم ساغلام بولىدۇ، گۈللەرنى سۇغىرىدىغان، ئورۇن-كۆرپىلەرنى يىغىدىغان، ئۆيلەرنى، تام- تورۇسلارنى تازىلايدىغان چاي قاينىتىدىغان، دەملەيدىغان، ئاش-تاماق ئېتىدىغان، نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ئىشلارنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تالىشىپ قىلايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيلى.
ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى. بىزنىڭ ئائىلىدە بىللە بولىدىغان ۋاقتىمىز كۆپ ئەمەس. ھەر بىرىمىز شۇ كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ئىشىمىزنى نۇقتا قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئىشلىرىمىزنى تۈگەتسەك. ئاش-تاماق ئېتىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش، ئۆگىنىش قىلىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشتەك زۆزۈر ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرىدىغان، شۇ كۈنلۈك پائالىيەت ۋە ئەتىكى خىزمەت، ئۆگىنىش ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان ئىشلارنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىمكان بار بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرساق. ئارام كۈنلىرىمۇ سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئارام ئېلىشقا توغرا كەلسە، قايتىدىن ئارام ئالساق.
تازىلىققا ئورتاق ئەھمىيەت بەرسەك. ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ساغلام بولۇشى. پاكىزلىق ساغلاملىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئائىلە بىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ياشاش ماكانىمىز. ئائىلىنىڭ پاكىزلىقى تەن ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى. شۇڭا، ھەر بىرىمىز ھەر ۋاقىت پاكىزىلىققا كاپالەتلىك قىلساق، قاچا-قۇچا، قازان-قومۇچلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇۋەتسەك، پۇرسەت بولسىلا ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرساق. ئاشخانا، سۇخانا ۋە تاماق شىرەسىنى ھەر ۋاقىت پاكىزە تۇتساق. ھەر كۈنى كەچتە ئەخلەت قاچىلىرىنى بىر قېتىم يوقلاپ، ئۆيدە ئەخلەت قونۇپ قېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالساق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي تازىلىققىمۇ ئەھمىيەت بەرسەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆزىمىزنىڭ تازىلىقىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقساق.
مېھماندارچىلىق، بېرىپ-كېلىشلەردە ئەدەپ-قائىدىلىك، قىزغىن، باراۋەر بولۇپ، ئائىلىمىزنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى تىكلىسەك. ئۆيىمىزگە مېھمان كەلسە، ئۇ مەيلى قايسىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنى، دوستى، ساۋاقدىشى، خىزمەتدىشى بولسۇن ئائىلىدە بارلىرىمىز ئوخشاشلا دەرقەمدە بولۇپ، قىزغىن كۈتۈۋالساق ھەم چىرايلىق ئۇزاتساق. چاقىرىلغان توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە باشقا مېھماندارچىلىققا ۋاقتىدا، بىللە بارساق ھەم ساھىبخانغا ئەدەپ بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇۋاپىق پەيتتە، چىرايلىق خوشلىشىپ، بىللە قايتساق.
ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تۈزۈۋالغان بۇ قائىدىلىرىمىزنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە ماس كېلىشى ناتايىن، لېكىن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى تۇرمۇش ئۆلچىمى، قائىدىسى بولغىنى ياخشى، ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرىنى بىلمەي، بىر-بىرىگە قېيدىشىپ يۈرگەندىن كۆرە، مەلۇم ۋاقىتلاردا ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ئائىلىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا تىرىشقاننىڭ زىيىنى يوق، ئەلۋەتتە.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەكمۇ؟
- ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللى
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟
- بالا ئېمىتكەندە ئاياللارنىڭ قان بېسىم ب
- ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بال
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئ
- مۇكەممەل ئەرلەردىن بولۇڭ
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئا
- كىتاپ ئالغاندا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئويل
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قان
- ياشانغانلاردىكى ئۇنۇتقاقلىقنى داۋالاي
- 10مىنۇتلۇق ھايات
- قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بو
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرس
- ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا ي
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟
- بالا ئېمىتكەندە ئاياللارنىڭ قان بېسىم بولۇش
- ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بى
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- مۇكەممەل ئەرلەردىن بولۇڭ
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق م
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى