ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟

ۋاقىت : 2013-12-18 12:25 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟

   ئابلاجان مۇھەممەت

بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟

    سەت گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا بالامنى ئەدەپلەپ ھايال ئۆتمەيلا، كىچىككىنە بىر ئىش تۈپەيلىدىن خوتۇنۇم بىلەن جاڭجاللىشىپ قالدىم.

    -دادا سىزمۇ سەت گەپ قىلدىڭىز،- دېدى گېپىمنى ئاڭلاپ قالغان قىزىم. مەن دەرھال خاتالىقىمنى تونۇپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئاتا – ئانىلارمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئىش مۇشۇنداق ۋاقىتتا مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىنسا ئوڭايسىز ھالەتنى بالا تەربىيەلەشتىكى ئەپچىل پەيتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    ئادەتتە، ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە خاتالىقنى كۆپرەك سادىر قىلىدۇ. گېپىدە تۇرماسلىق، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق، ئۆزى قىلغان تەربىيەگە ئۆزى ئەمەل قىلماسلىق، ئاق – قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئەيىبلەپ كېتىش قاتارلىقلار. ئاتا – ئانىلار خاتا قىلغانلىقى ياكى بالىنى خاتا ئەيىبلىگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، چوقۇم بالىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك. چۈنكى، ئەڭ قورقۇنچلۇقى خاتالىق ئەمەس بەلكى خاتالىقنى تونۇماسلىق ياكى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەسلىكتۇر. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ئۆز خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن تونۇشى ھەم باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىشى، ۋاقتىدا تۈزىتىشى لازىم. <<مېنىڭ گېپىم ھېساب، كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى›› دېگەندەك باھانىلەر بالا بىلەن سەمىمىي ئالاقە ئورنىتىشقا پايدىسىز.

    ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن بالىلىرىدىن ئەپۇ سورىشى بالىلاردىمۇ بۇنداق ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بەزىدە سىرتتىكى چاغلاردا خوتۇنۇم تېلېفون بېرىپ، قىزىمغا يېمەكلىك ۋە ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىشىمنى ئېيتىدۇ. كۆپىنچە ئالدىراشچىلىقتا بۇنى ئۇنتۇپ قالىمەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە قىزىم: ‹‹دادا، ماڭا ئەكەلگەن نەرسىڭىز قېنى؟›› دەيدۇ. بۇنداق چاغدا مەن: ‹‹سىزگە بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇندىيالمىدىم، بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن ھازىر مېنى جازالامسىز ياكى ماڭا بىر تۈزىتىش، تولۇقلاش پۇرسىتى بېرەمسىز؟ قايسىسىنى خالىسىڭىز، شۇ بويىچە بولسۇن›› دەيمەن. بىر قېتىم قىزىم: ‹‹ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ›› دېدى. مەن ھېكايە ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ‹‹ئەمدىغۇ مېنى ئەپۇ قىلارسىز ›› دېگىنىمدە، ئۇ مېنى چۇڭقۇر مېھرى بىلەن قۇچاقلاپ، خۇشال ھالدا سۆيۈپ قويدى.

    ئاتا – ئانىلار شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ئوخشاش خاتالىقىنى قايتا – قايتا سادىر قىلىۋەرگەندە ئەپۇ سوراش ئۇسۇلىنى ئۆزىگە قالقان قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بالىنىڭ كۆڭلى ساپ ھەم نازۇك بولىدۇ. بىر – ئىككى قېتىملىق چۈشەندۈرۈشنى بالا قوبۇل قىلالىسىمۇ، ئەمما ئوخشاش قىلمىش تەكرارلىنىۋەرسە، بالىنىڭ كۆڭلىدىكى ئاتا – ئانىغا بولغان ئىشەنچ سۇسلاپ كېتىدۇ.

    ئەپۇ سوراشتا تىل ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپلا قالماستىن، كۈلۈمسىرەش، قۇچاقلاش، كۆز ئىشارىتى، باش لىڭشىتىش، مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىقمۇ ئەپۇ سوراش ھېسسىياتىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىغا ئۇۋال قىلىپ قويغاندا، دەرھال ئەپۇ سوراش ئارقىلىق بالىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشىش ئانچە ئاسان ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا، قارشىلىش كەيپىياتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، جانلىق ئۇسۇللارنى قوللىنشقا، ‹‹ئۈچىنچى كىشى›› ئارقىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش لازىم. مەسىلەن: ئانىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن دادا ئانىغا ۋاكالىتەن ئەپۇ سورىسا بولىدۇ، خاتالىق سادىر قىلىپ قويغۇچى نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، تېلېفون بېرىپ ئەپۇ سوراش ئارقىلىق بالىنىڭ كۆڭلىدىكى تۇماننى تارقاتسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بالىغا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى تەبىئىي رەۋىشتە ھېس قىلدۇرۇپ، بالىنى زېرەك، ئەقىل – ئىدراكلىق، كۆيۈمچان قىلىپ يېتىلدۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

    ئاتا – ئانىنىڭ بالىدىن ئەپۇ سورىشى كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى، بالا تەربىيەلەشتە مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«بالىڭىزدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ