ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق

▲ پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، ئاتىسى بىلەن ئاز ئۇچرىشىدىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتىلىشى باشقا بالىلارنىڭكىدىن ناچار بولىدىكەن. ئۇلاردا ئومۇميۈزلۈك تەشۋىشلىنىش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇشتەك ھېسسىيات توسالغۇلىرى مەۋجۇت بولۇپ، غەمكىن يۈرۈش، تەشۋىشلىنىش، يېتىمسىراش، تەتۈرلۈك قىلىش، جىم تۇرماسلىق قاتارلىقلار ئۇنىڭ كونكېرت ئالامىتى ئىكەن. بۇ ھال «ئاتا سۆيگۈسىگە قانماسلىق ئۇنىۋېرسال كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىكەن.
▲ئامېرىكىلىق بالا تەربىيىلەش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يېقىندا تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئاتىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلار ئەقىللىقراق كېلىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىزدىكى «ئەرلەر سىرتنىڭ ئىشىغا، ئاياللار ئۆي ئىشىغا مەسئۇل» دەيدىغان قاراشنىڭ ئانچە ئىلمىي ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە نۇقسان يەتكۈزدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى جەھەتتە پەرق بولىدىكەن. ئاتىنىڭ قىز بالىغا بولغان تەسىرى ئوغۇل بالىغا بولغان تەسىرىدىن چوڭ بولىدىكەن. ئاتىسى بىلەن دائىم بىللە بولىدىغان قىز بالىنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ياخشى بولىدىكەن. ئاتىسى بىلەن دائىم بىللە بولىدىغان بالىلار يېڭى شەيئىلەرگە قىزىققاق، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىر بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاتا مېھرى ئانا مېھرىدىن ئەلا، دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسلىقى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن ئىپادىلىندىىكەن.
يەنى بىرىنچىدىن، ئاتا مېھرى بىلەن ئانا مېھرىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاتا- ئانىنىڭ ئوخشىمىغان جىنس خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاتا باتۇر، قەتئىي، قەيسەر، جاسارەتلىك، ئىرادىلىك بولۇشتەك ئەرلەرگە خاس خاراكتېرنى بالىلارغا سىڭدۈرۈپ، ھاياتقان بولغان قايناق ھېسسىيات ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
▲ ئىككىنچىدىن، ئاتا مېھرى بىلەن ئانا مېھرىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى- ئوخشىشمىغان تەربىيىلەش ئۇسۇلىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئاتا بولغۇچى بالىنىڭ قايسى جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، بالىنىڭ تۇغما تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتا پىلانلىق ۋە نىشانلىق تەربىيىلەيدۇ ھەمدە قانداق قىلىش، قانداق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىش جەھەتلەردە ئېنىق پىلانلىرى بولىدۇ. كۆپ قىسىم ئاتىلار بالىلاردىن مۇستەقىل، كەسكىن، باتۇر، تەۋەككۇل قىلىش روھىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بالىلارنى ئاددىيراق ئائىلە سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۈگىنىش، تاغقا يامىشىش، يۈگۈرۈپ بەسلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ.. ئانىلار بالىلارنى قوغداشنىلا ئويلاپ، بالىلار خەتەرلىك، مۇرەككەپ ئويۇنلارنى ئوينىغان چاغدا بالىسىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشى ۋە ھېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، نەتىجىدە مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز ھالدا بالىلارنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ قويىدۇ. ئاتىلار تەلەپچانراق بولۇپ، بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، كاللا ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
▲قانداق قىلغاندا ئاتا سۆيگۈسىنى مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئاتا سۆيگۈسى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، يەنە تەن ساغلاملىقى، ھېسسىياتى، خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا سۆيگۈسىنىڭ كۈچى شۇ قەدەر قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئاتا بولغۇچى ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. مۇتەخەسىسلەر «ئاتا بولغۇچى بالىغا ئاز دېگەندە توققۇز تەرەپتىن بايلىق ئاتا قىلالايدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ تەرەپلەرنى بىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ھېس قىلالىشىمىز مۈمكىن.
يەنى چىقىشقاق مىجەزىنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا مۇناسىۋەتكە ماھىر بولىدىغان، باغرى يۇمشاق، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان مىجەز -خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ.
ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ھەرىكەتتىن بەرىكەت تېپىشنى ئۈگىتىدۇ؛
▲ئاتا بالىغا بىلىمگە تەشنا بولۇش، قېتىرقىنىپ ئۈگىنىش، پىكىر قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشنى ئۈگىتىدۇ؛
ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىنى قولى ئەپچىل، ئىجادچان، قىيىن مەسىلىلەرنى يېيشكە ماھىر قىلىپ تەربىيەلەيدۇ؛
▲سەمىمىي ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا كىشىلەرگە سەمىمىي بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، ئىشەنچىنى ئاساس قىلىشنى ئۈگىتىدۇ؛
▲ئېغىر- بېسىق، سالماق بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا مەسىلىلەرگە يولۇققاندا تەمتىرىمەي، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، كەسكىن بولۇشنى ئۈگىتىدۇ؛
▲ دېمىكراتىك ۋە ماسلىشىشچان بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا كېڭىشىش، كەمتەر، مۇلايىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ؛
▲ خاتالىقنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىنى خاتالىقنى تونۇپ، خاتالىقنى تۈزىتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالىدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.
▲ كەڭ قورساق، دانا بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. ئاتا بالىغا كەڭ قورساق، يۇمىرستىك، سالاپەتلىك بولۇشنى ئۈگىتىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتى تولىمۇ مۇ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى