بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ

▲ھەر قانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ تۈپەيلى مەسئۇلىيەتچان، پەزىلەتلىك، غورۇرلۇق ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىنىڭ تېنى ساغلام، ئەقلى-ھوشى جايىدا چوڭ بولۇشنىلا ئەمەس، مۇھىمى بەلگىلىك ساپا ھەم ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم شۇ ئارزۇ- ئىستەك يولىدا پەرزەنتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايدۇ.
بالىلار تەربىيەسى ئۇسۇلىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزىلىرىمىز بالىمىزنى يەسلىگە بەرگىچە ئاساسەن قولدىن چۈشۈرمەيمىز. يەسلى مائارىپىنى تاماملاپ باشلانغۇچ مائارىپىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ بالىلارنى ئۆزىمىز مەكتەپكە ئاپىرىمىز ۋە ياندۇرۇپ كېلىمىز. يېزىلاردا بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بالىلار ئاساسەن يەسلى ياكى مەكتەپكە ئۆزى بېرىپ كېلىدۇ، تېخى ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، چارۋا بېقىشتەك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ.
▲بەزىلىرىمىزنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش مەۋجۈت بولۇپ، بالىلىرىمىز مەكتەپتىمۇ، ئۆيدىمۇ تاپشۇرۇقتىن باش كۆتۈرمەي دەرس تەكرارلىسا؛ مۇمكىن بولسا مەكتەپلەر بالىلارنى قىشلىق، يازلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بەرمەي ئوقۇتسا؛ بالىلار قېلىپتا قۇيغاندەك، قۇلىقى يۇمشاق، گېپى تاتلىق، ئاتا -ئانىسىنىڭ بۇيرىغىنىنى بەجاندىل ئىجرا قىلىدىغان، ئاتا -ئانا بىلەن قىلچە تاكاللاشمايدىغان؛ ئاتا- ئانىنىڭ قىلغان ئىش -ھەرىكىتى، گەپ -سۆزى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالىلار بويۇنتاۋلىق قىلماستىن بويسۇنسا دەيدىغان ئۈمىد ئارزۇدىلا بولىمىز. بالىلىرىمىزنىڭ ئاز- تولا ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى، ئەركىنلىكى بويىچە قىلىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيمىز. بولۇپمۇ «بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى»نى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېغىر-يېنىك ئىشلارنى قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.
▲بالىلارنىڭ ئاتا- ئانا ۋە ئاكا -ئۇكا، ئاچا -سىڭىللىرىغا نىسبەتەن مېھرىبانلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۆزىگە كۆيۈنگەن، ياخشى تەربىيە، نەسىھەت قىلغانلار بىلەن زىتىغا تەگكەن، كۆزگە ئىلمىغان، تولا ئىشقا بۇيرىغان، بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالىدىغان ئاتا -ئانا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن مۇئامىلىسى پەرقلىنىدۇ. بۇنداق بالىلاردا زورلاپ، مەجبۇرلاپ مېھرىبانلىقىنى قوزغاش ئەسلا مۇمكىن بولماستىن، بالىلارنى قايىل ھەم مايىل قىلىش ئارقىلىق مېھرىنى قوزغاش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئائىلىگە بولغان مېھىر -مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئىمكانىيەت ھازىرلاش كېرەك.
بالىلار مەكتەپتە بەزىلىرى تەبىئىي پەنلەرگە، يەنە بەزىلىرى ئىجتىمائىي پەنلەرگە، يەنە بەزىلىرى تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، تىل قاتارلىق پەن ۋە كەسىپلەرگە قىزىقىشى مۇمكىن. ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، بالىلارغا مەدەت بېرىشى ۋە قوللاش كېرەك. بىزدە «بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ» دېگەن گەپ بار. گەرچە بالىلار ئاڭ ۋە تەپەككۇرغا ئىگە بولغاچقا ئۇلارنى زورلاش ، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىزىقىشىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ياخشى نەتىجە بەرمەيلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا بالىلار تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ تاللىشى، قىزىقىشىغا مۇناسىپ يول قويۇش، كەلگۈسىگە بولغان قارىشىنى ئىگىلەش ئارقىلىق بالىلار تەربىيەسىدە ئىلمىي بولغان تەربىيە ھەم يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
▲بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىيلىكى بويىچە بالىلار يېشىغا، جىنسىغا ماس كەلمىگەن زىيادە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى، ئەخلەت يېمەكلىكنى يېمەسلىكى، مېڭىنى ئىلمىي ئىشلىتىش، ئۆگىنىش بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى، ئىمكانىيەت بولسا تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن سەيلى-ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. بالىلارنىڭ ئاڭلىغىنىدىن كۆرگىنى قانچە كۆپ بولسا، نەزەر دائىرىسىمۇ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكىگە توسالغۇ بولمىسۇن
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى