ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى پەرقى

ۋاقىت : 2013-07-28 14:34 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەمگەك | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى پەرقى
 

يېقىندا ۋال كوچىسى گېزىتىدە «نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇق ئانا ئەڭ مۇنەۋۋەر بولالايدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ،ئامېرىكا ۋە كانادا ئاھالىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى،بۇنىڭدىن كىشىلەر ئىلھام ئېلىپ جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەكتە.

  ماقالىنىڭ مۇئەللىپى سەي مېيئېر ئىسىملىك ئايال بولۇپ، ھازىر يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئۇ ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلەش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇلارنىڭ سىرتلارغا دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىشىنى چەكلىدىم، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ئوينىشىغا يول قويمىدىم، كۈندە ئىجتىھات بىلەن پىئانىنو ۋە ئىسكىرىپكا مەشىق قىلدۇردۇم، تىياتىر ۋە تەنتەربىيە دەرسىدىن باشقا دەرسلەردە بىرىنچى بولۇش تەلىپىنى قويدۇم، مېنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشۇم بىلەن ئىككى قىزىم ئۆگىنىشتە ئاخىرى ئۈزۈپ چىقتى، چوڭ قىزىم ئاخىرىداكارنىك زالىدا پىئانىنو چېلىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى، كىچىك قىزىمنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى. بۇ پىروفېسسور سەي مېيئېرنىڭ جۇڭگوچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسىدىن بولغان ئىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ غۇرۇرىغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلھام بېرىش ۋە ماختاشقىلا تاينىدىغانلىقى، ئۇلاردا بالىلارنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەربىيەسىنىڭ كەملىكىنى تەنقىد قىلغان.

  ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاس ئىككى خىل بولدى، ئۇنى قوللىغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولدى، تور ئەھلىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %60.7 كىشى ئۇنىڭ شەرقچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قۇۋۋەتلىگەن، ئەلۋەتتە قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس، جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن ئانىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىروفېسسور سەي مېيئېرنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ رەھىمسىزلىك، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۇنچە قاتتىق باشقۇرمايدۇ، ئۇلار بالىلىرىغا كەڭ قورساق بولۇپلا قالماي ھەتتا ئەركە چوڭ قىلىدۇ.

  بۇ مۇنازىرىدە ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياكى جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى، بۇنى غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىنىڭ «خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش پىلانىدا» نەتىجىسى ئەلا بولۇپ، ئامېرىكا ۋە كانادالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى تېخىمۇ جانلىق ئىسپات بولالايدۇ. بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئەنئەنىسى بار، جۇڭگودا ئۇستاز تەلەپچان بولسا، شاگىرت قابىلىيەتلىك بولىدۇ دەيدىغان ئەقلىيە سۆزىمۇ بار. جۇڭگولۇق ئانىلار نۇرغۇن ۋاقتىنى، يۈرەك قېنىنى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سەرپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ چوقۇم پىروفېسسور سەي مېيئېرغا ئوخشاش بالىنى بالىلىقىدىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.

  ئىمتىھان مائارىپى، زورلاپ ئوقۇتۇش مائارىپى قاتارلىقلار ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، ئامېرىكىدىكى رەسسام دىڭ شاۋگۇئاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي ئىقتىدارغا كەلسەك، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە بىر قېلىپقا چۈشۈۋالغان، ئۇلاردا تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادچانلىق كەمچىل. ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئاساسىي ئىقتىدارنى ياخشى ھازىرلىماي تۇرۇپلا، مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ئويلايدۇ، مانا بۇ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى پەرقى، ئەمما ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيىلەش، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىجادچانلىقىنى قېزىش  ھەرقايسى دۆلەت مائارىپىنىڭ ئورتاق يۆنىلىشى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
كېيىنكىسى: دادا سەن يوق
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ