ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى ئۇرمايمۇ تەربىيىلىگىلى

ۋاقىت : 2010-10-02 18:30 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

بالىلارنى ئۇرمايمۇ تەربىيىلىگىلى بولىدۇ

بالىڭىزنى چۇشىنىۋىلىڭ . ئەلۋەتتە تۇرمۇش ئۈچۈن ھەممە ئاتا– ئانا ئالدىراش خىزمەت قىلىدۇ ، بىراق ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن سىردىشىش ، بالىلارنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم ؛ بۇ جەرياندا بالا باققۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، بالىنىڭ مەكتەپ ۋە ئائىلىسىدىكى ئىپادىسى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولماي بولمايدۇ ، چۈنكى چۈشىنىش كۆپەيگەنسېرى، خاتالىق شۇنچە ئازىيىدۇ. بونداق بولغاندا بالا ھەر قېتىم قېلىپتىن چىققاندا، ئاتا – ئانىسىدا بالىنى توغرا يېتەكلەش ھەققىدە چوقۇم بەلگىلىك سان بولۇپ ، ئۈنۈملۈك تەربىيىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ .

پەرزەنىت تەربىيلەش بىلىملىرىنى ئىگىلەش مۇھىم . جەمىئىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۋاتىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا تەربىلەش ئۇسۇلىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرماي بولمايدۇ ، شۇڭا ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تەربىيلەش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەنئەنىۋى بالا تەربىيلەش قارىشىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ سۈر، ھەيۋە ۋە  ئاتا – ئانىلىق ھوقۇقى ئارقىلىق بالا تەربىيلەش مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، بالىلارنى ئۇرۇش، تىللاش مانا مۇشۇ سۈر، ھەيۋە بىلەن بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شۇڭا بالا تەربىيلەش ھەققىدىكى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئاتا – ئانىلارنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەجرىبىسى چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ، بالا تەربىيلەش قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

بالىلارنىڭ سۆزىگە سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سىلىش. قېنى قىزىق ئاتا – ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلىرىنى تەربىيلەپ باشقۇرماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئىنكاسى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاش، ئەمما مائارىپشۇناسلار بۇ ھەقتە ئاتا – ئانىلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئالدى بىلەن تىنچلىنىۋېلىڭ، ئاندىن بەكرەك سەۋرچان بولۇپ، بالىڭىزدىن بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراڭ. چۈنكى ئاتا – ئانىلارنىڭ دىققىتى بالىلىرىنى تەربىيلەشكە قارتىلغان ھەمدە بالىلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن چاغدا، چوقۇم بالىلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا بەلگىلىك سەۋەب بارلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بالىسىنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى چۈشىنەلىسە، ئۇنداقتا ناتوغرا ھەرىكەتلەردىن خالىي بولالايدۇ.

      ئەمدى ھەيۋىڭىزنى تاشلايدىغان چاغ كەلدى. نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ ئالدىداھەيۋىسىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، خۇددى يۇقىرى تۆۋەنگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئالاھىدە تەكتىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھازىر ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەيۋىسىنى تاشلايدىغان چاغ ئاللىقاچان كەلدى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشى، بالىلىرىغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلماسلىقى، بالىلىرىغا خۇددى يېتىلگەپ ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يەنە بالىلارنىڭ تەلەپلىرىگە دائىم ‹‹ ياق ››دېمەسلىك، بەلكى بالىلىرىغا تاللاش سوئالى چىقىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارار چىقارغۇزۇش لازىم. ئەگەر بالىلارنىڭ يېشى چوڭ بولسا، ئىپادىلەش ئىقتىدارى تولۇق بولسا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقۇزۇشقىمۇ ھەمدە مەسىلىنى ئەتراپلىق ھەل قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

 بالىغا مەنتىقە سۆزلەش. ئادەتتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرغاندىن باشقا، ئاتا – ئانىلار يەنە ئەمەلىيەت داۋامىدا بالىلارغا بەلگىلىك رەۋىشتە مەنتىقە سۆزلەشكىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر بالىلاردا ھېسداشلىق قىلىش تۇيغۇسى بىلەن مەسىلىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاش ئىقتىدارى ھازىرلاشقا پۇرسەت بەرسەڭ، ئۇنداقتا بالىلار ئۆز ھەرىكىتىنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمسە مەنتىقە سۆزلەش ئۇسۇلى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى مەنتىقە سۆزلەش دەرىجىسىنى بالىلارنىڭ ئەمەلىي يېشىغا ماسلاشتۇرۇش، يېشى كىچىك بالىلارغا ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق مەنتىقىنى بىلدۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل.

    بالىلارنى ئەمىلىيەتنى سىناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىڭ. ئەگەر بالىلار چوڭلارنىڭ گېپىنى زادىلا ئاڭلىمىسا، ئۇنداقتا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، بالىلارنى ‹‹ ئۆزى تېرىغان بالانىڭ تەمىنى تېتىش›› پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشقىمۇ بولىدۇ . بالىلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئاتا – ئانىلار تەربىيىسىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

   ئاچچىقىڭىز كەلگەندە بالىغا تەربىيە بىرىشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ . قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاندا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ، مەسىلىلەرنى ئەقىل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالدىغانلىقى بەرھەق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بۇنداق چاغدا مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، روھىي كەيپىياتى نورماللاشقان چاغدا ئاندىن بالىغا تەربىيە بەرگىنى تۈزۈك. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق چاغدا ئاتا – ئانىلار نەق مەيداندىن دەرھال ئايرىلىپ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن باشقا ئىشلارغا بەنت بولۇشى، يەنى دوستلىرىغا تېلېفون بېرىپ مۇڭدىشىشى، مۇزىكا ئاڭلىشى كېرەك. روھىي كەيپىياتى نورماللاشقاندا ئاندىن بالىنى چاقىرىپ سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىم.

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ