ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك

ۋاقىت : 2013-07-12 22:09 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك

ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك

بىز كۆپ ھاللاردا بىر قىسىم  ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ  كەلگۈسى كەسپى توغرىسىدا ئارتۇقچە باش قاتۇرۇپ،«بالامنى سەنئەت مەكتىپىگە بېرىمەن، شوپۇرلۇق كەسپىگە بېرىمەن، تىجارەت  كەسپىنى ئۆگىتىمەن، دوختۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ  تۇرىمىز. ئۇلار بالىلىرىنى  ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن   بۈگۈن  بىر كۇرىسقا ئەتىسى  يەنە بىر كۇرىسقا  ئاپىرىپ،بالىنى گاڭگىرىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ .بۇ   بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.
مەلۇم بىر  گېزىتتە مۇنداق بىر ھېكايە بېسىلغان  بىر ئانا ياش ۋاقتىدا دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارزۇسىغا يېتەلمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدىنى بالىسىغا باغلاپتۇ . ئانا بالىسىغا  رەسىم    سىزىشىنى ، ئىنگىلىز  تىلىنى ئۆگىتىشنى ئورۇنلاشتۈرۈپ ، بىردەممۇ بىكار قويماپتۇ . دەسلەپتە ، بالا ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي خېلى ئىلگىرىلەپتۈ . ئەمما ، ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى بىراقلا پارتلاپ ، بالا دوختۇر بولۇشنى ھەرگىز خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ . ئانا شۇندىلا، بالىلارغا كەسىپىنى بەك بۇرۇن تاللاپ بەرسە بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت داۋلىنى بىلىپتۇ ››.    يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋاللار ئاز ئەمەس ، يەنە خېلى كۆپ ساندىكى   پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ، بالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشماي قالغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ ياكى ئۆزى قىلغان كەسىپنى قىلىشقا زورلايدۇ.
بالا كىچىك چېغىدا ، ئاتا -ئانىلار بالا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھېسابلاپ ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بالىغا كەسپنى ئۆزى تاللاپ بېرىدۇ . بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىنى تونۇش ئېڭى تېخى ئانچە كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە ، ئاتا - ئانىسىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ ، ئۇلار سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە ماڭىدۇ .بىراق بالا ھامان چوڭ بولۇپ ، مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان بولىدۇ ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ تايچاقنى ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈگەنلىمىكى تەسكە چۈشۈشى مۈمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ، كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ھە دەپ بالىلارنىڭ قولىقىغا قويۇۋەرسە ،  بالىلار زېرىكىپ قېلىشى ، ھەتتا ئەسىلىدە ئوبدانلا قىزىقىدىغان بولسىمۇ ، قەستەنگە قارشىلىشىش پسخىكىسىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە ، قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئىشنىڭ بۇنداق ئويلىمىغان يەردىن چىقىشى ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن ئېغىر ئازاب. بۇ  ئاتا-ئانىلار  مۇنداق بىر پاكىتقا سەل قارىغان : بالىلارنىڭ ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ كېلەچەكتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر قولى گالراق بالىغا رويال ئۆگىتىپ، ئاھاڭلارنى تولۇق چىقىرالمايدىغان بالىغا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتسەك، قانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئۈنۈم ياخشى بولمايدۈ .نەتىجىدە بالىلاردا ئۆگىنشتىن بىزار بولىدىغان ،ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان ئالامەتلەر يۈز بېرىپ،چېكىنىپ كېتىشى ھەتتا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بالىغا ھەرقانچە مەدەت بېرىپ، ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان بىلەنمۇ ، قاتمۇ-قات بېسىم ۋە يۇقىرى تەلەپلەردىن زېرىكىپ كەتكەن بالىلار خۇددى ھارۋىدىن يانغان ئاتتەك كەينىگە چېكنىدۇكى ئالدىغا ماڭمايدۇ. بۇ ھەقىقەت.
بىز داۋاملىق بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا دېگەندەك كەسپ قوغلىشىپ ، بالىنىڭ يۈكىنى، بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ ،بالىنىڭ رايى يېنىپ، ئوقۇشتىن چېكىنگەن ۋاقىتتا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچى يوق زارلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ  قىزىقىشىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك.    بالىلار  ئاتا-ئانىسىنىڭ خاھىشى بويىچە قىينىلىپ ئۆگىنىۋاتقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . مەغلۇبىيەتتىن كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئاسانلا بوشاشتۇرىدۇ - دە ، بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىشقا باشلايدۇ  ، شۇڭلا بالىلارغا كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى بەك بالدۇر سىڭدۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ كەسىپنى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا رۇخسەت قىلغىنى تۈزۈك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ