ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ

ۋاقىت : 2013-07-12 22:06 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ

بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ

 ئاقسۇغا كاماندىروپكىغا كېتىۋېتىپ ئاپتوبۇستا ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى ئايالنىڭ پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى.
  - ئاداش، قىزىڭ تەتىلگە كەلدىمۇ؟
   - كەلگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يازلىق تەتىلگە بالدۇر قويۇپ بېرىدىكەن.
ـ بەك ياخشى بوپتۇ، ئۇنداقتا ئۇ سەن بارغىچە چۈشلۈك تاماقنى ھازىرلاپ تۇرىدىكەن دە؟
ـ نەدىكىنى، قىزىم تېخى تاماق ئېتىشنى بىلمەيدۇ.
ـ بۇ نېمە دېگىنىڭ، نېمىشقا   ھازىرغىچە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆگەتمىدىڭ؟
باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا يالغۇز قىزىمىز، جاپا تارتقۇزماي دەپتىمەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر، ئۆگىنىشىنى قىلسۇن دەپتىمەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئىچىكىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ، بىراق  ئۆي   ئىشلىرىغا  زادىلا  قولاشمايدۇ...
دىققىتىم چېچىلىپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ داۋامى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئەمما خېلىغىچە بۇ ئىش خىيالىمدىن كەتمىدى. ئېنىقكى، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ھېلىقى قىز ئاز دېگەندىمۇ 20 ياشتىن ئاشقان بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىش، قارار چىقىرىش ئىقتىدارى يېتىلگەن، ھەتتا ئائىلە ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدىغان مەزگىلىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇ ۋە ئۇنىڭدەك بەزى قىزلار ئائىلە ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ قازان بېشىغا نېمىشقا چولتا بولىدۇ؟
پەرزەنت ئاتا - ئانىنىڭ بەختى، ئاتا - ئانا  بالىنىڭ  تەختى. بىر  بالىنىڭ ياراملىق يېتىلىشىدە ئاتا - ئانىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ساپاسى تولىمۇ مۇھىم. بۇ ئامىللار ئىچىدە ئاتا - ئانىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بەكمۇ زور. ئۇنداقتا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش سۈپىتى بىلەن بالىسىنى قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن قىلىپ قويسىلا ئىش پۈتەمدۇ؟ بولۇپمۇ قىز بالىنىڭ 20 نەچچە ياشقا كىرگىچە تاماق ئېتىشنى بىلمەسلىكىدە ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ - يوق؟
ھازىرقى زامان تۇرمۇش رىتىمىغا قارىساق، ئومۇمەن ئاياللار»كۆيۈمچان ئانا« بولۇشنى، «ئەرلەر شەپقەتلىك دادا« بولۇشنى شەرەپ ھېس قىلىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاق پاقلان بولغاندا »بەگ«، »خان«، »گۈلۈم«، »قوزام« دېگەندەك ناملار بىلەن ئەركىلىتىمىز. پۇتىغا تىكەن  كىرىپ  كەتسە، دوختۇرخانىغا چاپىمىز، ھەرگىز  ئۇلارمۇ »يانتاق«نىڭ   ئاچچىقىنى  تېتىپ  ساۋاق  ئالسۇن، دېمەيمىز. ئايىغى چىققان بالىلار يىقىلىپ چۈشسە، ئەنسىز توۋلىشىپ دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزىمىز، ھەرگىزمۇ بىرەر  قېتىم   ئورنىدىن مۇستەقىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەيمىز. بالىلىرىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز - يۇ، ئىلمىي سۆيۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلمايمىز.
دۇنياغا داڭلىق باي بىل گايتىس بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆيۈنسىمۇ، لېكىن بالا تەربىيەسىدە قاتتىق قول بولۇپ، ئەزەلدىن بالىلىرىنىڭ خەجلىشى ئۈچۈن كۆپ پۇل بېرىپ باقمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: »كىشى ھەر قانچە باي بولسىمۇ، بالىنى پۇلغا، راھەت - پاراغەتكە ئۆگىتىپ تەربىيەلىمەسلىكى كېرەك.
 بىز بالىلىرىمىزغا پۇل بېرىشنى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما پۇل تېپىشنى ئۆگەتمەيمىز. ئىشلىرىغا ئارتۇقچە قوماندانلىق قىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىنى بوغۇپ قويىمىز. ھازىرقى زامان بالىلىرى، بولۇپمۇ شەھەر - بازارلاردا يېتىلىۋاتقان بالىلار تولىمۇ ئەۋزەل شارائىتتا چوڭ بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قانچىلىك جاپا چەكسە مەيلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئازراقمۇ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ، ھەتتا بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى تازىلىق، نۆۋەتچىلىك ئىشلىرىنىمۇ ئۇلارغا ۋاكالىتەن قىلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى تولۇق قانائەتلەندۈرمىگىچە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. بالىلىرى ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتلەردە ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ تامامەن ھەل قىلالايدىغان كىچىككىنە  ئىشلارنىمۇ   زىممىسىگە  ئېلىۋالىدۇ. بۇنداق  بولغاندا  مۇقەررەركى  بالىلارنىڭ  ئۆزىگە  ئىشىنىش ۋە مۇستەقىل  پىكىر  قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمايدۇ.
ھازىر  بىز  دۇنيادا پەن - مەدەنىيەت يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئۇچۇر، رىقابەت دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. مۇقەررەركى، بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتىكى رىقابەت بارغانسېرى كەسكىن بولىدۇ. بالىلارنى بۇنداق رىقابەت دەۋرىدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان غەيرەت - شىجائەتكە ئىگە ھەقىقىي باتۇر، قەيسەر ئوغلانلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا ئانچە - مۇنچە جاپا تارتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ پىسىخىك ساپاسى ۋە مۇرەككەپ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.
بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بۇ نۇقتا ئاللىبۇرۇن تونۇپ يېتىلگەچكە، »جاپا چېكىش«بالىلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى قىلىنماقتىكەن. مەسىلەن يېقىندا »ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى«دىن »جاپا چېكىش ياپونىيەدە بالىلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى قىلىنماقتا» ماۋزۇلۇق  ماقالىنى  ئوقۇدۇم. ماقالىدا  مۇنداق  يېزىلغان: »توك  مەنبەسىمۇ، تاتلىق  سۇمۇ بولمىغان كىچىككىنە بىر قاقاس ئارالدا ياپونىيەدىكى بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى چېدىر بارىگاھلىرىنى تىكتى. كېيىن ئۇلار تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ سۇ ئىزدەپ، ئوتۇن تېرىپ، ياۋا مېۋە يىغدى، بېلىق تۇتتى،...ئاندىن ئۆزلىرى ئوت  يېقىپ  تاماق  ئەتتى « مانا بۇ بالىلارنى ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكىدە تاۋلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
ئاتا - ئانا بولغۇچىلار، بالىلار چوڭ بولغىچىلا ئۇلارغا قارىيالايمىز، ھەرگىزمۇ چوڭ بولۇپ قېرىغىچە بىر ئۆمۈر قارىيالمايمىز. بۇلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ياشلار  ۋە  ئۆسمۈرلەرنى كۈچلۈك رىقابەت، خىرىسقا تولغان دۇنيادا تېخىمۇ بەختلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، رېئاللىقتىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش  ۋە  چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق »جاپا - مۇشەققەت  تەقدىم  قىلىش«قىمۇ  ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە مۇرەككەپ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بەخت يارىتىش  ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ