ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتى تولىمۇ مۇ

ۋاقىت : 2013-06-28 22:48 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتى تولىمۇ مۇھىم

   ئادالەت جامالىدىن

    ئاتا – ئانىلىرى بىلەن تىركىشىش، مودا قوغلىشىش، دورامچىلىق قىلىش ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇلار يېڭى شەيئىلەرنى ياقتۇرىدۇ، كونىلارنى دەۋردىن قالغان دەپ چەتكە قاقىدۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ، چوڭلارنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكلىشىگە پۈتۈنلەي بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئوڭايلا ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئاساسەن شۇلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، بولۇپمۇ تور، مىكرو بىلوگ، QQ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئوڭايلا ئۇچرايدۇ.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىسى بىلەن كەمدىن – كەم سىردىشىدىغان بولغاچقا، ياش – ئۆسمۈرلەر ئۇنىڭ ئورنىنى توردا مۇڭدىشىش ۋە ئويۇن ئويناش بىلەن تولدۇرىدىغان بولدى. ئۇلار تورنىڭ مۇڭدىشىش بۆلۈملىرىدە خاپىلىق ۋە دەردلىرىنى تۆكۈپ، روھىي ئەمىنلىككە ئېرىشىدىغان، ھەۋەس ۋە قىزىقىشلىرىنى دەپ مەقسەتداش ۋە ھەۋەسداشلارنى تاپىدىغان، يات جىنسلىقلار بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، مۇھەببەتلىشىش تەلىپىنى قاندۇرىدىغان بولدى. تور ئويۇنى ياراتقان ساختا دۇنيا يېتىمسىراپ قالغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خالىغان ۋاقتىدا ئىزدىسە تاپقىلى بولىدىغان ھەمراھقا، بوخسۇپ كەتكەن زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىشلىتىدىغان زېمىنغا ئىگە قىلدى.

    ئالاقە ۋاسىتىلىرىمۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە باش تارتىپ بولمايدىغان تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكىسى تېخى پىششىپ يېتىلمىگەچكە، شەيئىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماي، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ. شۇڭا، ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۆز ئوبرازىنى قوغداپ، تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنىڭ چىن، ئوبيېكتىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەخلاق مەسئۇلىيىتى ئاۋامغا ماسلىشىپ پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ياش – ئۆسمۈرلەر ئاساسىي ئوبيېكت بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ئالدى بىلەن كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ھەق بىلەن ناھەقنى، بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن ئومۇملىقنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىناۋىتى بىر كۈندىلا تىكلەنگەن ئەمەس. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم داڭلىق تاراتقۇلارنىڭ ساختا خەۋەرلەرنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىناۋىتى بىراقلا تۆكۈلدى، ئۇلارنىڭ بەھىر ئالغۇچىلار ئارىسىدا قايتىدىن ئىناۋىتىنى تىكلىشى تەسكە توختايدۇ، بۇ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغانلىق.

    ‹‹قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس›› دېگەندەك، بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىمۇ بىر كۈندىلا شەكىللەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى كەمچىل بولغاچقا، زۆرۈر بولغان ئۆزىنى – ئۆزى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمۇ كەمچىل بولىدۇ. مۇستەقىللىق تەلىپى بىلەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق زىددىيەت بىر تەرەپتىن، توغرا تەربىيەنىڭ يېتەكلىشىدە مۇستەقىل ئۆگىنىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنى – ئۆزى باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، توغرا يېتەكچىلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، خاتا ئىش قىلدۇرۇپ قويۇشى، مەغلۇبىيەتتىن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشى ياكى قىيىنچىلىقتىن قورقۇشتەك ناچار پىسخىكىلىق ھالەت پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

    بەزى ئالاقە ۋاسىتىلىرى بەھىر ئالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، قەستەن زىلزىلە پەيدا قىلىش مەقسىتىدە شەخسلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدۇ، قىسمەن ياش – ئۆسمۈرلەر كىشىلەرنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلغان مۇخبىرلارنى قالتىس مۇخبىر، چۈنكى ئۇلار ئەمەلدارلاردىن، باي، داڭلىق شەخسلەردىن قورقماي جەمئىيەتنىڭ يىرگىنىشلىك تەرىپىنى ئاشكارىلىدى، دەپ قارايدۇ.

    كىشىلەرنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاش قانۇنغا خىلاپ بولمىغىنى بىلەن ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېڭى دەۋر كىشىلىرىگە ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ياش – ئۆسمۈر دوستى ئۈچۈن سىر ساقلىيالمايدىغان، دوستىنى چېقىپ قويدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ياش – ئۆسمۈرلەر يېرىم – يارتا پىشقان مەزگىلدە تۇرغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشى توساتتىن تېزلىشىدۇ، ھەرىكەت مىقدارى تېز ئاشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولۇپ تاشقان كۈچ – قۇۋۋەتنى تاشقىرىغا چىقىرىشقا ئىنتىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بىلىشى غۇۋا بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن قوپاللىق، جۈرئەتلىك بىلەن قاراملىق، كەسكىنلىك بىلەن يەڭگىللىك، قەيسەرلىك بىلەن جاھىللىق، تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ئەدەپسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ چەك – چېگراسىنى ئايرىۋالالمىغانلىقتىن، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇشىمۇ، بىمەنە قىلمىشلاردا بولۇپ، زېھنىنى چېچىپ، چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشىمۇ مۇمكىن.

    يېقىندا جياڭسۇ ليەنيۇڭگاڭ پورتىدا سەككىز ياشلىق ۋە بەش ياشلىق ئىككى ئاكا – ئۇكا كارتون فىلىم ‹‹شادىمان قوزا ۋە كۆك بۆرە››نىڭ تەسىرىدە كۆك بۆرىنىڭ قوزىنى كاۋاپ قىلغانلىقىنى دورىغانلىقتىن، ئوت كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان، بالىلارنى داۋالاش ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن.

    ئەگەر تېلېۋىزىيەدىكى ئۇچۇرلار رېئال تۇرمۇشتىن چەتنەپ كەتسە، تاراتقۇلار كۆز ئالدىدىكى ئىقتىسادىي پايدىنى قوغلىشىپ، بالىلارنى جەلپ قىلىشنىلا كۆزلىسە، بۇنداق شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەۋلادلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت ئېڭى قانداق بولماقچىدى؟

    شۇڭا، ئالاقە ۋاسىتىلىرى (قىسمەن تاراتقۇلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تەربىيەۋى ئەھمىيىتى مول، بالىلارغا ئەخلاق قارىشىنى سىڭدۈرەلەيدىغان مەزمۇن – ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى، مەزمۇنى رېئال تۇرمۇشتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى لازىم.

    تاراتقۇلار مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. دەرسلىك كىتابلىرىدا يوق بىلىملەرنى، يېڭى شەيئىلەرنى شۇلاردىن، بولۇپمۇ ئېنتېرنت تورىدىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتىكى قوشۇمچە قورال، ئۇنىڭدا ئۇچۇرلارنى ھەم تېز ھەم ئوڭاي تاپقىلى بولىدۇ، مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تەبىئىيلىككە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە.

    ھالبۇكى، ياش – ئۆسمۈرلەر كىتاب – ژۇرنال ئوقۇشقا قارىغاندا تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئۇچۇرنىڭ راست – يالغانلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلالمايدۇ ياكى ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ. لېكىن تور باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىكى ساختا ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بىرقەدەر تەس، شۇڭا، تور باشقۇرۇشقا دائىر ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.

    ياش – ئۆسمۈرلەر جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى، شۇڭا ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتى بەكمۇ مۇھىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ