ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ۋاقىت : 2013-06-28 22:50 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
قانداق قىلغاندا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

 ئابلەت مۇھەممەت ، ھۈسىيىن مەمتىمىن

    نۆۋەتتە،  دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن–تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش سالمىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن–تۈزۈم ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ جەمئىيەتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۈندىن–كۈنگە تۈگىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم ياشلار-ئۆسمۈرلەردە نوقۇل ھالدا قىمارغا كۆنۈپ قېلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە .

    ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا كۆنۈپ قېلىشىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى يەنىلا ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەتراپلىق بولماسلىقى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ سەلىبىي تەسىرى ، شۇنداقلا مەكتەپ تەلىم–تەربىيەسىنىڭ ئومۇملۇق تۈسىنى ئالماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ، دېيىشكە بولىدۇ . ھازىرچە جەمئىيەتتە قىمار شەكلىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئوبيېكىتلىرى ئاساسلىقى بىر قىسىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ، شۇنداقلا ئوقۇشنى بىر يولدىلا توختىتىپ قويغان ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا گەۋدىلىك بولماقتا . ئۇلار ھە دېسىلا توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئورنىغا ، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇن–تۈزۈم ئېڭى تۆۋەن بولغان ، ئىزچىل قىمار شەكلىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىپ ، ئۆزىنىڭ ھالال ياشاش ئىقىتىدارىنى يوققا چىقىرىپ ، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىپ ۋە قاقتى–سوقتى قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس ياشاش يولىنى تاللىماقتا ھەمدە ئوغۇرلۇق ، بۇلاڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق قىماردىن ئىبارەت بۇ ‹‹دوزاق›› يولىغا قەدەم باسماقتا.

    ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا كۆنۈپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    بىرىنچى ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

    1) ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن–تۈزۈم ، نىزاملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇن–تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم .

    2) ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ، ھالال ياشاش ۋە ئائىلە ئەخلاقىنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەملىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى كۈچەيتىش لازىم .

    3) ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش لازىم.

    4) ھەربىر ئائىلە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەقەللىي رېئايە قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ‹‹ئائىلە باشقۇرۇش قائىدىسى››نى تۈزۈپ چىقىپ ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئائىلىسىگە قايتقان پەرزەنتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

    5) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئۆز ۋاقتىدا كەسىپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىمارغا كۆنۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .

    6) ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئادىل ، ئىلمىي بولغان پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹ئائىلە بىزارلىقى ›› نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

    ئىككىنچىدىن ، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ مۇقىم ۋە ئەتراپلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم

    جەمئىيەتتىكى ھەر دەرىجىلىك يۈرۈشلەشگەن تەشكىلاتلار ، جۈملىدىن ياشلار ئىتتىپاقى ، ئاياللار تەشكىلاتى ، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى ، مەدەنىيەت ، رادىيو–تېلېۋىزىيە ، تەنتەربىيە، تەشۋىقات–تەربىيە تەشكىلاتلىرى مەۋقەنى تەشۋىقات ۋە چەكلەش سالمىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا قىمارغا كۆنۈپ قېلىشىنىڭ ، بۇ ئارقىلىق ئەگەشمە جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

    ئۈچىنچىدىن ، مەكتەپ تەلىم–تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلىش لازىم

    1) ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئوقۇتۇش تەلىم–تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا ئەخلاق-تەربىيە خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

    2) باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ، جۈملىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ھەرقايسى پەنلەرنىڭ مەزمۇنىغا قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسى ، ئۆرپ–ئادەت تەربىيەسىنى ماس ھالدا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇن–تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم .

    3) مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى ھەر بىر ھەركىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارنىڭ قانۇننى ھىمايە قىلىپ ، قانۇنغا رېئايە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

    4) مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ ‹‹كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش›› ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ، شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىخ ھالىتىدە تۈزىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم .

    ئاپتورلار: يېڭىسار ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدا

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ