ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭمايلى
ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭمايلى
مېھرىبانگۈل ھوشۇر

كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلارغا ئوخشاش بالا بېقىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئوقۇشلۇقلار ۋە ئىنتېرنېت تورى مېنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىگە ئېرىشىشىمدىكى ئاساسلىق ۋاسىتە بولۇپ قالدى. بەزىلەر ئۇنداق قىلىش كېرەك دېسە، بەزىلەر مۇنداق قىلىش كېرەك دەيدىكەن. قىزىمنى زادى قانداق تەربىيەلىشىم كېرەك؟ يېقىندا، قىزىمنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ماڭا ‹‹ئۈچ – ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە يېتىلىش كۆرسەتمە›› كىتابى ئېلان قىلغانلىقىنى، مېنىڭ بۇ كىتابنى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى.
مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئۆگىنىشنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك ۋاقىتىمدا قوبۇل قىلغان ئىمتىھان مائارىپى بولغاچقا، قىزىمنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ شۇ ئۆلچەم بويىچە تەلەپ قوياتتىم. ئۇنىڭدىن دەرس ۋاقتىدا جىم ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتىم؛ يەسلىدىن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ‹‹بۈگۈن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز›› دەپ سورايتتىم؛ يەنە كىچىك ۋاقتىمدا بالىلار بىلەن ئوينىغىلى چىقماي، ئۆيدە كىتاب ئوقۇيدىغىنىمنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ بولغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا دائىم ‹‹بىز سىزنى ياخشى كۆرگەچكە، سىزنى كۆپ بىلىم ئىگىلىسۇن دەيمىز، ئەگەر سىزنى بولىشىڭىزغا قويۇۋەتسەك، كۈندە ئويناپلا يۈرۈپ ھېچنىمە ئۆگەنمىسىڭىز، بۇ سىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ›› دەيتتىم.
كۆرسەتمىنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئەسلىدە، بالىلارنى ياخشى كۆرۈش ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى زورلاپ تېڭىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى مەسىلىلەرنى بالىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. بالىلارنىڭ يەسلىدە يېتىلدۈرگەن مىجەزى ۋە پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە تېخنىكىسىغا قارىغاندا مۇھىم ئىكەن. كىچىك ۋاقتىمنى ئەسلىگىنىمدە، يەسلىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشىم مېھماندارچىلىق، دوختۇر بولۇش؛ مەيداندا كىچىك دوستلىرىم بىلەن سېيرىلغۇچ ئويناش؛ يەردىكى يوپۇرماقلارنى تېرىپ ئويناش ئىدى. لېكىن ئانا بولغاندىن كېيىن بۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، ‹‹بالىلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› قارىشى مېنىڭ تەربىيە ئۇسۇلۇمغا تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى بالامغا قىلغان ھەر بىر ئىشىمغا ‹‹بالامنى ياخشى كۆرگەنلىكىم››نى سەۋەب قىلاتتىم. ‹‹كۆرسەتمە›› ماڭا شۇنى ئەسكەرتتىكى، بالا ھامىنى بالا، قىزىمنىڭ يېتىلىشى بىر پۈتۈنلۈك، بىز ئۇنىڭ يېتىلىشىدىكى يەككە پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشىمىز، ئۇنىڭغا ئويناش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش پۇرسىتى بېرىشىمىز ھەم شۇ جەرياندا ياخشى بولغان ئىرادە – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، شۇندىلا ئۇ ئۆمۈرلۈك بىلىمگە ئىگە بولالايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت، شۇنداقلا ئەقىل – ئىدراكلىك مۇھەببەتتۇر.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن تاكتىكامنى ئۆزگەرتتىم: دائىم ‹‹ئۆگىنىش››نى تەكىتلىمەيدىغان بولدۇم؛ قىزىم يەسلىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ‹‹بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن قانداق ئويۇنلارنى ئوينىدىڭىز›› دەپ سورايدىغان بولدۇم، ئۇنىڭغا ھېچقانداق قىممىتى يوق ‹‹تاپشۇرۇق››لارنى بەرمەيدىغان بولدۇم. قىزىمنى ئېلىپ شەھەر سىرتىغا چىقىدىغان بولدۇم، بىرگە كىتاب ئوقۇيدىغان، بىرگە قول ھۈنەر بۇيۇمى ياسايدىغان، كىچىك تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدىغان بولدۇم. بۇ مېنى ۋە قىزىمنى خېلىلا يەڭگىللەتتى ۋە بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى، ئائىلىمىزدىكى ئىناقلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭمايلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى