ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.

ۋاقىت : 2013-08-24 19:10 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
مۇنداق بىر رىۋايەت بار؛خەلىپە ئۆمەر يېقىنلىرى بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ ئولتۇرغاندا،بىر قېرى ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا ئوغلىنى باشلاپ كېلىپ شىكايەت قىپتۇ؛

-يا ئەمرۇل مۆئمىنىن،كۆرۈپ تۇرغىنىڭىز،يەنى بۇ يىگىت كەمىنىنىڭ ئوغلىدۇر،ئەمما ئۇ پەرزەنتلىك بۇرچىدىن بويۇن تولغايدۇ،سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايدۇ.

بۇ شىكايەتنى ئاڭلاپ ئەجەبلەنگەن خەلىپە ئۆمەر ناباب ئوغۇلغا خىتاپ قىپتۇ؛

-ئەي ئوغۇل،ئوغۇلنىڭ ئاتىغا قارىشى چىققىنىنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟ئاتىنىڭ سەندە ھەقىقى كۆپ،ئۇلارنى قانداق ئادا قىلىماقچىسەن؟

يىگىت بىر ئاز جىمىپ قالغاندىن كېيىن ئاستا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ؛

-ماڭا ئىنتايىن توغرا تەنبىھ بەردىڭىز،يا ئەمرۇل مۆئىمنىن.ئاتىنىڭ ئوغلىدا ھەقلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.ئەمما پەرزەنتنىڭمۇ ئاتا-ئانىدا ھەقلىرى بارمۇ؟ئاتىنىڭ ئوغۇل ئالدىدا بۇرچى يوقمۇ؟

ئوغۇلنىڭ ئىتائەت بىلەن تۇرۇپ دانالىق بىلەن بەرگەن سوئالى خەلىپە ئۆمەرنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ ۋە ئۇ ئىخلاس بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپتۇ؛

-شۈبھىسىزكى،ئاتىنىڭ بۇرچلىرى مەۋجۈت،بۇ بۇرۇچلارنىڭ ئايرىملىرىغا تېخى بالا تۇغۇلماستىن ئاۋۋال رىئايە قىلىماق كېرەك.خۇرسەن،ئۆيلىنىپ ۋاقتى كەلگىنىدە ھايا-نۇمۇسلۇق ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى كېرەك.بالا تۇغۇلۇپ ئانىسىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئۇيالسىمۇ،پەرزەنت تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا ياخشى ئىسىم قويۇلۇشى جائىز.كېيىنچە بالا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئىزا ھېس قىلمىسۇن.بالىغا ياخشى تەربىيە بېرىشى شەرت.پەرزەنت بالىلىق چېغىدىن باشلاپ توغرا ياشىماقنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولسۇن.ھاياتنىڭ تىكەنلىك دوقاللىرىدا قېقىلىپ ئەزىيەت چەكمىسۇن.كېيىن بولسا ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەندە سەۋەبسىز ئارقىغا تارتماي،ئەقىللىق،ئىپپەتلىك،پاكىز قىزغا ئۆيلەندۈرۈشى زۆرۈر.بۇنىڭ ئەكسى بولسا پەرزەنتكە يامانلىق قىلىغانلىق بولىدۇ،چۈنكى ئاتا- ئانىنىڭ يامان خاراكتېرى بالىغىمۇ ئۆتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس ئەھلىدىن بىرىنى تېپىش ئاتا-ئانىنىڭ بۇرچىدۇر.

خەلىپە ئۆمەرنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان يىگىت سۆزلەشكە رۇخسەت سوراپ،دەپتۇ؛

-ياخشى ھېكىمەتلەرنى سۆزلىدىڭىز، ئەي ئەمرۇل مۆئمىنىن.ئەمما ھەقىقەت شۇكى،سىز بايان قىلىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاتام ئادا قىلمىغاندۇر،بۇ بۇرۇچلارنى بېجىرمىگەندۇر.ئانام بولمىش ئايالنى قۇل بازىرىدىن سېتىۋېلىپ،پېئىل-ئەتىۋارلارنى،نەسىل-نەسەبلىرىنى بىلىمگەندۇر.سىز چىرايلىق ئىسىم قويماقلىنى ئېيتتىڭىز.ئاتام بولسا ماڭا (جۇئەل)(يەنى،سەھرانىڭ قارا قوڭغۇزى)دەپ ئىسىم قويغاندۇر.تەربىيە بەرمەكنى،ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتمەكلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغاندۇر.يېشىم مانچىگە باردى.بىراق ئۆيلەندۈرۈش ھەققىدە ئويلانمىغاندۇر.

يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن خەلىپە ئۆمەر شۇنداق دەپتۇ؛

-ھەي ئادەم،سەن تېخى ئۆزۈڭنى(مەن-ئاتا)دەپ دەۋا قىلامسەن؟(ئوغلۇم ماڭا قارىشى ئىسيان كۆتۈردى،گەپلىرىمگە قۇلاق سالمىدى،ماڭا ئازاب قىلدى)دەپ نالە قىلامسەن؟ئەسلىدە بولسا سەن ئوغلۇڭغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرۈپسەن،ئوغلۇڭغا يامانلىقلارنى راۋا كۆرۈپسەن.ئۇنىڭغا سەن ئۆزۈڭ قاپا قىلىپسەن،خاتالىق سەندىن ئۆتۈپتۇ.شۇ تاپتا مەن ساڭا نېمىنى راۋا كۆرەي، قانداق ياردەم بېرەي؟ئەمدى قانداقلا ئىش بولسۇن چىدايسەن،بېشىڭغا چۈشكىنىنى ئۆزۈڭ كۆرسەن،ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ يامانلىقىنى راۋا كۆرۈپسەن،باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدىمە....

سىز كىم دېگەن كىتابتىن پايدىلانىدى

مەزمۇنى قىسقارتىلىپ ئېلىندى

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-01 20:09
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ