بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى

ئۆزىگە ئىشىنىش ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، غەلبىگە باشلايدۇ. لېكىن، ھازىر بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس بولۇۋاتىدۇ. ئۆزى قارار چىقىرىپ مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان، داۋاملىق باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، ئائىلىدە خۇجايىن بولۇۋېلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشقا تىرىشمايدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
يەنى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قورقۇتماسلىق كېرەك. بىز بالىلىرىمىزنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ «يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ئوكۇل ئۇرىدۇ، جىن كەلدى...» دېگەندەك قورقۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ جىملەيمىز. نەتىجىدە، بالىلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپ قورقۇنچاق، يۈرەكسىز چوڭ بولۇپ، ئۇلاردا نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان ناچار پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا باتۇرلۇق ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى ۋە ئەقلىگە ئوزۇق بولىدىغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ سەبىي تۇيغۇسىدا ئېسىل پەزىلەتلەر بىخلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا بالا خاپا قىلغاندا بالىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ بەزلەش كېرەك، بولمىسا ئەكىس تەسىر كېلىپ چىقىدۇ.
بالىلارنى ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇشقا يېتەكلەش لازىم. بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا، چوڭلاردىن قورقۇپ ئاسانلا يالغان سۆزلەيدۇ. بۇنداق چاغدا سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا تەربىيە قىلىپ «ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن...» دەپ خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا ئۈندەپ، تۈزۈتۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرسەك، بالىلار يالغان سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ، ھەمدە خاتالىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا تونۇيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەم بالىلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپ ھەقىقىي سىرداشقىلى، ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچان خارەكتىر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
بالىلارنى قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە يېتەكلەش لازىم. بالىلار كىچىككىنە قىيىنچىلىققا يولۇقسا، «دادام، ئاپام بارغۇ» دەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىنتىلمەيدۇ. چۈنكى بىز ھەممە ئىشتا بالىلارغا يۆلەنچۈك بولۇپ كۆندۈرۈپ قويغاچقا، بالىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھىي كەمچىل بولۇپ قالغان. بىز بالىلار مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ كەينىدە پايپېتەك بولۇپ يۈرىمىز، يېقىلىپ چۈشسە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، توپىسىنى قېقىپ يۈرگەچكە بالىلار «يېقىلىپ چۈشسىمۇ يۆلەپ قويمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان»، جاپادىن قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى، ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارنى بايقىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بالىلار كىچىك چېغىدا كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا تېرىكمەستىن كۈتۈپ تۇرۇش، خاتا قىلغان ئىشلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تۈزۈتۈپ، كۆرسىتىپ بېرىش لازىم. بالىلارنى ئەيىبلەش ئالغا ئىنتىلىش روھىنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا كۈتۈپ تۇرىدىغان، يول كۆرسەتمىسە ماڭالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. توغرا قىلسا ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇش، ماختاش لازىم. بازارغا چىقىپ سودا-سېتىق ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇش، ئائىلىدىكى قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. مۇستەقىللىق ئېڭىغا ئىگە بالىلار چوڭ بولغاندا مۇۋەپپىقىيەت دەرۋازىسىنى ئاسان ئاچالايدۇ.
تەربىيلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. بىز لاياقەتلىك بولساقلا، تەربىيلىگەن بالىمىزمۇ لاياقەتلىك بولىدۇ. بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. بىزنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىمىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا بالىغا سىڭىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، بالا تېخى كىچىك، ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارىماي، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ دەپ ئويلاش كېرەك. چۈنكى بالا بىر پارچە ئاق قەغەز. قانداق بوياش بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغا باغلىق. بالا مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپلا ئەمدى ۋەزىپەم تۈگىدى، ئوقۇتقۇچى تەربىيلىسۇن دەپلا كارى بولمايدۇ. ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس، چۈنكى بالا مەكتەپتىن كەلسە ئائىلىدە بىز يېتەكلەيمىز. بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىمىز، يەنى ئۇرۇق-تۇغقان مېھرى، ئەدەب-ئەخلاق، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈپ ماڭىمىز. بالىلار «ئاتا-ئانام، ئوقۇتقۇچۇم ھەممىنى بىلىدۇ، بىلمەيدىغىنى يوق» دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا، بىزدە ھەر تەرەپلىمە بىلىم بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان، تەربىيەنى قۇبۇل قىلمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتمەسلىك لازىم. . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەركە ئۆگىنىپ قالغان بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسسياتى تۇراقسىز بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق. بالىلارنى ئۇزاق مۇددەت بىخەتەر مۇھىتتا تۇرغۇزغاندا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېھنىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىپ قالسا، ئۆزى يېڭىشكە يېتەكلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، بالىلاردا تۇرمۇشتىكى بەزى ھادىسىلەرگە يولۇققاندا قارشى تۇرۇش كۈچى ھاسىل بولىدۇ-دە، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدۇ. بەلگىلىك قىممەت قارىشى تۇرغۇزالايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ، ئادىمىيلىك خارەكتېرنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى