ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ

ۋاقىت : 2013-07-21 18:21 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ

يېقىندا كوچا ئاپتوبۇسىدا ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى ئايالنىڭ پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى.
- ئاداش، قىزىڭلار قاچان تەتىلگە چىقىدىكەن؟
- مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان يىلى بولغاچقا ھازىر قايتىپ كېلىپ بولدى.
- ئەمىسە ئۆيگە بارساڭلار چۈشلۈك تاماق تەييار ئىكەندە؟
- نەدىكىنى، قىزىم تېخى تاماق ئېتىشنى بىلمەيدۇ.
- نېمىشقا مۇشۇ ۋاققىچە ئۆگەتمىدىڭلار؟
- باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇنى كىچىك، بالدۇرلار جاپا تارتمىسۇن، دەپ ئۆگەتمەپتىمەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر دېدىم. مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۆگەنگۈسى كەلمىدى.
- توي قىلسا قانداق قىلار؟
- ئائىلە خىزمەتچىسى ئىشلىتىمەن، دەيدۇ. تاماق ئېتەلمىسىمۇ مەيلىتى، ئەڭ چاتاق يېرى چوڭ بولغانسېرى ماڭا كۆيۈمى يوق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھال- مۇڭ بولايلى، دېسەم ئۇنمايدۇ. پۇل، پۇللا دەيدۇ، ئانام پۇلنى قانداق تاپىدىغاندۇ دېمەيدۇ. ئاتىسى ھايات بولسىغۇ كاشكى، بەك ئەتىۋارلاپ بالا تەربىيىلىگەننىڭ زىيىنىنى تارتتىم.
ئۇلارنىڭ پارىڭىنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىشقا تاقىتىم قالمىدى. بىر نەچچە كۈنگىچە بۇ ئىش كاللامدىن كەتمەي، خىزمەتداشلار، دوست- بۇرادەرلەر ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەسىلىنىڭ چوپمۇ-چوڭ بولۇپ قېلىپمۇ، تۇل ئانىسىنىڭ ھالىغا يەتمەيۋاتقان مېھرى يوق قىزدا ئەمەس، يەنىلا ئانىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق. شۇ جەرياندا «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە بېرىلگەن «ئەركە چوڭ بولغان بالا، نادامەتكە قالغان ئاتا» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئوقۇپ، جەمئىيىتىمىزدە ئەركە بالا تەربىيىلەشتىن ھەسرەتتە قالغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم
ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئومۇمەن، ئاياللار «كۆيۈمچان ئانا» بولۇشنى، ئەرلەر «شەپقەتلىك دادا»بولۇشنى ھەقدادىغا يەتكۈزىۋاتىمىز. بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ «بەگ»، «خان»، «گۈلۈم»، «قوزام» دېگەندەك ناملار بىلەن ئەركىلىتىپ، پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە «ھازا ئېچىپ»دوختۇرخانىغا چاپىمىز. ھەرگىز ئۇلارمۇ «يانتاق»نىڭ ئاچچىقىنى تېتىپ ساۋاق ئالسۇن، دېمەيمىز. ئايىغى چىققان بالىلار يىقىلىپ چۈشسە، ئەنسىز توۋلىشىپ دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزىمىز، ھەرگىزمۇ ئورنىدىن مۇستەقىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەيمىز. دۇنياغا داڭلىق باي بېل گايتىس مۇنداق دېگەن: «كىشى ھەر قانچە باي بولسىمۇ بالىنى پۇلغا، راھەت- پاراغەتكە ئۆگىتىپ تەربىيىلىمەسلىكى كېرەك». بۈركۈت بالىسى تۇخۇمدىن چىقىپ 36 كۈن بولغاندا، ئانا بۈركۈتمۇ بالىسىغا «ئاچ قالدۇرۇش سىياسىتى»نى يولغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق بېرىشنى توختىدىكەن. قانىتى تېخى قاتمىغان بۈركۈت بالىسى ئۆزى ئوزۇقلۇق تېپىپ يېيىشكە بەجبۇرى بولىدىكەن.نەتىجىدە بۈركۈت بالىسى ھەر قانچە قىيىن شارائىتتىمۇ ساغلام، قاۋۋۇل يېتىلىدىكەن.
ئاڭلىشىمچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «جاپا چېكىش» مەزمۇنىدىكى زۆرۈر دەرسلىكى بار ئىكەن، يەنە بىر ماقالىدە ياپونىيەدىكى مەلۈم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، توك، سۇ يوق كىچىك بىر ئارالدا چېدىر تىكىپ بىر نچچە كۈن تۇرغۇزغانلىقىنى بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سۇ ئىزدەپ، ئوتۇن، ياۋا مېۋە تېرىپ، بېلىق تۇتۇپ، ئوت قالاپ كۈن كەچۈرۈشنى ئۆگەنگەنلىكىنى،ياپونىيەدە بۇنداق پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەت مالىيە جەھەتتە قوللاپلا قالماستىن، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈشى، باياشاتچىلىققا تولۇشى بىلەن نۆۋەتتە ئەۋلادلىرىمىز بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بولدى. شۇڭا بۇنداق شارائىتتا ئۇلارغا بەختنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە ئۆزى چاناپ يېگەن ناننىڭ تەمىنىڭ باشقىلار چايناپ بەرگەن ناندىن تەملىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالىشىمىز كېرەك. ئاتا- ئانا پەرزەنتلەرگە مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئالقىنىمىزغا ئېلىۋېلىپ پەرۋىش قىلماستىن، رىقابەت، خىرسلارغا ماسلىشالايدىغان، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغان، قىيىنچلىقلارغا ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدىغان، يۈزلىنەلەيدىغان، ئۇنى يېڭەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلايلى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ