ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ

ئۆي -ئوچاقلىق بولغان پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ بارغاندا گۆش، مېۋە - چېۋە، كىيىم -كېچەك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ۋاپادارلىق شەكلىنىڭ بىزدە ئومۇملاشقىنىغا ئۇزاق بولدى. بىراق، ئاتا -ئانىلارنى يوقلاشتا بىر نۇقتىغا سەل قارالدى. يەنى يوقلاش ماددىي نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، كۆڭۈلنى ئېلىشتىكى نازۇك تەرەپلەرگە دىققەت قىلىنمىدى.
چەت ئەلدە بىر نەچچە يىل تىجارەت قىلىپ خېلى ھاللانغان بىر ساۋاقدىشىم قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ئاۋۋال ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە ساۋاقداش ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولدۇق. بىز ئۇنى چوڭ ئۆيىدە خېلى ساقلىغان بولساقمۇ ئۇ كەلمىدى، بالىسىنى سېغىنغان ئاتا - ئانا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ كۆزلىرى تالدى. ئىنى -سىڭىللىرى نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۈمىدسىز قايتىپ كىردى. ھەممەيلەن ئۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا پىكاپنىڭ سىگنالى ئاڭلاندى، ئۇنى كەلگەن چېغى، دەپ تاشقىرىغا يۈگۈرۈپ چىقتۇق. پىكاپ ھەيدەپ كەلگىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بولۇپ، ئۇ ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ چوڭ ئۆيىگە تەييارلىغان سوۋغا-سالاملىرىنى ئالدىن ئالغاچ كەپتۇ. ئۇنىڭدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ بېجىرىدىغان ئازراق ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن، بۈگۈن كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ سوۋغىلارنى ئۆزىدىن بۇرۇنراق ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتىپتۇدەك. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانا لاسسىدە بولۇپ قالدى. بىزمۇ ئارتۇقچە گەپ -سۆز قىلماي قايتتۇق. پۇل تېپىپ، ھوشىنى تاپمىغانلار نەزىرىدە سوۋغا - سالام ئاتا- ئانىغا كۆرسىتىلگەن كاتتا ھىممەت بولسا كېرەك. ئەمما، چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ماددىي بۇيۇم تەقدىم قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئەمەس.
چوڭلارغا كۆرسىتىلگەن ھەقىقىي ۋاپادارلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىش، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىدۇر. ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتلىقىدىكى ھەر بىر ئىشىغا مىننەتسىز جان كۆيدۈرىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، نەتىجىسى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا قىزىقىدۇ، مەسلىھەت بېرىپ ھەل قىلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ. دېمەك، ئۇلار مەڭگۈ پەرزەنت ئىشقىدا باش قاتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەر ماددىي سوۋغا بىرىشنىلا ئويلاپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭۈل تىۋىشلىرىنى، كۈتۈشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىسە ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۇلارغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئىزدەشتىن، ئۇلار بىلەن سىردىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر پەرزەنت ئاتا -ئانىلار بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ بىز ئاتا - ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ دېگەننى ئەستايىدىل ئويلىشى لازىم.
ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا شۇ ئېنىق بولسۇنكى، ئاتا - ئانىلار قولىمىزغىلا قارىمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ پات -پات يوقلاپ تۇرۇشىنى، مۇڭدىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قۇرۇق قول بولسىمۇ، پات - پات ئاتا -ئانىمىزنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قېرىلىقتىكى يالغۇزلۇقىغا ھال -مۇڭ، خۇشاللىق ئاتا قىلالىساق، مانا بۇ چوڭلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا ھەم شۇ ئائىلىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: يالغۇز قالغان بالىلارغا كىم ھەمراھ بولىدۇ؟
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى