ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش

ۋاقىت : 2013-07-21 18:28 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش

ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش

 ئائىلە- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى . ئائىلىسىز  ئىنسانلار  جەمئىيىتىنى  تەسەۋۋۇر  قىلىش  مۈمكىن  ئەمەس. شۇڭا، ئەقىل- پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز  ئائىلىنىڭ  مۇكەممەل ئۈلگىسىنى يارىتىپ، شانلىق  ئائىلە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئائىلە  ھەققىدە بىر بۆلۈك رىسالىلەرنى  يېزىش   بىلەن ئائىلە  ھەققىدە:« بالىلىق  ئۆي  بازار، بالىسىز ئۆي مازار»،« ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت- قولۇمنىڭ بوشلۇقى»،«  ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يولاتما»،« ئاتا   ئۆينىڭ    تۈۋرۈكى، ئانا    ئۆينىڭ   يۈرىكى »دېگەندەك  قىممەتلىك  ئۈگۈت- نەسىھەتلەرنى  قالدۇرۇپ  كەتكەن.
ئائىلە-ئىنسانىيەنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە  قەدەم  قويغانلىقىنىڭ  مۇھىم   بەلگىلىسى. ئائىلىسىز ئىنساننىڭ ماددىي، مەنىۋى   كاپالىتى ھەم كامالىتى بولمايدۇ. شۇڭا، ئائىلىدىن  ئىبارەت بۇ مۇقەددەس تەۋەللۇتخانا  ۋە تۇنجى مەكتەپتە  ئاددىي   پۇقرالاردىن  تارتىپ  خان- پادىشاھلار، مۇتەپپەككۇر  -ئالىملار ، كەشپىياتچىلار، قەھرىمانلار،  ھۈنەرۋەنلەر، قەلەم    ساھىبلىرى   يېتىلىپ، دەۋرلەر تەرەققىياتىغا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ،  ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايەن قىلغان.
ئائىلە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدەك نىكاھتىن كېيىن باشلانغان تۇرمۇشلا بولماستىن، بوۋاق دۇنياغا  كۆز  ئاچقاندىن تارتىپ باشلانغان ھايات سەپىرىنىڭ  تۇنجى  بېكىتى  ھەم  ئۇزۇنغا  سوزۇلغان مۇساپىسى. ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ  ئائىلىدە ياشايدۇ، دەسلەپ ئائىلىنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسى، تەربىيە  قوبۇل  قىلغۇچى بولسا،ۋاقىتنىڭ  ئۆتۈشى بىلەن نىكاھ  يۈكلىگەن مەجۇبۇرىيەتنى  ئۈستىگە  ئېلىپ، يېڭى بىر ئائىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە   باشقۇرغۇچىسىغا   ئايلىنىدۇ.
نىكاھ بولغان ۋاقتىدا، قىز بىلەن يىگىتنىڭ تۇزغا  تۈگۈرۈلگەن ناننى بىرلىكتە  يىيىشى« بىز  بىر  قازاننىڭ، بىر ئائىلىنىڭ تۇزىنى يەيمىز، ئائئىلىنىڭ   ئاچچىق-چۈچۈكىنى  تەڭ  تېتىيمىز، بىر- بىرىمىزگە،  ئائىلىمىزگە، جەمەتىمىزگە، تۇز بەرگەن، بىزنى يېتىلدۈرگەن ۋەتەنگە   تۇزكۇرلۇق   قىلمايمىز» دېگەندەك  بىر  قاتار  چوڭقۇر  قەسەم، ۋەدىنى  بىلدۈرىدۇ.
نىكاھتىن   كېيىن، بىر  ئائىلىگە كىرگەن ئىككى ياش ئائىلىنىڭ  پىلانچىسى، قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئائىلىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئائىلىدە ئەرنىڭ  رولى  قانداق   مۇھىم   بولسا، ئايالنىڭ  رولىمۇ  شۇنداق  مۇھىم. ئەر بىلەن ئايال قوشۇلۇپ ئائىلىنى، جەمئىيەتنى بىر پۈتۈنلۈككە   ئىگە  قىلىدۇ. ئەر  ئائىلىنىڭ  ماددىي  ۋە  مەنىۋى   تۈۋرۈكى  بولسا، ئايال شۇ ئائىلىنىڭ خوجايىنى، ئائىلە مېۋىسى بولغان پەرزەنتىنىڭ  پەرۋىشكارى  بولۇپ   ھېساپلىنىدۇ.
  يەنە  بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە-يۇرت، مەھەللىنى، ۋەتەننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك رىشتە. ئائىلە ۋەتەننىڭ، مىللەت قىياپىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن  كۆرۈنۈشى. ئائىلىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشالىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھەر بىر ئائىلە  ئەزاسى  ئائىلىنىڭ  بەختىنى   ئومۇمنىڭ   مەنپەئتى   بىلەن   زىچ   باغلىشى لازىم.
ئائىلە ئىككى كىشىنىڭ بىرىكىشىدىن قۇرۇلغاچقا، ئىككى تەرەپ،  ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، بارلىق مەقسەت- مۇددىئاسىنى ئائىلىنى مۇستەھكەملەشكە، ئۇنى گۈللەندۈرۈشكە قارىتىشى، ئائىلىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدىشى ۋە سۆيۈشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى  ھۆرمەتلىشى، بىر- بىرىنىڭ مىجەزىدىكى  ئۆزگۈچىلىكلەرنى  ئۆزگەرتىش كويىدا بولماي، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان  ئالاھىدىلىك دەپ چۈشىنىشى لازىم.  جبراننىڭ «بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار، لېكىن بىر-بىرىڭلارنى ئىگىلىۋالماڭلار» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى ئائىلىدىكى  مۇشى مەسىلىگە قارىتىلغان بولسا كېرەك.
ئەر ۋە ئايالنىڭ  ئىناقلىقى  ئائىلىنىڭ بەختى  ۋە خوشاللىقى، بەختلىك ئائىلە پەرزەتلەرنى   ساغلام   بەدەنگە، ساغلام  روھىي كەيپىياتقا  ۋە ئەقىل- ئىدراكقا  ئىگە  قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ  يۈكسىلىشى  ۋە  خاتىرجەملىكى  ئۈچۈن  تۆھپە  قوشالايدۇ. بۇ   ھەقتە  سېرۋانتىس « ياخشى ئەر-خوتۇندا يۈرەك ئىككى بولسىمۇ، تىلەك بىر بولىدۇ» دېگەن. شۇڭا، بىر ئائىلىدىكى ئەر ۋە ئايال جەمئىيەنىڭ، يۇرت-مەھەللىنىڭ خاترىجەملىكى ئۈچۈن، ئائىلىنى خوشاللىق  مەنبەسىگە، ئىللىق  ماكانغا  ئايلاندۇرۇشنى نىشانلىشى  ھەمدە  باغۋەن گۈللەرنى پەرۋىش قىلغانغا ئوخشاش ئائىلىنى پەرۋىش  قىلىش  لازىم. ئىناق، مەدەنىي جەمئىيەت  بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى- ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشتا. چۈنكى،  ئائىلە ئىناقلىقى بۇزۇلسا، ئائىلە  پارچىلانسا پەرەنتلەر بەخسىزلىك يولىغا مېڭىشقا دۇچار بولىدۇ، ئۆي ئۆيگە ئوخشاشماي قالىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئائىلە زىددىيەتسىز  تىنچ  ماكانمۇ ئەمەس، ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇششاق- چۈششەك تەگىشىشلەر، ئۆزئارا رەنجىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئائىلىدە ئەر چوقۇم  ئەردەك، ئايال چوقۇم ئايالدەك بولۇشى كېرەك. ئەر- ئايال ئۆ مەجبۇرىيىەتلىرنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى، سادىقلىق ئاساسىدا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى، سەمىمىي بولۇشى لازىم. ئەر ئائىلىنىڭ باش رولچىسى بولۇپ، ئائىلىنى توغرا يولغا باشلىشى، ھەر بىر ئىشتا ئۈلگە، يېتەكچى بولۇشى ، قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى؛ ئۆينىڭ  ئېغىر- يېنىك  ئىشلىرىنى  ۋاقتىدا  قىلىپ، ئائىلىگە تولۇقلاشقا تېگشلىك نەرسىلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلىشى؛ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن پات-پات سىردىشىپ تۇرۇشى لازىم. ئەر ئۆزىنى ئۈستۈن قويۇپ، ئايالىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ئائىلىنى ئۇخلاپ قوپىدىغان قونالغۇ  ياكى مېھمانخانا قىلىۋالماسلىقى  لازىم.
ئايال كىشى ھەدېسىلا ئۆتكەن ئۇششاق ئىشلارنى تەگەۋېرىشتىن، تىنىمسىز ۋاتىلداشتىن ساقلىنىشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالدىغا قارىشى لازىم. ئاش-تاماق ئېتىش، كىيىملەرنى دەزماللاش، ئۆي تۈزەشتۈرۈش، يىڭنە ئىشى قىلىش ئاياللارنىڭ ئاياللىق سۈپىتى ۋە نازاكىتى بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ ئايال بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن تارتىدىغان جاپاسى ياكى جازاسى ئەمەس. ئايال كىشىنىڭ تاماق ئېتىۋاتقان، كىيىملەرنى دەزماللاۋاتقان، يىڭنە  ئىشى قىلىۋاتقان، بالىنى پەپىلەۋاتقان ۋاقتى ئەر كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈىغان، سىرتتىمۇ داۋاملىق كۆز ئالدىدا ئەگىپ يۈرۈيدىغان سۆيۈملۈك ۋاقتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتلا جىددىي تۇرمۇش قاينىمىدا چارچىغان ئەرلەرنىڭ روھىغا مەلھەم بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان سادىقلىقىنى ، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ.
ئائىلىدە تاماق ئەتكۈدەك ۋاقتى، شارائىتى بار ئاياللارنىڭ ئۆيدە ياماق ئەتمەيدىغانلىقىدىن، سىرتتا تاماق  يەيدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى، بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ   ئاياللىق  خۇسۇسىيىتىنىڭ  ئاجىزلىشىشى بولۇپ، بۇ خىل ئىللەت ئائىلىدىكى بىر قىسىم زىددىيەتلەرنىڭ يىلتىزى بولۇپ  قالماقتا.
ئائىلىدە تاماق ئۈچۈن تۇتاشتۇرۇلغان ئوت- ئائىلىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىنى   ئىللىتىدىغان ھارارەت. ئائىلىدە سېلىنغان  داستىخان غىزا ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان شېرە  ياكى ئاددىي  رەخت بولماستىن، ئائىلىنى ئىناق قىلىدىغان، ئۆزئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇدىغان خىسلەتلىك ئەڭگۈستەر.
قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋەتمۇ ئائىلىدىكى  ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتگە  تەسىر  يەتكۈزىدىغان سەزگۈر مەسىلە. بۇ زىددىيەتنى  توغرا ھەل قىلىشنىڭ يادروسى. يېڭىدىن ئائىلە قۇرغان يىگىت بىلەن كېلىن ئۆز ھاياتىنى خوشال- خورام، بەختلىك  ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ،  يېڭى ئائىلىگە   كىرگەن   ئىكەن، بىر- بىرىنى   قەدىرلىشى، شۇنداقلا  جورىسىنىڭ   ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدەك، ئۆز  تۇغقانلىرىدەك كۆرۈشى، قەدىرلىشى كېرەك. ئائىلىدىكى ئىشلارنى  ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى، نېمە گەپ بولسا ئاتا- ئانىغا توشۇپ بارماسلىقى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەي ئائىلىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
قۇدا-باجىلارمۇ كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى سوغاققانلىق بىلەن ئويلاپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى قارشى تەرەپتىنلا ئەمەس،  ئۆز  پەرزەنتىدىنمۇ  ئىزدىشى   كېرەك. چۈنكى، بىزدە  مۇنداق  بىر  ماقال  بار: كېلىنىڭ يامان بولسا،  ئوغلۇڭدىن كۆر، كۈيئوغلۇڭ  يامان بولسا، قىزىڭدىن كۆر.
پەرزەنت مەسىلىسىگە كەلسەك، بىر ئائىلىدىكى پەرزەنت شۇ ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ پەرزەنتى، كەلگۈسىنىڭ خوجايىنى. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنت  تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.
ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەربىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىسى، تەلەپچان  ئۇستازى، سىرداش دوستى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە  ئېتىبار  بېرىشى  لازىم.
 ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنى كىچىك،  ئىش  بىلمەيدىغان  بالا  دەپ  قارىماستىن، ئۇلارنى  مۇستەقىل  روھىي دۇنياغا ئىگە ئادەم  دەپ قاراپ،  ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چىقىلماسلىقى، پۇرسەت چىقىرىپ  پات- پات سىردىشىپ تۇرۇشى كېرەك.
ئاتا- ئانا بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىشقا تىرىشىش لازىم. ئاتا ئانا بالىغا  راست گەپ قىلىشى، ۋەدىسىدە  تۇرۇشى  كېرەك، ئىمكانىيەت بولسا ئاتا- ئانىلار  ھەرقانداق ۋاقىتتا، تاماقنى بالىلار بىلەن بىرگە يېيىشى لازىم. چوڭ ئۆيگە، ئورۇق- تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئىمكان بار بالىلارنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئاتا- ئانىنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىشنى ئۈگىتىشى كېرەك. پەرزەنتلەر ئالدىدا، باشقىلارنىڭ يامان گپىنى، ئۇرۇغ-  تۇغقانلارنىڭ غەيۋىتىنى  قىلماسلىق  كېرەك.
ھەرقانداق  ئىشتا  ئاتا-ئانا   ئۈلگە  بولۇشى  كېرەك. نۇرغۇن ۋەز- نەسىھەتتىن ئۈلگىنىڭ رولى كۈچلۈك، بۇ ھەقتە  ئابدۇراخمان جامى مۇنداق دېگەن:« ئاقمايدۇ بالا ئالدىدا  ئاتا سۆزى، ھالۋا يېمە دېسە يەپ تۇرۇپ ئۆزى».
  ئائىلىگە نىسبەتەن ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ  چېچىلىپ   كېتىشى، پەرزەنت  بىلەن  ئاتا- ئانا  ئوتتۇرسىدا    ھېسسىيات  بىرلىكى، غايە بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى بولماسلىقى چوڭ ئاپەت. بۇ ئاپەت تۈگىتىلسە، ئائىلە  تېخىمۇ  مۇستەھكەملىنىدۇ  ۋە  شاد-خوراملىققا چۆمىدۇ.
  بىز  يۇقىرقىلادىن  شۇنداق  خۇلاسىگە  كېلىمىزكى، ئائىلىنىڭ  ئىناقلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق  ئادەم  بولۇشى، ئائىلىگە  بەخت، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئائىلە ئىناقلىقى بولمىسا، پەرزەنتلەرنىڭ پىسخىكىلىق ساپاسى بۇزۇلىدۇ. بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالا يارامسىز ئادەم بولۇش بىلەن بىرگە، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە خاتىرجەمسىزلىك  ئېلىپ كېلىدۇ. پەرزەنتلەر ساغلام، ياراملىق، ئەدەپ- ئەخلاقلىق چوڭ بولسا، يۇرت، مەھەللىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ   ئەمىنلىكىنى   كاپالەتلەندۈرگىلى  بولىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ