ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى

ۋاقىت : 2013-07-10 00:56 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ ترى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى

مەريەمگۈل ئابدۇللا

بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى

 

    بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۈڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يالغۇز جەمئىيەت، مەكتەپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

    دۇنيادا ئۆز بالىسنى سۆيمەيدىغان، ئۆز بالىسىغا كۆيۈنمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك. بىز ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيەلەش جەريانىدا بەزىدە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشىلىقىدىن، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن سۆيۈنسەك، بەزىدە مىجەز-خاراكتېرىنىڭ غەيرىيلىكىدىن، باشباشتاقلىقىدىن، قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنىڭ خاتالىقىدىن خاپا بولۇپ يۈرۈيمىز. لېكىن بىز نېمىشقا بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەقىللىق، ئوماق تۇغۇلغانلىقىدىن سۆيۈنىمىز-يۇ، بالىلىمىز چوڭ بولغانچە بارغانسېرى كەپسىز، ئۇششاق ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى، دىققىتنى يىغالماسلىقى، خېتنىڭ سەت بولۇشى، يەنە بەزى بالىلارنىڭ تەتۈر، باشقىلارغا ئارىلاشمايدىغان، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئويۇنغا بېرىلدىغان، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەتتا يالغان سۆزلەيدىغان بىر قاتار كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرمەيمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي، باشقىلاردىن ئىزدەشكە ئۇرۇنىمىز. ئەڭ ئاخىردا ‹‹پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي››، كىچىكىدە ئادەتلىنىپ قالغان ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن ئاخىردا چوڭ پۇشايمانغا قېلىپ ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئۆزىمىز نابۇت قىلىۋاتىمىز.

    ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلىشگە ئەگشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىمىز، ئىستېمال سەۋىيەمىز كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز مودا قوغلىشىپ ‹‹سەندىن مەن قالامتىم›› دەپ بەسلىشىپ قەرز ئېلىپ ئۆي، ماشىنا سېتىۋېلىپ، تاپقان پۇللىرىمىزنى تامغا چاپلاپ، بۇزۇپ چېچىپ ھەر خىل ئولتۇرۇشلارنى ئۇيۇشتۇرۇرپ، ھەتتا بەزى سورۇنلارغا ‹‹بالىلارغا قارايدىغان ئادەم يوق›› دېگەننى باھانە قىلىپ، بىللە ئېلىپ بېرىۋاتمىز، بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ناچار پىسخىك ھالەتنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس سېلىپ بېرىۋاتمىز. بىز ئەتىدىن-كەچكىچە بىكار يۈرۈشكە، بىھۇدە ئىسراپچىلققا، بۇزۇپ چېچىشقا ۋاقىت ۋە پۇل چىقىرالايمىز-يۇ، بالىلىرىمزنى ھەر ئاخشىمى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقرىپ، دەرسلەرنى تەكرار قىلىشىغا، ئۈگنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئارام ئېلىش كۈنلىرى بىللە ئېلىپ چىقىپ كىتابخانىلارغا، كۇتۇپخانىلارغا ئېلىپ چىقىپ ئۇلارغا كىچكىدىن باشلاپ بىلىم ئېلىش، ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يېتىش، ياخشى كىتاب ئۇقۇش ئادتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىمەي كېلىۋاتىمىز، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتىمىز. ھەر ئەتىگىنى بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپلا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇقۇتقۇچىلارغا يۈكلەپ قويماقتىمىز. ئادەتتە، ئۇقۇتقۇچىلار بىر سىنىپتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 ~ 30 ئوقۇغۇچىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولغان ھالەتتىمۇ، يەنلام بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بالىلارنى كىچىكىدىن ياخشى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. چۈنكى بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن ئۆيدىكى بىز بىلەن بىللە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق ھەم بىز باللىرىمىزنىڭ بارلىق يىتەرسىزلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلىرنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتەلەيمىز.تېخى بەزى ئاتا-ئانلار باركى بالىسنى مەكتەپكە بەرگەندىن كىيىن ھىچ ئىشى بىلەن كارى بولماي،خۇددى ئۇ بالا مۇئەللىمنىڭ بالىسىدەك ‹‹نېمە ئش قىلىدىكەن ئۇ مۇئەللىمىڭ، ساڭا دەرس ئۆگەتمەي، مەن سېنى ياخشى ئوقۇسۇن دەپ مەكتەپكە ۋاقتىدا ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەنغۇ›› دەپ گەپنى يوغان قىلىپ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى قىلچىمۇ ھېس قىلماي كېلىۋاتقان ياش ئاتا-ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس. بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، كىيىمىنى يۇيۇپ بېرش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەرگىزمۇ بالا باققانغا كىرمەيدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە بالىلار تەربىيەسى بەكمۇ مۇھىم. شۇڭلاشقا بىز بارلىق ئاتا-ئانا بولغۇچلار بالىلىرىمىز بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، يەنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بالىلارنىڭ كىچىك تىلى چىققاندىن تارتىپلا ئۇلارغا ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىپ، كۆپرەك تەربىيەۋى ئەھىمىيىتى بولغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئاڭلىتىش ۋە ھەر خىل سىنئالغۇ پىلاستىنكىلىرىنى كۆرسىتىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، ھەرخىل قائىدە-يوسۇنلارنى كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ ئۈگتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيەلەشكە يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىشىمىز، كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقشى ئۈچۈن، كىچىكىدىن باشلاپ ئۇل سېلىشىمىز كېرەك. ھەر قانداق ئىشنى ۋاقتىدا تۇتقاندىلا شۇ ئىشنىڭ ھەققىي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمدى بولسىمۇ زېھنىمىزنى بالا تەربىيەلەشكە قارىتىپ، ئۆزىمىزنى ئائىلىدە، كەسىپتە، جەمئىيەتتە كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەممە تەرەپلەردىن ئەتراپلىق پىشىپ يېتىلىپ، بىر ئۆزىمىز ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.

    بىز ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنىڭ مەكتەپتىكى، ئائىلىدىكى، جۈملىدىن ھەممە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تولۇق كۈڭۈل بۈلۈپ كىتۋاتمىز دەپ ئويلايمىز، ئەلۋەتتە.بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيدىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىز تازا يېتەرلىك بولۇپ كېتەلمەي قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىر ئۆيدە بىر ياكى ئىككى بالا بولغاچقا بىز ئۇلارنىڭ رايغا بېقىپ ئۇلارنى بەكلا ئەركىن قۇيۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بىز ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇلارغا يېتەرلىك ۋاقىتى ئاجرىتىپ، ئۇلاربىلەن سىردىشپ، ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ ئارتۇقچىلقى بىلەن يېتەرسىزلىكنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، بىز پەرزەنتىمىزنى قايسى تەرەپلەردىن يېتەكلىشىمىز كېرەك، دەپ بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادسى بىلەن ئۆيدىكى ئىپادىسىنى سېلىشتۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ تۇرۇپ، مۇئەللىمدىن پات-پات تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، مەكتەپكە، جۈملىدىن مۇئەللىمگە يېقىندىن ماسلاشقاندىلا، ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن، ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز، ئەلۋەتتە.

    ھەممەيلەننىڭ بارلىقى بالىلار ئۈچۈن، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئىش، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن قەتئىينەزەر ئەمدى بولسىمۇ پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ۋاقتىمىزنى بالا تەربىيەلەشكە قارىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىكى ياخشى تەرەپلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، بۈگۈندىن باشلاپ بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەشكە ئاتلىنايلى. سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسنىڭ تېخىمۇ پارلاق، تېخمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ