ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى قورقۇتۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتىر يېتىلدۈرۈشكە بولغان زىيانلىق تەرە

ۋاقىت : 2013-07-12 22:04 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنى قورقۇتۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتىر يېتىلدۈرۈشكە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى
بالىلارنى قورقۇتۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتىر يېتىلدۈرۈشكە بولغان زىيانلىق تەرەپلىرى
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتا ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇشى بىزگە تولىمۇ نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ زىيانلىق بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ. دېمەك، مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشى سەۋەبلىك بالىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن:«تىز ئۇخلا، بولمىسا بۆرە كېلىپ سىنى يەۋالىدۇ»، «يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ»دېگەندەك. بالىلارنى بەزلەش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلى دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قورقۇنۇنچ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز، ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ئارقىلىق قورقىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى ئويناشتىن چەكلەيدۇ. بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ -دە،ھەمىشە قورقۇپ ھودۇقۇپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئانىلار «خەپ، داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم» دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ-دە، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى، بالىلارنى ئەركىن، يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىكى لازىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ