ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى

ۋاقىت : 2013-05-26 01:32 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى

ئاتا-ئانا  ئۈچۈن بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت. ئەمما، ئائىلىدىكى تەربىيە ھەم بالىغا سىڭىدىغان پىسخىك تەسىر تېخىمۇ مۇھىم. «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق» دېگەندەك ئاتا-ئانىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا كىچىك چېغىدا «دوراش مەزگىلى» دە تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىدۇ. بىز بەزىدە «بالا كىچىك، ھازىر نېمىنى بىلىدۇ» دەپ نۇرغۇن ئىشقا سەل قاراپ قالىمىز، ئەمما بالىلار دائىم بىز بىلەن بىللە بولغاچقا، ھەرىكىتىمىزنى كۆرۈپ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى قەلبىدە ساقلايدۇ ھەم كېيىن شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ. دېمەك، سۆز-ھەرىكىتىمىز بالىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە يوشۇرۇن  تەسىر   كۆرسىتىدۇ. ئەگەر  ئىش-ھەرىكىتىمىز  دۇرۇس بولمىسا، ئۇنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناچار بولىدۇ.
بىر يەكشەنبە كۈنى قىزىم بىلەن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. قىزىم دوستۇمنىڭ قىزى بىلەن تەڭتۇش بولغاچقىمۇ، ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئىچىپ بولغىچە ھېچ نەرسىگە قارىماستىن، ئويۇنىنى باشلىۋەتتى. بىز بۇ ئىككىسىنىڭ بىردەمدىلا چىقىشىپ ئويناپ كەتكىنىگە مەسلىكىمىز كېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇردۇق. پارىڭىمىز چۆرگىلەپ كېلىپ يەنە بالىلار تەربىىيەسىگە بېرىپ توختىدى. پاراڭ ئارلىقىدا دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
دوستۇمنىڭ قوشنىسىنىڭ قىزى دائىم دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. بىر كۈنى بالىلار ئويناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى دوستۇمنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قاپتۇ. ئۇ دىققەت قىلىپ ئاڭلىسا، ئەمدىلا يەتتە ياشلارغا كىرەي دېگەن قوشنىسىنىڭ قىزى ئويۇنچۇق تېلېفوننى كۆتۈرۈۋېلىپ، دوستۇمنىڭ قىزىغا «ۋاي ئاداش، ئۇنى بىر دېمە، ئاخشام بەك جىق ئىچىۋېتىپ مەست بولۇپ كېتىپتىمەن دېگىنە، بېشىم ھازىرمۇ بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ...» دەۋاتقىدەك، دوستۇم بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قاپتۇ ھەم دەرھال قىزىنى تاماققا چاقىرغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى بۇزۇپتۇ. ئۇ ماڭا بۇ گەپنى دەپ بېرىۋېتىپ، «توۋا، شۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بولىدىكەن، بالىلار ئالدىدا گەپكە دىققەت قىلمامدۇ دەيمەن، ئۆيدە شۇنداق گەپلەر چىقمىسا، كىچىككىنە بالا نەدىن ئۆگىنىدۇ بۇنداق گەپلەرنى...» دېگىنىچە قايناپلا كەتتى.
شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، دوستۇمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ، ئويلىنىپ قالدىم. كىچىككىنە بىر قىزنىڭ تېلېفوندا «ئاخشام جىق ئىچىۋېلىپ، مەست بولۇپ قاپتىمەن» دەۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغىلا كېلىۋالدى. ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى بالىنىڭ پىسخىك خارەكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالا دېمەك بىر پارچە ئاق قەغەز دېمەكتۇر. بالا دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ، بالىنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئاتا-ئانا  ۋە  ئۇلار  بىلەن  مۇناسىۋەتلىك  كىشىلەردىن  ئىبارەت. بالا ئەقلىنى تېپىپ رەسمىي  ئادەم  بولغۇچە، بىز  يارىتىپ بەرگەن مۇھىتتا بىز دېگەننى ئاڭلاپ، قىلغاننى كۆرۈپ  چوڭ  بولىدۇ. بىزنىڭ  ھەر  بىر سۆزىمىز، ھەر بىر ھەرىكىتىمىز بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆگىنىش كەتمەيدىغان دەرس.
جەمئىيىتىمىزدە  بالا  تۇغۇلغاندىن تارتىپ بالىنى قانداق تەربىيلەش، بالىغا قانداق ئۆسۈش  مۇھىتى  يارىتىپ  بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغانلارمۇ، بالىنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن، قورسىقىنى توق قىلىپ بېرىپلا بالا باقتىم، دەيدىغانلارمۇ بار. قىسقىسى، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، بىلىم سەۋىيىسى، مىجەز-خۇلقى، قىزىقىشى، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت. كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا بولۇپ قالغىنىدىن ئاغرىنىپ، تاپا-تەنە قىلىشقىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ. بۇ دېگەنلىك بالىنىڭ كەپسىز، يارامسىز بولۇشىنى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىدىن كۆرۈش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. بىراق، ئەنە شۇ بالىسىدىن زارلىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئۆزىگە :«مەن بالا ئالدىدا نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى، ئۇ ھازىر نېمىشقا گەپ  ئاڭلىمايدىغان  بالا  بولۇپ  قالدى؟» دېگەن سۇئالنى قويۇپ باققانمۇ؟ مانا بۇ ھازىرقى پەرزەنت تەربىيەسىدە بىز ئويلىمىساق بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە.
دېمەك، بۇ مىسال ئارقىلىق دوستلارغا دېمەكچى بولغىنىم «بىز بالا تەربىيلەشتە بالىلىرىمىزغا ساغلام ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلىدۇقمۇ؟ بالىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن  ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى تۈزۈۋېلىشىمىز  زۆرۈرمۇ  قانداق؟» دېگەننى ئوتتۇرىغا  قويۇشتىن  ئىبارەت.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ