بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
ئوقۇش باشلاش پەسلى: بالىلار يەتتە ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى، ئاتا-ئانىلار تۆت خىل ئىللەتنى تۈزىتىشى كېرەك
يەنە ئوقۇش پەسلى يېتىپ كەلدى ، مۆلچەر بويىچە 3-سىنتەبىردىن باشلاپ ، شەھىرىمىزدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدۇ . بالىڭىز تەييارلىق قىلىپ بولدىمۇ ، تېخىمۇ مۇھىمى ، سىز تەييارلىق قىلىپ بولدىڭىزمۇ ؟
تۈنۈگۈن نەنئەن رايونى شەنخۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1-يىللىقىدىكى 500 دىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دەرسخانىغا كىرىپ ، خۇددىي كىچىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى سۈپىتىدە مەكتەپكە كىرىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى . ‹‹ بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە بىر ئاي ھەيدەكچىلىك قىلساڭلار ، بۇندىن كېيىنكى 10 نەچچە يىلدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئاز غەم يەيدىغان بولىسىلەر›› دېدى مەكتەپ مۇدىرى تەن جىڭ .
تەن مۇدىر بالىلار باغچىسىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپكىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ‹‹ بالىلار باغچىسىدىكى تارقاق ئۆگىنىشتىن ئۆگىنىشكە ماسلىشىش باسقۇچىغا كىرىشتە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا قانچىلىك بىلىم ئۆگىنىش ئانچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ›› . تەن مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دەيدۇ : ئوقۇش باشلىغان 1-ئايدا بالىلار خۇددىي بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ناھايىتى نۇرغۇن ئادەتلەر مۇشۇ چاغدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ . شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك .بىر مەزگىلدىن كېيىن ، بالىلار ئاڭلىق ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە ، ئاندىن بوش قويۇۋەتسىمۇ ، ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ .
ئادەت بىر-ئىككى كۈندىلا يېتىلمەيدۇ . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرىشى كېرەك؟
تۈنۈگۈن مەن شەنخۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ شەھەر بويىچە مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى شۈ يەن مۇئەللىمنى زىيارەت قىلدىم . شۈ مۇئەللىم 10 نەچچە يىللىق سىنىپ مۇدىرىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپكە يېڭىدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك يەتتە ياخشى ئادىتىنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ ، سىلەرمۇ پايدىلىنىپ كۆرۈپ باقساڭلار ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ .
تۆت يامان ئىللەتنىڭ ئۆزىڭىزدە بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ
1- خاتالىق : ئېغىزدا نازارەتچىلىك قىلىش
ئەسلەتمە: يېڭى مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلىشى يېتەرسىز بولىدۇ ، شۇڭا چوڭلار قاتتىق نازارەت قىلىشى كېرەك .
شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشىنى باشقۇرۇشنى بىلىدۇ، لېكىن پەقەت ئېغىزدا سۆزلەش بىلەنلا توختاپ قېلىپ ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرمايدۇ . ‹‹نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەقەت ئېغىزدىلا تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلە ، دەپ ئەسكەرتىدۇ ياكى بالىسى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزەڭ تەكشۈرۈپ باق ، دەيدۇ . بالىنىڭ تاپشۇرۇقنى ئىشلىشىگە، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشىگە ئەستايىدىل ھەيدەكچىلىك قىلمايدۇ ›› . شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ . يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلىشى يېتەرسىز بولىدۇ ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار پەقەت ئېغىزدىلا دەپ قويۇپ ، ئاسانلا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى ئاسان يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ .
2- خاتالىق : قوش ئۆلچەم
ئەسلەتمە : بالىلارنىڭ ، بولۇپمۇ مۇنداق كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا ئېغىزدا بىرخىل ، ئەمەلىيەتتە يەنە بىرخىل بولماسلىق كېرەك .
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ دەرسكە كېچىكمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئۆزى بولسا داۋاملىق كېچىكىدۇ . ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيدىكى چاغدا بالىسىنى كىتاب ئوقۇ ، خەت ياز ، دەيدۇ . ئۆزى شىشىخال قاتارلىقلارنى ئوينايدۇ . شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ: ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ قىممەت قارىشى تېخى شەكىللەنمىگەن بولۇپ ، مۇنداق ئۇسۇل بالىلارنىڭ قەلبىدە ئاسانلا بىر يامان ئۈلگىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئۇلارنى شۇ ئۈلگىدىن ئۆگىنىپ ، ئېغىزدا بىر خىل ، ئەمەلىيەتتە باشقا بىرخىل ئىش قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ .
3- خاتالىق : ئاتا-ئانىلار ياردەملىشىش
ئەسلەتمە : بالىلارنىڭ ئىقتىدارى بىراقلا يېتىلمەيدۇ ، يېقىلغاندا ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇشنى ئۆگىنەلەيدۇ
شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ياردەملىشىشمۇ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاسان سادىر قىلىدىغان بىر خىل خاتالىق. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بوغچىسىنى رەتلىگەندىكى ھەرىكىتىنىڭ بىر قەدەر ئاستا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، سەۋىر قىلالماي ياردەملىشىدۇ ، ھەتتا ھەر قېتىم ئۇلارغا ياردەملىشىپ رەتلەپ بېرىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، بالىلار يۆلىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ ، ھەتتا بەزىلىرى بالىسىنىڭ ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بېرىدۇ . بۇنداق قىلىشنىڭ بالىغا ھېچقانداق ياردىمى تەگمەيدۇ ، ئەكىسچە ، بالىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش پۇرسىتىنى يوقىتىدۇ .
4- خاتالىق: بالىنى قورقۇتۇش
ئەسلەتمە: بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققەتسىزلىكتىن قىلغان بىر ئېغىز سۆزىنىڭ بالىلارغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى تولدۇرۇش قىيىن .
شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دائىم ‹‹پەقەت نەتىجەڭ ياخشى بولسىلا بولدى ، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ››، ‹‹ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بالىلار باغچىسىدىكىگە ئوخشاش ئۇنداق كۆڭۈللۈك ئىشلار يوق ، ئوقۇتقۇچىلار سىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەيدۇ ›› ، ‹‹ بۈگۈنكى ئۈنلۈك ئوقۇش مەشىقىنى قىلما، ئىشقىلىپ مۇئەللىمىڭ بىلمەيدۇ ›› دېگەندەك خاتا گەپلەرنى قىلىدۇ .
شۈ مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : مۇنداق سۆزلەر بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە قارىتا قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىغا زەربە بېرىپ ، تېگىشلىك بولمىغان بېسىملارنى پەيدا قىلىدۇ.
1 - ئادەت
مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىشى كېرەك
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : بىرمۇنچە بالىلارنىڭ سومكىسى ناھايىتى ئېغىر . بۇنىڭ سەۋەبى دەرسلىك كىتابلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇلار سومكىسىنى رەتلىك تۇتمايدۇ ، شۇ كۈنى ئىشلەتمەيدىغان دەرسلىك كىتابلىرىنىمۇ سومكىسىغا سېلىۋېلىپ ، مەكتەپكە ئاپىرىپ يەنە ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ، كۈچىنى بىكار ئىسراپ قىلىدۇ .
« ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن يېتىلدۈرىدىغان بىرىنچى ئادەت شۇكى ، سومكىسىنى رەتلىك تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك » . شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ھەر كۈنى كەچتە دەرس سېتكىسى بويىچە ئىككىنچى كۈنى ئىشلىتىدىغان دەرسلىكلەرنى ، ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەرتىپلىك ھالدا سومكىسىغا سېلىۋېلىشقا يېتەكلەش كېرەك . ئارتۇق تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئەڭ ياخشىسى بىر ماتېرىيال خالتىسىغا سېلىپ ئاندىن سومكىسىغا سېلىۋالسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا تېپىش ئاسان ھەمدە تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنىڭ رەتلىك ھەم پاكىزلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى : سومكىنى رەتلىك تۇتۇش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قاراشقا يېتەكلەيدۇ .
2-ئادەت
توپلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
كۆپلىگەن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى يۇقىرى يىللىقلارغا چىققاندىن كېيىن ، ئاندىن بالىلىرىنىڭ ماقالا يېزىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، يازغان خەتلىرىنىڭ رەتلىك ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى ، ئەمەلىيەتتە بالىلاردا كۈندىلىك توپلاشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولىدۇ . شۈي مۇئەللىم مۇنداق دېدى : « توپلاش ئادىتىنى مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاش كېرەك » .
شۈي مۇئەللىمنىڭ تەكلىپى : ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا مەخسۇس خاتىرە قالدۇرىدىغان بىر كىچىك دەپتەرنى تەييارلاپ بېرىشى كېرەك . « بۇ چاغدىكى بالىلارنىڭ ئوقىيالايدىغان ھەم يازالايدىغان خەتلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس . شۇڭا، پەقەت بىر سۆزنى ، بىر تۇراقلىق ئىبارىنى خاتىرىلىۋېلىپ ، ئاندىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ياكى تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ھېكايىسىنى ئېغىزچە سۆزلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندا ، بالىلارنىڭ تىلى خۇددى ھەسەل ھەرىسى ھەسەل يىغقاندەك ، ئاستا-ئاستا جۇغلىنىپ كۆپىيىدۇ ».
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى: ئاز-ئازدىن جۇغلاش كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ ، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئاساسىنى چۈشىنىۋالىدۇ .
3-ئادەت
ئالاقە باغلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا بىردىن ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئالاقىلىشىدىغان دەپتەر بولۇشى ، ئۇنىڭغا مۇئەللىم ھەر كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقلار يېزىلىشى كېرەك ، بۇ تاپشۇرۇقلارنىڭ يېزىقچە تاپشۇرۇق بولۇشى ناتايىن ، بەزىدە كىتابنىڭ بىر قانچە بېتىنى ئوقۇپ كېلىش ، بەزىدە بىر شېئىرنى يادلاپ كېلىش تاپشۇرۇلىدۇ .
«بەزى ئائىلە باشلىقلىرى پەقەت بۇ دەپتەردە يېزىلغان مەزمۇنلارغىلا دىققەت قىلىدۇ ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس » . شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ئەڭ ياخشىسى بالىلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ، بالىلار دەپتەرنى ئېلىپ ئاتا-ئانىلىرىغا بۇ تاپشۇرۇقلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق تەلەپ قويغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئىشلىيەلەيدىغان- ئىشلىيەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىر رەت سۆزلەپ بېرىشى كېرەك . « بالىلار دەسلەپتە پەقەت تاپشۇرۇقنىلا سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن . كېيىنچە ئۇلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپتىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلارنى ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە ئاستا-ئاستا ئادەتلىنىدۇ ».
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى: ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇقلارنى سۆزلەپ بېرىش ، يالغۇز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ .
4-ئادەت
ھۈرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنتلەر بولۇپ ، ئاتا-ئانىلار كۆپرەك ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ كۆيۈنگەچكە ، كۆپلىگەن بالىلاردا ئاتا-ئانىلىرىنى ۋە چوڭلارنى ھۈرمەتلەش كەمچىل .
مەكتەپلەردە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇئەللىملەرنى كۆرگەندە سالام بېرىشنى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئەھۋال سوراشنى تەلەپ قىلسىمۇ ، ئەمما ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مۇشۇ قائىدە-يۇسۇن بويىچە تەلەپ قويمايدۇ .
شۈي مۇئەللىم مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ : ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلىدىمۇ مەكتەپنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرىغا ماسلىشىپ، بالىرىدىن ھەر كۈنى ئائىلىسىگە قايتقاندا ئاتا-ئانىسىغا سالام بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ، ھەمدە باشقىلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلەش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك .
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى : باشقا مەدەنىي قائىدە-يۇسۇن ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلارغا سالام بېرىشتىن باشلىنىشى كېرەك .
5-ئادەت
زېھنىنى يىغىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتى نىسبەتەن بالدۇر بولۇپ، سائەت تۆتتىن ئاشقاندا مەكتەپتىن چىقىپ بولىدۇ . بالىلار ئائىلىسىگە بارغاندا ، دائىم دېگۈدەك ئويۇنغا بېرىلىپ ۋاقىتنى ئۇنتۇپ ، تاپشۇرۇقنى ئىشلەشكە يېتىشەلمەي ، تېگىشلىك مەشىقلەرنى ئورۇندىيالماي بالىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ . شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم بالىلاردا تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئويناش ئادىتىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك . « بەزى بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپ بىردەم بىر نەرسە يەيدۇ ، بىردەم سۇ ئىچىدۇ ، بىردەم تېلېۋىزور كورىدۇ ، بىردەم نەرسىلىرىنى ئوينايدۇ . ئائىلە باشلىقى چوقۇم ئۇلارنىڭ زېھنىنى يىغىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك ».
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى: زېھنىنى يىغىشنى يېتىشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بالىلارنىڭ ئىشلارنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە ئاستا-جىددىلىكىنى ئېنىق ئايرىشىنى يېتىشتۈرۈشى ، ئىشلىگەن ئىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
6-ئادەت
ھالەتنى تۈزىتىش كېرەك
ئوقۇش باشلاندى . ئوقۇغۇچىلار توغرا بولغان خەت يېزىش ھالىتى ۋە ياخشى بولغان خەت يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. «بەزى بالىلار خەت يېزىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ، يامان ئادەتكە كۈنۈپ قېلىپ ، پارتىغا يېتىۋېلىپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ خەت يازىدۇ . بۇ ئومۇرتقا تۆۋرۈكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە يېقىننى كۆرۈشنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » . شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : بەزى بالىلار بالىلار باغچىسىدا خەت يېزىشنى بالدۇرلا مەشىق قىلغاچقا ، ياخشى بولغان قەلەم تۇتۇش ھالىتىنى يېتىلدۈرمىگەن . يەنە بەزى بالىلار خەت يازغاندا كۈچەپ ، دائىم دېگۈدەك قەلەمنى تۇتقاندا ئۇچىغا يېقىن تۇتىۋالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆز دەپتەرگە بەك يېقىن ھالدا تۇرىدۇ ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ .
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ خەت يېزىش ھالىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى سەزگەندە چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك .
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى : كىتاب ئوقۇش ، خەت يېزىش ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم ، شەكىللەنگەن ئادەتنى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ . خاتا ھالەت بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسۈتىدۇ.
7-ئادەت
باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
شۈي مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ : يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ، ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى نىسپەتەن ناچار بولغاچقا دائىم دېگۈدەك سىنىپ ئىچى سىرتىدا قەغەز پارچىسى ، قەلەم قىرىندىلىرى ، يېمەكلىك ئورىغان قەغەز قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئەخلەتلەرنى تاشلايدۇ . بالىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش ، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ پاكىزلىقنى سۆيۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشئۈچۈن ، شۈي مۇئەللىم ئائىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دەيدۇ : بالىلارغا بىر كىچىك خالتا تىكىپ بېرىپ ، ئۇنى « سومكىسى ئىچىگە سېلىپ ئەخلەت خالتىسى قىلىش ، بالىلارنى ئۆگىنىش ، تۇرمۇش جەريانىدىكى ئۇششاق ئەخلەتلەرنى ئۇنىڭغا سالىدىغان قىلىش كېرەك » .
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى : شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلاردا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىمايدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئوقۇش باشلاش پەسلى : بالىلار يەتتە ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى ، ئاتا-ئانىلار تۆت خىل ئىللەتنى تۈزىتىشى كېرەك
مەكتەپ مۇدىرى : بۇ چاغدا بالىلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇلسا ، بۇندىن كېيىنكى 10 نەچچە يىلدا غەم يېيىش ناھايىتى ئاز بولىدۇ ، دەيدۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت،مەھەممەت بارات
(تەھرىر : بەشتاش)
«بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلى
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى